قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1663|ئىنكاس: 14

ئىندئانلار ھالاكىتىنىڭ باش – ئاخىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 20:33:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىندئانلار ھالاكىتىنىڭ باش – ئاخىرى
___غەربىي ياۋرۇپا تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكچىلىك ھىلىسى
ئۆمەرجان ئىمىن

ئىندىئانلار ،ئاۋستىىراليانلار، پولېنىزىيانلار… دۇنيا سوراپ باققان خەلقلەر ئىدى. تاجاۋۇزچىلارنىڭ بالاخور نەپسى ئۇلارنى يەپ كەتتى .بۇ «مۇستەملىكىچىلىك تارىخى ئىنسانىيەت سالنامىسىگە قانلىق قېلىچ ۋە يالقۇنلۇق ئوت تىلى بىلەن يېزىلىپ قالدى .» (ماركىس) كولۇمبونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىندىئانلارغا قىيامەت ئېلىپ كەلدى.ئۇ 1513-يىلى تۇنجى بۇلۇپ ئامېرىكا قىتئەسىدە مۇستەملىكە ئورناتتى.شۇنىڭدىن كىيىن ئەنگىلىيە،فىرانسىيە،پورتىگاليە،ۋە گوللاندىيەمۇستەملىكىچىلىرى ئارقا- ئارقىدىن قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئىسپانىيە بىلەن مۇستەملىكە تالاشتى. بىر ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قالدى. تاجاۋۇزچى ئەل ھۈكۈمەتلىرى ئىندىئانلارنى قۇل قىلىش جەريانىدا مۇستەملىكىچىلىك ھىيلىسىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى .
1.ئەپسانە – رىۋايەتلەر ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك قىلىش ھىيلىسى,
ياۋرۇپالىقلار كولۇمبو خاتىرلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ سىرلىق جۇغراپىيلىك مۇھىتى، ئىندىئانلارنىڭ غەلىيتە قىياپىتى ۋە ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن ، ئوتتۇرا ئەسىردە تازا راۋاجلاندۇرۇلغان قەدىمكى يۇنان، رىم ئەپسانە – رىۋايەتلىرىگە رېئاللىق تۇيغۇسىدا قاراشقا ئادەتلەندى .ئەپسانە رىۋايەتلەردە قەيت قىلىنغان ھادىسىلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشقا بەل باغلىغان تەۋەككۈلچىىلەرنىڭ كۆپىيىشى –ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ كاللىسىدا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھىيلىسىنى شەكىللەندۈردى. 1513-يىلى تەۋەككۈلچى ئاقسۆڭەك دېرىئان ئىسپانىيە پادىشاھىغا رىۋايەتتتىكى «ياشلىق بۇلىقى» (بۇ بۇلاققا چۈمۈلگەن كىشى ياشلىق دەۋرىگە قايتارمىش) نى تېپىپ بىرىش بەدىلىگە زور ئىنئامىغا ئىرىشىش كۇيىدا، خان ئارمىيىسىگە باش بۇلۇپ، ئامېرىكا قىتئەسىگە باردى . ئۇ بارغانلا يىرىدە ئىندىئانلارنى بۇلاقنى تېپىپ بىرىشكە قىستاپ قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى . نۇرغۇن جايلاردا مۇستەملىكە بايرىقىنى تىكلىدى. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن دىرىئان پادىشاھىنىڭ يول يۇرىقى بۇيىچە ھازىرقى فىلورىدا ۋە باھاما ئارلىنى «ياشلىق بولىقى » جايلاشقان ئۇرۇن قىلىپ بىكىتىپ ،بۇ جايدىكى ئىندىئانلارنى قىرىپ تۈگىتىۋەتكەندىن كىيىن ، بۇ رايۇندا ھەربىي شىتاپ تەسس قىلدى. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىلۇرىدا ۋە باھاما ئارىلى ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ – كىلىشىدىكى مۇھىم سىتىراتېگىيلىك ئورۇن بولۇپ قالغانلىقى-« ياشلىق بۇلىقى» قىزغىنلىقىنىڭ ھەقىقىي كۈرۈنىشى ئىدى. 1529-يىلى ھەربىي ئەمەلدار نونىيو ئىسپانىيە پادىشاھىغا ئەپسانىلەردىكى «يەتتە ئالتۇن شەھەر»نى تېپىپ بىرىشكە ۋەدە بىرىپ ، خىل قۇشۇن بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىگە باردى . ئۇ ئۆزلىكسىز تۈردە شىمالغا كېڭىيىپ ، كەڭ جايلارنى ئىستىلا قىلغان بولسىمۇ ، بۇ ئەپسانىۋى شەھەرلەرنى تاپالمىدى . 1540-يىلى پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئۆزى ئىستىلا قىلغان شىمالى ئامېرىكا رايۇنىنىڭ يەتتە يىرىدە ۋالى مەھكىمە ئورگىنى تەسس قىلدى. 1532-يىلى مۇستەملىكىچى پېساررو رىۋايەتلەردىكى «كۈمۈش تاغ»،«سىماب كۆل »نى تېپىش ئۈچۈن غەربىي جەنۇپ تەرەپتىن ئامېرىكا قىتئەسىگە باستۇرۇپ كىردى . ئۇ پېرۇدىكى ئىنكا دۆلىتىنىڭ نۇر چاقناپ تۇرغان ئىبادەتخانىلىرىنى ، ئاپئاق رەڭدىكى شەھەر قۇرلۇشلىرىنى «كۈمۈش تاغ» دەپ خىيال قىلىپ ، نۇرغۇن قانلارنى تۆكۈپ بۇ دۆلەتنى مۇنقەرز قىلدى .«سىماپ كۆل»نى ئىزدەپ ئارگېىنتىناغىچە كېڭەيدى. 1518-يىلى خۇئان دېگىل خارۋا ئىسىملىك مۇستەملىكىچى ئەپسانىلەردىكى «ئامازۇن ئايال چەۋەندازلىرى »نى تېپىش ئۈچۈن ئامېرىكا قىتئەسىگە باردى.كىيىن ئولېليانمۇ ئوخشاش مەقسەتتە ئامېرىكىغا قۇشۇن باشلاپ باردى. ئۇلار ھازىرقى ئامازۇن ھارۋىسىدا توققۇز نەپەر ئايال چەۋەنداز بىلەن ئۇرۇشقاندىن كىيىن ،بۇ جايغا «ئامازۇن» دەپ نام بەردى.ئۇلار يەنە مايا رايونى ،كالىفورنىيە ،برازىلىيە،چىلى قاتارلىق جايلاردا ئايال چەۋەندازلارنى ئىزدەش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ بۇ جايلارنى بېسىۋالدى . 1519-يىلدىن باشلاپ دېيشىس، پلاسكىس قاتارلىق مۇستەملىكىچىلەر كۇبادا رىۋايەتتىكى «ئىت باش مايمۇن»ۋە «ئىت يۈزلۈك ئادەم»لەرنى ، مايا رايۇنىدا «سۇ ئاستىدا ئۇخلايدىغان قەبىلە»،«چېچى يوق ئادەملەر »،«پەتەك ئادەملەر»نى،جەنۇبىي ئامىرىكىدا «ئىككى باشلىق قۇش» ،«بىر پۇتلۇق ئادەملەر»ۋە «قۇيرۇقلۇق ئادەملەر»،«شىر بەدەن قۇش باش»ھايۋاننى ئىزدەش ئۇرۇشى قوزغاپ بۇ جايلارنى بېسىۋالدى.بەزى مۇستەملىكىچىلەر بوي ئىگىزلىكى ئادەتتىكى سەككىز ئادەمنىڭ بوي ئىگىزلىكىگە باراۋەركىلىدىغان «گىگانت ئادەملەر»نى ھەم سۆزلىيەلەيدىغان ،ئاڭلىيالايدىغان «ئادەم بىلىق »لارنى ئىزدەش جەريانىدا كولورىدا ،پېرو ،تىنوچدىتلان ،يېڭى گالتىسىيە ،يۇكاتان يېرىم ئارىلى ،مىسسىپى دېلتا رايۇنى ۋە تېكساس دېڭىز ساھىلى،بېرناردىنا ئارىلى قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالدى.مۇستەملىكە قىلىنغان بارلىق جايلاردا ئىسپانىيەگە قاراشلىق ۋالىي مەھكىمە ئورگىنى تەسىس قىلىندى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قانلىق قىلىچى رىۋايەتنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا قادىر بولالمىغان بولسىمۇ ،ئىسپانىيە پادىشاسىنىڭ پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسىنى ئۆز مۇستاملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.
2.دىنى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ھىيلىسى.
ئىندىئان دىنىدا تۇتېم ئىتىقادى ۋە كۆپ ئىلاھلىق دىن ئاساسىي ئوروندا تۇراتتى .ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىمۇ ئاجايىپ-غارايىپ ئوبرازلار تۈسىدە يارىتىلغانىدى.دەسلەپكى مۇستەملىكە دەۋرىدىلا ئىسپانىيە ئارمىيسنىڭ ھەربىي روھانىلىرى ، ئۆز ئارمىيسىگە « ئىندىئانلار < ئىنجىل> دا كۆرسىتىلگەن جىن ئالۋاستىلارغا چۇقۇنۇپ ئىنسانىيەتكە ئاپەت تىلەيدىكەن» دىگەنلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ، ئىندىئانلارغا بولغان قىرغىنچىلىقنى كەسكىنلەشتۈرگەنئىدى. 1611-يىلى كوئائو ئېلادىكى سان پىتىر ئەتراپىدا يۇقۇملۇق كىسەل تارقالغاندا ، 1558- يىلى پونساكرا قولتۇقىدا قارا بۇران چىقىپ ئىسپانىيە دېڭىز پىلوتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەندە ، روھانىلار « بۇ ئىندىئانلارنىڭ جىن-ئالۋاستىلارغا چۇقۇنغانلىقىدىن بولغان» دىگەن دىننىي سەپسەپىنى تارقاتقاچقا ، مۇستەملىكىچى ئارمىيە بۇ جايلاردىكى ئىندىئانلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تۈگىتىۋەتكەن. قايسى جاي تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىسا شۇ جايدىكى ئىندىئانلارنى قىرىپ يۇقۇتۇش ئەۋج ئالغان ئىدى. خىرىستىئانلار بۈۋى مەيرەمنى «مۇقەددەس ئانا» سۈپىتىدە ئۇلۇغلايدۇ. ئىندىئانلارمۇ « تونەنچىن» ( مۇقەددەس ئانا) نى بارلىق ئىلاھلارنىڭ ئانىسى ، دەپ قارايدۇ ئىندىئانلار يەنە قۇياش ئىلاھى بىلەن ئوت ئىلاھىنى كىرسىت بەلگىسى بىلەن ئىپادە قىلىدۇ. ئىندىئان دىنلىرىدىمۇ خىرىستىئان دىنىغا ئوخشاش « ئىلاھ يۇلىدا قۇربان بولغانلارنىڭ روھى ئىلاھ بۇلۇپ تۇغۇلىدۇ.» دىگەن تەلىمات ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. مۇستەملىكىچىلەر بۇ تاساددىبى ئوخشاشلىقنى دەستەك قىلىۋېلىپ ، ئىندىئانلارنى « سىلەر بۈۋى مەيرەمنىڭ باشقابىر ئۇرۇقىدىن دەپ ئالداپ ، خىرىستىئان دىنىغا بەيئەت قىلىشقا زورلىغان. ئۇلار يەنە ئىندىئان بۇتخانىلىرىدىكى كىرسىت بەلگۈلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەيسانىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقان. ئىندىئانلار بۇنى كىچىك ئىش دەپ بىلىپ چۇقۇنىۋەرگەن. خىرىستىئان دىن تارقاتقۇچىلىرى يەنە « قەيەردە يامانلىق ، دىنسىزلىق ئەۋج ئالسا شۇ يەردە بۈۋى مەيرەم روھى پەيدا بۇلىدۇ» دىگەننى يەرلىك ئاھالىگە تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە بىر چاغدا، ياۋرۇپادىن بۈۋى مەيرەم ھەيكىلىنى تۈركۈ ملەپ يۆتكەپ كىلىپ ، ئىندىئانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ، قارشىلىق كۈچى كۈچلۈك جايلاغا مەخپىي كۆمگەن. بىر مەزگىلدىن كىيىن ، سېتىۋېلىنغان ئىندىئان كاھىنلىرى بۇلارنى «بايقاپ » قالغان ۋە خەلققە ئىلاھىيلاشتۇرۇپ تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايلار قان تۆكىلىدىغان ،ئاھالىلار تارقاقلاشتۇرىلىدىغان ھەم كاتتا چېركاۋلار قەد كۆتۈرىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغان .1517-1565-يىللار ئارىلىقىدا پەقەت مېكسىكىدىلا 200دىن ئارتۇق ئورۇندا بۈۋى مەريەم ھەيكىلى بايقالغان ». مۇستەملىكىچىلەر يەنە ئىندىئانلارنىڭ ئالەم كۈزىتىش مۇنارلىرى ،قۇياش ئىھراملىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى ئۈستىگە چېركاۋلارنى سالدى. ئىندىئان بۇتلىرىنى چېقپ ،ئورنىغا ئىندىئان بۇدلىرى شەكلىدە نىقاپلانغان خرستىئان بۇدلىرىنى تۇرغۇزدى.كىرست بەلگىلىرىنىمۇ ئىندىئانلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بۇيۇملار بىلەن ياسىدى.خرىستىئان دىن بايراملىرىنى ۋە نەزىر –چىراق كۈنلىرىنى ئىندىئان كالىندارى بۇيىچە يەرلىك بايرام كۈنلىرىگە توغرىلاپ ئورۇنلاشتۇردى.ئىندىئانلارنى خرستىئان دىنلىرىغا قۇبۇل قىلىش رەسمىيەتلىرىنىمۇ ئاددىيلاشتۇرپ ،كۈنىگە 6مىڭدىن 15مىڭغىچە ئادەمنى دىنغا كىرگۈزدى. چېركاۋلاردىكى بۈۋى مەريەم بۇدلىرىغا «تونەنچىن »دەپ ئىسىم قويدى. ئىندىئانلار يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەرنى شەكىل جەھەتتىكى ئىش ھىسابلاپ ئاسانلا كۈنۈپ كەتتى. ئۇلار خىرىستىئان بۇتلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆز بۇتلىرىنى يۇشۇرۇپ قۇيۇپ مەخپىي چۇقۇندى. چىركاۋلار ئاستىغا ئۆز بۇتلىرىنى كۈمۈپ قويدى. چېركاۋ تۈۋرۈكلىرىگە ئۆز دىنىي دۇرتلىرىنى يېزىپ قويدى. خىرستىئان دىنى ئۇسۇللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوينىدى .مۇستەملىكىچىلەر بۇ خىل پاسسىپ قارشى تۇرۇشنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سالدى .ئۇلار ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ كىيىنكى ئەۋلات ئىندىئانلارنىڭ بۇ خىل مەخپى «قۇرساق كۈپۈكى»نى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كېيىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.گەرچە ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ بۇلۇ ش ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىندىئانلارنى دىنسىزلاندۇرۇش ھىيلىسى تەلتۈكۈس ئۈنۈم بەرمىگەن بولسىمۇ ،لىكىن ئۆز دىنىدىن يۈز ئۆرىگەن ئىندىئانلاردا ئىتىقادسىزلىق ،ئەسلىنى ئۇنتۇش خاھىشلىرى ئەۋج ئىلىپ كەتتى.
3.مەدىنىيەتنىڭ جان تۇمۇرىنى ئۈزىۋېتىپ روھىنى ئۆلتۈرۈش ھىيلىسى
ياۋرۇپادا تۇنجى بۇلۇپ قۇياش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى برونىي رىم مەيدانىدا كۆيدۈرلىۋاتقان 1600-يىللاردا ،ئىندىئانلار مايا ،تىنوچدىتلان ۋەتۇئىتغۇلكان شەھەرلىرىدىكى ئالەم كۈزىتىش مۇنارلىرىدا ئۆزلىرى كەشىپ قىلغان تېلېسكوپ بىلەن كۈننىڭ كۆيۈش ۋاقتىنى ،ئاي، زۆھرەيۇلتۇزى ۋە باشقا سەييارىلەرنىڭ دەۋرىيلىك ئايلىنىش ۋاقتىنى توغرا ھېسابلاپ چىقىۋاتاتتى . ئىندىئانلارنىڭ پۇختا مەدىنىيەت تورى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ «ئىندىئانلارنى بويسۇندۇرۇش –ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرگەنچىلىك ئاسان ئىش»دىگەن خىيالىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۋەتكەنىدى.مۇستەملىكىچىلەر بىر مەزگىللىك ھۇدۇقۇش قۇرقۇشتىن كىيىن ،ئىندىئان مەدىنىيتىنىڭ ئىچكى مىخانىزىمىدىكى سەلبىي خۇسۇسىيەتنى بايقىۋالدى.كاھىنلار پۈتكۈل ئىندىئان جەمئىيتىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسى ۋە زىيالىيلار قاتلىمى ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىلىم –پەن،مەدىنىي –مائارىپ ۋە مەنىۋى پائالىيەت ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار ئۇلار يەنە ئىگىلىك باشقۇرۇش ،ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلىش، جەمىيەت تەرتىپىنى تۈزەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگىمۇ يېتەكچىلىك قىلاتتى. چىن مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا ،پۈتكۈل ئىندىئان مەدىنىيتى «كاھىن»نامى بىلەن ئاتالغان يۇقىرى تەبىقە دىندارلار سىنىپىغا مەنسۇپ ئىدى. كاھىنلار دىنى خەلقنى كۆڭۈلدىكىدەك قۇل قىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئېرىشكەن بارلىق بىلىملەرنى ئىلاھىي ۋەھى سۈپىتىدە خەلققە يەتكۈزەتتى.خەلق بارلىق ئۇرۇنلاشتۇرۇشلارنى تەڭرىنىڭ ئىرادىسى دەپ بىلىپ ،شەرتسىز بويسۇناتتى ھەم كاھىنلارنى «ئەۋلىيا »دەپ ئۇلۇغلايتتى .كاھىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەدىنىيەت يارىتىش تەجىربىلىرىنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتاتتى ،ئۆز پەرزەنتلىرىنىلا «ئىز باسار ئەۋلىيا»قىلىپ تەربىيلەيتتى خەلقنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرمايتتى.بىر كاھىن ئۆلسە ئورنىغا بىر كاھىن پەرزەنىت ئىز باسار بۇلاتتى،خەلق پەقەت ئانا تىلى ،ئۇرۇش ئىلاھلارغا چۇقۇنۇش ۋە ئېغىر ئەمگەكتىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەيتتى،يېزىق بىلىدىغان بىرمۇ پۇقرا بولمايتتى. ئىندىئان مەدىنىيتى ماھىيەتتە«كاھىنلار مەدىنىيتى»ئىدى. ئىندىئان مەدىنىيتىنىڭ جان تۇمۇرى ئاخىرى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنىڭ باش روھانىيسى دىئوگو .د.راندانىڭ قانلىق قېلىچىدا كېسىپ تاشلاندى. 1562-يىلى راندا ئامىرىكىنىڭ پۈتكۈل ئىسپان تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە ئىندىئان كاھىنلىرىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىۋېتىش ،ئىندىئان تىل-يېزىقىدىكى كىتاب،ھۈججەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي كۆيدۈرۋېتىش كاھىنلارنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش بۇيرۇقىنى بەردى.شۇنىڭدىن كېيىنكى 40يىلدا مۇستەملىكىچىلەر «كاھىنلار جىن-ئالۋاستىلارنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى»دىگەننى باھانە قىلىپ ،400مىڭدىن ئارتۇق كاھىننى ئۆلتۈردى.پايدىلنىش مەقسىتىدە ساقلاپ قالغان ئاز ساندىكى خائىن كاھىنلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا كاھىنلارنىڭ نەسلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتتى. نەچچە مىڭ يىللىق ئندىئان مەدىنىيتىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەشكەن كىتابلارنى «ئالۋاستىلار قوللانمىسى»دەپپۈتۈنلەي كۆيدۈرۋەتتى .مەدىنىيەت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى.ئالىملار كىيىنكى 300يىل جەريانىدا قاتتىق ئاختۇرۇشلار بەدىلىگە ئاران تۆت پارچە كىتابنى قولغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ ،ئىندىئان يېزىقىنى بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىغاچقا ،ئۇقۇش مۇمكىن بولماي ،مۇزېي بۇيۇمى بۇلۇپ كەتتى .ئىندىئان مەدىنىيتىنىڭ سەلتەنىتى پەقەت جارابىلاردىلا ساقلىنىپ قالدى.ۋەتىنىدىن ،دىندىن ۋە مەدىنىيەت ئىزچىللىقىدىن ئايرىلغان ئىندىئانلار بىراقلا روھسىزلىنىپ جەڭگىۋارلىقىنى يۇقاتتى.
4.مەدەنىيەت كۆچۈپ كىلىپ شالغۇتلاشتۇرۇش ھىيلىسى!
مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنىڭ مىللى مەدىنىيتىنى خارابلاشتۇرۇشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئەسىر ياۋرۇپا مەدىنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئامىرىكىغا كۈچۈرۈپ ئاپىرىپ ئىندىئانلارغا مەجبۇرىي تاڭغانىدى. مۇستەملىكىچىلەر ئامېرىكا قىتئەسىگە قەدەم باسقان كۈندىن باشلاپ بۇ جايدىكى تاغ تىزمىلىرى ، دەريا-كۆللەر، ئورمانلىق ، ئارال، دېڭىز بۇغۇزلىرى ، شەھەر ۋە يېزا –كەنتلەرنى خرستىئان دىنى ئەۋلىيالىرىنىڭ ئىسمى ۋە خرستىئان دىنى بايرام ناملىرى بىلەن ئاتاپ ماڭغان. كولۇمبو غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىغا 1492-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى يىتىپ بارغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارالدىكى تۇنجى بارغان كەنتكە «ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش كەنتى»دەپ ئىسىم قويغان.بۇ ئارالنى«كىچىك ئىسپانىيە ئارىلى » دەپ ئاتىغان. پەقەت مىكسىكىدىلا 1756 ئۇرۇنغا « مەريەم» 221 ئۇرۇنغا « بۇۋى مەيرەم» دەپ نام بىرىلگەن. « ياقۇپ » ، « يۈسۈپ» نامى بىلەن ئاتالغان جايلارنى ئىنتايىن كۆپ بولغان ، ئەسلى يەر- جاي ناملىرى پۈتۈلەي بىكار قىلىنغان.,
مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنىڭ يەرلىك بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ، مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، خىرىستىئان دىنىي بايراملىرىنى ئىندىئان كالىندارى بويىچە يەرلىك بايرام كۈنلىرىگە توغۇرلاپ ئۆتكۈزگەن ، يەرلىك دىننى بايراملارنى ئاددى شەكىلدە ، خىرىستىئان دىنى بايراملىرىنى داغ-دۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق ئىندىئانلارنى خىرىستىئان بايراملىرىغا قىزىقتۇرغان. مۇستەملىكىچىلەر ئۆلچەم بىرلىكلىرى ، پۇل بىرلىكلىرى جەھەتتە پۈتۈنلەي ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىنى ئۇمۇملاشتۇرغان. 1522- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا مۇناستىر ، شەھەر قۇرۇش ئەۋج ئالغان. شەھەر لاھىيلەش ، باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىيەت تەشكىلى قۇرۇلمىسى جەھەتتە ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئۈلگىلەرنى كۈچۈرۈپ كەلگەن . يول قاتنىشى جەھەتتە ، ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدىكى شاخمات تاختىسى شەكىللىك لاھىيەنى قوللانغان. بىناكارلىق تېخنىكىسى ۋە شەھەر سىتىراتىگىيسى جەھەتتە ئىندىئان ئۇسلۇبى ئاساس قىلىنغان بولسىمۇ ، بىناكارلىق بىزەكچىلىكى جەھەتتە ، ئىتالىيە رەسسساملىق ئۇسلۇبىدىن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ھەيكەلتاراشلىق ، ئويما نەقىشچىلىك ھەم بۇياقچىلىق تېخنىكىسى كۆچۈرۈپ كىلىنگەن. نەتىجىدە ، ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارچىلىق مەدەنىيتى خاراپلاشقان. مۇستەملىكىچىلەر تارىخ-تىزكىرچىلىك ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى بۇرمىلانغان تارىخنامىلەرنى ياساپ چىققان. ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىندىئانلارنى قىرىپ قۇل قىلغان ئىپلاسلىقلىرىنى «ئەيسا يۇلىدا قىلىنغان مۇقەددەس ئۇرۇش » سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئان سەنئىتىنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرىنى خالىغانچە بۇزۇپ پايدىلانغان. ئىندىئانلارنى ياۋرۇپا كىيملىرىنى كىيىپ ، ياۋرۇپاچە گىرىم قىلىپ ئىندىئان سەنئىتىنى ئۇرۇنلاشقا مەجبۇر قىلغان . ئىندىئان تىياتىرلىرىنىڭ تەسىرلىك مۇزىكىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ ، ئورنىغا خىرىستىئان دىنى مۇناجاتلىرىنى سەپلىگەن. ئىندىئان مۇزىكىلىرىغا خىرىستىئان دىنى مەدىھىيە تىكىسلىرىنى كىرگۈزۈپ ، سېغىنىش پائالىيەتلىرىدە ئىندىئانلارنى يۇقۇرى ئاۋازدا ئۇقۇشقا مەجبۇرلىغان. ئىندىئان مۇزىكانىتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى چالغۇلارنى چېلىشنى چەكلەپ ، ياۋرۇپا چالغۇلىرىنى چېلىشقا قىستىغان. ئىندىئان ئۇسۇلللىرىنىمۇ خالىغانچە بۇزۇپ ، ھەممىنى ئەيسانى ، خىرىستىئان دىنىنى مەدىھىيەلەيدىغان، خىرىستىئان ئۇسۇلى قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن. رەسساملىق ، ھەيكالتاراشلىق جەھەتتىمۇ ئىندىئان سەنئەتكارلىرىنى ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپتىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇرلىغان.:
قىسقىسى : مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئان سەنئىتىنى مۇمكىن بولغان دەرىجىدە بۇزۇپ ، ئۆزگەرتىپ ئۆز ئاڭ سېستىمىسىنى بېيىتقان. مۇستەملىكىچىلەر كىلىشتىن ئىلگىرى « پوچتىكا» دەپ ئاتىلىدىغان ئىندىئان سودىگەرلىرى يۇرتمۇ –يۇرت قاتناپ ، پايدىسىغا ئالماشتۇرۇش شەكلىدىكى ئەنئەنىۋى سودا بىلەن شۇغۇللىناتتى. شەھەرلەردە ئالتۇن-كۈمۈش ، يېزىلاردا كاكاۋۇ مىسپالتا قاتارلىقلار پۇل بىرلىكى قىلىناتتى. مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنى مۇستەملىكە ئاستىغا ئالغاندىن كىيىن ، ئامېرىكا قىتئەسىنى خام ئەشيا مەنبەسى دەپ تۇنۇپ قالماي ، يەنە ياۋرۇپادا بازار تاپالمايدىغان ناچار تاۋارلارنى بازار ئورنىدىمۇ پايدىلانغان. ئۇلار سۈپىتى ناچار ماللارنى كۆپلەپ يۆتكەپ كىلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا باج ۋە باشقا جەھەتلەردە ئىتىبار بەرگەن . ئىندىئان سودا- سېتىقچىلىرىنى ئېغىر باج ۋاستى بىلەن قىسىپ روناق تېپىش ئىمكانىيتىدىن ئايرىغان. پۇلدار ئىندىئان ئاق سۇڭەكلىرى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرلۈپ ، مال- مۈلكى ، بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنغان. مۇستەملىكىچىلەر ئاچقان « نىسىيگە سېتىپ ئۈسۈمى بىلەن تۈلىتىۋېلىش ماگزىن» لىرى ئىندىئانلارنى نامراتلاشتۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلانغان.
5. « مائارىپنى گۈللەندۈرۈش» شۇئارى ئاستىدا نادانلاشتۇرۇش ھىيلىسى
ئەدەبىي ئويغىنىش ھەركىتىنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتكۈل ياۋرۇپانى دىنى ئىسلاھات دولقىنى قاپلىغاندىن كىيىن ، مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارغا بولغان دىنى تەربىينى كۈچەيتىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى تۇنۇپ يەتتى. ئۇلار ئىنسانپەرۋەرلىك تونىغا ئورۇنىۋېلىپ « ئىندىئان مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇۋالايلى» دىگەن شۇئارنى بازارغا سالدى. 1523- يىلى ئسپانىيلىك داڭلىق روھانى پېيدولۇ مېكسىكىدا تۇنجى ، «ئىندىئانلار مەكتىپى» نى قۇرغاندىن كىيىن ، پۈتكۇل ئامېرىكا قىتئەسىدە مەكتەپ قۇرۇش قىزغىنلىقى كۈتۈرۈلدى. مەكتەپلەردە بوي سۇنغان خىزمەت كۆرسەتكەن ئىندىئان ئاق سۈڭەكلىرىنىڭ بالىلىرى قۇبۇل قىلىندى. مەكتەپلەردە ياۋرۇپا مىسسئونىرلار مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتۇش مىتوتى ئاساس قىلىنىپ ، ئەنئەنىۋى خىرىستىئان دىنى دەرىسلىرى ئۈتۈلدى. ئىسپان تىلى ئوقۇتۇش ئاساس قىلىندى. ئەيساغا قارغۇلارچە چۇقۇنۇش روھى پۈتكۈل مائارىپ ئەخلاقىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. « ئىنجىل»نى يادلاش ئەۋج ئالدى. مۇستەملىكىچىلەر « ئىندىئان بالىلار دىنى تەشۋىقات ئەترىتى » تەشكىل قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا-ئانىلىرىغا ، يەرلىك خەلىققە خىرىستىئان دىنىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنلاشتۇردى. بۇ ئوقۇغۇچىلار يەنە ئىندىئان ئاھالىلىرىنىڭ يەرلىك دىنىغا چۇقۇنۇشىنى تۇسۇش ، يەرلىك قول- ھۈنەر كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنشنى چەكلەش، قارشىلىق ھەركەتلىرىگە پايلاقچىلىق قىلىش، ئىندىئان دىنى بۇتلىرىنى چېقىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەتتى.ئەمما ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئاتا- ئانىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۋىتىلەتتى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ دەرىسلىك ماتىرىياللىرىدا مۇستەملىكىچىلىك تارىخى بۇرمىلانغان. ئىندىئان مىللى قەھرىمانلىرى « ئەيسانىڭ دۈشمىنى» دىيىلىپ ھاقارەتلەنگەن. ئوقۇغۇچىلارغا ئىسپانچە يىڭى ئىسىملار قۇيۇلغان. ئۆز تىلىدىن قول ئۈزۈپ ، ئىسپان تىلىنى قوللانغانلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. مەكتەپلەردە يەنە « ئىنجىل» دا زىكرى قىلىنغان مۇقەددەس كىشىلەرنى مەدىھىيلەش ئەۋج ئالغان. ھەتتا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئوبرازى كۆپتۈرۈلگەن. ئىندىئانلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرى ھەجىۋىيلەشتۈرۈلگەن تىياتىرلارنى ئويناش ئۇمۇملاشقان. مۇستەملىكىلەرنىڭ « ئىندىئان مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش» يۇلىدىكى بىر قاتار تەدبىرلىرى ئارقىسىدا ، 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئامېرىكا قىتئەسىدە ، يىڭى بىر ئەۋلات ئورنىتىلغان . « ئىندىئان زىيالىيلىرى» شەكىللىنىپ ئۆز مىللىتىنىڭ خاراپلىشىشىنى تىزلەتكۈچى كاتالىزاتۇرغا ئايلانغان ئىدى. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ھەركىتى ، 1- دۇنيا ئۇرىشى ، فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر گەرچە ئىندىئان مائارىپىغا بەزى پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار يەنىلا مۇئارىپ سىياسىتىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ قالدى. مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنى «ئاز قۇبۇل قىلىش، مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا قويماسلىق» تىن ئىبارەت تەزدۈرۈش ھىيلىسى قوللىنىپ « ئوقۇش قىزغىنلىقى يوق ياۋايى مىللەت» دىگەن قالپاقنى كېيگۈزۈپ قويدى. نەتىجىدە ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىلىم چۈشەنچىلىرى ئىزچىللىقنى يۇقۇتۇپ ، مىللى مائارىپ شەكلى پۈتۈنلەي خاراپلاشتى. ئىندىئانلار مىسلىسىز دەرىجىدە نادانلىشىپ كەتتى.
. 6بايلىق يۆتكەپ كىلىپ ئۈزىنى كۈچلەندۈرۈش ھىيلىسى!
ياۋرۇپادا كاپىتالىزىم بىخ سۈرگەندىن كىيىن جاھانگىر ئەللەر بايلىق تالان –تاراج قىلش پائالىيتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى تالان –تاراج قىلىشتا قىلمىغان ئەسكىلكلىرى قالمىدى. 1519-يىلى مۇستەملىكىچى كورتىس ئازتېكلار دۆلىتىگە باستۇرۇپ كىردى. ئازتېك پادىشاھى سۈلھىيلىشىش نىيىتىدە كورتېسقا دىيامىتىرى ئالتە ئىنگىلىزچى كىلىدىغان ئىككى ئالتۇن لىگەن بىر قاپاق كىپەك ئالتۇن ۋە باشقا نۇرغۇن سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى.كورتېس سوۋغىلارنى ئېلىۋېلىپلا رەزىل نىيىتىنى ئاشكارلىدى .ئىككى سائەت ئىچىدىلا ئىككى مىڭ ئىندىئاننىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە ئالتە مىليون 300مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر ئالتۇن كۈمۈشنى بۇلاپ كەتتى . 1532-يىلى يېسارو ئىنكا دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىپ ، پادىشاھ ئاتا خالبانى ئەسىر ئېلىپ بىر ئۆيگە سولاپقويدى ھەم ئىنكا ئىندىئانلارغا پادىشاھ قامالغان ئۆينى ئالتۇن كۈمۈش بىلەن تولدۇرۇپ بەرسە ، پادىشاھنى قۇيۇپ بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتكۈل ئىنكا ئاھالىسى ھەركەتكە كىلىپ ، ئۇزۇنلۇقى 22 ئىنگىلزچى كەڭلىكى 17ئىنگىلىزچى ، ئىگىزلىكى 9ئىنگىلىزچى كىلىدىغان بۇ ئۆينى ئالتۇن – كۈمۈش ،يامبۇلار بىلەن تولدۇرغان بولسىمۇ پېسارو بايلىققا ئېرىشىۋېلىپلا قىرغىنچىلىق ھەركىتىنى باشلىۋەتتى .مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بۇ خىل بۇلاڭ –تالاڭ ھەركەتلىرى پۈتكۈل قىتئەنى قاپلىغاندىن كىيىن ، ھەر قايسى جايلاردا ئىندىئانلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرى ئارقا –ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى. 1553-يىلى چىلىدىكى ئالاۋكا ئىندىئانلىرى ئىچىدىن چىققان ياش قەھرىمان لۇدارۇ چىلى ئىندىئانلارغا باش بۇلۇپ ، مۇستەملىكىچىلەرنى تارمار قىلدى ھەم مۇستەملىكىچى ئارمىيە قۇماندانى بالدىۋينى ئەسىر ئالدى .لۇدارۇ پۈتۈن خەلق توپلانغان مەيداندا بالدىۋىيگە :«سەن ئالتۇن بولىغىلى كەلگەن ، بىز سىنى ئالتۇنغا تويغۇزۇپ قۇيايلى» دەپ خىتاپ قىلىپ ، قايناپ تۇرغان ئالتۇن ئېرىتمىسىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا قۇيدى. ئەمما خائىنلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشى سەۋەبىدىن ئىندىئانلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرى تېزلا مەغلۇپ بولدى. مۇستەملىكىچىلەر تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىش مەقسىتىدە مىكسىكا ، پېرۇ بولىۋىيە ، ۋە يېڭى كرانادا قاتارلىق جايلاردا ئالتۇن-كۈمۈش كانلىرىنى كەڭ ئېچىپ ئىندىئانلارنى كۈنىگە 18سائەت ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان. قامچا-كالتەك ئاستىدىكى ئېغىر ئەمگەك ۋە كانلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك كان سەيىسىگە تۇتۇلغانلارنىڭ بەشىدىن تۆت قىسمى ئۆلۈپ كەتكەن .شۇڭا، كان سەيىسىگە تۇتۇلغانلارنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئالدىن ئۆتكۈزىۋېتىش پۈتكۈل ئىندىئان جەمىيىتىدە ئۇمۇمىي ئادەتكە ئايلانغانىدى. مۇستەملىكىچىلەر 1541-يىلغا قەدەر 15مىليون ئىندىئاننىڭ جېنىغا زامىن بولغان .ئىسپانىيە 1574-يىلغا قەدەر ئامېرىكا قىتئەسىگە 200مىڭ ئائىلىنى كۆچۈرۈپ بارغان بۇلۇپ ، ئۇلار كان –ئېكىنزارلىق ئېچىش ، سودا قىلىش، ئىندىئانلارغا نازارەت قىلىش ،خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئىندىئانلار كۆپلەپ قىرىلىپ كەتكەچكە ، مۇستەملىكىچىلەر ئەمگك كۈچى تۇلوقلاش ئۈچۈن ئىبلىس قولىنى ئافرىقىغا سوزغان. 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا قەدەر ئافرىقا 100مىليون نىگىر خەلقىدىن ئايرىلغان، بۇنىڭ 15مىليونىلا ئامىرىكىغا ساق بارالىغان. «بەزىلەرگە بەخت ئىلىپ كەلگەن ئىش يەنە بەزىلەرگە كۈلپەت ئىلىپ كىلىدۇ.بىر سىنىپنىڭ ئازادلىققا چىقىشى ماھىيەتتە، ئىككىنچى بىر سىنىپنىڭ قۇللۇققا چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» —-(ئېنگىلىس). «ئامېرىكا قىتئەسىدە كانلارنىڭ ئېچىلىشى ، يەرلىك ئاھالىنىڭ قىرىپ تاشلىنىشى كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىنىڭ تاڭ نۇرى ئىدى… يېڭىدىن تۇغۇلغان كاپىتالنىڭ بېشىدىن تاكى تاپىنىغىچە قان ۋە زەرداپ تېمىپ تۇراتتى» ——(ماركىس) مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنى زۇلمەتلىك تۇرمۇشقا مۇپتىلا قىلىش بەدىلىگە ، ئۇلارنىڭ سۈڭەكلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئالتۇن –كۈمۈشلەرنى ھەدەپ ياۋرۇپاغا يۆتكىگەن. 1545-1560-يىللار ئارلىقىدا ئىسپانىيەگە ئامرىكىدىن 5500كىلوگرام ئالتۇن ، 246مىڭ كىلوگرام كۈمۈش توشۇلۇپ تۇرغان .(باشقا بايلىقلار تېخىمۇ كۆپ). ئەزەلدىنىلا سېرىقتال سەۋىيىدىن يۇقىرى تۇرمۇش مۇھىتىغا ئېرىشەلمەي كەلگەن ئىسپان ئاق سۈڭەكلىرى ئامىرىكىدىن بولاپ كېلىنگەن بۇ ھارام بايليقلارغا ئۈزىنى ئاتتى. ئۇلار بۇ بايلىقلارنى پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىغا سەرپ قىلىپ مىسلىسىز دەرىجىدە چىرىكلىشىپ كەتتى. ئۇلاردا كاپىتالىزىم تەرەققىي قىلالمىدى . ئىسپانىيەگە كەلگەن ئامەت باشقا جاھانگىرلارنىڭ كۆزىنى قىزارتتى . ئەنگىلىيە دەسلەپتە ئامىرىكىدىن ئىسپانىيەگە تۇشۇلىۋاتقان بايلىقلارنى بۇلاش بىلەن شۇغۇللىنىپ 1577-1580-يىللىرىدا 4مىليون 700مىڭ فونت سترلىڭ قىممىتىدىكى بايلىققا ئېرىشتى.ئۇلار 1584-يىلى شىمالىي ئامىرىكىنى ئىسپانىيىدىن تارتىۋېلىپ ۋېرگىنىيە مۇستەملىكىسىنى شەكىللەندۈردى. پورتىگالىيەمۇ برازىلىيىنى بازا قىلىپ تۇرۇپ ، جەنۇبى ئامىرىكىدا ئىسپانىيە بىلەن مۇستەملىكە تالاشتى. گوللاندىيە ئاتلانتىك ئوكياننى قامال قىلىۋالدى .1609-يىلى فىرانسىيە شىمالى ئامىرىكىغا بېسىپ كىرىپ ئەنگىلىيە بىلەن مۇستەملىكە تالاشتى. شۇنداق قىلىپ ،ئۆز ئاجىزلىقىغا باقماي ناھايتى كەڭ جايلارغا مۇستەملىكىچىلىك تورى يايغان ئىسپانىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكە جايلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى باشقا جاھانگىرلارغا تارتقۇزۇپ قويدى.
.7.قەبىلىۋازلىقتىن پايدىلنىپ پارچىلاپ يوقىتىش ھىيلىسى.
مۇستەملىكىچىلەر كىلىشتىن ئىلگىرى ئىندىئانلار جەمىيىتىدە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈلمىسىدىن تارتىپ دۆلەت تۈزۈلمىسىگىچە بولغان ئارلىقتىكى پۈتكۈل فورماتسىيە شەكىللىرى تەڭلامەۋجۇت ئىدى. قەبىلىۋازلىق ئىنتايىن تەرەققى قىلغانىدى. ھەر قەبىلە ئۆز ئىگىلىكىگە ماس كىلىدىغان زىمىندا مۇستەقىل ياشايتتى ،ئىجتىمائى سەۋىيىسىمۇ تەكشىسىز ئىدى .قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا دائىمئۇرۇش بۇلۇپ تۇراتتى .بۇلۇپمۇ مايا دۆلىتى ،ئازتېك دۆلىتى ۋە ئىنكا دۆلىتىنىڭ ئارقا –ئارقىدىن قۇرلۇشى بوي سۇندۇرۇلغان قەبىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدە قىساس دېغى قالدۇرۇلغانىدى مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلاردىكى بۇ خىل قەبىلىۋازلىق ھالىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدى. ئۇلار قەبىلىلەر مۇستەقىللىقىنى ھەدەپ بازارغا سېلىپ ،يەرلىك ئاھالىلەرگە ئىلگىرىكى قەبىلىسىنى قۇرۇپ بىرىشكە ۋەدە بىرىپ ئۇلارنى ئۆز خانلىقىغا قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە كونازىددىيەتلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبىلىلەرئارا ئۆچمەنلىك پەيداقىلىپ ،قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۇرشۇپ قان تۈكىشىگە سەۋەپ بولغان ھەمدە بىر قەبىلىنى يوقاتماقچى بولسا ئالدى بىلەن شۇقەبىلىگە دۈشمەن قەبىلىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلانغان خۇددى ماركىس ئېيتقاندەك ،«ئىسپانىيەلىكلەر ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلىرىدا ،بىر قەبىلە باشلىقنى تىرىك تۇتۇۋالسا بارلىق قەبىلە ئەزالىرىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىپ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغان،شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن پادىشاھ ياكى قەبىلە باشلىقلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ، ئۇنى ئۆز مەقسىدىگە يەتكۈچە تىرىك ساقلاش ھىيلىسىنى قوللانغان».1519-يىلى كورتىس ئازتېك پادىشاھىنى ئالداپ نەزەر بەنىت قىلىۋالغان.ھەر قايسى قەبىلىلەر ئىتتىپاقلىشالمىغاچقا ئىككى يىل ئىچىدىلا ئازتېكلار مۇنقەرز قىلىنغان. 1533-يىلى پېساررو ئىنكا دۆلىتىگە باستۇرۇپ بارغاندا ئالدى بىلەن پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋىلىش كويىدا يۈرگەن ئىندىئان ئاقسۈڭەكلەرنى ئۆزىگە تارتىپ ،ئۇلارغا تەخىتنى ئىلىپ بىرىش ۋەدىسىنى بىرىپ، ئۇلرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ ئالتە مىليون نۇپۇسلۇق ئىنكا دۆلىتىنى ئۇڭايلا بېسىۋالغان 1546-يىلى يەنە بىر مۇستەملىكىچى مۇتەيىغ مايا دۆلىتىگە باستۇرۇپ بارغاندا ئىككى چوڭ قەبىلە ئوتتۇرىسىدا ھۇقۇق تالىشىش كۈرۈشى بۇلۇۋاتاتتى. مۇنتەيغ«ئاۋۋال بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۇنىڭ دۈشمىنىنى يۇقۇتۇش ،ئارقىدىن ئۇنىمۇ ساق قويماسلىق »ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ ئىمپىرىيە دەرىجىسىگە يەتكەن مايا دۆلىتىنى ئازغىنا ئەسكەر بىلەن مۇنقەرز قىلغان.
8. رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ جىسمانىيەتنى قورىتىش ھىيلىسى
ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىندىئانلارنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، نۇقۇل ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلاشتى ئۇلار ئىندىئانلار تېرىشنى بىلىدىغان«47خىل مۇستە زىرائەت –ئۈسۈملۈككەقانائەت قىلماي باشقا قىتئەلەردىن يەنە 200خىل زىرائەت كۆچۈرۈپ باردى .ئىندىئانلارنى ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىغا خاس ئىگىلىك شەكلى ۋە قورال سايمانلارنى قوللىنىشقا مەجبورلىدى.ملىكىچىلەر دېھقاننىڭ قولىدا بىر پارچە يەر بولسىلا ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ»دەپ قارىغاچقا ،ئىندىئانلارنىڭ قولىدىكى يەرنى تارتىۋالماي، يەرسىزلەندۈرۈشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى –ئېغىر باج-سىلىق ۋاستىسىدىن پايدىلاندى. يىل ئاخىرىدا ھۇسۇلنىڭ يېرىمىنى (بەزى جايلاردا ئۈچتىن بىر ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى )باج-سىلىققا ھېسابلاپ تۇتۇپ قالدى. ياۋرۇپادا قايسى مەھسۇلاتنىڭ بازىرى ئىتتىك بولسا ئىندىئانلارنى شۇ خىل زىرائەتلەرنى تېرىشقا مەجبۇرلىدى،ياۋرۇپادىن كۆپلەپ مال-چارۋا يۆتكەپ كىلىپ ئىندىئانلارغا مەجبۇرى باققۇزدى.ئىندىئانلارنى ئالداپ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۈۋەن نەرسىلەرنى يېيشكە كۆندۈردى .ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ،يۇقۇملۇق كىسەل، ئېغىر ئەمگەك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىندىئانلار تۈركۈم –تۈركۈملەپ قىرىلىپ كەتتى .مۇستەمىكىچىلەر يەنە ئىندىئانلارنىڭ قولىدىكى بايلىقىنى يېيىۋېلىش مەقسىتىدە ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان «جەننەت بىلىتى »نى يۇقىرى باھادا زورلاپ ساتتى. ئۆلگۈچى ئىندىئانلاردىن قالغان مىراسنىڭ يېرىمىنى ئۆلگەندىن كىيىنكى دۇئا –ئىلاۋەت ھەققىگە تۇتۇپ قالدى.شۇنداق قىلىپ ئىندىئانلرنىڭ ھايۋاندىن ھىچ پەرقى قالمىدى.ئىندىئان دىنلىرىدا ھاراققا چىلانغان قوناقنى ئوت كۆيدۈرۈپ ئىلاھلارغا نەزىر قىلىش ئادىتى بار ئىدى.مۇستەملىكىچىلەر بۇ ئادەتنى خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىندىئانلارنى ھاراققا قىزىقتۇردى.1544-يىلى مىكسىكىدا تۇنجى ھاراق زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، جاي-جايلاردا زەھەرلەش كۈچى زور بولغان يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراق ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار كەينى –كەينىدىن قۇرۇلدى. ھاراق بوتكىلىرىمۇ يىراق –يېقىندىكى يېزىلارغا قەدەر ئۇمۇملاشتى؛ ھەممە نەرسىدىن ئايرىلغان ئىندىئانلار بىراقلا بىرىلىپ كەتتى ھاراق ئىندىئانلارنى زەئىپلەشتۈرۈپ،جەڭگىۋارلىقنى يۇقاتتى ئۇلار ساقال قۇيۇشقا قارا رەڭلىك كىيىم كىيىشكە ئادەتلەنگەن ئىسپانىيەلىكلەردىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان( ئىندىئان دىنىدا ئۆلۈم ئىلاھى ساقاللىق سۈپەتتە تەسۋىرلىنەتتى،قارا رەڭمۇ بالايى –ئاپەتنىڭ سىمۋولى ئىدى)،ھەتتا ئون ئىندىئان بىر ئىسپانىيەلىكنى ئۆلتۈرۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى ئۆزلىرىنىڭ يوغان بەستى بىلەن كولۇمبوغا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى «گىگانىت ئادەملەر»نى ئەسلەتكەن ئىندىئانلار ھاراققا بىرىلگەندىن كىيىن ،بارغانسىرى كىچىكلەپ ،ئاجىزلىشىپ كەتتى.ئىندىئانلار دۇنيادا تۇنجى بۇلۇپ تۇغۇت چەكلەش دورىسىنى ئىشلەتكەن بەقۇۋۋەت خەلق ئىدى.ھاراققا بىرىلگەندىن كىيىن ،ئۇلارنىڭ بۆرىكى ئاجىزلاپ ، ئۇرۇقى پۇچەكلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى .ھەتتا بىر نەچە بوتولكا ھاراقنى دەپ خائىنلىق قىلىدىغان ساتقىنلارمۇ بىر نەچچە يۈز بوتۇلكا ھاراققا ئۆز زېمىنىنى تىگىشىۋېتىدىغان قەبىلە باشلىقلىرىمۇ كۆپلەپ چىقتى. ياۋرۇپا سانائەت ئىنقىلابىدىن كىيىن ئىندىئانلارغاقارىتىلغان قۇتلۇق سىياسىتى ئۆلۈم سىياسىتىگە ئالماشتى.ئامازۇن دەريا ۋادىسىدىكى ئىككى مىليونغا يېقىن ئىندىئان خەلقى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بۇ جايدا كان ئېچىش، زاۋۇت قۇرۇشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ،چەت جايلارغا كۆچۈشكە قارشى تۇرغاچقا مۇستەملىكىچىلەر سۇ ئارقىلىق مەخپى تارقاتقان مىكروبتا يۇقۇملىنىپ پۈتۈنلەي قىرىلىپ كەتتى(ھازىر 100مىڭچە ئىندىئان قالدى).شەرقىي شىمال كولۇمبىيە ئورمانلىقىدىكى كادىيە ئىندىئانلىرى ئۆزلىرى ئاچقان ئالتۇن كاننىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىنى مۇستەملىكىچىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى خالىمىغاچقا ،مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئۇزۇق-تۈلتك جەھەتتە قامال قىلىنىپ،سىل كىسىلى بۇلۇپ قىرىلىپ تۈگىدى.برازىلىيە ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدىكى ئىندىئانلار مۇستەملىكىچىلەر قەستەن يۇقتۇرغان قىزىل كىسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قىرىلىپ كەتتى. باشقا نۇرغۇن جايلاردىكى ئىندىئانلارمۇ مۇستەملىكىچىلەر «ئىئانە»قىلغان ،يۇقۇملۇق كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار كىيىپ تاشلىۋەتكەن كىيىملەرنى كىيىپ،يۇقۇملىنىپ قىرىلىپ كەتى .بەزى مۇستەملىكىچى كاتتىباشلىرى«ئەيسا خرستىئان دىنىغا بايلىق ياراتقۇچىلارنى قوللايدۇ»دىگەندەك دىنى نىقابقا ئۇرىنىۋىلىپ ،ئاشكارا ھالدا «ئىندىئانلار ئىنسانلارنىڭ نەسلى ئەمەس كۆيدۈرۈش ،پارتلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قۇرۇتىۋىتىش كىرەك»دەپ جار سالدى .ھەتتا ،مۇستەملىكىچىلەر ۋىنېسۇئىلا،ئامازۇن دەريا ۋادىلىرىدىكى،كارىت دېڭىزى ساھىلىدىكى ئىدىئانلارنى ئەمگەككە سېلىش باھانىسىدا يىرتقۇچ ھايۋان ،زەھەرلىك ئىلان ،تىمساق،كىت،كۆپ جايلارغا باشلاپ بېرىپ ييىرتقۇچ جانلىقلارغا يەمچەك قىلىپ يۇقۇتىۋەتتى .مۇشۇنداق رەزىل ۋاستىلەر ئالدىدا 40مىليون نۇپۇسلۇق ئندىئان خەلقىدىن ھازىر قالغىنى بىر مىليوندىن سەل ئاشىدۇ.
9 . خەلقئارا مەۋجۇتلۇق ئىنتىرناتسىئونالنىڭ خىتابى –قالدۇق ئىندىئانلارنىڭ باھارى
1969-يىلى لوندوندا خەلقئارا مەۋجۇتلۇق ئنتىرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇشى مۇستەملىكە ئاستىدا يۇقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان ئىندىئانلارغا باھار شامىلى ئىلىپ كەلدى.مەۋجۇتلۇق ئىنتىرناتسىئونالى «بىز ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقنى –مىللەتلەرنىڭ ئەلمىساقتىن ياشاپ كەلگەن ئۆز زىمىنىدا ھاقارەتلەنمەي ئاچ –يالىڭاچ قالماي ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرۈشىمىز»دىگەن بۇرچنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان .80—يىللاردا پانامادىكى «قىزىلتاغ»ۋادىسىدا لوندوندىكى بىر شىركەت 22مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش بەدىلىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مىس كان ئاچماقچى بولغان ۋە بۇ جايدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىندىئان خەلقىنى سىرتقا قوغلىغان چاغدا،ئىنتىرناتسۇنال «يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز مۇھىتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ»،«يەرلىك ئاھالە ئەتراپقا كۆچسە ئۇلار ئوتتۇرىسىدكى ئىنسانىي مۇناسىۋەت تورى بۇزۇلۇپ ،غۇرۇرى دەپسەندە بۇلىدۇ…يەرلىك خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇق ھۇقۇقىنى قوغدايلى،ئۇلارغا ئۆزىنى قوغداش تاكتىكىلىرىنى ئۆگىتەيلى،مەدىنىيەتلىك جەمىيەتنىڭ ئۇلارۈا بولغان زىيىنىنى ئازايتايلى»دەپ ئېتىراز بىلدۈردى. ئامىرىكىلىق ئىنسانشۇناس يوھان لېندېن ھۆكۈمەتنىڭ «ئېچىش »سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئىدىئانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىگە يۈزلەنگەنلىكىنى ،بىر نەچچە ئون يىل ئىچىدىلا برازىلىيەدىكى 270ئىندىئان قەبىلىسىنىڭ 90نەچچىسىنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىم قەبىلىنىڭ ئادەم سانىنىڭ مىڭىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىغاندىن كىيىن ،برازىلىيەلىك ئىنسانشۇناس داشى رىبلو ماقالە ئىلان قىلىپ «پەقەت قىلچە ئىقتىسادىي قىممىتى يوق دەپ قارالغان جايلاردىلا ئىندىئانلارپۇت قويغۇدەك زىمىنغا ئېرىشەلەۋاتىدۇ،قۇەيەردە بايلىق بارلىقى سېزىلگەن كۈندىن باشلاپ شۇ جايدىكى ئىندىئانلرغا قىيامەت باشلىنىدۇ»دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.مەۋجۇتلۇق ئىنتىرناتسىئونالنىڭ ئەزاسى بىنتېرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە باياناتنامە تاپشۇرۇپ «بىز ھۈكۈمەتتىن ئاچماسلىق…نى تەلەپ قىلمايمز، بىز پەقەت ھۈكۈمەتتىن ئېچىش پىلانى تۈزىدىغان چاغدا يەرلىك مىللەتلەرگە قانچىلىك ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدىغانلىقنى ئويلىنىشنى، ئۇلارنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنىمۇ پىلانغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىمىز»دەپ تەلەپ قويغان. ئىنسانشۇناسلار ھازىر دۇنيادا ئەڭ ئىلغار دەپ قارىلىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش دورىسنىڭ ئىندىئانلارنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئىجادىيىتى ئىكەنلىكنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئىندىئانلار مىلادىدىن ئىلگىرى ئىجاد قىلغان دورىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىگىلىك شەكلىنىڭ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ،ئاڭ سېستىمىسىنىڭ قىممىتىنى تەشۋىق قىلدى .شۇنىڭدىن كىيىن بىر مۇنچە ئالىملار «بىلىمىنى ساقلاپ قېلىشنڭ ياخشى چارىسى ئۇنى ئۆزى پەيدا بولغان زىمىندا ئىزچىللىققا ئىگە قىلىش ئىندىئانلارنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە قىزىقتۇرۇش يولى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىگىلىك شەكلىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك »دەپ ھېسابلىغاندىن كىيىن ،مەۋجۇدلۇق ئىنتىرناتسىئونالنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى ئامازۇن ۋادىسىدا «مەدىنى مىراسلارنى قوغداش ئورنى »قۇرۇپ، ئامازۇن ھاۋزىسىدا چىقىدىغان ھەر خىل مىۋە ئۆسۈملۈك مېيى ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى گۈل-گىياھ جەۋھەرلىرىنى خەلقئارا بازارغا سالغان مەسئۇل خادىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇ ئورۇن 20يىلدا 15مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق ساپ پايدا يارىتىدىكان،بۇ جايدىكى ئىندىئانلار يلىغا بىر مىليارت ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدىكەن ،ئۇلار بۇ پۇل ئارقىلىق مەكتەپ ،دوختۇرخانا ، مىللى كارخانىلارنى قۇرىدىكەن. 1989-يىلى كالفورنىيەدە «شامان دورىلىرى»شىركىتى ئېچىلغان . بۇ شىركەتمۇ ئىندىئانلارغا زور مىقداردا پايدا يارىتىپ بەرگەن.نىيو-يۇرك ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بېلىك ئۆزىنىڭ پەقەت ئىندىئانلارلا تېرىشنى بىلىدىغان زىرائەتلەر ئىچىدىن راك ۋە ئەيدىز كىسەللىكلىرىگە شىپا بۇلىدىغان ماددىنى دەسلەپكى قەدەمدە بايقىغانلىقىنى تەتقىقاتى مۇۋەپپىقىيەت قازانسا ئىندىئانلارنىڭ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىدىغانىلقنى ئېلان قىلغان. يېڭى گۋېنىيەگە تۇنجى قىتىم بارغان ئاۋستىرالىيىلىك پېتربات 70-يىللاردا بۇ جايدا بىر ساياھەت ئورنى ئاچقان ،ھەر يىلى ئون مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان ھەم بۇ جايدا ئېرىشكەن پايدىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەرلىك ئىپتىدائىي مىللەتلەرگە ئىئانە قىلىۋەتكەن .يېقىنقى يىللاردا ئىندىئان يېزىلىرىغا بارغان ساياھەتچىلەر ھەر بىر ئىندىئان ئاقساقىلىنىڭ ئەتراپىغا 2-3يۈز ياشنڭ توپلىشىپ قەدىمكى مەدىنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ،ئاڭ-چۈشەنچىلىرىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، بۇرۇن شەھەرلەرگە قىچىپ كەتكەن ئىندىئان ياشلىرىنىڭمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.


”ئاسىيا كىندىكى گېزىتى“ نىڭ 96-يىل 1-ئايلىق سانلىرىدىن ئېلىندى.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4807
توردىكى ۋاقتى: 1400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 13:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ  ھەرخىل  ھىلە- مىكىرىلىرى شۇ يەرلىك خەلقنى ئاخىرى يوق قىلىش بىلەن تۈگەللىنىپتۇ.ئەمدى قانچە تىرىشقان بىلەن ئۇلار يۇقاتقان نەرسىسىنى ھەرگىز قايتۇرۇپ كىلەلمەيدۇ. ئەگەر يەھۇدىلاردەك بولسا دۆلەت قۇرالىسا ئۇنىڭ يولى باشقىچە بۇلىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 14:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتىتا ئامېرىكا زىمنىنىڭ غوجىسى ئىدى ،،،،،،،،

1

تېما

4

دوست

8139

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2099
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 17:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش.

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 17:58:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەي بىلەن نىشە، بۈگۈندە خىروئىن، بارلىق ئەسكىلىكنىڭ مەنبەسى...

0

تېما

0

دوست

1608

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24563
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 468
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 19:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەي بىلەن نىشە، بۈگۈندە خىروئىن، بارلىق ئەسكىلىكنىڭ مەنبەسى.بۇ تاجاۋۇزچلارنىڭ قۇرالى.

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 20:50:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ۋاقىتتا شۇنداق ئاڭلىغاندىم‹‹  ئىندىئانلارنى ھاراق تۇگەشتۇردى ،سىگانلارنى ناخشا ئۇسۇل تۇگەشتۇردى ›› ئەمدى بۇ ئىككىسى بىزلەرگە مىراس  بولدى ...............ئۇلۇق ئاللاھ ھەممىزنى ئوزپاھىڭدا ساقلىغايسەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )