خەنزۇ تىلىنىڭ ئېنگىلىزتىلىغا يازغان بىرپارچە تەسلىم خېتى
ئوغلانى تەرجىمىسى
ئېنگىلىزتىلى ئەپەندىم : مەن تەسلىم بولۇشىنى قارار قىلدىم .چۈنكى رىقابەتتە مىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئورنۇم قالمىدى . نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى جۇڭخۇا مىللىتى مول ئەقىل-پاراسىتى بىلەن مەن خەنزۇتىلىنى بارلىققا كەلتۈردى .مېنىڭ گۈزەل قىياپىتىم بار ، شۇڭلاشقا مىنىڭ نۇرغۇنلىغان خەتتاتلىرىم بار؛ مەندە چوڭقۇر مەنىلەر مۇجەسسەم ، شۇڭلاشقانۇرغۇن شائىر ، داڭلىق يازغۇچىللىرىم بار ؛ مىنىڭ ئۇزۇن تارىخىم بار ، شۇڭلاشقاجۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش زاۋال تېپىشلىرى مەندە خاتىرلەنگەن .بۇلارنىڭ ھەممىسىمىنىڭ كۆپ يىللار مابەينىدە پەخىرلىنىپ يۈرۈيدىغان دەسمايەم ئىدى . مەن بۇرۇن سىزگە ئوخشاش پۇرچاققا ئوخشاپ كىتىدىغان ئاتالمىش يېزىق ،چىلدىرلاپ يۈرۈيدىغان قۇش يېزىقىنى مىنىڭ رىقابەتچىم ئەمەس دەپلا قارىماي ،ھەتتا سىز بىلەن بەستلىشىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ دەپ قاراپتىمەن .لىكىن بىردەمنىڭ ئىچىدىلا سىزنىڭ مىنى قول ياندۇرۇشقىمۇ پۇرسەت بەرمەي ئارقا –ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىشىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن .مىنىڭ غەلبە قازىنىشىم ئىنتايىن يىراقتابولغان ئەھۋال ئاستىدا،سىزگە پېقىرلىق قىلىپ تەسلىم بولدۇم ،ھازىردىن باشلاپ سىزگە چاكار بولۇشقا رازىمەن . ئەگەر گىزى كەلسە مەن سىزگە چاكار بولىمەن ،ھەتتا تىل دىگەن قاتاردىن چىكىنىپ چىقىمەن . راستلا ،مەن تەييارلىنىپ بولدۇم . مەن بەك مەغلۇپ بولدۇم ،لىكىن بۇمەغلۇبىيەت قاچان ، نىمە ئىشتىن ، نىمە سەۋەبتىن كەلگەن ؟ ئېنگىلىزتىلى ئەپەندى(گەرچە سىزنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتىڭىز بەكمۇ كىيىن بولسىمۇ ،سىزنى يەنىلائەپەندىم دەپ ئاتاي .) مىنىڭ مەغلۇبىيتىمنى يەكۈنلەپ بېقىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز .مىنىڭ باشقىچە نىيتىممۇ يوق ، ھەقىقى ئەركەك بۇرۇنقى باتۇرلۇقىنى تىلغا ئالمايدۇ ،لىكىن سىزنىڭ مېنى قانداق قىلىپ ئارقا –ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ چىكىندۈرگەنلىكىڭىزنى دىگۈم كىلىپ قالدى . بىزنىڭ دەسلەپكى يېقىن ئالاقىمىز چىڭ سۇلالىسىدە يەنى جۇڭگۇ خارابلاشقان ۋاقىتتا باشلانغان .لىكىن سىز ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە مىنىڭ ئورنۇمنى ئالالمايلا قالماي ، يەنە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدىڭىز . 20-ئەسىرنىڭ80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ، بىزنىڭ ئورنىمىزدا كىچىككىنە ئۆزگىرىش پەيدا بولدى .سىزھەرخىل «سىياسەت» لەرنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئارقا –ئارقىدىن مىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىمگە زەربە بېرىپ ،مىنى ئېغىر يارىدار قىلدىڭىز ! ھازىر مەندە مۇنداق ئاھۋال كۆرۈلدى :جۇڭگۇنىڭ ھەرقانداق بىر خىل ئوموملاشقان ئىنتاھانلىرىدا(تولۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا ،ئالىي مەكتەپ ،ئاسپىرانتلىق ،رەھبەرلەرنىڭ ئۆسۈش ،خىزمەتكە كىرىش،خىزمەت ئورنىنى باھالاش،چوڭ شەھەرلەرگە كىرىپ خىزمەت ئىزدەش ...قاتارلىق ) سىزنىڭ ئۇلۇغ ھوقوقىڭىزنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ .يەنى دىمەكچى ، مائارىپ ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئورنىغائېرىشمەكچى بولغان جۇڭگۇلۇق چوقۇم سىزگە بويسۇنۇشى كىرەك ، بولمىسا پۇرسەت يوق . ئېنگىلىزتىلى ئەپەندىم ، مىنىڭ قانچىلىك ئىچ ئاغرىقىم بارلىقىنى بىلەمسىز ؟ئالدىنقى كۈنلەردە بىلدىمكى ، جۇڭگۇ نۆۋەتتە سىزنى شۇنچىۋالا ياخشى كۆرىدىكەن .جۇڭگۇ قەدىمكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئاسپىرانتلىققا كىرىش ئىنتاھانىدا ، كەسىپتە ئىنتايىن ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىنتاھاندا ئېنگىلىزتىلىدىن نۇمۇر چېكىگە يىتەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىغا يىتىشى رەت قىلىنىدى. مانا بۇ سىزنىڭ كۈچىڭىز ، مەن راستىلا بىلمىدىم ،جۇڭگۇ قەدىمكى ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا سىزنىڭ نىمە ئىشىڭىز بار ؟ جۇڭگۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى 2-4 يىلغىچە ئېنگىلىزتىلىنى ئۈگۈنۈشكەتوغرا كىلىدۇ ، پەقەت ئالىي مەكتەپ 4-دەرىجىدىن ئۆتكەندىن كىيىنلا بىخەتەر ھالدائوقۇش پۈتتۈرەلەيدۇ ، لىكىن « ئالىي مەكتەپ ئەدەبىياتى»نىڭ ئاساسلىق يەرلىرىنى شەكىلگە ئۈگۈنۈپ قويسىلا بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغان مىللەت ئۆزىنىڭ يۇقرى مائارىپ ساھەسىدە مىنى تاشلاپ قويدى ( تېخى ۋاز كەچتى دىگىلى بولمايدۇ جۇمۇ ) ئېنگىلىزتىلى ئەپەندىم ، سىىزنىڭ قانچىلىك يامانلىقىڭىزنى بىلەمسىز ؟سىتيۇدىنتلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتى سىزنى ئۈگىنىش بىلەن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپى دەرىسلەر بىلەن خەنزۇتىلىنى ئادەتتىكىچە ئۈگۈنۈپ قويسىلا بولدى . بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مىنىڭ بىلىشىمچە گىرمانىيە ،فىرانسىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە چەتئەل تىلى بىلەن ئوقۇغۇچىللىرغا دەرىس بېرىشنى چەكلەيدىكەن ،ئاۋسترالىيە ،كانادا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە كۆچمەنلەر ئۆزىنىڭ ئانا تىل مائارىپىدا تەربىيلىنىش ھوقوقىنى تالىشىۋېتىپتۇ .لىكىن جۇڭگۇدا بولسا ،ئاستا-ئاستا ئۆزۈمنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان ئورنۇمدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمەن . روسىيە جەميىتىنىڭ يۇقرى قاتلىمىدا ئىلگىرى فىرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىش مودابولغان ئىدى ، لىكىن ناپالىئوننىڭ ئەسكەرلىرى موسكىۋاغا كىرۋاتقان ۋاقىتتا بىرھەقىقەتنى بايقاپتۇ ، روس خەلقىنىڭ مەڭگۈ باش ئەگمەس تىلى باركەن ئەمەسمۇ . تارىختىكى يۈز بەرگەن ھەقىقى مۇشۇنداق ھېكايىلەر جۇڭگۇدا داۋاملاشماقتا ، مەندە سىزنىڭ يوغانچىلىق بىلەن كىڭەيمىچىلىكقىلىشىڭىزنى توسۇپ قالالىغۇدەك ئىقتىدار يوق ، چۈنكى مەندە كىشىلەرنىڭ سىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېخىمۇ يۇقرى تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى توسۇپ قالالىغۇدەك ئىقتىدارمۇ يوق ،شۇڭلاشقا ھازىردىن باشلاپ مەن سىزگە تەسلىم بولدۇم . يېقىندىن بۇيان جۇڭگۇدا ۋە خەلقئارادىكى يىغىنلاردا ،خىزمەت تىلىنىڭ ھەممىسى ئېنگىلىزتىلى ، چۈنكى بۇ دىگەن «خەلقئارالىق قائىدە »؛ سىيۇدېنتلار4-دەرجىدىن ئۆتمىسە مەكتەپ پۈتتۈرەلمىسە ؛ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئېنگىلىزتىلىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتى يوق بولسا ؛ مائارىپ مىنىستىرلىكى قوش تىلنى يۇقرى مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشنىڭ ئۆلچىمى قىلسا ... بۇلار كىشىلەرگە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھېراقنىڭ بىرقېتىملىق « ئالاھىدە ھەركىتى» نى ئەسلىتىدۇ . بىر فىرانسىيە سودا ساھەسىنىڭ رەھبىرى خەلقئارا يىغىندا سۆزلەش ئۈچۈن چوقۇم ئېنگىلىزتىلى ئىشىلتىشى كىرەك دىيىلگەنلىكى ئۈچۈن ، ھېراق شۇ ئورنىدىن چىكىنىش ئارقىلىق بۇنىڭغا بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى . ئاجابا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى «دۇنيادا ئەڭ ئانا تىلىنى سۆيمەيدىغان » مىللەتمۇ ؟
«قۇللىرى » خەنزۇتىلىدىن ئېھتىرام بولغاي
مەنبە : http://wenku.baidu.com/view/37a6 ... l?qq-pf-to=pcqq.c2c
ئەسكەرتىش: بۇ تىمىنى رۇخسەتسىز باشقا ھەرقانداق مۇنبەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ
|