- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2051
- نادىر
- 0
- يازما
- 110
ئۆسۈش
1.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mukam804 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-8 19:57
مەن ئويلىغاننى ئويلاپسىز ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرماپسىز مەن قالدۇرۇپ قوياي
مۇڭداشقۇ،ئۇندىدار 702376536 مۇشۇ كىتاپ ئوقۇشقا قاچاندىن بىرى ھەۋەس قىلىپ قالدىمكىن تاڭ،شۇنىڭدىن باشلاپ ھاياتىم پۇتۇنلەي ئۆزگەردى دىسەممۇ بولىدۇ،تىخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىقتىساد بىلەن ئەڭ كۆپ كىتاپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشىشى ئۇچۇن ھەقلىق كىتاپ ئارىيەت بىرىش ئورنى ئىچىش پىلانىم بار،بۇ يەردە دىيىلگەن ھەق دۇكان ئىجارىسى،ۋە باشقا چىقىملارنى قاندۇرۇش ئۇچۇنلا ئىلىنىدىغان ھەق،مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئادەتتىكى بىر كىتاپنى ئىككى ئۈچ يۇەن ئەتراپىدا ھەق تۆلەپلا ئارىيەت ئىلىپ ئوقۇيالايدۇ،بۇ پىلانىم ئەمەلگە ئاشامدۇ ئاشمامدۇ بىلمەيمەن لىكىن ئوقۇش پۇتتۇرۇپلا تۇتۇش قىلىش پىلانىم بار ئاللاھ خالىسا
بۇ پىلاندا ئاساسلىقى بالىلىارنى كۆزدە تۇتتۇم،ھازىر پەقەت ئالى مەكتەپلەردىلا كىتاپ ئارىيەت ئالغىلى بولىدۇ،ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقوغۇچىلارلا بەھرىمان بولالايدىغان بۇ سىياسەتتىن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى تامامەن مەھرۇم بولىۋاتىدۇ،ئادەتنى كىچىكىدىن يىتىشتۇرسە ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ،چوڭ بولغاندا يىتىلدۇرگەن ئادەتنىڭ ئانچە ئۇزۇنغا داۋاملىشىشى ناتايىن،چوڭ ئانام رەھمەتلىك داۋاملىق كىچىكىدە ئۇگەنگەن نەرسە تاشقا نەقىش ئويغانغا ئوخشايدۇ ئۇزۇنغىچە ئىزناسى يوقىمايدۇ،چوڭ بولغاندا ئۇگەنگەن نەرسە قۇمغا خەت يازغانغا ئوخشايدۇ بىر شامال چىقسىلا غايىپ بولىدۇ دەيدىغان،مال باھاسى ئۆرلەپ ئادەتتىكى دېھقانلار ئەمەس ھۆكۇمەت تارمىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ باللىرىغا ھەر ئايدا بىرەر يۇز كويغا كىتاپ ئەپ بىرىشكە چىقىنىپ بولالمايدىغان بۇ جەمىئەتتە پىلانىم ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ ئىشەنچىم كامىل،ئازراق مەبلىغىم بولسا مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىدەك ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇغىلى بولىدىغان،بىر تەرەپتىن ئوقۇغان كىتاۋىدىن خاتىرە قالدۇرۇش ئىمكانىيتى بولغان ئۇستەل ئورۇندۇقلىرى بولغان بىر كۇتۇپخانا قۇرغۇم بار(ئەلۋەتتە كۇتۇپخانىمۇ ھەقلىق،يىرىم كۇن پۇتۇن كۇن بويىچە ھېساپلاپ كۇنلىكى بىر قانچە يۇەن ئەتراپىدا دىگەندەك)بۇ ئارقىلىق كىتاپخانىلاردا ئۆرە تۇرۇپ كىتاپ ئوقۇيدىغان ئەھۋالنى يوقاتسامكەن دەيمەن. بۇ پىلانلارنى قانچىلىك ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن ئۇنىسى نامەلۇم،لىكىن قىزىققۇچىلار بولسا پىكىردە ئورتاقلاشساق،باشقا يۇرتلاردىمۇ قۇرۇلسا دىگەن ئۇمۇدۇم بار.
يەنە بىرسى بىر قەدەر سىستىمىلاشقان بىر تور كىتاپخانىسى قۇرۇش ئىشىنى باشلىدىم،مەخسۇس تور بەت لاھىيلەتكۇزىۋاتىمەن،ئىسىمنى ئىلىپ تەييار قىپ بولدۇم،تور بەت مەخسۇس كىتاپخۇمارلار پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇنبەر،ئۇيغۇرچە كىتاپلار بىر قەدەر تولۇق بولغان،سىتىلىدىغان كىتاپلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مەركىزى ئىددىيسى دىگەندەكلەر تەمىنلىنىدىغان،كۇندۇزى ئاساسەن مۇلازىمەتچىنى تاپقىلى بولىدىغان بىر تور بەتكە تەييارلىق باشلىدىم،كاللامدا پىلان جىق ھەممىنى تەڭ قىلغۇم كىلىدۇ،ئۆزۈمگە ئوخشاش كىتاپ ھەۋەسكارلىرىغا ئاسانلىق ياراتسامكەن دىگەن ئۈمۇدۇم بار،تەڭ تىرىشساق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىش يوق،ئۇزۇن بولسا ئىككى ئۈچ يىلغىچە ئارۇلىرىمنى روياپقا چىقىرىشقا ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن ئاللاھ خالىسا |
|