قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3577|ئىنكاس: 38

خەلقىمىز ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەسەۋۋۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9944
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 962
توردىكى ۋاقتى: 593
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 01:50:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   najlida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-11 02:06  


خەلقىمىز ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەسەۋۋۇرى

مۇندەرىجە
1. تېمىغا كىرىش
2. خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىغا نەزەر
3. نىشان
4. نىشانغا يېتىشتە كۆز تىكىدىغان نۇقتا
5. خەلقنى نىشانغا يېتەكلەش ئۇسۇللىرى
6. نىشانغا يېتەكلەيدىغان فۇنكسىيەلىك سېستىما
7. تېمىنى يورۇتۇش سوئال-جاۋابلىرى
8. سۆز ئاخىرى



1. تېمىغا كىرىش
خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن، ھەممىمىز بۇ ھالەتنىڭ تىزراق ياخشىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئەلۋەتتە. ئەمما ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمۈسەك، ئارزۇيىمىز ئارزۇ پېتىچە قىلىۋېرىدۇ.  ئارزۇيىمىزغا يېتىشتە، مائارىپقا تايىنىشتىن باشقا قىلالايدىغىنىمىزدىن يەنە بىرسى خەلقىمىز ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر كىتاب ئوقۇشنى ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىلىساق، بۇ ھەرىكەت خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەندىن سىرت، مائارىپقىمۇ ۋاستىلىق زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا، بۇ زور ھەرىكەتنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك؟  دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تەسەۋۋۇرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز.
2. خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىغا نەزەر
ئۆزىمىز سېتىۋالغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ بېسىلىش سانىغا قارىغىنىمىزدا، ئادەتتە، 3000~10000 تراژدا ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى نوپوسىنى 10 مىليون دەيلى، بۇ سانلاردىن كىتابلارچىلار كۆپ بولغاندا %0.1 ئۇيغۇر ئوقۇرمەن (1000 ئادەمنىڭ ئىچىدە 1 ئادەم كىتاب ئوقۇيدۇ) نى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ سان ھەرقانداق بازار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىشەنچلىك بولۇپ، مەخسىدىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.
3. نىشان
2024- يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە يۇقارقى %0.1 لىك نىسبەتنى 5~10 ھەسسە، يەنى %0.5~%1 گە يەتكۈزۈش. (يەنى، كىتابلارنىڭ تراژىنى ھازىرقى3000~10000 دىن 15000~50000 بىلەن 30000~100000 ئارىسىغا يەتكۈزۈش.
4. نىشانغا يېتىشتە كۆز تىكىدىغان نۇقتا
خەلقىمىز كىتاب ئوقۇشقا خۇشسىز، ئىقتىسادىي ئاجىز، ئومۇمىي خەلق ساپاسى تۆۋەن، ئۇنىڭغا قارشى ھالدا نىشان خىلى بەكلا يۇقىرى بولۇپ، نىشاندىكى نىسبەت دۇنيادىكى ئوتتۇرا ھال كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى كىتابلارنىڭ تىراژىنىڭ نىسبىتىگە يېقىن. شۇڭا، بۇ نىشاننى خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ۋە كىتاب سېتىۋىلىشنى مىللىي ئۆرىپ- ئادىتىمىز ئىچىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرشكە يېتەكلەش كېرەك.
(1) توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراقلاردا مېھمانلارغا «ئاش تارتىش» تىن ئىبارەت مىللىي ئۆرىپ- ئادىتىمىزنى «كىتاب تارتىش» قا ئۆزگەرتىش.
[تەھلىل1] نوپۇسىمىزنى 10 مىليون، ئوتتۇرىچە يېشىمىزنى 70 ياش ھەمدە ھەر قايسى ياشلىقلار ئومۇمىي نوپۇسقا تەكشى تارقالغان دەپ قارىغاندا، ھەر قايسى ياشلىقلار تەخمىنەن 143 مىڭ بولىدۇ. بۇ، دىيارىمىزدا ھەر يىلى 143 مىڭ كىشىنىڭ توي قىلىش يېشىغا توشىدىغانلىقىنى،72 مىڭ (143 مىڭنىڭ يېرىمى) ئوغلىمىزنىڭ 7 ياشقا كېرىپ سۈننەت توي (ياكى ھەقىقىسىنى) قىلىدىغانلىقىنى، 143 مىڭ ئادەمنىڭ  ۋاپات بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىسىنى ياكى ئازنا ئاخشىمىنى قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ. دېمەك، يۇقارقى سانلارنىڭ يىغىندىسىدىن دىيارىمىزدا يىلىغا تەخمىنەن 360 مىڭ ئۇيغۇر (كۈنىگە 1 مىڭ ئادەم) توي- تۆكۈن ياكى نەزىر- چىراق (قىسقىچە مەرىكە دەپ ئاتايمىز) قىلىدۇ. ھەر بىر مەرىكەگە 200 دىن مېھمان تەكلىپ قىلسا ھەمدە ھەر بىر مېھمان ئۈچۈن 20 يۈەن سەرپ قىلسا، ئۇ ھالدا ھەر بىر مەرىكە ئۈچۈن 4000 يۈەندىن جەمئىي يىلىغا 1 440 000 000 (1 مىليارت 440 مىليون) يۈەن پۇل مەرىكە ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. (كۈنىگە تەخمىنەن 4 مىليون يۈەن).
(2) سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىمىزدىكى بىر قىسىم سوۋغاتلارنى كىتاب سوغىتىغا ئايلاندۇرۇش.
[تەھلىل2] سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىمىزدىكى ساۋغاتنى مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، بىرى ئالاھىدە سوۋغات (50 يۈەننىڭ يۇقىرىسىدىكى پۇل ياكى ماددىي بۇيۇملۇق سوۋغات)؛ يەنە بىرى ئادەتتىكى سوۋغات (50 يۈەن قىممىتىدىن تۆۋەن بولغان پۇل ياكى ماددىي بۇيۇم سوۋغىتى). بىزدە، «بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، يانمىساڭ سۇن تاۋىقىم» دەيدىغان گەپ بار، قىسقىسى، سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىمىزغا مەلۇم ۋاقىت بۆلىكىدە تەسىر كۆرسەتكەن بىلەن ئومۇمەن كىشىنىڭ كىشىدە قالمايدۇ. مەخسەتكە كەلسەك، ئالاھىدە سوۋغاتلار ئالاھىدە ئىھتىياجىمىز ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ، ئادەتتىكى سوۋغاتلار (رەخت، گۈل، قەنت- گېزەك ۋە باشقا يېمەكلىكلەر) بولسا، ئالاھىدە بولمىغان ئىھتىياجىمىز ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى سوۋغاتلارنى كىتاب سوغىتىغا ئايلاندۇرغاندا، تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ھەر بىر ئائىلە سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىگە ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %20 تىنى سەرپ قىلىدۇ  دەپ پەرەز قىلساق ھەمدە ھەر بىر ئائىلىدە 5 نوپۇس بار  دېيىلگىنىدە، ھەر بىر نوپۇسقا %4 دىن توغرا كېلىدۇ، ھەر بىر نوپۇسنىڭ كۈندىلىك كىرىمى 20 يۈەن  دېيىلگىنىدە، ھەر بىر نوپۇس كۈنىگە 0.8 يۈەنلىك سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىدۇ، 10 مىليون ئادەم كۈنىگە 8 مىليون يۈەن سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىدۇ.
ھەر بىر ئائىلىنىڭ سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىسىدىكى ئادەتتىكى سوۋغىتى ئومۇمىي سوۋغىتىنىڭ %25 تىنى ئىگەللەيدۇ دېسەك، يۇقارقى ھېساب بويىچە 10 مىليون ئادەم كۈنىگە 2 مىليون يۈەن ئادەتتىكى سوۋغات بېرىدۇ (ياكى قوبۇل قىلىدۇ). ئەلۋەتتە، بۇنىمۇ كىتابقا سەرپ قىلىشقا بولىدۇ. (ئەسكەرتىش: يۇقارقى سانلىق قىممەتلەرنى تار دائىرىلىك گۈزۈتۈش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويدۇم، ماتېرىيال ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ).
ئەمدى ھېسابلاپ كۆرەيلى، (1) دىكى 4 مىلىيون، (2) دىكى 2 مىلىيون، جەمئىي كۈنىگە 6 مىلىيون، يىلىغا 2 مىلىيارت 190 مىلىيون يۈەن پۇل يەپ ئېچىشكە خەجلىنىۋاتىدۇ.
بۇ توقچىلىق كۈنلەردە بۇنچىۋالا ئىقتىسادنى يەپ ئىچىشكىلا سەرپ قىلىش كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئاقلىغۇسىز مەسئۇلىيەتسىزلىك! شۇڭا، بۇ ئىقتىسادنى خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئاچ بولىۋاتقان مەنىۋىيىتىگە سەرپ قىلىش زۆرۈر.
[تەھلىل خۇلاسىسى] 10 مىليون نوپۇسنىڭ ھەر 5 ئى بىر ئائىلە دېگەندە دىيارىمىزدا 2 مىلىيون ئائىلە بولۇپ، يۇقارقى پۇلنى 2 مىلىيون ئائىلىگە بۆلگەندە، 1095 يۈەندىن توغرا كېلىدۇ، بىر كىتابنى 40 يۈەن دېگەندە، ھەر بىر ئائىلە يىلىغا 27 كىتاب سېتىۋالالايدۇ.
5. خەلقنى نىشانغا يېتەكلەش ئۇسۇللىرى
(1) ئۆرپ- ئادىتىمىزدىكى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان مەرىكەلەردىكى «ئاش تارتىش» لارنى يەنە بىر كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى:
باغاق بىرىمىز، مېھمانلار كېلىدۇ، ساھىپخانلار بىلەن كۆرىشىدۇ، مەرىكە ئورنىغا باشلايمىز، ئاش تارتىمىز، تاماقلانغاندىن كىيىن دۇئا قىلىدۇ، مېھمانلار خوشلۇشۇپ ئۇزايدۇ.
نىشانغا يېتەكلەش ئۇسۇلىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلايلى:
باغاق بىرىمىز، مېھمانلار كېلىدۇ، ساھىپخانلار بىلەن كۆرىشىدۇ، مەرىكە ئورنىغا باشلايمىز، كارتا ئالدۇرىمىز، ئاندىن كىيىن دۇئا قىلىدۇ، مېھمانلار خوشلۇشۇپ ئۇزايدۇ.
[كارتا ئالدۇرۇش تەسەۋۋۇرى]
رايونلىرىمىزدىكى ھەممە ئورۇننى قاپلىغان چوڭ كىتابخانىلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ھەر خىل قىممەتتىكى «ئىناۋەتلىك كىتاب كارتىسى» ياسىتىمىز، خىرىدار قولىدىكى بۇ كارتىنى پەقەت كىتابخانىدىلا پۇل ئورنىدا كىتاب ئىستىمال قىلالايدۇ.
ساھىپخان مەرىكەگە ئاتىغان پۇلىنى بۇرۇنقىدەك كالا-قوي، گۇرۇج- سەۋزە، مېۋە- سەي قاتارلىق يېمەكلىك سېتىۋېلىپ مەرىكەگە تەييارلىق قىلماستىن، پەقەت ئۆزى مەرىكەگە تەكلىپ قىلىدىغان ھەر بىر مېھمانغا 15~20 يۈەن قىممىتىدىكى كارتىنى سېتىۋىلىپ، يۇقىرىدا ئىيتقىنىمىزدەك، مېھمانلارغا شۇ كارتىدىن ئالدۇرۇپ دۇئا ئالغاندىن كېيىن مېھمانلارنى ئۇزاتسا بولىدۇ. (ئېشىپ قالغان كارتىنى كىتابخانىگە قايتۇرۇشقا بولىدۇ). بۇنداق بولغاندا، مەرىكە ئۈچۈن چوقۇم رېستۇران ياكى ئالاھىدە مەرىكە ئورنى بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئائىلىدە ياكى كەڭرى سەينادا مېھمان ئۇزاتقىلى بولىۋېرىدۇ، جامائىتىمىز بولسا، ھەر قايسى مەرىكەلەردىن يىغىلغان كارتىلارنى كىتابخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۆزى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان كىتابلارنى سېتىۋالسا بولدىدۇ، يىغىلغان كارتىلاردىكى پۇل قىممىتى سېتىۋالماقچى بولغان كىتابلىرىنىڭ باھاسىغا چىقىشمىسا، يېنىدىن نەخ پۇل يامىسا بولىدۇ. ياكى، ھازىرچە كىتاب سېتىۋېلىش پىلانى بولمىسا، ئادەتتىكى سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىگە ئىشلەتسە بولىدۇ.
شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، مەرىكىدە قان قىلىدىغان قائىدىمىز بار، چوقۇم كالا، قوي قان قىلمىساقمۇ بولىدۇ، قان قىلغۇچى ئۆي ئىچىنى ئاساس قىلىپ، مۇۋاپىق جانىۋاردىن بىرنى قان قىلساقمۇ بولىدۇ.
6. نىشانغا يېتەكلەيدىغان فۇنكسىيەلىك سېستىما بەرپا قىلىش
(1) شىركەت قۇرۇش
شىركەت ئىسمى: ئاقار شىركىتى (مەنىسى: ① بۇيرۇق مەنىسىدىكى «ئاقار»، يەنى «ئاقارغىن»، «ئاقارتىش» مەنىسىدە؛ ② پېئىل مەنىسىدىكى «ئاقار»، يەنى «قىلغان ئىشى ئاقىدىغان» مەنىسىدە؛ ③ ...
شىركەت ۋەزىپىسى: مەخسەتكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش.
تىجارەت دائىرىسى: يۇقارقى چوڭ سوممىلىق ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك نىشاننى چۆرىدىگەن ئاساستا تىجارەت قىلىش.
7. تېمىنى يورۇتۇش سوئال-جاۋابلىرى
(1) سوئال: تېمىنى خەلقنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەيمىز دەپ باشلاپ، ئەمەلىيەتتە كىتاب سېتىۋېلىشنىڭ گېپى بولۇپتۇ، ئىككىسى بىر گەپمۇ؟ سىزنىڭچە، كىتاب سېتىۋالغان ئادەم چوقۇم كىتاب ئوقۇمدۇ؟ نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە خىلى كىتابلار بار، لېكىن ئوقۇپ باقىدىغانلار ئاز، بۇ ئەمەلىيەت سېتىۋىلىش بىلەن ئوقۇشنىڭ بىر گەپ ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرمەمدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، ئىككىسى بىر گەپ ئەمەس، سىز دېگەندەك ئەھۋال بار. ئەمما، ھەممەيلەن بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ئەمەلىيەتتىن مىسال ئالساق، 25 يىللار ئىلگىرى بىز جۇڭگودا نېمە ئىش بولىۋاتىدۇ، دۇنيادىچۇ دېگەنلەرنى بىلمەيتۇق ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايتۇق، قاچانىكى ئۆيگە تېلېۋىزور كىردى، شۇندىن باشلاپ قىزىقىدىغان ۋە كۆرىدىغان بولدۇق، كۆرۈپ ئادەتلەنگەچكە، سىرتتىن ئۆيگە كىرىپلا قىلىدىغىنىمىز تېلېۋىزور ئېچىش، كىنو ياكى پروگراممىلارنى كۆرگىمىز بولسىمۇ كۆرىمىز، بولمىسۇ كۆرىمىز، ماختاپمۇ كۆرىمىز، تىللاپ تۇرۇپمۇ كۆرىمىز، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆيگە كىرسەك، تېلېۋىزوردىن باشقا خىلمۇ خىل كىتابلار بار بولسا، تېلېۋىزور ۋە باشقا مىدىئالاردا كىتابلارنى تەشۋىق قىلىپ تۇرساق، ئاندىن ئۇنىمۇ ئوقۇشقا تەدرىجى ئادەتلىنىمىز. ئۆيىمىزگە كىتاب كىرمەي تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن سۆز ئېچىش  مۈمكىن ئەمەس.
يەنە بىر تەرەپتىن، ھەممەيلەننىڭ ئۆيىدە كىتاب بار بولغاندا، ئون ئادەم ئىچىدىن بىرسى كىتاب ئوقۇپ قالغان بولىدۇ، ئۇلار بىر يەرگە كىلىپ قالغاندا، تۇرۇپلا شۇ كىتابتىكى ۋەقەلىكنى سۆزلەيدۇ، قالغانلار قىزىقىپ ئاڭلاپ، ئاخىرىدا «مەنمۇ بىر ئوقۇپ باقايچۇ شۇ كىتابنى» دەپ قالىدۇ؛ ياشلىرىمىز كۆپىنچە بىكار چاغلىرىدا بىر قانچە ئاغىنەلەر بىلەن بىللە يۈرىيدۇ، بىكارچىلىقتا، ھېلە بورت ئوينايدۇ، ھېلى قەرت ئوينايدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ زېرىكسە نېمە قىلىدۇ؟ شۇڭا، ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ گەپلىرىنى دېيىشىدۇ، شۇنداق قىلىپ تەدرىجى كىتاب ئوقۇش ئىشقى بىر- بىرىمىزگە تۇتىشىدۇ.
(2) سوئال: سىزنىڭچە، كىشىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەرىكەلەردىكى «ئاش تارتىش» تىن ئىبارەت ئەن- ئەنىسىنى سىزنىڭ گېپىڭىز بىلەنلا «كىتاب تارتىش» قا ئۆزگەرتىپ كېتەرمۇ؟
جاۋاب: بۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەن-ئەنىمىز بىزنىڭلا ئەن- ئەنەمىز بولماستىن، يەنە نۇرغۇن تۇركىي قەۋملەرنىڭ ۋە باشقا ئەرەپ، پارىس قاتارلىق قەۋملەرنىڭمۇ ئەن- ئەنىسى بولىشى مۈمكىن، لېكىن ھازىر بىزدىن باشقا قەۋملەر مەرىكىنى بۇنداق ئۆتكۈزىشى ناتايىن، ئۇلار ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئىسلاھ قىلىشتى. بىز ئۇيغۇرلار ئادەمخۇمار، كوللىكتىپ يىغىلىشلارغا ئەھمىيەت بېرىمىز، مەرىكىلەردە مېھمانلار كۆپ كەلسە باشقىچە ھاياجانلىنىپ شاتلىنىمىز. ئەلۋەتتە، بۇنى ئۆزگەرتمەيمىز ھەم ئۆزگەرتەلمەيمىز، پەقەت «ئاش تارتىش» نى «كىتاب تارتىش» قا ئۆزگەرتىشنى مەخسەت قىلماقچى. مېنىڭچە، تەشەببۇسنى مەيلى مەن ئوتتۇرىغا قوياي، مەيلى سىز ئوتتۇرىغا قويۇڭ، تەشەببۇس ئەقىلگە مۇۋاپىقلا بولسا خەلقىمىز ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ. مەسىلەن: يېقىنقى 10 يىل جەريانىدا خەلقىمىز ئارىسىدا ھىلى ئۆلۈم نەزىرىسىنى قىلسا بولمايدۇ دەپ كىشلەر ئۆلۈم نەزىرىسى قىلمايدىغان، ھىلى قىلمىسا قانداق بولىدۇ دەپ يەنە قىلىدىغان ئىشلار بولدى. بۇ ئىشلارنىڭ تەشەببۇسچىسى سىزنىڭچە كىم؟ يەنە مىسال ئالساق، ھاراق- تاماكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە 50 يىلغا يېقىن ئەن- ئەنىگە ئايلانغانىدى، توي مەرىكىلىرى ئۇنىڭسىز ئۆتمەيتى، ھازىر ياشلىرىمىز ئارىسىدا ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان شۇنداق بىر ياخشى ئادەت بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ تەشەببۇسچىسى كىم؟ روسىيەدەك بىر دۆلەت ئۆز خەلقىنىڭ ھاراق ئېچىش ئادىتىنى نەچچە رەت قانۇن چىقىرىپمۇ بۇنچىلىك ئۈنۈم كۆرمىگەن بولغىيتى، بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئۆزلىگىدىن شۇنداق قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ تەشەببۇسچىسى كىم؟ مېنىڭچە، بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئەمەلىيەتچىل، بۇنداق پايدىلىق ئىدىيەنى چوقۇم قوبۇل قىلىدۇ ۋە سىز- بىزدەك مۇتىئەسسىپلەرنى شۇلار ئىندەككە كەلتۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئىش مېنىڭچە، تامامەن مۈمكىن بولغان تەسەۋۋۇر.
(3) سوئال:بەزىلەرگە كۈنىگە 5~6 باغاق كېلىدۇ، بۇ مەرىكەلەرنىڭ ھەممىسىگە بارغىنىدا، «كىتاب كارتىسى» دىن يىلىغا 1000 كىتاب سېتىۋالغىدەك يىغىلىدۇ، بىر قانچە يىلغا قالماي ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان بارلىق كىتابلارنى سېتىۋېلىپ بولالايدۇ، شۇنداق بولغاندا ياقتۇرغان كىتابلاردىن بىر قانچىنى سېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟ ھەم ئوقۇپ بولۇشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: چوقۇم ئۇيغۇرچە كىتابلا سېتىۋېلىش شەرت ئەمەسقۇ؟ بىر ئائىلىدە خەنزۇچە ياكى باشقا تىل بىلىدىغان ئادەم بولىشى مۈمكىن، شۇنداقلارنى سېتىۋالىدۇ، ئەگەر ئۇنداقلار بولمىسا، كىتابقا تويۇنغان بولسا، باشقىلارغا ھەدىيە قىلسا بولىدىغۇ، چۈنكى، ئۇلار پولا يەيدىغان مەرىكەگە بارغاندىمۇ، تاۋىغا ئاساسەن غېزالىناتتىغۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش «كىتاب كارتىسى» نىمۇ تاۋىغا ئاساسەن ئالسىمۇ ياكى بارغان مەرىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن  ئالغان تەقدىردە ئىھتىياجلىقلارغا بەرسە بولىدىغۇ!  ياكى بولمايدۇ، ئاقار شىركىتى ئويلۇشۇپ، «كىتاب كارتىسى» غا كىتاب شىكاۋى قاتارلىق كىتابقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىمۇ ئويلاشسا بولىدۇ. ۋە ياكى توينى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزىشنى خالايدىغانلار بۇرۇنقىدەك قىز كۆچۈرۈشكە ئېسىل ماشىنىلارنى سېلىپ مۇھىت بۇلغايدىغان،  قاتناش قىستاڭچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا پۇلنى بۇزۇپ چاچماي، ئالىملىرىمىزنى، كارخانىچىلىرىمىزنى، چولپانلىرىمىزنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېرا، ياتاق، لېكسىيە ئورنى قاتارلىقلارنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرسە، ئاقار شىركىتى «كىتاب كارتىسى» غا لېكسىيە ئاڭلاشنى خالىغۇچىلارغا بېلەت سېتىپ بەرسە بولىدىغۇ، قىسقىسى، ئاقار شىركىتى ئاممىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن «كىتاب كارتىسى» نىڭ ئىستىمال دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.
(4) سوئال:تورنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىتابخۇمارلار ئىھتىياجىنى توردىكى يازمىلاردىن قاندۇرىۋاتىدۇ، يەنە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەر قانداق كىتاب توردىن تېپىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. دېمەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن «كىتاب كارتىسى» ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقۇتامدۇ- قانداق؟
جاۋاب: كىتاب يەنىلا كىتاب، ئۇنىڭ ئورنىنى تور ۋە باشقا ھىچقانداق نەرسە پۈتۈنلەي ئېلىپ كېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئېلىپ كەتسە، توردىكى كىتابلارمۇ ھەقسىز بولمايدۇ، ئەلۋەتتە، شۇڭا، شۇ چاغدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، شىركەت بۇنىمۇ ئويلىشىدۇ.
(5) سوئال: دۆلەت نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، يېزا قىشلاقلارغىچە كۈتۈپخانا سېلىپ، نۇرغۇن كىتابلار بىلەن تەمىنلىدى، ئەمما، كۈتۈپخانىگە كىرىدىغان ئادەم يوق. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ بىر ئارتۇقچى ئىشمۇ- قانداق؟
جاۋاب: ئۇ كۈتۈپخانىلەرنىڭ بىكار تۇرىشىدا بىر قانچە سەۋەب بولىشى مۈمكىن. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان ئادەمنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق، يېزا- قىشلاقلاردىكى كۈتۈپخانىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ كىرگەن- كىرمىگەنلىكىنى مەن تېلېۋىزوردىن كۆرگەندىن باشقا، نەق مەيداننى كۆرمىگەن، شۇڭا، بۇ ھەقتە كۆرگەنلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقساق.
(6) سوئال:
جاۋاب:
......
(قالغان سوئال- جاۋابلار تور ئەھلىگە قالدۇرۇلدى)
8. سۆز ئاخىرى
مەن بۇ تەسەۋۋۇرنى قىلغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان، ئاڭلىغانلاردىن بەزىلەر «ياخشى تەسەۋۋۇر ئىكەن» دېسە، بەزىلەر مازاق قىلغانمۇ بولغان. يېقىندا «ئادەم مېڭىسى دولقۇن تارقىتىدىغانلىقى، شۇڭا ياخشى ئىدىيە ياخشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى...» توغرىسىدا بىر يازمىنى ئوقۇپ، مەزكۇر تەسەۋۋۇرىمنى ياخشىلەرنىڭ ھوزۇرىغا يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇندۇم.
ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۇنىڭ ئىقتىدارى، سالاھىيىتى ۋە ئىقتىسادىن باشقا، ئۇ تەۋە بولغان توپنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى بەلگىلەيدۇ»، دېمەك، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دۆلەتنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالماستىن، ھەر بىرىمىزنىڭ مەنپەئىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسئۇلىيىتىمىز. شۇڭا، بۇ ھامان بىز بېسىشقا تېگىشلىك يول.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئەگەر بۇ تەسەۋۋۇرغا پىكىر قاتناشتۇرۇشنى خالىسىڭىز، كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن پىكىر بايان قىلماي، «مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قوشۇلىمەن ياكى قوشۇلمايمەن...» شەكلىدە پىكىر بايان قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەپسىلى پىكىر بايان قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىسىڭىز، «ئەلا»،  «ناچار» دىن ئىبارەت باھا كۆزنىكىنى بېسىش ئارقىلىق، «قوشۇلىمەن»،  «قوشۇلمايمەن» نى ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ. ھېسسىياتقا بېرىلمەي، ئۆزىڭىز ئۆتكۈزۈشكە ھوقۇقلۇق مەرىكىلەرنى يۇقارقى تەسەۋۋۇر بويىچە ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان- قىلالمايدىغانلىقىڭىزغا ئاساسەن پىكىر بايان قىلىڭ ياكى باھا كونۇپكىسىنى بېسىڭ.
ئەگەر پات يېقىندا يۇقارقى تەسەۋۋۇر بويىچە مەرىكە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلار بولسا، ئىنكاسقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى يېزىپ قويسىڭىز، تېگىشلىك مەسلىھەت ياردىمىمنى ئايىمايمەن، قەشقەر شەھرىدە بولسىڭىز، قول تېقىپ مەرىكىڭىزگە ھەمكارلىشىمەن.
يۇقارقى «ئاقار شىركىتى» مۇ ھازىرچە بىر تەسەۋۋۇر، قىززىققۇچىلارنىڭ ئويلۇنۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.


17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4364
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 06:14:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-5 06:20  

كىتاپ بىسىشنىڭ گىپى چىقسىلا قەغىزىنى پالانى دۆلەتتىن... خەلىق كۈتىرەلىگۈدەك قەغەزدىن بىسىپ چىقىرىپ، ژۇرنالغا ئوخشاش باھادا نامرات خەلىققە تارقىتىش كېرەك، پۇلى بار، شارائىتى بارلار ئامالىنى قىلالايدۇ...
سالاملاشقاندا ‹‹تاماق يىدىڭمۇ ›› دەپ سالاملىشىدىغان نەچچە مىللەت باردۇ؟...يەنە ئۈتكەندە يىيىش پادىشاھى ئىككى ئايال بىلەن يىيىشتە بەسلەشتى، يىيىش پادىشاھى يىيىشكە ھەۋەس قىلىدۇ... مۇشۇنداق بىرنىمىلەرنى كۆرۈۋدىم توردا...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

529

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24578
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 08:20:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان گەپ بوپتۇ ئەمەلگەئاشۇرۇشقا تىرىشساق ئۆنۆمىنى كۆگىلى بولا  

0

تېما

12

دوست

4153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1270
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 08:55:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىنىپ سۇكۇتكە چومدۇم ؟

0

تېما

0

دوست

918

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23629
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 09:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشقا كۆپ كۆچ چىقرىشقا تۇغرا كىلدۇ ،تەشۋىق تەربىيە تۇلوق بۇلشى كىرەك كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ قۇبۇل قىلشى تەسرەك بۇلۇپمۇ ئاياللار ،شۇڭا پايدا زىيىننى چوشەدۇرۆپ ئاستا ئاستا يىتەكلەش كىرەك.

10

تېما

1

دوست

2433

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 762
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 11:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ، مەنمۇ بىر كىتاب ھەۋەسكارى بولۇش سۈپۈتۇم بىلەن قولايمەن ، مەنمۇ ئويلىغان بىزمۇ بىر بىرىمىزنىڭ ئۆيگە يىغىلىپ ،ئەر ئايال ھىيتلايمىز، بۇ سورۇنغا يا پۇل ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ بارىمىز ، بىز مۇشۇ سوۋغاتلارنىڭ ئورۇنىغا كىتاب ئىلىپ بارساق بۇمۇ بىر تۇرمۇشىمىزدا چوڭ بۇرۇلۇش بولۇپ قالاتتى ، ھەم ئۈزەم بۇ ئۇسۇلنى بىر سىناپ باقماقچى بولۋاتىمەن، ئالا ھەمىمىزنىڭ بۇ ياخشى نىتەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىشلىرىمىزنى ئوڭ قىلسۇن...

10

تېما

1

دوست

2433

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 762
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 11:16:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر گەپ مۇشۇ توردا يەنى(تاۋباۋغا ئوخشاش)مۇقۇم ئولتۇرۇپ كىتاب ساتىدىغان ماگىزىنىڭ بولماسلىقىمۇ بىر ناھايتى چوڭ بوشلۇق ، قاراپ باقسام http://izdinix.taobao.com/   http://www.kitapyurti.com/   http://www.ozqutbook.com/main.asp    توردا مۇشۇ 3 كىتاب سېتىش نوقتىسى بار ئىكەن بىراق بۇلار بىلەن ئالاقىلاشسام بىرسى كىتاب سېلىشنى توختاتۇق دەيدۇ ، بىرسى بىلەن ئالاقىلشسام جاۋاب قايتۇرمىدى، شۇنداق قىلىپ بۇ تور بەتلەرنىڭ بىزگە نەپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ، شۇ سەۋەبتىن يوقۇردا دىگىنىمدەك ئارىمىزدىن بىرەرىمىز چىقىپ مۇشۇ توردا كىتاب تۈرلىرى مول بولغان بىرەر كىتاب سېتىش دۇكۇنى ئاچساق كەڭ كىتاب ئوقۇرمەنلىرىنىڭمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىتاب سېتۋالساق ، چۈنكى بىزنىڭ بۇ ناھيە ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرچە كىتاب تۈرلىرى بەك ئاز ، يېڭى چىقان كىتابلار ۋاختىدا كەلمەيدۇ ھەم كەلمەيلا قويىدۇ، بىز ئىزدىگەن كىتابلار تېپىلمايدۇ........

0

تېما

2

دوست

929

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   85.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18376
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 12:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kademeorman يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 11:16
يەنە بىر گەپ مۇشۇ توردا يەنى(تاۋباۋغا ئوخشاش)مۇقۇم ئول ...

مەن مۇشۇ  بالىدىن  كىتاپ  http://paraset.taobao.com/?v=1  سېتۋالمەن   ھەم سىزگە  تەۋسىيە  قىلمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )