شىنجاڭدا پاسپورت بېجىرىشتىكى يېڭى سىياسەت
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بىر يۈرۈش قولايلىق چېگرىدىن كىرىش- چىقىش تەدبىرلىرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى
بۇ يىل(2013-يىل) 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نازارەت يېقىندا ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش خەلىققە پايدىلىق تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ تەدبىرلەر پۇخرالارنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىش ۋە نوپۇس رەسمىيەتلىرىگە چېتىلىدۇ.
1. پاسپورت بېجىرىش، نوپۇس رەسمىيەتلىرىنى "بىر بېكەت"تىلا ھەل قىلىش
بۇنىڭدىن كېين پاسپورت بېجىرمەكچى بولغانلار، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تامغىلىرىنى باستۇرمىسىمۇ بولىدۇ، چېگرىدىن كىرىپ-چىقىشقا مەسئۇل ساقچىلار ساندان ئارقىلىق بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ، دەلىللىسىلا بولىدۇ.
نۆۋەتتە، بۇ خىل "بىر بېكەتلىك" مۇلازىمەت تۈزۈمى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشقا، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە يولغا قويۇلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈرۈمچى كىلەر يىلىنىڭ بېشىدا بۇ خىل مۇلازىمەتنى باشلايدۇ. "بىر بېكەتلىك" مۇلازىمەت تۈزۈمى دېگىنىمىز، چېگرىدىن كىرىپ- چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى چېگرىدىن كىرىپ- چىقىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئۇنىڭدىن باشقا، نوپۇس رەسمىيەتلىرىنى بېجرىشتىمۇ "بىر بېكەتلىك" مۇلازىمەت" تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېين، ئامما نوپۇس رەسمىيەتلىرنى بېجىرىشتە تارماق، ناھىيلىك دېگەندەك ھەر قايسى ساقچىخانىلار ئارىسىدا چېپىپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ تارماق ساقچىخانىسى، سايباغ تارماق ساقچىخانىسى ۋە قەشقەر يەكەن ناھىيلىك ساقچىخانىلار "بىر بېكەتلىك" نوپۇس رەسمىيەتلىرى بېجىرىش زالىنى ئىشقا
كىرىشتۈرۈپ بولدى. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، بۇ خىل مۇلازىمەت شەكلى شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساقچىخانىلارغا كېڭىيىدۇ.
2. 10 ئوبلاست، شەھەر پۇخرالىرى ئۆز رايونىدىن ئىككىنجى قېتىملىق ساياھەت پاسپورتى ئىلتىماس قىلالايدۇ
ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرىدىن كىرىپ- چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسنىڭ باشلىقى سۈيپىېڭنىڭ دېيشىچە، 2013- يىلى شىنجاڭدىن چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىدىغانلارنىڭ سانى 35566 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2005- يىلىدىكى 8708 ئادەم قېتىمدىكىدىن %308 ئاشقان.
ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرىدىن كىرىپ- چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قارار قىلىپ، ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزە، تۇرپان، قۇمۇل، سانجى، بۆرتالا ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق 10 ئوبلاست، شەھەرنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىلىك ئورگانلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ- چىقىشنى باشقۇرۇش بۆلۈملىرىگە ساياھەت پاسپورتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردى. 2- قېتىملىق ساياھەت پاسپورتىغا ئىلتىماس قىلغاندا، بىۋاستە مۇشۇ 10 ئوبلاست، شەھەرنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىلىك ئورگانلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ- چىقىشنى باشقۇرۇش بۆلۈملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ، ئۆز تەۋەسىدە بېجىرسە بولىدۇ.
3. ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد كىملىكىنى ئالدىن بېجىرىش
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد كىملىكىنى بېجىرىشتە، "ئالاھىدە ئىشقا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىش" پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، ئالدىن قوبۇل قىلش، كىملىك ئۇچۇرلىنى ئالدىن يوللاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغانلارغا مەخسۇس قىزىق لىنىيلىك تېلفۇن تەسىس قىلىپ 0991-5586305 ، ئوقۇغۇچىلار تېلفۇن ياكى ساقچى نازارىتىنىڭ تەڭرىتاغ ساقچى تورى (http://www.xjgat.gov.cn) ئارقىلىق كىملىك بېجىرىلىش سۈرئىتىنى تەكشۈرەلەيدۇ.
4. باشقا يەردە كىنىشكە بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش
شىنجاڭكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىچكرىدە ياكى شىنجاڭنىڭ باشقا يەرلىرىدە خىزمەت قىلىش، ئولتۇراقلىشىش قاتارلىق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا قايتىپ ئىككىنجى ئەۋلاد كىملىك بېجىرەلمەسلىك مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2007- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى رەسىم بىلەن دەلىللەش سۇپىسىنى ئاچقان بولۇپ، باشقا يۇرتلاردا تۇرۇپ ئىككىنجى ئەۋلاد كىملىك بېجىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ھازىر بۇ ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى مۇكەممەللىشىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ئېشىۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر، باشقا يەردە تۇرۇپ بېجىرگەن كىملىكنىڭ سانى 441700 دىن ئاشتى.
5. ئىككىنجى ئەۋلاد كىملىك بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىش
"جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى پۇخرالار كىملىك قانۇنى"دا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى پۇخرالار كىملىك بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە كىملىكنى بېجىرىپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك؛ قاتناش قولايسىز رايونلاردا بېجىرىش ۋاقتىنى مۇناسىپ ئۇزارتسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. 2006- يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئىككىنجى ئەۋلاد كىملىك ئالماشتۇرۇشتا، رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورگانلار ئادەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كىمىلىك بېجىرىپ تارقاتتى. لېكىن بىر قىسىم لاياقەتسىز كىملىك ئۇچۇرلىرى
ۋاقتىدا يېڭىلنىپ يوللانمىغاچ، بېجىرىش ۋاقتىغا دەخلى يەتتى.بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئاكتىپلىق بىلەن كىنىشكا ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاپ، شۇنداقلا ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ لاياقەتسىز كىملىك ئۇچۇرلىرىنى يڭىلىش ۋە يوللاشقا بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە كىملىك بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ.
مەنبە: خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
http://www.ts.cn/homepage/conten ... htm?COLLCC=30490971
|