- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4558
- نادىر
- 0
- يازما
- 277
ئۆسۈش
85.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا darya99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-7 19:20
كىچىك مۇلاھىزىلەر
* مەلۇم نۇپۇزلۇق گېزىتنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزىم ئەمىليىتىگە قارايدىغان بولساق، فىئودالىزىم، كاپتالىزىمنىڭ چىرىك مەدىنيىتىنىڭ تەسىرى، ئوخشىمىغان رايۇن- قاتلاملار، ئوخشىمىغان مەسىللەردە ، ئوخشىمىغان ياش،ئۆتمۇش، تەربىيلىنىش دەرىجىسى بويىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلانغان .ئاپتۇر نۇرغۇن ناچار ھادىسلەرنى تۇتقا قىلىپ كۆز قارشىنى ئىسپاتلىغان.
خىلمۇ-خىل ناچار ھادىسىلەر، ئەمىليەتتە فىئودالىزىمنىڭ چىرىك ئىدىيە-مەدەنيەتلىرىنىڭ تەسىرى .فىئودالىزىم جۇڭگونى 2000 يىلدىن ئارتۇق ئىدارە قىلدى، كونا دېمگۇراتىك ئىنقىلاپ، يېڭى دېمگۇراتىك ئىنقىلاپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپلارنىڭ ھەممىسى ئۈزۈل-كېسىل بولمىدى، زەھەر يەنىلا قەدىمدىن بۈگۈنكىچە كىشلەرنى زەھەرلەۋاتىدۇ. كاپتالىزىمنىڭ چىرىك ئىدىيە-مەدىنيەتلىرىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ خۇددى بۇرۇنقىلار ئېيىتقاندەك «ئېچىۋەتتۇق، چىۋىن، پاشىلار ھەممىڭلار كىرىڭلار» دېگەندەكلا بولدى.ئەمما بەزى مەسلىنى ھازىرقى كىشلەر چۈشىنەلمىدى، كاپتالىزىمنىڭ چىرىك ئىدىيە- مەدىنيەتلىرى كاپتالىزىمنىڭ ئۆزىدە بولماي قانداقلارچە بىزدە بۇنچە ئېغىر بولىدۇ؟ دۆلىتىمىزدىكى خىيانەتچى-پارىخورلار نېمىشقا ئۇلاردىن كۆپ بولىدۇ؟دۆلىتىمىز كىشلىرىنىڭ ئەخلاق ، مەدىنيەت سەۋىيىسى نېمىشقا ئۇلاردىن ناچار بولىدۇ؟ساخاۋەتچىلەر نېمىشقا ئۇلاردىن ئاز بولىدۇ؟ساختىلىق ۋە ناچارلىق نېمىشقا ئۇلاردىن كۆپ بولىدۇ؟ قاتارلىقلار.ئومۇملاشتۇرغاندا، كاپتالىزىمنىڭ چىرىك مەدىنيەت- ئىدىيەلىرى نېمىشقا كاپتالىزىم دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئاممىغا تەسىر قىلمايدۇ ؟نېمىشقا سوتسىيالىزىمغا بولغان تەسىرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ؟كىم بۇنىڭ سەۋەبىنى بۈگۈنكىلەر ئىشىنىپ قايىل بولغۇدەك جاۋاپ بېرەلەيدۇ؟
بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تۈزۈلمىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشمىز زۆرۈرمۇ-ئەمەسمۇ؟ تۈزۈلمىدە مەسلە بارمۇ يوق؟ ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيە-مەدىنيىتىمىزدە چىرىكلىك مەسلىسى بارمۇ-يوق؟ بىزنىڭ تۇپرىقىمىزغا پاشا-چىۋىنلار شۇنچە ئاسان ماسلىشىپ كېتەلەمدۇ؟ئەگەر ئۆزىمىزدىكى كېسەلنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالمىساق ،جىنايەت ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى فىئودالىزىم بىلەن كاپتالىزىمغا ئىتتىرىپ قويساق، بۇ قورقۇنچلۇق ،سەلبى ھادىسلەرنى تۈزىتىشكە ئامالسىز قالىمىز.
*مەلۇم ئاپتۇر « خەلىق قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ ئۆلچەملىك گېپى» تېمىسىدا فىليەتۇن يېزىپ ۋەكىللەرگە يىغىندىن بۇرۇن كۆرسىتىپتۇ،بۇ يىغىندا ۋە يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا دېيىلدىغان ئۆلچەملىك گەپلەر بۇلۇپ، ئەمىليەتتە ھەقىقەتەن ئۆلچەملىك يۈرۈشلۈك گەپلەركەن. مەن تۇيۇقسىز بىر نەپەر كونا خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلىنى ئەسلەپ قالدىم، شۇ يىلى قۇرۇلتاي ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن، يۇرتقا قايتىپ كەلگەندە پويىز بېكىتىگە زىيارەتكە چىققان مۇخبىرلارغا « ئۈچتە چوقۇم» نى ئېيىتقان ئىدى بىرىنچىسى : قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ياخشى ئۆگىنىمەن. ئىككىنچىسى :چوقۇم پارتىيە ھۆكۈمەت بىلەن پىكىر بىردەكلىكىنى ساقلايمەن . ئۈچىنچىسى: چوقۇم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايمەن. بىراق بۇ ئۆلچەملىك گەپكە تەۋە ئەمەس، پەقەت گالۋاڭنىڭ گېپى. گالۋاڭلىقنىڭ بىرى ۋەكىل بولغۇچى ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئاچىدىغىنى خەلىقنىڭ قۇرۇلتىيى،ئۇ پارتىيەنىڭ قۇرۇلتىيى ئەمەس، « بىردەكلىكنى ساقلاش » نىڭ سەۋەبىمۇ ئەمەس. گالۋاڭلىقنىڭ ئىككىنچىسى ۋەكىل بولغۇچى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىلمەسلىك . يىغىن ۋاقتىدا ھۆكۈمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىپ قايتقاندىن كېيىن يىغىن روھىنى يەتكۈزۈپ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نازارەت قىلىشتۇر.ياخشى ئۆگىنىش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەش ئەمەس.
* مەلۇم مەكتەپ ئوقۇش باشلىنىپ ئىككى ئاي ئىچىدە بەش يۈرۈش مەكتەپ تەكشۈرۈشنى كۈتىۋاپتۇ. تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈلدىكەن .تەكشۈرگۈچىلەر ناھايتى جاپا چېكىپتۇ، چۈشتىن بۇۇن بۇ ئائىلىنى تەكشۈرسە، چۈشتىن كېيىن يەنە بىر ئائىلىنى تەكشۈرىدىكەن، چۈشلىكى ئاراممۇ ئالالمايدىكەن،. تەكشۈرۈلگۈچىگىمۇ ئاۋارىچىلىق كۆپ ئىكەن، ئىشتىن بۇرۇن يازما ماتىرياللارنى تەقلەپ، ۋاقتىدا ماشىنا ئەۋەتىپ كۈتۈۋالىدىكەن ، كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خادىملار ئۇلارغا ھەمرا بولمىسا بولمايدىكەن. ھازىر تاماقخانىلاردا، ئايرىمخانىلاردا چۈشلۈك تاماق يېيىشكە رۇخسەت قىلىنمىغاچقا، كۆپچىلىكنى ئاچ قورساق يولغا سېلىشنىڭ ئورنى يوق ، كوللىكتىپ ئاشخانىغا كىرىپ ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇپ ئاددى تاماقلىنىشى زۆرۈركەن. ياخشى يېرى ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ كېلىشى ئوخشىمىسىمۇ، تەكشۈرۈش مەزمۇنى چوڭ ياكى كىچىك بولسىمۇ يازما ماتىرياللار ئوغىرلىقچە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، بېشىدىكى ئازراق يېرىنى ئۆزگەرتىپلا خەت شەكلىنى ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىپلا تاپشۇرۇشقا بولىدىكەن.
مۇشۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى شۇنچە زۆرۈرمۇ؟ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئاجراتقان يۇقىرىدىكىلەر ئۈچۈنغۇ زۆرۈر، ھۆكۈمەت ئىشىنى تەرتىپ بىلەن بېجىرىش كېرەك، لېكىن تەكشۈرۈشنىڭ كۆپ قىسىمى مېنىڭچە ئېشىپ كەتكەن .ئوقۇش باشلىنىشى بىلەنلا تەكشۈرۈش باشلىنىشنىڭ ھېچقانچە مەنىسى يوق، قايسى مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتۇشنى قانداق باشلاشنى بىلمەيدۇ؟ باش مۇدىر بولمىسا مۇئاۋىن مۇدىرمۇ ئوقۇشنى قانداق باشلاشنى بىلىدۇ، ئۇمۇ بولمىسا ھەرقايسى بۆلۈم-ئىشخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئۇقۇشنى تەرتىپلىك باشلىيالايدۇ. يۇقىرىدىكىلەر خاتىرجەم بولالماي، ئوقۇتقۇچىلارنى پاتپاراق قىلىپ ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى بارمۇ؟
شەكىلۋازلىق قىلىپ تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن ئىسراپچىلىق، يۇقىرى-تۆۋەن ئازغىنە ۋاقىتنى تېجەپ بەزى ئۈنۈملۈك ، ئەمىلىي ئىشلارنى قىلىش تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ!
*جەنۇپ ھەپتىلىكىنىڭ 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7- كۈنىدىكى سانىغا مۇخبىرنىڭ چوڭ ھەجىملىك « شەنشىلىك ئەمەلدار ئۆينى بىكارلىدى » تېمىسىدىكى زىيارەت خەۋىرى بېسىلدى.ئۇنىڭدا كىشىنى ئويغا سالىدىغان بىر خەۋەر ئاشكارلانغان، « ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىشقەدەم رەھبىرى پېنسىيونىرى لى لىگوڭ، شېن لىيەنبىن، ئۆلكىلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمى ھەيئىتى لوگوڭشۈن، ياڭ ئەنخې، جىن شەنچوڭ قاتارلىق 6 نەپەر پىشقەدەم پىنسىيونىر يولداشلار 720 كۇۋادىراتلىق ئىشخانا ئۆينى قايتۇرۇپ بەردى. مەن بېشىدىلا تەئەججۈپلەندىم ھەم قايىل بولدۇم، ھەيران قالارلىقى بۇ پىشقەدەم رەھبەرلەر نىڭ پېنسىيىگە چىققىنىغا ئاللىقاچان ئوننەچچە يىلدىن 20 يىلغىچە بولغىنى ئىدى، قانداقسىگە شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئەسلىدىكى ئىشخانىنى ئىگەللىۋېلىپ بوشىتىپ بەرمەيدۇ؟ مۇقەررەركى ئالاھىدە ئىمتىياز بەكلا ئېغىر، ئەمەلدارلىق كىبىرى چۈشمىگەن.شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن بېرى قانداقلارچە ھېچكىم بۇ ئىشخانىلارنى قايتۇرىۋالمىغان؟ مۇقەررەركى ئىمتىيازغا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، چوڭ ئەمەلدار- غوجاملارنىڭ چىشىغا تېگىشتىن قورققان، بىراق يەنە بىر ئويلاپ باقساق بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ، ئۇچۇقلا پۇقرانى بوزەك قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز، بۇمۇ قايىل قىلارلىق مەنە.
بۇ پىشقەدەم رەھبەرلەر « خەلىق ئۈچۈن» يېرىم ئۆمۈر كۈرەش قىلدى، « خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» نىڭ مەنىسى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ قېنىدىن ئۆتۈپ، سۆڭەكلىرىگىچە سىڭىپ كەتتى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پېنسىيىگە چىقىپلا داۋاملىق « خەلىق ئۈچۈن » خىزمەت قىلالمىسا ، كۆنەلمىسە، ھۇزۇرلىنالمىسا ، ئۆزى پېنسىيىگە چىقسىمۇ كۆڭلى خالىمىسا، كۆڭلۈم خالىمىدى دەپ ئىشخانىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىسە قانداق بولىدۇ؟ ئىشخانىنى ئەپقېلىش بولسا مەن پېنسىيىگە چىققان بىلەن قەلبىم چىقمىدى، مېنىڭ بۇ « خەلىق ئۈچۈن» خىزمەت قىلىدىغان يۈرىكىم ئۆمۈرلۈك باقىبەندە دېگەننى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر، يۈكسەك روھقا ئىگە ئۆلكە دەرىجىلىك پىشقەدەم رەھبەرلەر نېمىدىگەن قەدىرلىك، سۆيۈملۈك ھە ! سىزنىڭچە توغرىمۇ ؟
ئەسلى ئەسەر ئىمزاسىز بولغاچقا ئەسەر ئاپتۇرىنى يېزىشقا ئىمكانسىز قالدىم ،كەچۈرۈڭلار!
مەنبە :http://www.chinazawen.cn/?cat=20 |
|