قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5723|ئىنكاس: 21

تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى ۋە ساتقىن لى شۇفۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

65

تېما

0

دوست

3462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  128
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 792
تۆھپە : 519
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 23:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
تۆمۈر خەلىپە قوزغىلڭى ۋە ساتقىن لى شۇفۇ
مۇھەممەت يۈسۈپ



          شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى _ 1912-يىلى كۆتۈرۈلگەن تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلىرى قوزغىلىڭى توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەر يېزىلدى . مەن بۇ ماقالىدە ئاساسەن بۇ قوزغىلاڭنىڭ پاجىئەلىك باستۇرۇلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، « قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىش » بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى ئالداپ، قانخور ياڭ زېڭشىننىڭ قىلتىقىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن دىنىي مۇناپىق لى شۇفۇنىڭ قىلمىشلىرى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.  
         تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى قۇمۇل ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مىللىي، سىنىپىي زۇلۇمغا قارشى ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ بولۇپ، قوزغىلاڭنىڭ ئوت يالقۇنى قۇمۇل خەلقىنىڭ  قوللاپ- قوللىشىغا ئېرىشپلا قالماستىن، بەلكى تۇرپان خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن . قوزغىلاڭچىلار كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىپ، زور غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ تەختى-بەختىنى تەۋرىتىپ، ياڭ زېڭشىننىڭ فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن . ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭنى قوراللىق باستۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ئەسكەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئېغىر چىقىم تارتقان . قوزغىلاڭنى قاتتىق ۋاسىتە بىلەن باستۇرۇشقا كۆزى يەتمىگەن ياڭ زېڭشىن يۇمشاق ۋاسىتە بىلەن قىلتاققا چۈشۈرۈش چارىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان ( ئاتاقلىق ئالىم ، يازغۇچى، شائىر مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندى تارىخىي رومانى « ئىز » دا قوزغىلاڭنىڭ جەريانى ۋە ئۇنىڭ پاجىئەلىك باستۇرۇلغانلىقىنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا بەدىئىي ۋاسىتە بىلەن يورۇتۇپ بەرگەنىدى) .

         1912-يىلى 9-ئايدا ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلىپىنى ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئالداش ئۈچۈن لى شۇفۇنى ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن قۇمۇلغا ئەۋەتگەن . 1913-يىلى 3- ئايدا، لى شۇفۇ ئۆزى باشچىلىق قىلغان بىر نەچچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن باشقا، خۇيزۇ ئاخۇنلاردىن فېن ئاخۇن باشچىلىقىدىكى ئىسلام ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، نۇرغۇن سوۋغات ئېلىپ قۇرئان كۆتەرگەن ھالدا قورايغا چىقىپ، تۆمۈر خەلىپە بىلەن سۆھبەتلەشكەن ( لى شۇفۇ قورايغا چىقىشتىن ئىلگىرى ياڭ زېڭشىننىڭ ئالدامچىلىق بىلەن تولغان بىر پارچە خېتىنى تۆمۈر خەلىپىنىڭ يېقىنى مۇھەممەتجان ئەبزى (تاتار ) ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن، لېكىن تۆمۈر خەلىپە تەسلىم بولۇشنى قەتئىي رەت قىلغان ) . لى شۇفۇ تۆمۈر  خەلىپە بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن مۇنداق دىگەن: « ياڭ زېڭشىن سىزنى بەك چۈشىنىدۇ، سىز قۇمۇلدا چىقارغان ئىش قۇمۇل ۋاڭنىڭ نامۇۋاپىق تۈزۈملىرىگە قارشى چىقىش بولۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغانلىق ئەمەس . ھازىرقى ھۆكۈمەت گۇناھسىز، پۇقرالارنى ئاسرايدۇ، سىزلەرگە ھەرگىز گۇناھ ئارتمايدۇ. ياڭ زېڭشىن سىزنى بەك ماختايدۇ، سىزنى باتۇر، جەڭ قىلىشقا ئۇستا، دەيدۇ. سىزگە ئوخشاش كىشىلەر دۆلەت ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىدارلىق كىشىلەر بولۇپ ، سىزنىڭ ئۆلكىگە چىقىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتنىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز . » ئۇ يەنە : « ياڭ زېڭشىن سىزگە ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دېھقانلارغا بەكمۇ ھېسداشلىق قىلىدۇ، ھازىر مىنگو ( پۇقرالار دۆلىتى ) قۇرۇلۇپ، ھەممە ئادەم باراۋەر بولدى. تاغدىكى دېھقانلار ۋاڭنىڭ باشقۇرۇشىغا قاراشنى خالىمىسا، قۇمۇل ناھىيىسى ( قۇمۇل دىۋان ۋازارەت ھۆكۈمىتى )گە قارىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. باش تۇتۇق ياڭ زېڭشىن قۇمۇل ۋاڭنىڭ دېھقانلاردىن ئالىدىغان سېلىقىنى كېمەيتىپ ئېلىشغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، قوزغىلاڭغا قاتناشقانلاردىن ئۆتكەن ئىشنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ » دىگەن . لى شۇفۇ تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەي، دەر گۇمان بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ، تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بېرىپ ، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرگەن . ئاخىرىدا 6 ماددىلىق كېلىشىم تۈزۈلگەن . تۆمۈر خەلىپە 130 ئادىمى بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققان . ياڭ زېڭشىن ئۇنى ئاتلىق ئەسكەرلەر 3-يىڭنىڭ يىڭجاڭلىقىغا تەيىنلىگەن ، ئۇلار لومەنچېڭ ( ھازىرقى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ ) دا تۇرغان ،كىشىلەر تەرىپىدىن تېتۇڭلىڭ ( باش چېرىك باشلىقى تۆمۈر ) دەپ ئاتالغان. تۆمۈر خەلىپە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان. بىر يىل ئۆتمەيلا تۆمۈر خەلىپە ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي ئالدانغانلىقىنى سېزىپ ، تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مويدىن بىلەن بىرلىشىپ قايتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، مىللىي مۇناپىق مەمەتقۇلى ( تەرجىمان )نىڭ ساتقىنلىق قىلىشى ئارقىسىدا ئاشكارىلىنىپ قالغان . 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ياڭ زېڭشىن باش چېرىك باشلىقى ما فۇشېڭغا باش چېرىك باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى « ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرماقچى بولدى » دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئالغان ، ئۇنى ياڭ زېڭشىن ئۆزى بىۋاسىتە سوراق قىلغان، سوراققا ما فۇشېڭ ، تەرجىمان مەمەتقۇلىمۇ قاتناشقان . قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى تۆمۈر شۇ كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنى سوراق قىلىشقا خائىن مەمەتقۇلىمۇ بىۋاسىتە قول سالغان ھەمدە ئۆزىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن . تۆمۈر خەلىپە بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققان قوزغىلاڭچىلار « يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىدۇ » دېگەن ھىيلە بىلەن قۇمۇلغا يولغا سېلىپ قويۇلغان . ئۇلار مورى ناھىيىسىنىڭ چوڭتاش دېگەن يېرىگە كەلگەندە، يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يوقىتىشقا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ياڭ زېڭشىن ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغان . يالغۇز بىر كىشى، قۇمۇلنىڭ ئېدىر يېزىسىلىق ئەنسارى ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ ، ئۆلمەي ھايات قالغان . تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا قۇمۇلدا قالغان، كېيىن دېھقانچىلىق قىلىشقا ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان قوزغىلاڭچىلارمۇ ئامان قالمايدۇ. ئۇلارنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشى ناھىيىسىگە يۆتكەش باھانىسى بىلەن ئارا يۇلتۇز ( شىڭشىڭشيا ) غا ئېلىپ بېرىپ ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ياڭ زېڭشىن ئەسكەرلىرى بىلەن گەنسۇنىڭ ئۆلكە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا باستۇرۇلغان.
 
         لى شۇفۇ قانداق ئادەم ؟ ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا يەنە قانداق شۇملۇقلارنى قىلغان ؟


         لى شۇفۇ ھازىرقى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇيۈەن ناھىيىسىدىن بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ يىللىرىدا ( 1880- يىلىنىڭ ئالدى _ كەينىدە ) ئاتا- ئانىسى بىلەن بىللە ئۈرۈمچى ناھىيىسى غەربىي شىمال يېزىسىنىڭ شىگۇڭ كەنتى  ( ھازىرقى مىچۈەن شەھىرى گۇمۇدى بازىرىنىڭ شىگۇڭ كەنتى ) گە كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى بەك نامرات بولغاچقا، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ، قاراتۈرۈك بولۇپ قالغان  لېكىن ، ئۇنىڭ قولى ئەپچىل ، كىشىلەرگە سىلىق – سىپايە مۇئامىلە قىلىدىغان ، قولۇم – قوشنىلىرىغا خوشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدىغان بولغاچقا ،  تېزلا كىشىلەر ئارىسىدا يۈز- ئابرۇي تېپىپ ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. 1890- يىلى بۇ يېزىدا نۇڭيۆ بولۇپ سايلانغان.
 
          1910- يىلى يۈننەنلىك ما فۇشېڭ جېجياڭدىن شىنجاڭغا پالانغان ھەربىي سالاھىيىتى بىلەن مىچۈەن ناھىيىسىنىڭ ئۈچبۇلاق ( سەنگېچۈەن ) دېگەن يېرىگە كېلىپ، بوز يەر ئېچىشقا باشلىغان. مافۇشېڭ لى شۇفۇنىڭ باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، باشقىلاردىن قەرز ئېلىشتا ئۆزىگە كېپىل بولۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لى شۇفۇ ما فۇشېڭنىڭ ئىرادىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە ماختىغان. لى شۇفۇنىڭ ئانىسى مېھىر –شەپقەتلىك موماي بولۇپ، مافۇشېڭنىڭ ئىلگىرى ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى، ھازىر بېشىغا ئېغىرچىلىق چۈشۈپ، قەرز سورىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، توخۇ ئۆلتۈرۈپ ئۇنى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنى قوندۇرۇپ قالغان. لى شۇفۇ ئەتىسى ئۆزىنىڭ ئېغىلىدىن بىر ئاق بوز ئاتنى ئېلىپ چىقىپ ، ما فۇشېڭغا : « بۇ ئاتنى سېتىپ ، پۇلنى بوز يەر ئېچىشنىڭ دەسمايىسى قىلغىن » دەپ بەرگەن . مافۇشېڭ بۇ ئاتنى 14 سەر كۈمۈش تەڭگىگە سېتىپ، ئادەم ياللاپ 5-6 مو يەر ئېچىپ ، شال تېرىغان. شۇنىڭدىن كېيىن مافۇشېڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ – كېلىشىدە لى شۇفۇ ئائىلىسىگە كىرىپ تاماق يەپ كېتىدىغان بولغان ۋە مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلاشقان.
شىنجاڭنىڭ ھەربىي – مەمۇرى ۋالىيسى ياڭ زېڭشىن ما فۇشېڭنىڭ شىنجاڭغا يوللانغان ماتېرىيالىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن يۈننەنلىك يۇرتداش خۇيزۇ ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئەلەم بىلەن شۇغۇللانغان ھەربىي باشلىق بولغاچقا كېيىنرەك ماڭا ئەسقېتىپ قالارمىكىن ، دەپ قىزىقىپ قالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ : « بىز گەرچە يۇرتداش بولساقمۇ، سەن ھازىر ئوردىنىڭ < ھەربىي مەھبۇسى> بولغاچقا، سېنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئامالىم يوق. سەن ھازىرچە ئۈچبۇلاقتا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، يېمەك – ئىچمىكىڭنى ھەل قىلىپ تۇرغىن ، كېيىن پۇرسەت بولغاندا سېنى ئىزدەيمەن » دەپ، ئۇنىڭغا بىر نەچچە كۈمۈش تەڭگە بەرگەن ۋە ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۆزىنى يوقلاپ تۇرۇشنى تاپىلىغان.


         1912-يىلى 1- ئايدا، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلىدا چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلاپ، ئىلى بۈيۈك تۇتۇق مەھكىمىسى قۇرۇلغان. شىنجاڭنىڭ پاششاپ بېگى يۈەن داخۇا بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ، ئىلىغا ئەسكەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ ، قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا مادارى يەتمىگەن. ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمران بولۇش غەرىزىگە يېتىشتە ھەربىي ھوقۇق تۇتمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يۈەن داخۇاغا ھەربىي قىسىمنى كېڭەيتىش تەكلىپىنى بەرگەن، يۈەن داخۇا تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئەسكەر ئېلىشقا بۇيرۇغان. ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ يۇرتدىشى، ئۈچبۇلاقتا تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان مافۇشېڭنى چاقىرىتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى 24 مەسچىتتىن ياش، ئوتتۇرا ياش خۇيزۇلاردىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 5 يىڭلىق خۇيزۇ قىسمىنى تەشكىللىگەن ۋە ما فۇشېڭ ، ما فۇمىڭ ، ما جىخې ، لى شۇفۇ، مافۇئېندىن ئىبارەت 5كىشىنى ئايرىم –ئايرىم ھالدا بۇ يىڭلارنىڭ يىڭجاڭلىقىغا تەيىنلىگەن. ياڭ زېڭشىن بۇ قىسىمنىڭ باش چېرىكچىلەر باشلىقى ئەمىلىنى ئۈستىگە ئالغان. يۈەن داخۇا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىلىدىكى ئالدىنقى سەپكە ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن . ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ياڭ زېڭشىننىڭ قولىدىكى 5يىڭلا ئەسكەر قالغان. ھەربىي ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە ياڭ زېڭشىننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن يۈەن داخۇا ئۆزىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىدىن قورقۇپ، شىنجاڭ خەلقنىڭ قان – تەر بەدىلىگە كەلگەن بايلىقلىرىنى ئېلىپ ئىچكىرىگە قايتىشقا تەييارلانغان. شۇ يىلى 5-ئايدا ياڭ زېڭشىن شىنجاڭنىڭ باش تۇتۇقلىقىغا تەيىنلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان.
            لى شۇ فۇ ھىيلە –مىكىر بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى ئالداپ قىلتاققا چۈشۈرگەندىن كېيىن ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭ بۇ « تۆھپە »سى ئۈچۈن ئۇنى ئاۋۋال قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن ، ئاندىن ھەربىي ئۇنۋانىنى جۇڭشياۋ (مايۇر )لىققا كۆتۈرگەن. ياڭ زېڭشىن لى شۇفۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەشكە نۇرغۇن سوۋغا –سالام ئېلىپ، ئالاھىدە ئۇنىڭ شىگۇڭ كەنتىدىكى ئۆيىگە بارغان. ما فۇشېڭنى يىڭجاڭلىقتىن پۈتكۈل خۇيزۇ قىسىمىنىڭ باش چېرىكچىلەر باشلىقىغا، كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تىتەي ( باش بۇغ – ۋالىي ) لىكىگە ئۆستۈرگەن.
لى شۇفۇ قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىنى بىر يىل ئۆتىگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ياڭ زېڭشىن 1919-يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ زەربىسىدىن قېچىپ شىنجاڭغا كىرگەن قالدۇق چاررۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ماللىمانچىلىق چىقىرىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن لى شۇفۇنى جىڭ ناھىيىسىدە ئاليەنكوف باندىتلىرىدىن چېگرانى مۇداپىئە قىلىشقا ئەۋەتكەن. كېيىن ياڭ زېڭشىن لى شۇفۇنى جىڭ ناھىيىسىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدىن ئەسكەر ئېلىپ ئارىلاشما تۇەن قۇرۇشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئۇنى تۈەنجاڭلىققا، باش چېرىك باشلىقىغا تەيىنلىگەن، كېيىن فۇكاڭنىڭ مۇداپىئەسىگە قويغان، كېيىنكى مەزگىلىدە جىمسارنىڭ شەھەر مۇداپىئە قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن.
1933-يىلىنىڭ باشلىرىدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى گۇچۇڭنى، خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرى جىمسارنى ئالماقچى بولغان. لى شۇفۇ خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولغان، قورال-ياراغلارنى ئەتىسى چايدىن كېيىن تاپشۇرۇش- تاپشۇرۇۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككىيۈزلىمىچى لى شۇفۇ تەسلىم بولغان كۈنى كېچىدە گۇچۇڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، قورال-ياراغلارنى ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە ما جۇڭيىڭ ئادەم ئەۋەتىپ، جىمساردىكى قورال- ياراغلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتكەن. ئەتىسى چاي مەزگىلىدە خوجىنىياز ھاجى ئادەملىرىنى باشلاپ قورال-ياراغلارنى تاپشۇرۇۋېلىشقا كېلىپ ، قورال-ياراغ قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ ، گۇچۇڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، ماجۇڭيىڭدىن بۇ قورال- ياراغلارنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ماجۇڭيىڭ تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى _ ماجۇڭيىڭ ئىتتىپاقى بۇزۇلغان. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مۇرەسسە قىلىشى ئارقىلىق 1933-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان (بۇ كېلىشىمىنى بەزىلەر فۇكاڭ كېلىشىمى دېسە، بەزىلەر جىمىسار كېلىشىمى دەپ ئاتىشىدۇ ) ، خوجىنىياز ھاجى جەنۇبىي شىنجاڭ ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرىنى قورال-ياراغ ۋە ھەربىي تەمىنات بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان. خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرىنى باشلاپ تۇرپانغا كېلىپ، كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان.


           ماجۇڭيىڭغا تەسلىم بولغان لى شۇفۇ 1933-يىلى 6-ئايدا فۇكاڭدا شېڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇشتا ما جۇڭيىڭ قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولغاندا، لى شۇفۇ ما جۇڭيىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىللە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا چېكىنىپ، ماجۇڭيىڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پىچان ،توقسۇنلارغا بارغان. 1934-يىلى ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى تۇرپاندىن يولغا چىقىپ، داۋانچىڭ ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئىككى ئاي قورشىۋالغاندا، شېڭ شىسەي ستالىن ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى كىرگۈزۈش بىلەن ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنى قوغلاپ، ئۇلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. ماجۇڭيىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا لى شۇفۇ شېڭ شىسەيگە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ يەنىلا شېڭ شىسەيگە سادىق ئىكەنلىكىنى ، جىمساردا ماجۇڭيىڭغا تەسلىم بولغانلىقى چىن دىلىدىن بولمىغانلىقىنى، بۇنىڭ جىمساردىكى پۇقرالار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ قىرىلىپ كېتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ، ھازىر ماجۇڭيىڭدىن ئايرىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەتنى فۇگۈەنى مايەنشيادىن ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەيگە يۈز تۇرانە تاپشۇرغۇزغان.

           شېڭ شىسەي لى شۇفۇنىڭ ماجۇڭيىڭدىن ئايرىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇنى قۇمۇل- بارىكۆل گارنىزون قوماندانلىقىغا تەيىنلەپ، يولۋاسنى ئىسكەنجىگە ئېلىشنى پىلانلىغان، چۈنكى بۇ چاغدا شېڭ شىسەي شەرقىي شىنجاڭدا يولۋاستىن، جەنۇبىي شىىجاڭدا مەھمۇد شىجاڭدىن خاتىرجەم بولالماي،بۇ ئىككى كۈچنى يوقىتىشقا ئورۇنىۋاتقان مەزگىل ئىدى. شېڭ شىسەي لى شۇفۇنىڭ قولىغا بۇيرۇق خېتىنى تۇتقۇزۇپ، مامېڭيۆنى تۇەنجاڭ قىلىپ ئۈچ يىڭ (500دىن ئارتۇق ئەسكەر ) بىلەن قۇمۇلغا ئەۋەتكەن. بۇ چاغدا يولۋاس تۇرپان – توقسۇن ئارىلىقىدا شېڭ شىسەينىڭ تەشۋىقىي بىلەن خوجىنىياز قىسىملىرىدىن ئايرىلىپ، «قۇمۇلنى ئۆزۈم سورايمەن، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە بويسۇنىمەن » دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ ،ئۆزىنى قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قىلىپ تەيىنلەپ، قۇمۇلنى باشقۇرۇۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، ئۇ شېڭ شىسەينىڭ قۇمۇلغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، قۇمۇلنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى تىزگىنلىۋالغاندىن كېيىن ، ئۆزىنى قولغا ئالماي قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،دەرھال قارشى تەدبىر قوللانغان. يولۋاس لى شۇفۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ھەربىي مەسلىھەتچىسىنى زىياپەت ئۆيىدە قورالسىزلاندۇرغان ھەمدە ئۇلارنى شېڭ شىسەيگە تېلېگرامما بەرگۈزۈپ، قۇمۇلنىڭ مۇداپىئە قوماندانلىقىنى ئۆزىگە بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپ، جاۋاب تېلېگرامما ئالغان. بۇنىڭ بىلەن لى شۇفۇ شېڭ شىسەي تاپشۇرغان يولۋاسنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن قولغا چۈشۈرۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان .  لى شۇفۇنىڭ ئەسكەرلىرى يولۋاسنىڭ قىسىملىرىغا ياكى ئۇنىڭ ئۆزىگە تېگىشكە پېتىنالمىغان. يولۋاس كۈچ جەھەتتە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە تەڭ كېلەلمەي، قولغا چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، 1937-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇمۇلنىڭ بوغاز چۆلى ئارقىلىق ئىچكىرىگە قېچىپ، ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئاتقان.
يولۋاسنى شېڭ شىسەيگە تۇتۇپ بېرىپ، «تۆھپە» يارىتىش ئۈچۈن 2-قېتىم قۇمۇلغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن ھارسىنىپ، ئاچچىق يۇتقان لى شۇفۇ قاتتىق ئاغرىپ ، 1937-يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 62يېشىدا ئۆلگەن ، ئۇنىڭ جەسىتى قۇمۇل ئايروپورتى (ھازىرقى بەيگە مەيدانى)دا دەپنە قىلىنغان.



         پايدىلانمىلار:
1.ئابلىمىت مەخسۇتۇف :« 1931- ، 1934- يىللىرى شىنجاڭدا بولغان خەلق قوزغىلاڭلىرىدىن قىسقىچە ئەسلىمە » ، « شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى » 38-سان.
2.ياڭ جىڭگۇينىڭ بايانىغا ئاساسەن دېڭ يۇ رەتلىگەن « مافۇشېڭ ھەققىدە ئىلگىرى خاتىرىلەنمىگەن ئىشلار » .
3.نيۇتيەنلۇڭ: « باش چېرىك باشلىقى لى شۇفۇ »، « مىچۈەن تارىخ ماتېرىياللىرى » 3-سان .



ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئاتاقلىق تەرجىمان ،تەتقىقاتچى مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى باغداش تورى بېكىتى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىۋاتىدۇ ، بۇندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە يوللايمىز ، مەزكور ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ باغداش تورىنى قوللاش يۈزىسىدىن باغداش تورىغا بەرگەن ئەسەرلەر بولۇپ باشقا تورلاردا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ ، بايقالسا مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
   باشقا ئەسەرلەرنى مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلىمىي ماقالىلىرى سەھىپىسىدىن كۆرۈڭ : باشقا ئەسەرلەر داۋاملىق يوللىنىدۇ!

1

تېما

0

دوست

521

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1771
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 523
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 00:40:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ﺋﻪبلـﻪخ ئاللاھ ئالدىدا تۆھپـﻪ كۆرسـﻪتكـﻪن بولسىدى ـ جـﻪننـﻪت مۇكاپات قىلىنىپ بېرىلگـﻪن بولاتتى، خۇداغا شۈكرى بۇنداق پـﻪس ئادەمنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى بولغان يولۋاسنى تۇتۇپ بېرىش غـﻪرىزىمۇ ئىشقا ئاشماي ﺟﻪﺳﻪتكـﻪ ئايلىنىپتۇ.....
قۇتلان تېلفۇنلىرى

256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 09:50:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغانغان زىمىندىكى جىمساردا ئېتىپ تاشلانغان ئەسكەر باشلىقىنىڭ كەينىدە لى شۇفۇ بارلىقىنى  قەتئى ئۇقمايدىكەنمەن ،  ئاجايىپ ئىش ھە  بۇ ئۇزۇلگەن زەنجىرنىڭ مۇنداق ئۇلۇنۇپ قالىدىغانلىغى مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى،
لى شۇفۇنىڭ قومۇلدا ئولگەنلىگى .يولۋاسنىڭ دامىغا چۇشكەنلىكى  يامان ئامدان ئىش بوپتۇ جۇمۇ ،

قۇرئان ھىيلىسىنى ياقۇپبەگ خوتەندە  بىر قېتىم يۇرگۇزگەن ھە ، مۇللا مۇسا سايرامىنىڭ ياقۇپبەگنى ئەيىپلىمەي مۇللام پادىشانى ئەيىپلىگەنلىكى قىززىق

256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 09:57:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لى شۇفۇ خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولغان،

توۋۋا خۇدايىم بۇ لى شۇ فۇ خوجىنىياز ھاجىنىڭ قولىدىن قانداق  ساق چىقىپ كەتكەندۇ ،ھاجىم بۇ ئەرنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىنى بىلمەي قالماس ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

148

تېما

0

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   51.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1405
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 6527
تۆھپە : 5065
توردىكى ۋاقتى: 1310
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 10:43:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيگە مەيدانى شۇنداق پەسكەش خوتۇنتالاقنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەنلىكتىن پاھىشىلەر كوچىسىغا ئايلىنىپ كېتىپتىكەن ھە!
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

1

تېما

0

دوست

521

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1771
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 523
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 11:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇ بۇزۇق تۇڭگان تۈفى! 宁夏 دا جېنىنى باقالماي بىزنىڭ ﺗﻪۋەﮔﻪ قېچىپ كېلىپ بىزنى ئاخماق قىلىدىكـﻪن تېخى! تۆمۈرئاكىمىز (شېھىت) ئاللاھنىڭ كىتابىنى كۆرمىگـﻪن بولسا بۇنداق 2 توك ـ توك ئاققۇن تۇڭگانلارغا ئالدىنىپ يۈرﻣﻪستى...

41

تېما

0

دوست

4766

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  349
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 1171
تۆھپە : 672
توردىكى ۋاقتى: 1951
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 19:15:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە ئەسكىلىكلەرنى قىلغان ئادەملەرنىڭ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئارىسىدا ھايات يۈرۈشى، خائىنلارنىڭ كەچۈرۈلۈشى، مۇناپىقلارنىڭ تون يەڭگۈشلەپ يۈرۈشىگە سۈكۈت قىلىش... بۇ بىر مىللەتنىڭ يىغلايدىغان يىغىسىنىڭ تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
مەۋلانوپتەك قاتىل ئۈچ ۋىلايەت رەھبىرى بولىۋالغان، قان ئىچەر ھاجى تون كىيىپ دىنىي زات بولىۋالغان، خەلق يەنىلا ئۇلارنى سىغدۇرۇپ ئۆتكەن. شىڭشىسەي قېرىپ ئۆلگەن. مۇھەببەت نەپرەت تۇيغۇسى ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى پاجىئەلەرنىڭ داۋاملىشىشى.....
چ چ:1272497571

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 2940
توردىكى ۋاقتى: 2303
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 12:02:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭگۈتاش   ___   شۇنچە ئەسكىلىكلەرنى قىلغان ئادەملەرنىڭ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئارىسىدا ھايات يۈرۈشى، خائىنلارنىڭ كەچۈرۈلۈشى، مۇناپىقلارنىڭ تون يەڭگۈشلەپ يۈرۈشىگە سۈكۈت قىلىش... بۇ بىر مىللەتنىڭ يىغلايدىغان يىغىسىنىڭ تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
  بۇ   سۆزلىرىڭىز  نىمە  دىگەن  توغرا  ئېيتىلغان - ھە !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )