«قوياش نۇرى» مۇ، ئاپتاپمۇ؟، «ئولتۇراق رايون» مۇ، مەھەللىمۇ؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «شەھەر- بازارلاشتۇرۇش» نىڭ تۈرتكىسىدە بىر قىسىم قەدىمىي مەھەللە- كوچىلار چېقىپ تۈزلىۋېتىلىپ ئورنىغا بەھەيۋەت قەۋەتلىك بىنالار سېلىندى، شۇنداقلا بۇ مەھەللە كوچىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىسمىنىڭ ئورنىغا زامانىۋىي ئىسىم ۋە نومۇرلار قويۇلدى. ئۇندىن باشقا بازار تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلغان بىر قىسىم كارخانا- شىركەتلەرنىڭ ئىسمىمۇ زامانغا لايىق ھالدا مەدەنەيلەشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە ئاتىلىشى خەتمۇ-خەت تەرجىمە قىلىنغان، لېكىن تىل ئادىتىمىزگە يات بولغان ئىككى ئاتالغۇ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا قوللىنىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ بىرى 阳光 بولۇپ، خەنزۇچە خەتكە يۈكسەك ھۆرمىتى بار تەرجىمانلىرىمىز بۇنى «قوياش نۇرى» دەپ تەرجىمە قىلماقتا. يەنە بىرى «小区 ، 社区 » بولۇپ، ئىجتىمائىي رايون، ئولتۇراق رايون دەپ ئېلىنماقتا.
شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشرىياتى بىلەن ئېلىكتىرون، ئۈن-سىن نەشرىياتى بىرلىكتە نەشىر قىلغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەر جەۋھىرى» دېگەن لۇغەتنىڭ 3- قىسىم 825-بېتىدە «阳光 » ئىبارىسى، «كۈن نۇرى، ئاپتاپ» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. «小区 ، 社区 » خەتلىرى بولسا «مىكرو رايون، مەھەللە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.
«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە «ئاپتاپ» ئىبارىسىگە : «قۇياش، كۈن، قۇياش تارقاتقان نۇر، ئىسسىقلىق» دەپ، «مەھەللە» ئىبارىسىگە «شەھەر ياكى يېزىلارنىڭ بىرقانچە كوچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلىكى» دەپ تەبىر بېرىلگەن.
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن شامان، مانىي، زەردۇشت قاتارلىق ئوتنى، يورۇقلۇقنى، جۈملىدىن بارلىق مەۋجۇدىيەت ئېھتىياجلىق بولىدىغان قوياش ئېتىقادچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قوياشنى بارلىق مەۋجۇدلۇقنىڭ ئانىسى دەپ بىلگەن ۋە ئۇنى تۈرلۈك ناملار بىلەن ئۇلۇقلىغان، «ئاپتاپ» شۇ ناملارنىڭ بىرى، شۇڭا «ئاپتاپ»نىڭ مەنىسىنى «قۇياش نۇرى» دەپ ئارتۇق ئىزاھلىمىساقمۇ ھەممە ئۇيغۇر چۈشىنەلەيدۇ؛ ئۇيغۇرلار يەنە بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ كۆلۈمىگە قاراپ، «مەھەللە»، «كەنت»، «يېزا (بەگلىك)»، «قەلئە»، «شەھەر»، «ۋىلايەت»، «سۇلتانلىق»، «پادىشاھلىق (-ستان، ىستان)» قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتاپ، ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى، نومۇسىنىڭ ئاز- كۆپلۈكىنى ۋە مەمۇرىي دەرىجىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىپادىلەپ كەلگەن.
«خانغا يارىغان ئېشىم، تازغا يارىماپتۇ» دېگەندەك، ئەجدادلىرىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان «ئاپتاپ»، «مەھەللە» دېگەن ناملار نېمىشقىدۇر بۈگۈنكى كۈندە زورلاپ سوزۇلۇپ، «قوياش نۇرى» ، «ئولتۇراق رايون»، «ئىجتىمائىي رايون» بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. تېخى بىر قىسىم ئادەملەر ياشايدىغان مەھەللىلەرگە ئىسىم تېپىلمىغاندەك، كوپېراتسىيىنىڭ ئات-ئۇلاقلىرىغا نومۇر سالغاندەك « - ىنچى ئولتۇراق رايون» دەپ نام قويۇلماقتا. تىل- ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ، تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ ساھەدە بىرەر يېڭى ئىبارە ياراتقۇچىلار تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدىكى بىرەر تېئورما ئىسپاتلاش، ياكى بىرەر قانۇنىيەتنى بايقاش ئارقىلىق پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوخشاش زور شان-شەرەپ، كاتتا مۇكاپات، ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشەلمەيدۇ. پەقەت ياراتقان، تەرجىمە قىلغان ياكى ئۆزلەشتۈرگەن ئاتالغۇسى خەلقنىڭ قەلبىگە ياقسا، شۇ ئاتالغۇسى مىڭ يىللاپ ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ.
شۇڭا، يېڭىلىق يارىتىپ نام چىقىرىش كويىدا يۈرگەن ياكى زامانىۋىيلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان «قوياش نۇرى» چى ۋە «ئولتۇراق رايون» چى تەرجىمىشۇناسلار، ۋېۋىسكىچىلار ۋە ئۇچرىغان يەرگە ئېلان چاپلايدىغان «چاپلاقچىلار» ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ، زامانىۋىي سۆز ياساشقا ئالدىراپ كەتمىگەي، قاراڭ، ھېلىمۇ ئۇچىمىز ئاپتاپ كۆرىۋاتىدۇ، مەھەللىمىزدە ئىناق، خاتىرىجەم ياشاۋاتىمىز.