ئىت قوينى چىشلىسە پادىشاھقا ئېيىتقۇلۇقمۇ ؟
بىر نەپەر ناھىيە رەھبىرىنىڭ ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشى ھەربىر خىزمەت كۈنىدە دائىملىق بار ئىش، پۈتۈن كۈتۈۋېلىش جەريانى باسقۇچلىرى تۇلۇق سىنغا ئېلىندۇ . بۇ خېبېينىڭ ئاساسى قاتلاملىرىدا ئاللىقاچان تۈزۈملىشىپ بولدى .ئالدىنقى كۈنى مۇخبىر جاڭجىياكۇ شەھىرى خۇەيلەي ناھىيىسىنى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق ئىشنى بايقىغان، ناھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سوراق قىلىدىغىنى ھەممىسى چوڭ ئىش ئەمەس بەزىدە ھەتتاكى '' ئىتنىڭ قوينى چىشلىشى '' دەك كىچىك ئىشلار. ( مەملىكەت خەۋەرلىرى تورى 11-ئاينىڭ 28 -كۈنىدىكى خەۋىرى )
مەلۇم كەنت پۇقراسىنىڭ بەش توياق قويىنى خوشنىسىنىڭ ئىتى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويدى، تۆلەمدە كېلىشەلمەي يۇقىرىغا ئەرز قىلدى، مەلۇم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دائىمى ھەيئىتى كۈتۈۋالغاندا '' ئاياللاردىكىدەك سەۋرىچانلىق، مۇلايىملىق بىلەن مەسلىنى ھەل قىلىپ قويدى. دىخان ناھايتى مەمنۇن بۇلۇپلا قالماي ئەكسىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىمى ھەيئىتىدەك '' چوڭ رەھبەر '' نىڭ كۈتۈۋېلىشقا چىقىشىنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
يالغۇز مەسلىنىڭ ھەل قىلىنىش نوقتىسىدىن قارىساق، ھۆكۈمەت دائىمى ھەيئىتىنىڭ شەخسەن ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىپ، تېزلىكتە مەسلىنى ھەل قىلىشى ھەقىقەتەن ئۈنۈمى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز ھەم '' يەر رايى '' بىلەن بىۋاستە ئۇلانغان مۇناسىۋەت . ئەمما دائىمى ھەيئەت شەخسەن '' ئىتنىڭ قوينى چىشلىشى '' نى ھەل قىلىشى سەل بىنورمال، چۈشىنىشىمىز بويىچە ئېيىتقاندا بۇ دائىمى ھەيئەت '' ئىتنىڭ قوينى چىشلەش '' ئەنزىسىنى دەرھال دىخان تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا كادىرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزىلىق ئوموملاشتۇرۇپ تۈزەش ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى بۇيرۇسا بولاتتى، گەرچە ئاخىرىدا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشىنى بىلمىسىمۇ، دائىمىي ھەيئەت شەخسەن سۈرۈشتۈرۈپ، كۆرسەتمە بەرگەندىكىن، يېزىلىق ئوموملاشتۇرۇپ تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ جەزمەن ھەل قىلىدىغىنىغا ئىشەنسە، سۈرۈشتۈرسە بولاتتى. كىشلەر توختىماي ئەگەر دائىمى ھەيئەت ھال ئېيىتقانلارنى كۈتۈۋالمىسا ۋە سۈرۈشتۈرمىسە، '' ئىتنىڭ قوينى چىشلىشى '' ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار دپ غۇلغۇلا قىلىشتى.
''ئىتنىڭ قوينى چىشلىشى'' ۋەقەسىدىن باشلاپ، مەسلىنىڭ ھەل بۇلۇشىغا ھەمدەملىشىدىغان ئەڭ بىۋاستە سەۋەپنىڭ ناھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سوراق قىلىشى ، مەسلىنى ھەل قىلىدىغان ئۇرۇن بولسا يېزىلىق ئوموملاشتۇرۇپ تۈزەش ئىشخانىسى، ھەل قىلىنىش ئۇسۇلى بولسا ناھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ مەزكۇر ئىشخانىغا دەرھال ھەل قىلىش كۆرسەتمىسىنى بېرىشتۇر دەيدىغان بۇلۇشتى. گەرچە مەزكۇر دىخان ئىشتىن ئاۋال ئوموملاشتۇرۇپ تۈزەش ئىشخانىسىنى ئىزدەشنى بىلمىسىمۇ،بۇ يەردە يەنىلا ئازراق مەسئۇلىيەت بار، ئەگەر ناھىيە ئەمەلدارىغا يۇلۇقۇپ قالمىسا، ناھىيە ئەمەلدارى كۆرسەتمە بەرمىسە مەزكۇر ۋەقە يەنىلا ئوخشاش ھەل بولارمىدى؟ مەسلىنى ھەل قىلىشتا ناھىيە رەھبىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە تاياندۇقمۇ دەيلى ، ئۇنداقتا ئەمەلدار قانچە چوڭ بولسا كۆرسەتمىسىنىڭ ۋەزنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، مەسلىنى ھەل قىلىش تېخىمۇ ئاسان بولمامدۇ؟!
گېپىمىزگە كەلسەك، ناھىيە رەھبەرلىرى خىزمەت كۈنىدە ھەر كۈنى ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئەمەلدارلار بار، لېكىن كۈتۈۋېلىش ئۆيىگە كۈزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ ئەمەلدارلارنىڭ كۈتۈۋېلىشىنى نازارەت قىلىدۇ. شۇنداق قارساق، '' ئىتنىڭ قوينى چىشلىشى'' ياكى زىرائەتلەرگە سۇ كىرىپ كېتىشى ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئىناق ئۆتەلمەسلىكى قاتارلىق ئاممىنىڭ مەسلىلىرى بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ھەممىنى بېجىرەلەيدۇ، ھەل قىلالايدۇ .ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئەمەلدارىنىڭ گېپىگە ئاساسلانغاندا '' پۇقرانىڭ ھەكىم سوتچىسى بۇلۇش ۋە ئادەم كۈچى بەيدۇسى ( ئەسلى ئەسەردە 人工百度 دەپ ئېلىنغانكەن ) بۇلۇش بولسا مەزكۇر ناھىيىنىڭ ئەرزىيەت كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنىڭ نىشانىكەن.
مەسلىنىڭ خارەكتېرىدىن قارىساق، « ئىتنىڭ قوينى چىشلىشى » زىرائەتكە سۇ كىرىپ كېتىش قاتارلىقلار ھەقىقەتەن كىچىك ئىشلار ، ئەمما پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ھەقىقەتەن چوڭ ئىش. مۇشۇ ئىشلارنى زادى قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى؟ ھەممىنى ناھىيە ئەمەلدارلىرى شەخسەن ھەل قىلىپ كېتەلىسۇنمۇ؟ ئومومى جەھەتتىن قارىساق ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى پۇقرالارنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك تېز ئۇسۇل بولسىمۇ، ئەمما ئادەملارنىڭ ئىرادىسى بويىچە باشقۇرۇشمۇ بىر خىل قانۇنسىزلىقنىڭ ئۆرنەك ئىپادىسى . ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى خىزمەت شەكلى دائىملىق شەكىلگە ئايلىنىپ قالسا ئۇ چاغدا، پۇقراۋى مەسلىلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارنى يەنە ساقلاپ قېلىشنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىمۇ قالمايدۇ.
ئەلۋەتتە مەسلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش كېرەك، بىراق پەقەت يۇقىرىنىڭلا گېپىنى ئاڭلايدىغان، خىزمەت مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىش بېجىرەلمەيدىغان پىكىر يۆنىلىشى ئېنىقلا كېلىپ چىقىدۇ.
مەسلىنى ئىنىق ھەل قىلىشنىڭ تۈگۈنى بىرىنچىسى بولسا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلارنىڭ ئىجرا قىلىشتىكى ئىقتىدارسىزلىقى، كېسەلگە قاراپ دورا بەرمەسلىكى، ئېرىقچىلارنى راۋان قىلالماسلىقىدىندۇر، ئىككىنچىسى بولسا بۇ خىىلدىكى رەھبەرلەر بىۋاستە سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى كېڭەيتىپ، بۇ خىلدىكى ھۇرۇن تەپەككۈر شەكلىدىن باشقا خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى بىلمەيدىغان ۋە خىزمەتتە خاتالاشقانلارنى ئېتراپ قىلىشتۇر. بىز ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە فونكىسىيەلىك تارماقلارنى تەسىس قىلدۇق ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چوقۇم ئىجرا قىلىدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلىدۇق، قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلار خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا ياكى خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلسا چوقۇم مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك. شىركەت كەسپى ئۇرۇنلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىزنىڭ پۈتۈن جەمىيىتىمىز يۈرگۈزەلەيدىغان ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك، چوقۇم ئىلمى ئۇرۇنلارنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ئەمىليىتىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۆزلۈكسىز تاللىندۇ، فونكىسىيسىمۇ بارغانچە كۈچلىندۇ . ئادەتتە ناھىيە رەھبىرىنىڭ شەخسەن سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشى بۇ تۈزۈمگە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق. تۆۋەنگە نىسبەتەن ئاۋام مەسللىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى گەرچە كۆپ قولايلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما ناھىيە رەھبەرلىرى چارچاشتىن ئېنىقلا ئەپلەپ -سەپلەپ ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. روشەن خىزمەت مەسئۇلىيەتسىزلىرى خىزمەت خاتالىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار « يامۇل » نى تاقاپ قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلسا بولىدۇ .
«تەختىراۋاننى توسۇپ دەرت ئېيتىش» ،« خانغا ئەرز قىلماق » قاتارلىق تېلۋىزىيە فىلىملىرى داۋاملىق ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مەنزىرە ، ھەمىشە تەڭرىنىڭ چىقىپ ئاۋامنىڭ ناھەقچىلىكىگە دەرمان بۇلۇشتۇر. بۇ خۇددى كىشلەرگە دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەسلىنى ھەل قىلماقچى بولساڭ، پەقەت مۇشۇنداق نورمال بولمىغان چىغىر يولدا ماڭساڭ، نورمال يول ھەل قىلىشقا تۈپتىن ئامالسىز، چارىسىز، ئىقتىدارسىز قالىدۇ . بىراق يەنە قاراپ باقساق كىنو -تېلۋىزىيەلەردە پۇقرالارنىڭ مەسلىسى ھەل بولغاندا ئاشۇ بىر تۈركۈم ھارام تاماق يەپ سەمرىگەن چېرىك ئەمەلدارلار تېگىشلىك جازاسىنى تارتاتتى، سېلىشتۇرۇپ باقساق ، بىزنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمىز « سەۋرىچان»، « مۇلايىم »،« دەرھال » « تېز » . لېكىن نېمىشقا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى شۇنچە كۆپ ئۇرۇن ۋە ئەمەلدارلار نېمىشقا قىلالمايدۇ؟ نېمىشقا ئەمەلدارلارنىڭ كۆرسەتمىسى بولغاندىلا ئاندىن شۇنداقلا تېز ھەل قىلىدۇ؟ بۇ مەسلىلەرمۇ ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ شەخسەن سوراق قىلىپ دەرھال ھەل قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.
مەنبە :
|