قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

82

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 884
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 3204
توردىكى ۋاقتى: 708
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 18:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىراۋىتون ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن
uyghuray

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17692
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 19:58:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 20:24  
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 18:57
گىراۋىتون ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن

گىراۋىتون ماسسىسى0بولغان،تارتىش كۈچىنى ئۇزۇتىدىغان زەررىچە دەپ قارىلىدۇ.يەنى ئۇ ئۇز ئارا تەسىرلەشكۈچى ئىككى جىسىم ياكى زەررىچە ئارىسىدا ئالماشتۇرۇلۇپ تارتىش كۈچىنى يەتكۆزىدۇ.مەسىلەن ئاي بىلەن يەر شارى گىراۋىتون ئالماشتۇرىدۇ.ئوبرازلىق ئېيىتساق ۋە تارتىش كۈچىنى ئاغامچىغا ئوخشاتساق بۇ ئاغامچا گىراۋىتوندىن ئېشىلگەن ئاغامچىدىن ئىبارەت.

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17692
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 20:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھالدا ئالەمدە گىراۋىتون _سانى ھەممىدىن كۇپ زەررىچە بولىشى كىرەك.مانا مۇشۇنداق سانى ھەممىدىن كۇپ زەررىچە نەچچە مىليارتلاپ دوللار خەجلەش بەدىلىگىمۇ بىر ئەسىردىن بېرى تېپىلمايۋاتىدۇ.بۇ بىر مەسىلە.
يەنە بىر مەسىلە ،ئالەمدە سانى ئەڭ كۆپ بولمىش بۇ ئىدىيال زەررىچە ئۇزلىرى بىر -بىرى بىلەن تارتىش كۈچى شەكىللەندۆرەلمەيدۇ. گىراۋىتونلار ئۇز ئارا بىر -بىرىنى تارتىدۇ ،دىگەن ئىدىيە ۋە نەزەريە يوق.دىمەك ،گىراۋىتون ئىدىيال زەررىچە بولماي رىيال زەررىچە بولغان تەقدىردىمۇ سانىنىڭ كۆپلىگى سەۋەبىدىن ئالەمدە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان زەررىچىلەرسانى ئۇچرايدىغىنىدىن كۆپ دىيىشكە توغرا كېلىدۇ.

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17692
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 20:41:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 18:57
گىراۋىتون ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن


گىراۋىتون خىياللىرى

قاسىم سىدىق


ھازىرغىچە بولغان فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تېمىسى تارتىش كۈچىنىڭ ۋاستىچىسى سىپىنى 2،ماسسىسى 0دەپ قارالغان ئىدىيال زەررىچە "گىراۋىتون(引力子-Graviton) »بولۇپ كەلدى.نىسبىلىك نەزەريىسىمۇ،كىۋانىت نەزەريىسىمۇ بۇ زەررىچىگە بولغان مۇھتاجلىغىنى رۇشەن ئەكىس ئەتتۆردى.ھالبۇكى 100يىلدىن بۇيان بۇ تولىمۇ تارتىنچاق زەررىچە ئۈز جامالىنى كۆرسەتكىنى يوق.پۇتكۆل 20-ئەسىر ۋەتاھازىرغىچە بۇ زەررىچە تىپىلمىدى.ئۇ گۇيا يىگىتلەرنىڭ  تەقەززالىقلىرىى بەدىلىگە ئۈز كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شەيتان سۈپەت قىزلاردەك تىخىچە ئۈزىنى كۆرسەتمىدى.بىزگە ئايانكى مۇبادا بۇ زەررىچە ئۈزىنى كۆرسەتمەيۋەرسە ،كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ۋە كۋانىت تارتىش كۈچى مەيدان نەزەريىلىرى يىتەرلىك ۋەزۇرۇرتەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە بولمىغان بولىدۇ.چۈنكى بۇ نەزەريەلەرگىراۋىتون مەۋجۈت دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى.ھازىر دۇنيادا ھىچقانداق بىر ئالىم ياكى ئىلمى تەشكىلات گىراۋىتۇننى مۇنچىلىك ۋاقىتتا تاپالايمەن دەپ ئىتالمايدۇ.

كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى گىراۋىتون ئەسلىدىلا نەزەريە تەلەپ قىلغان زەررىچە.ئۇنىڭ تىپىلماسلىغى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟.مانا بۇ بىز ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ كۆرۆشكە تىگىشلىك نۇقتا.

بۇ يەردىكى باش ئاغرىغىدىن قۇتۇلماقنىڭ قارىماققا بەكمۇ ئاسان بىر يولى بار ،ئۇ بولسىمۇ،تەجىربە ياكى كۈزىتىش ئارقىلىق قەتئى بايقىغىلى بولمايدىغان زەررىچىلەرنىڭمۇ بارلىغىنى ئىتراپ قىلىش.بۇ ھالدا تەجىربە ۋە كۈزۈتۈش ھەممىنى بەلگۆلەيدۇ دىگەن ئەسكى ئادىتىمىزنى تەرىك قىلىش.ئادەتكە خىلاپ ھالدا ۋاستىلىق ئىسپاتلارنىڭمۇ كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش.ئەڭ ئاخىرى بىز بۇئالەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەخپىيەتلىكلىرىنى ئەقلى ھۆكۆم،ئىدراك ئارقىلىقلا پەرەز قىلالايدىغانلىغىمىزنى،بۇ پەرەزلەر شۇڭغىچە ئىگەللىگەن تەجىربە پاكىتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدىغانلىغىنى تونۇپ يىتىش.

لىكىن،بۇنداق قىلغاندا «تەجىرىبە ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ»تەرەپتارلىرى مەمنۇن بولىشى ناتايىن.ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كىرەك.؟.
مىنىڭچە بۇ يەردە پىكىر يولىمىزنى ئۈزگەرتىپ بىقىش ئويلۇشۇپ بىقىشقا تىگىشلىك نۇقتا.دىمەكچىمەنكى ،بىزگىراۋىتون مەسىلىسىدە  پىسىخۇلوگىيىدىكى«رولىنى موقىملاشتۇرۇۋىلىش كىسىلى»گە گىرىپتار بولدۇقمۇ-قانداق؟ دىگەن نۇقتىدا ئويلۇشۇپ كۈرۈش.

گەرچە ئېينىشتېيىن نىيوتۇندىن ئۈزگىچە يول تۇتقان بولسىمۇ،نىيوتۇنچەتارتىش كۈچىنىڭ ئورنىغا «ماكان-زامان»ئەگرىلىگىنى ياكى تارتىش كۈچى دولقۇنىنى دەسسەتكەن بولسىمۇ،يەنىلا «گىراۋىتون»دىن مىھرىنى ئۈزەلمىدى.مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ئەسىرلەپ بۇ تەكەببۇر زەررىچىنى ئىزدەش بىلەنلا بولۇپ كەتمەي «گىراۋىتون »دىن خالى ئالەم مەنزىرىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۈرۈش.بەلكىم بۇنداق ئىزدىنىش نۇرغۇن لايىھە ياكى فانتاستىك مەنزىرىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشى مۈمكىن.لىكىن ،بۇ مىڭىپ بىقىشقا ئەرزىيدىغان ۋەھەتتا مۇقەررەر بولغان بىر يول شۇنداقلا تاللاش.

بىزگە مەلۆمكى،«گىراۋىتۇن»گەرچەكەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە «تارتىش كۈچى دولقۇنى»نىڭ،كىۋانىت نەزەريىسىدە «تارتىش كۈچى مەيدانى»نىڭ«كۈچ ئۇزاتقۇچىسى»دەپ ھىساپلانسىمۇ،ئۇنىڭ ئۆزى ھىچقانداق كۈچ تەسىرىگە ئۆچرىمايدۇ دەپ قارىلىدۇ.بۇ نۇقتا بىزنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.يەنى بۇ ئالەمدە ھىچقانداق «كۈچ»نىڭ تەسىرىگە ئۆچرىمايدىغان زەررىچىلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلىگىنىڭ دەلىلى بولۇپلا قالماي،ئالەمنىڭ مۇناسىپ قاتلاملىرىنى «كۆچ»نىڭ ئىشتىراكىسىز تەسۋىرلەشنىڭ ئىپتىدائى قەدىمى.

بۇ نۇقتىدا شەكىل نەزەريىسىنىڭ ھازىرچە تەشەببۇس قىلىدىغان نامزاتى 29-تىئورمىنى قانائەتلەندۇرىدىغان«ئىنىرىتسىيىلىك ئېغىش»بولۇپ بۇ تەشەببۇس «تەجىربە ھەممىنى بەلگۇلەيدۇ»تەرەپدارلىرىنى قانائەتلەندۇرۇدىغان تەجىرىبە نەتىجىسىگە ئىگە ــ گەرچە بۇتەجىربە سالاھىيەتلىك ئورۇنلارنىڭ قايتا ئىشلەپ دەلىللىشىگە مۇھتاج بولسىمۇ.


پايدىلانمىلار:
引力子




2012.4.1

uyghuray

18

تېما

82

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 884
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 3204
توردىكى ۋاقتى: 708
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 21:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوقۇل تەجرىبىكىلا ئىسلىۋىش بىرخىل كىسەللىك دەپسىز . بۇگىپىڭىزنى قوللايمەن ئەمما ھەممە نەرسىنىڭ قانۇنيىتىنى ئىنسان تەپەككۇرىغا ئەكىرىپ تەپەككۇر قىلساق بەزى ئەمىليەتلەر بىزنى مات قىلىپ قويامدۇ قانداق نىمىلا دىگەن بىلەن ئىنسان ھىسىياتچان بولىدۇ دە.  بەزى تەجرىبىلەرنى قول سىلىپ ئىشلىمىسەك بەلكىم ئەڭ كۈلكىلىك يەكۈنلەرنى چىقىرىپ قويىشىمىز مۇمكىن . مەسلەن :ئەركىن چۈشۈش ھەركىتى ماسسىغا مۇناسىۋەتلىك،تىمپىراتۇرا تۆۋەنلىسە جىسىم زىچلىقى يۇقىرلايدۇ ...ۋەھاكازلار  مانا مۇشۇلار گەرچە ئاڭلاشقا توغرىدەك بولسىمۇ ئەمىلى تەجرىبە ۋە ئىسپالار بىزنى ئەزەلدىنلا توغرا دىيىلىۋاتقان بۇ نەزىريەنى يىمىرىپ تاشلاشقا مەجبۇر قىلغان .  مەن ئويلايمەنكى بىز مۇشۇ تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىنى چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرىتسەك بولارمىكىن دەيمەن . چۈنكى بىز يولۇققان مەسىللەر تارىختىكى ھىچقانداق قىلىپقا ياكى مەسلىگە ئوخشىمايدۇ .   بۇ جەھەتتە دۆلىتىمىزدىن زىيادە ئۈمۈدسىز جىمۇ مەن

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17692
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 21:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 21:19
نوقۇل تەجرىبىكىلا ئىسلىۋىش بىرخىل كىسەللىك دەپسىز . بۇ ...

تەجىربە تىخنىكا تەرەققىياتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.ئىنسانلار تەجىربە ئارقىلىق قىلالايدىغىنىلا تەجىربە قىلىدۇ.قىلالمايدىغىنىغا ئەقلى ھۆكۆم قىلىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق.

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17692
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 21:59:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 22:06  
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 21:19
نوقۇل تەجرىبىكىلا ئىسلىۋىش بىرخىل كىسەللىك دەپسىز . بۇ ...

مەن باياتىن توردىن گىراۋىتون ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ باقتىم.قولىقىمغا خوش ياقىدىغان بىرقانچە گەپنى ئۇچراتتىم.ئۇلار:
1.گىراۋىتون راسىت بولۇپ تېپىلىپ قالسا، ئۆزلۆك ئايلىنىشقا ئىگەزەررىچە بولۇشى كىرەك ئىكەن .بۇ ماڭا مەن تەشەببۇس قىلغان«ئېن»نى ئەسلەتتى.
2.گىراۋىتوننىڭ ماسسىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن.بۇ گەپمۇ «ئېن»نى ئەسلەتتى.
3.زامان - ماكاننىڭ شەكلى بولماسلىغىمۇ مۇمكىن ئىكەن.بۇ گەپ بەك خوش ياقتى.چۈنكى شەكىل نەزەريىسى "شەكىل پەقەت ماددىغىلا خاس خارەكتىر"دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ،"زامان -ماكان ئەگرىلىكى"نى رەت قىلىدۇ.


68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17692
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 23:07:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 23:26  
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 21:19
نوقۇل تەجرىبىكىلا ئىسلىۋىش بىرخىل كىسەللىك دەپسىز . بۇ ...

گىراۋىتوننىڭ باش ئاغرىغى

قاسىم سىدىق

1

گىراۋىتون كەڭ مەنىلىك نەزەريىسىدىكى تارتىش كۈچى دولقۇننىڭ توشۇغۇچىسى .مۇبادا گىراۋىتون مەۋجۈت بولمىسا كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ۋە كىۋانىت تارتىش كۈچى نەزەريىسى مىسىلسىز خىرىسقا يولۇقىدۇ.بىر ئەسىردىن بۇيان بۇ زەررىچىنى تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولۇپ كەلدى.گىراۋىتوندىن ئۈمىت ئۈزۈش سادالىرىمۇ تۆشمۇ-تۈشتىن ياڭراشقا باشلىدى.
مىنىڭ قارىشىمچە گىراۋىتون تېپىلغان تەقدىردىمۇ مەسىلە يەنىلا ھەل بولمايدۇ.سەۋەپ ،گىراۋىتون ھېچقانداق تەسىرگە قاتناشمايدۇ،پەقەت ئالەملىك تارتىش كۈچىنى ئۇزۇتۇشقىلا مەسئۇل دەپ قارىغاندىلا ئاندىن كىچىككىنە ئۈمىت توغۇلسىمۇ،لىكىن ھېچقانداق تەسىرگە قاتناشمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىم يوق ،دەيدىغان ئىدىيەلەر بۇنداق قاراشقا يول قويمايدۇ.نەتىجىدە نەزەريىچىلەر ئاللىقانداقتۇر يېڭى بىر ۋاستىچى زەررىچىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نەزەرىيە چەكسىز پارچىلىنىشنىڭ ئېزىتقۇ سارىيىغا كىرىپ قالىدۇ.

2

گىراۋىتۇنغا ئۈمىت باغلىغان نەزەريىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە بىر مەسىلىگە دۇچ كىلىدۇ.ئۇ بولسىمۇ ،ئالەمدىكى گىراۋىتون سانى.بۇ سان تۇراقلىق دەپ قارالسا،ئىزچىل كېڭىيىۋاتقان ئالەم ئالدىدا ئۇز قىيىنچىلىقلىرىنى ئاشكارىلايدۇ.يەنى ئادەملەرنى قان يېتىشمەسلىك كېسىلى قىينىغاندەك،گىراۋىتونچىلارنى گىراۋىتون يىتىشمەسلىك كىرزىسى ئازاپلايدۇ.چۈنكى ئالەم كېڭەيگەنچە بىزنىڭ گىراۋىتونچىلىرىمىزدىن تېخىمۇ نۇرغۇن گىراۋىتۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ھال گىراۋىتونچىلارنى ئاخىر بېرىپ ئالەمدىكى گىراۋىتون سانى تۇراقلىق بولمايدۇ،ئېھتىياجغا ئاساسەن كۇپىيىپ-ئازىيىپ تۇرىدۇ،دىيىشكە مەجبۇ رقىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ نەزەريىچى ئالەم ئىزچىل كېڭىيىۋەرسە ئالەمدىكى بارلىق ماسسا - ئىنىرگىيەنى گىراۋىتون ياساشقا سەرىپ قىلىشقا مەجبۇر.ھالبۇكى، بۇ ۋاقىتتا گىراۋىتۇنغا قىلىدىغان ئىش قالمايدۇ.چۈنكى ئالەمدە گىراۋىتۇندىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى.باشقىچە ئىتقاندا گىراۋىتۇن ئارغامچىسىنى باغلايدىغان نەرسە تېپىلماي قالىدۇ.
مىنىڭ بۇ گىپىمنىڭ مەنىسىنى ئىككى نەرسە ئارىسىغا تانا تارتىپ كىر يايغانلىكى ساۋاتسىز خۇتۇنلارمۇ چۈشىنەلەيدۇ.يەنى تانا تارتىلغان ئەشۇ ئىككى نەرسە _ ياكى تۇرۇك،ياكى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىلىغى مۇقىم بولسا_ ئاندىن بۇ خۇتۇننىڭ چەكلىك ئۇزۇنلۇقتىكى تانا-ئارغامچىسى ئۇنىڭغا يېتىدۇ.ئۇ ئىككى نەرسە ئارىلىغى يىتەرلىك يىراق بولسا بۇ تانا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇنىڭ تانىسى بىلەن بۇ تانىنى باغلايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلىغى ۋە ئارىسى مۇقىم ئىدى.شۇڭا نىيوتۇننىڭ ئالەم مودىلى تۇرغۇن ئالەم مودىلى ئىدى.ئېنىشتېيىن تارتىش كۈچى مەيدانىدا ماكان ئەگرى بولىدۇ دەپ قاراپ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى تورغۇزغاندىمۇ ،ئۇنىڭ ئالىمى كېڭەيمەيدىغان - تارايمايدىغان تورغۇن ئالەم ئىدى.ئېينىشتېيىننىڭ تارتىش كۈچى نەزەريىسىنى تانا تارتىشقا ئەمەس،رېلىس ياتقۇزۇشقا ئوخشۇتۇشقا بولاتتى.يەنى ئالەملىك ماسسا -ئىنىرگىيە توراقلىق بولغانلىغى ۋەجىدىن،ماسسى چوڭ جىسىملار  ئۆز ئەتراپىدىكى ماكاننى ئەگرى ۋە چەكلىك قىلىپ قويىدۇ.سەييارە قاتارلىق بارلىق جىسىملار مۇشۇ ئەگرى ماكاندا ئايلىنىپ ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ.يەنى،سەييارە،جىسىملار  ماسسا مەركىزىنى ئايلىنىپ تۇيۇق ،چەمبەرسىمان ھەركەت قىلىدۇ.ئېينىشتېيىننىڭ بۇنداق ئالەم مودىلىمۇ تۇرغۇن ئالەم مودىلى بولۇپ،ئۇ بىزگە تۇيۇق رىلىستا ئايلىنىۋاتقان ئۇيۇنچۇق پۇيىزنى ئەسلىتىدۇ.مەيلى نىيوتۇن،مەيلى ئېينىشتېيىن بولسۇن ئۇلارنىڭ نەزەريىلىرى پەقەت تۇرغۇن،كېڭەيمەيدىغان،تارايمايدىغان ئالەمگىلا ماس كېلەتتى.ھەم ئولارنىڭ ئالەم مودىللىرى ئايرىم -ئايرىم ھالدا،نىيوتون تۇرغۇن ئالەم مودىلى،ئېينىشتېيىن تورغۇن ئالەم مودىلى دەپ ئاتالغان.
ئىش شۇنىڭ بىلەنلا تۆگىگەن بولسا ،ھەممە مۇشۇنداق تۇرغۇن مودىل ئاساسىدىلا چۈشەندۆرۆلگەن،ھەل قىلىنغان بولسا بىزگە تالاشقىدەك ئىشمۇ قالمىغان بولاتتى.لىكىن ،ئالاھىزەل 1922-يىلى بولسا كېرەك،ئامرىكىلىق ھوببىلى(ھابىل؟) ئاسمان جىسىملىرىنى كۇزۇتۇپ ،ئالەمنىڭ نىيوتون ئېينىشتېيىنلار ئىيىتقاندەك تۇرغۇن بولماي،كېڭىيىۋاتقانلىغىنى ئىسپاتلىدى.دەل شۇ ۋاقىتتىلا نىيوتۇننىڭ ئارغامچىسى ئۆزۆلگەن،ئېينىشتېيىننىڭ پاراۋۇزلىرى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ۋە رېلىسلىرىمۇ كاردىن چىقىپ بولغان ئىدى.ھازىر تېخى كۇتىرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دىگەندەك،ئالەم تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ،دىگەن گەپ چىقتى ۋە ئالدىنقى يىلىلا بۇنداق ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارغا نوبىل مۇكاپاتى بىرىلدى.
مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بايامقى نىيوتۇن ۋە ئېينىشتېيىننىڭ چەكلىك ئۇزۇنلىقتىكى تانا ۋە رېلىسلىرى يەنە قانداقمۇ ئالەمنىڭ ئومۇمى مەنزىرسىنى توغرا تەسۋىرلەپ بېرەلىسۇن؟.ھازىر نۇرغۇنلىغان نەزەريە فىزىكلىرى يۇقۇرقى ئىككى زاتنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ رېلىس ۋە تانىلارغا ياماقچىلىق قىلىۋاتىدۇ،ئىشقىلىپ،تۆكۆرۆپ چاپلىغاندەك بىر ئىشلار بولىۋاتىدۇ.

3

گىراۋىتون تىزلىكى - باش ئاغرىتىدىغان يەنە بىر مەسىلە.ھازىر فىزىكىدا ئېينىشتېيىن تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى تۆپەيلى يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى تىزلىك يوق.يورۇقلۇق تىزلىكى تىزلىكنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چېكى،بۇ چەك بولسا ئالاھېزەل 300.000كىلومىتىر سىكونىت دەپ قارىلىدۇ.خۇش ئۇنداقتا گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى قانچىلىك؟.
ھازىر بىر قەدەر ئومۇملاشقان قاراش گىراۋىتونمۇ يورۇقلۇق تىزلىكىدە ھەركەت قىلىدۇ دىگەندىن ئىبارەت.بۇ ھالدا كېلىپ چىقىدىغان يەكۈن نىمە؟.
1.يورۇقلۇق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ ،دەپ قاراش.چۈنكى گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكى بىلەن باراۋەر بولسا  ئۇ ھەرگىز يورۇقلۇق بىلەن تەسىرلىشەلمەيدۇ.بۇ ھالدا ئېينىشتېيىننىڭ "يورۇقلۇق تارتىش كۈچى مەيدانىدا تارتىش كۈچى ۋەجىدىن ئېگىلىدۇ" دىگەن ئىدىيىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
2.گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ دەپ قاراش.بۇنداق قارىغاندا يورۇقلۇق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دىگەن قاراشنى مەنتىقى جەھەتتىن قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.لىكىن ،بۇ ھالدا ئېينىشتېيىننىڭ "يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"دىن ۋاز كىچىشكە توغرا كېلىدۇ."ئېنىدىن پايدا ئالىمەن دىسەڭ بويىدىن زىيان تارتىسەن"دىگەن نەق مۇشۇ!.

3.فۇتۇنلار ئارىسىدىمۇ گىراۋىتون ئالماشتۇرۇش بار"دەيدىغان قاراش مۇقەررەر ھالدا ،ھەربىر فۇتوننىڭ تەركىۋىدە يىتەرلىك گىراۋىتون بار"دىگەن قاراشقا ئېلىپ بارىدۇ.چۈنكى مەيلى زەررىچە ياكى جىسىم بولسۇن ئۇزىدە يوق نەرسىنى باشقىلار  بىلەن ئالماشتۇرالمايدۇ.ئۇنداقتا بۇنى فۇتون دەمدۇق ياكى گىراۋىتون دەمدۇق؟!.

گىراۋىتوننىڭ باش ئاغرىقلىرى بۇلارلا ئەمەس.مېزىنى باسسا تېزى چىقىۋىرىدۇ.

2013.9.23
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )