بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tashtuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-9 19:19
بىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بەكمۇ كۆپ،ئۇلار بولغاچقا كۆپلىگەن ئىختىساس ئىگىلىرى يىتىشتى ھەم يىتىلمەكتە،بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز. ھەم ھەر تۈرلۈك لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىلار بارلىقى دەر ھەقىقەت، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئالدى بىلەن ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن نەپسى-خاھىشقا ئىگە تولۇق ھىسسىياتلىق ھايات ئادەملەردىن تەشكىل تاپقانلىقتىن، باشقا ساھە خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاشلا ھەرخىل قىلمىش-ئەتمىشلەرنى قىلىدىغان تەبىئىي ئادەم. مەن تۆۋەندە مۇشۇ لاياقەتسىزلەر توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى دەپ ئۆتەي: بىزنىڭ ئوقۇتۇش ئۇل مۇئەسسەلىرىمىز ھەقىقەتەن بۇرۇنقىدىن تولۇق بوپ كەتتى، ھۆكۈمەت ھېلىھەم مائارىپ سېلىنمىسىنى ھەسسلەپ ئاشۇرماقتا...بۇنىڭغا ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ،ئوقۇتۇش شارائىتى ئاساسەن تولۇق...ئەمما ماۋۇ ئوقۇتقۇچىلار راستىنلا ئەخلەتلىشىپ كەتتى(ئاز سانلىقلىرى). مەن قارايمەن، ئاساسىي سەۋەپ بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى تەربىيلىنىشى تەلەپتىن تولىمۇ يىراق. يەنى دۇنيا قارىشى،قىممەت ئۆلچىمى تولىمۇ پۈچەك ۋە غەلىتە......بۇنداق «ئۇستاز» لاردىن قانداق شاگىرىتلار چىقىشى مومكىن؟...... ھازىر قايسى بىر ئالىي مەكتەپ 95-يىللاردا باشلانغۇچتا مودا بولغان «تۆت»تە گۈزەل،«بەش»بولۇش نىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئوقۇغۇچىلانى تەربىيلىيەلەيدۇ؟... بۈگۈنكى دەۋىدە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى(ئۆي،داۋالىنىش...) ھەممە ئادەمنى ھالسىراتماقتا،بۇنداق ئىقتىسادىي بېسىم ئاسىتىدا كىممۇ خاتىرجەم خىزمەت قىلالىسۇن؟ بىر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى(بۇ يەردە ھۆكۈمەت بەرگە ھېلىقى قوڭۇر تاشلىق كىنىشكە جىڭغا ئولتۇرمايدۇ،چۇنكى ئۇنى ساراڭ ئەمەس بولسىلا ئالالايدۇ. ئادىمىيلىك سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان دىمەكچى) ھازىرلىغان ئوت يۈرەك ياش قاتمۇ-قات ئىمتاھانلاردىن ئۆتۇپ مائارىپ ساھەسىگە كىردى دەيلى، ئۇ قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشقا قويمايدىغان مودىرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسۇنچۇ قېنى؟!... ئەھۋال قانداق بولىدىكىن؟! قاچانغىچە ياخشى ئادەم بولۇپ ياشاشقا بەرداشلىق بىرەلەيدىكىن...؟!
بىر ئەخلەت ئادەم ئۆزىنىڭ مەلۇم تىلنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى (كاللىسى شۇ قەۋىمنىڭ 5 ياشلىق بالىسىچىلىكمۇ ئەمەس،بۇ يەردە كۆزدە تۇتىنىمىز، ئۇنىڭدىكى مىللىي ئاڭ،ئەقىدە،قىممەت قاراش،دۇنيا قاراش...دىگەندەك ئۆلچەملەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ)،ياكى باشقا يوللار بىلەن كىرسىچۇ؟؟...بۇ ئادەم قانداق بالا تەربىيلەكىن؟؟...
ھەي...، شۇ ئوقۇتقۇچىلارنى تۈزۈك ئىشقا سالالمىغان مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئورمانچىلىق ئىدارىسى، يېزىلىق ھۆكۈمەت...لەردىن ساھە ئاتلاپ مائارىپنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئاتالمىش رەھبىرىي لاۋزا كادىرلارغا تەم كىرگۈزمەك تولىمۇ زورۈردۇر. بىزدە «خوتۇن ئالساڭ كوچىدىن ئال،ئادەم قىلىش ئۆزۈڭدىن» دىگەن ماقال بار، دەرۋەقە مائارىپ ساھەسىدىكى بەك جىق ئىشلار موشۇ خوتۇننى ئالغان «ئەر»سەۋەبلىك بولىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.
|