ئەرەپ پادىشاھلىقلىرى خىرىسقا دۇچ كەلدىمۇ ؟
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپئىە ۋەزىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىنىڭ100 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە قىسىم قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، بۇ، نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن . دېڭىز قولتۇققى ئەللىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە قىسىم قۇرۇشى خەۋپسىزلىكىنىڭ تەھدىتكەئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن، ئۇنداقتا، بۇ تەھدىت زادى قەيەردىن كېلىۋاتىدۇ؟
ئىراننىڭ ھەربىي بېسىمى شەك شۈبھىسىزكى تۇنجى ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ئۇۇزاقتىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتە زومگەرلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن، نەتىجىدە مەزكۇر رايوندا ئامىرىكاپەرس ۋە ئامېرىكىغا قارشى ئىككى لاگېر شەكىللەنگەن. ئامېرىكىغا قارشى لاگېردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سۈننىيلەر، ئىران ئامېرىكىغا قارشى لاگېردىكى يادرولۇق دۆلەت. سەئۇدى ئەرەبىستان ئامىرىكىپەرەس لاگېردىكى يادرولۇق دۆلەت، شۇنداقلا ئران قاتارلىق ئامېرىكىغا قارشى دۆلەتلەرنى دۈشمەن، دەپ قارايدۇ.
سۈرىيەئىچكى ئۇرۇشىنىڭ تاشقى تەسىرىمۇ دېڭىز قولتۇقى ئەللىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ بىرى. سۈرىيە ئىراننىڭ ئايرىلماس دوستى ، ئىككى دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىگە قارشى كۈچ ھاسىل قىلغان. سۈرىيە ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇش سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەرگە بەسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىدەك ئۈمىدۋارلىقنى ئات قىلغان، لېكىن سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئۈچ يىلغىچە داۋاملىشىپ، بەسىر تا ھازىرغىچە تەخىتتىن چۈشمىگەن. خىمىيەلىك قورال كىرىزىسىنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشى سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىنىڭ ئامېرىكىدىن پايدىلىنىپ بەسىر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش خىيالىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغان. بەسىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى2014- يىلى توشىدۇ، ئەگەر ئۇ يەنە داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولسا، سۈرىيە ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي، سۈرىيە ھەر خىل كۈچلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەت تالىشىش قالايمىقانچىلىقىغا پېتىپ قېلىىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىنىڭ پۇرسەت كۈتۈپ سۈرىيەگە قوراللىق ئارىلىشىشىننى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
دېڭىز قولتۇقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت يەنىلا پادىشاھلىق تۈزۈمدە، ھەرقايسى دۆلەتلەردەئوخشاشلا زىددىيەت مەۋجۇت. ئومان، بەھرەين دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئوخشاش باي ئەمەس، ئۇلاردىمۇ سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت مەۋجۇت، شۇنداقلا ئاسانلا سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگەئۇچراپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر قالايمىقانچىلىق كونتروللۇقىنى يوقاتسا،سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى تۇرغانلا گەپ.
باغداشقا خاس
|