- تىزىملاتقان
- 2014-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 279
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
93%
|
مەن ئۆيۈمدىن 80 كىلومېتىرلىق يىراقلىقتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،يولدىشىممۇ شۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدۇ،ھەر دۈشەنبە ماشىنا كىرا قىلىپ مەكتەپكە بېرىپ،جۈمە كەچ ئۆيگە قايتالايمىز(شەنبە-يەكشەنبە ئارام ئالالىساقلا)،مەكتەپتىن بىزنى كەچلىك مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ،ھەپتىدە بىر قېتىم كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرىمەن،ياتاقتىن مەكتەپكىچە 200 مېتىر بولسىمۇ،يولدىشىم خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن ،بىر مەۋسۈمدىن بۇيان ھەر كەچلىك مۇزاكىرىدە ھەمرا بولۇپ مەكتەپكىچە كىرىشىپ بېرىپ،ئىشخانىدا كومپۇتېر مەشغۇلاتى قىلاتتى،ماڭا سىنىپنىڭ دوسكىسىنى ئىشلىشىپ بېرەتتى.ئالدىنقى ھەپتە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ،يولۇشۇم ئىككىمىز يەنە كەچلىك مۇزاكىرىگە كەلسەك ،مەكتەپنىڭ دەرۋازىۋېنى يولدۇشۇمنى مەكتەپكە كىرگۈزمىدى،سەۋەبىنى سورىسام،مەكتەپ مۇدىرى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانمىش،ئەگەر چوقۇم كىرمەكچى بولسا چوقۇم مەكتەپ مۇدىرىغا تېلفون قىلىپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندا ئاندىن كىرگۈزىدىكەن،نەق مەيداندىلا مەكتەپ مۇدىرىغا تېلفون قىلدىم ، تېلفوندا ئۇنىڭدىن نېمىشقا يولدىشىمنى مەكتەپكە كىرگۈزمەيدىغىنىنى سورىسام،"يولدىشىڭ مەكتەپنىڭ ئادىمى بولمىغاچقا كىرسە بولمايدۇ"دېدى،شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭغا "سېنىڭمۇ ئېرىڭ شوپۇر.مەكتەپنىڭ ئادىمى ئەمەس،ئەجىبا ئۇ خالىغانچە كىرىپ چىقالايدۇ"دەپ رەددىيە بېرىشنى ئويلىساممۇ ،يەنە كېيىنلىكنى ئويلاپ ،چىرايلىقچە چۈشەندۈرۈپ "رۇخسەت"ئالغانمۇ بولدۇم.....
ئىچىم ئاچچىق بولدى،ئوقۇتقۇچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېغىرھاقارەتلەنگەندەك،ئەقەللىي ئىشەنچكىمۇ نائىل بولالمىغاندەك ھېس قىلىپ كۆڭلۈم تەسۋىرلىگۈسىز يېرىم بولدى.........................
مەكتەپنىڭ تۆمۈر رىشاتكىلىق دەرۋازىسى قانچە چىڭ تاقالغانسىرى ،ئاتا-ئانىلار بىلەن مەكتەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار كۆپىيىپ ،چوڭقۇر ھاڭ شەكىلىنىپ بىزدەك سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ نۇرغۇن خىزمەتلىرىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قويۇۋاتىدۇ........ھەي،مەكتەپتىكى بۇنداق ئىشلارنىڭ قانچە بىرسىنى دەپ بولاي....................... |
|