قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 4624|ئىنكاس: 16

«شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى›› ۋە ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

2

دوست

4704

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1438
توردىكى ۋاقتى: 320
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 00:49:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى›› ۋە شېڭ شىسەينىڭ تەخىتكە چىقىشى


       1933-يىل ئەتىيازدا ماچۇەنلۇ قۇشۇنى ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقىنىڭ چىرىكلىكى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ مۇھاسىرە ئىچىدە قېلىشى بىر مەيدان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەب بولدى. 4-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇبەن مەھكىمىسى مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن جۇڭ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى تاۋ مىڭيۆ،ئاۋىئاتسىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى شياۋتەن قاتارلىق كىشلەر ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ‹‹بەيئەت بولغان ئاق گىۋاردىچىلار قۇشۇنى ››بىلەن ئالاقە باغلاپ، ھەرنبىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ، جىن شۇرىننى تەخىتىن قوغلاپ چۈشۇردى،بۇ تارىختا ‹‹شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگۈرۈشى››دەپ ئاىلىدۇ. بۇقىتىمقى سىياسى ئۆزگۈرۈش شەرقىي شىمال ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەنى قۇتقۇزۇش ئارمىيسىنىڭ قولىشىغا ئىرىشتى. سىياسىي ئۆزگۈرۈشتىنكىيىن، ۋاقىتلىق ھۈكۈمەت تەشكىل قىلىندى، ليۇ ۋېنلوڭنى ۋاقىتلىق ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە، شىڭ شىسەينى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ دۇبەنلىكىگە كۆرسەتتى. شىڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ھەربىي چوڭ ھوقۇقىنى ئاسانلا چاڭىلىغا ئىلىۋالدى.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، شىنجاڭ شىڭ شىسەينىڭ مىلىتارىسىتلىق ھۈكۈمرانلىق قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.
   1933-يىلى ئەتىيازدا ماچۈەنلۇنىڭ قوشۇنى ئۈرۈمچىنى مۇھاسىرگەئالدى، شەھەر ئىچىدە ‹‹ئاچارچىلىق،سۇسىزلىق،سوغوق ئازابى››تۈپەيلىدىن ھەممەكىشى ساراسىمگە چۈشتى. ھۈكۈمىرانلارگۇرۇھى ئىچىدىكى بەزى تەرەققىپەرۋەر كىشىلەر جىن شۇرىننىڭ ئەكسىيەتچىل چىرىك ھۈكۈمىرانلىغى بۇ يىغىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ مەنبە؛ كىرزىستىن قۇتۇلۇش، يىغىلىقنى چەكلەش ئۈچۈن، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كىرەك دەپ ھىساپلىدى. ‹‹شىنجاڭ12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگىرىشى››دەل مۇشۇنداق تارىخى ئارقا كۈرۈنىشتە يۈز بەردى.
   ‹‹شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگىرىشى››نى ئاساسىلىق قوزغىغۇچىلار دوبەن مەھكىمىسى مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن جوڭ، ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ باش كاتىپى تاۋمىڭيۆ ۋە ئاۋىئاتسىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى لى شىياۋ تىيەن ئىدى. سىياسى ئۆزگۈرۈشكە قاتناشقۇچىلاردىن يەنە دىپلوماتىيە مەخسۇس خادىملار مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭشىڭ ۋە جاۋ دېشۇقاتارلىق كىشىلەرمۇ بار. گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىرقىسى مەخسۇس خادىمى گۇڭ بىچېڭ، بەييۇ شىيو بىلەن ئۆلكىلىك ھۈكۈمەت مەسلەھەتچىسى ۋۇ ئەيچېن قاتارلىقلارمۇ سىياسى ئۆزگۈرۈشنى پىلانلاشقا قاتناشتى.  بەيئەت بولغان ئاق گۋاردىچىلەر قۇشۇنىنىڭ كاتتا باشلىرىدىن پانپىنگورىت بىلەن ئان تونوۋلار جىن شۇرېندىن تەمىنات (خىراجەت) بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، سوغوق مۇئامىلە ۋە ئەيىپلەشكە ئۇچۇرغانلىقتىن، بەيئەتچى قوشۇندىن 400دىن كۆپرەك كىشى بۇ قىتىمقى سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە ئاۋانگىراتلىق رول ئوينىدى.
   4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 1 دە ،200 دەك بەيئەت بولغان قوشۇن شەر ئىچىگە كىرىپ ، بۆلۈنىپ، بىرقىسمى شەھەر قوۋۇقلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى؛ يەنە بىرقىسمى دۇبەن مەھكىمىسىنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى ھەمدە جىن شۇشىن، شۇي جاۋجى قاتارلىق كىشىلەرنى ئەسىرگە ئالدى. جىن شۇرېن يىغىلىقتا ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىلىپ ئارقا تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ غەربىي قوۋۇقتىكى 1-ساقچى شۆبى ئىدارىسىگە قىچىپ بىرىۋالدى. شۇكۈنى كەچتە، سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغىغۇچىلار بەيئەت بولغان قۇشۇننىڭ قۇمندانلىق شىتابىدا ۋاقىتلىق جىددى يىغىن چاقىردى. بۇ يىغىندا تۈۋەندىكى بە ش ماددىلىق تەكلىپ لاھيىسى ماقۇللاندى: (1)دۇبەنلىك تۈزۈمىنى ھەربى ئىشلار كومىتىتى تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، شەرقىي شىمال ياپۇن باسقۇنچىللىرىغا قارشى تۇرۇش، ۋەتەنى قۇتقۇزۇش ئارمىيسىنىڭ مۇۋەقەت باش قۇماندانى جىڭ رۇنچېڭنى ۋاقىتلىق ھەربىي ئىشلاركمىتىتىنىڭ باشلىقلىقىغا بىردەك كۆرسىتىش؛(2)ليۇ ۋېنلوڭنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە بىردەك كۆرسىتىش؛(3)پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلىكىنى قوغداش؛(4)جىن شۇرېن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلىكىنى قوغداش؛ (5)سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ كۇنسىلخانىسىنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغداش.
   يىغىن شۇ ھامان ئادەم ئەۋەتىپ يۇقۇردىكى تەكلىپ لاھيىسىنى جىن شۇرېنغا  يۈز تۈرانە ئىزھار قىلدى. جىن شۇرېن ئەۋەتىلگەن تەكلىپ لاھيىسىگە قىلچە پىسەنىت قىلماي، شەھەرنىڭ سىرتىدا تۇرۋاتقان لۈينىڭ لۈيجاڭى ياڭ جىڭجوڭغا لەشكەر باشلاپ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇرۇق بەردى. 4-ئاينىڭ13-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 2يىرىمدا ئىككى تەرەپنىڭ شىدەتلىك ئۇرۇشى باشلاندى. ياڭجىڭ جۇڭ قوشۇنى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ بەيئەت بولغان قوشۇن بىلەن كوچاجىڭى ئىلىپ باردى. بەيئەت بولغان قوشۇن بارغانسىرى ھالىدىن كەتتى. 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تاۋمىڭ يۆنىڭ تەلىپى بىلەن جېڭ رۇيچۋڭ شەقىي شمال ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئارمىيسىگە جەڭگەئاتلىنىش بۇيرىقى بەردى. ياڭ جېڭجوڭ قىسمى مەغلۇپ بولۇپ شەھەر سىرتىغا چىكىندى، شەھەر ئىچىدىكى ئىككى تۈەن ئۆلكە كوشۇنى قۇرال-ياراق تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى، چشۈشتىن كىيىن سائات 4 تە، جىن شۇرېن ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە كۈزى يىتىپ ، ياڭ جېڭجۇڭنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن شىخۇغا قاچتى. جىن شۇرېن شىخۇدا ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلدارى جاڭ پىييۇەنگە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش توغرىسىدا تىلگىرامما ئەۋەتتى. جاڭ پىييۇەن جىن شۇرېننىڭ ئۆزىنى‹‹شەرقىي يول باندىتلارنى تازلاش باش قوماندانى››لىق ۋەزىپىسىدىن ئىلىۋەتكەنلىكىدىن ئنتايىن نارازى بولغاچقا، ئەسكەر چىقىرىشنى رەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى جىن شۇرېننىڭ ئىلىغا قېچىپ كىلىشىگىمۇ يول قويمىدى.جىن شۇرېن نائىلاج چۆچەككە باردى، كىيىن سىبىرىيە ئارقىلىق7-ئاينىڭ20-كۈنى تىيەنجىنگە يىتىپ باردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنىپ قولغا ئېلىندى ھەمدە ئۈچ يىل ئالتە ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
   ‹‹12-ئاپرىل سىياسىي ئۆزگىرىشى›› يۈز بەرگەن كۈنى، ‹‹شەرقىي يول باندىتلارنى تازىلاش باش قوماندانى›› شىڭ شىسەي ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇلانبايدا تۇرۇۋاتاتتى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە شېڭ شىسەي قۇشۇننى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئېگىز يەر ‹‹بىر زەمبىرەك بىلەن غەلبە قىلىش››نى ئىگىلىدى. ئۇ ۋەزىيەتنى دەڭسەپ پايدا-زىياننى مۆلچەرلەپ بېقىپ ، مىلتىقنىڭ ئاغزىنى بۇراپ ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىن شۇرېنغا قارشى تۇرۇش قارارىغا كەلدى ھەمدە قولىدىكى ھەربىي قوشۇندىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئالىي ھۇقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋالماقچى بولدى. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كىيىن، ليۇ ۋېنلۇڭ ۋاقىتلىق ئامانلىق ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنىنى چاقىردى. يىغىندا، ئالدى بىلەن شېڭ شىسەي، جاڭ پىييۇەن ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر، خۇيزۇ، مۇڭغۇل، قازاق، شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن كىلىپ چىققان مەشھۇر زاتلارنى ۋاقىتلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلىدى. ئارقىدىن ھەربىي ئىشلار رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش مەسلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. پانپىنگورت، ليۇ ۋېنلۇڭ قاتارلىق كىشلەر دۇبەنلىك تۇزۇمىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ، ۋاقىتلىق ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتى؛ پانپىنگورتمۇ شىڭ شىسەينى ۋاقىتلىق دۇبەن قىلىپ تاللاش تەكلىپىنى بەردى. جېن رۇنچېڭ ئۇنىڭ تەۆلىپىگە جوشۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما چېن جوڭ قاتارلىق سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ قىلىش پوزىتسىيسىنى بىلدۈردى. شىڭ شىسەيمۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە قول ئاستىدىكىلەرگە يىغىن مەيدانىنى مۇھاسىرە قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرگە تەھدىت سىلىشنى بۇيرىدى،يىغىنغا قاتناشقان ھەيئەتلەر «ئاخىرى نائىلاج شېڭ شىسەينى دۇبەنلىككە (ۋاقىتلىق)سايلىدى››. شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ھەربىي چوڭ ھۇقۇقىنى ئاسانلا چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، شىنجاڭ شېڭ شىسەينىڭ مىلىتارىسىتلىق ھۆكۈمىرانلىق دەۋرىگە كىردى.

      
ئىزاھات:1926-يىلىلا گومىنداڭ شىنجاڭغا ئۆلكىلىك پىرقىسىنى قۇرۇش تەيارلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەنتى، ياڭ زىنشىن، جىنشۇرۇىنلارنىڭ چەتكە قىچىشى ۋە توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، 1932-يىلىغاكەلگەندە ئاندىن گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىرقىسى قۇرىلدى.
مەنبە:شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتىنىڭ‹‹ شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى›› نامىلىق كىتاپتىن ئىلىندى.

    كومپىيۇتېرغا ئالغۇچى: ئۈزەم.2014-1-10.

uyghuray

184

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 6650
تۆھپە : 7647
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:05:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىڭ جاللات!!! دوزاقتا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرۈۋاتقانسەن

22

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 3368
توردىكى ۋاقتى: 737
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوزاختا ئۇنىڭدىن بەتتەر ھەلەتتە تۇرغان ئۇيغۇرلىرمىزمۇ ئاز ئەمەس .شىڭ جاللات ھىچ بولمىسا مىللەتپەرۋەر

man  dinar

11

تېما

7

دوست

8046

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   60.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10889
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1382
تۆھپە : 1523
توردىكى ۋاقتى: 1028
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 13:42:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 12:17
دوزاختا ئۇنىڭدىن بەتتەر ھەلەتتە تۇرغان ئۇيغۇرلىرمىزم ...

ئىنكاسىڭىز يۇز پىرسەنت تۇغرا  شىڭ جاللات  مىلەت پەرۋەر  قەخرىمان كىشى
uyghuray

0

تېما

1

دوست

3946

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1180
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 14:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرمۇ ئۇنىڭدىن بەتتەر ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئالتۇن

31

تېما

2

دوست

6041

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8830
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 453
تۆھپە : 1620
توردىكى ۋاقتى: 449
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 15:58:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىڭشسەي ئوچۇق ئاشكارا كاپىر لېكىن شىڭشسەيدىن بەتەر كۈنگە قالدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس

5

تېما

9

دوست

4745

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1444
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 20:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 12:17
دوزاختا ئۇنىڭدىن بەتتەر ھەلەتتە تۇرغان ئۇيغۇرلىرمىزم ...

كەركەك:مەن ماۋۇ ئىنكاسقا ئەگەشتىم

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4024
توردىكى ۋاقتى: 958
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 21:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       خەلقىمىز بۆرىدىن قۇتۇلۇپ، يولۋاسقا تۇتۇلغانكەندە.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )