- تىزىملاتقان
- 2012-8-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4699
- نادىر
- 1
- يازما
- 336
ئۆسۈش
89.97%
|
بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا مەركەز، ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەتتىن بىرەر ئەمەلدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىلى كەلمەكچى دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان پۈتۈن ناھىيە تەۋرەپ كېتىدۇ. يەرلىك ئەمەلدارلار جىددىلىشىپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك كېچە-كۈندۈز ئارام ئالالمايدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ناھىيە سىكرىتارىنىڭ پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى ئەرز-شىكايەتچىلەرنى نەدە بولسا تېپىپ، يۇقىرىدىن كەلگەن ئەمەلدارلار كېتىپ بولغىچە ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇيرۇقىنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق تىپىرلاپ كېتىشىدۇ. ئەگەر يەرلىك ئەمەلدارلار پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى، دۆلەت قانۇنىنى توغرا ئىجرا قىلىپ، خەلقنىڭ ھال-دەردىگە يەتكەن بولسا، ئەرز-شىكايەتچىلەردىن ئۇنچىۋالا قورقۇپ كەتمىگەن بولاتتى. |
|