قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3220|ئىنكاس: 27

ساياھەتچىنى ئەرزىيەتچى دەپ خاتا دۇمبالاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

577

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8553
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 02:16:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساياھەتچىنى ئەرزىيەتچى دەپ خاتا دۇمبالاش - سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ پاجىئەسى

   2011-يىلى 15-سېنتەبىر كۈنى لوياڭلىق جاۋ ئەپەندى سەيلى-ساياھەت قىلىپ كەلمەكچى بولۇپ، پايتەختكە بېرىپ قاپتۇ، پايتەختكە ئەرز-ھال ئېيتىپ بارغان ئەرزىيەتچىلەر بىلەن بىللە كىچىكرەك بىر قونالغۇدا يېتىپ قاپتۇ. ئەتىسى سەھەردە، ئون نەچچە نامەلۇم ئادەم پەيدا بولۇپ، جاۋ ئەپەندىنىمۇ ئەرزىيەتچىكەن دەپ ئويلاپ قېلىپ، ھېلىقى ئەرزىيەتچىلەر بىلەن قوشۇپ لوياڭ شەھىرىگە ئېلىپ مېڭىپتۇ. جاۋ ئەپەندى يولدا بارغىچە تاياق يەپ زەخمىلىنىپ قاپتۇ. 16-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، جاۋ ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھۇشسىز ياتقان جاۋ ئەپەندىنى يول ياقىسىدىن تېپىپتۇ. («شىنجىڭ گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 23-سېنتەبىردىكى خەۋىرى)جاۋ ئەپەندى ئەرزىيەتچى ئەمەس، ساياھەتچى ئىكەن، شۇنداق تۇرۇپ، ئەرزىيەتچىلەر بەھرىمان بولىدىغان تۈرلۈك «ئىززەت-ئىكرام»لارغا نائىل بوپتۇ. شۇ جايدىكى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى «بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قاپتۇ» دەيمىش تېخى. بۇنى قانداقمۇ ئۇقۇشماسلىق دېگىلى بولسۇن؟ شۈبھىسىزكى، بۇ ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئورتاق ئاقىۋىتى—يەرلىك ھوقۇقدارلار بىلەن تىركەشمەكچى بولساڭ، دۇمبا يېگىنىڭ يېگەن دېگەن گەپ. يەرلىكنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى غەيرى تەپەككۇرى ئۆزگەرمەيدىكەن، ھەر بىر كىشى خۇددى جاۋ ئەپەندىگە ئوخشاش زىيانلانغۇچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھوقۇقدارلار دەرىجە ئاتلاپ ئەرز-شىكايەت قىلغانلارغا تولىمۇ «ئامراق» بولۇپ قېلىشتى. دەرىجە ئاتلاپ ئەرز ئېيتىش خۇددى گۇناھى كەبىردەك، پاراكەندىچىلىك ئامىلىدەك، دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلغانلارنى مۇتتەھەملەر دەپ قاراپ، قاتتىق زەربە بېرىش ئوبېكتى قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەرزىيەتچىلەر ئۆلگۈدەك دۇمبا يەيدىغان، ھەپسىگە ئېلىنىدىغان، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىدىغان، ھەتتا روھىي كېسەللەر ساناتورىيىسىگە ئاپىرىپ قويۇلىدىغان ھېكايىلەر تولا تەكرارلىنىپ، كۆپ جايلاردا كۆزگە سىڭىپ قالغان ئىش بولۇپ قالدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەرزىيەتچىلەرنى دۇمبالاشقا ئاستىرىتىن كۆرسەتمە بەرگەن ھوقۇقدارلارغا ھېچ ئىش بولمىدى. خۇبېي ئۆلكىسىدە نازىرنىڭ رەپىقىسى خاتا تونۇپ قېلىنىپ، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىدىن بىھۇدە تاياق يەپ كەتكەندە، دېلوغا چېتىلىدىغان قايسى ئەمەلدارغا چارە كۆرۈلۈپتۇ؟ نازىرنىڭ رەپىقىسى موشۇنداق «ئىززەت-ئىكرام»غا نائىل بولغان يەردە، ئاۋام-پۇقرانىڭ گېپىنى دېمەيلى قويايلى.
   مۇقىملىقنى قوغدايمىز دەپ، يەرلىك ھوقۇقدارلار ھېچنېمىدىن تەپ تارتماي ئاۋامنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چاڭ سالسا بولىۋېرەرمىش. بۇنداق غەيرى نورمال مۇقىملىقنى قوغداش قارىشى جەمئىيەتنى «قوغدىغانسىرى مۇقىم بولماسلىق»تەك غەلىتە چەمبىرەك ئىچىگە كىرگۈزىۋېتىدۇ، ئەرزىيەتچىلەر «ئېيتىشقانسىرى» بەزى تارماقلار شۇنچە دەر-غەزەپ بولىدۇ، ئەرزىيەتچىگە شۇنچە قوپال تېگىدۇ. ئەرزىيەتچى ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانسىرى شۇنچە نارازى بولىدۇ. بۇنداق يامان ئايلىنىشنىڭ تەبىقىلەر قارىمۇ-قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى مۇقەررەر.
   ئەرز-شىكايەت قىلىش پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقىدۇر. بەلگىلىمە بويىچە دەرىجىمۇ-دەرىجە ئەرز قىلسىمۇ، دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ. «ئاساسىي قانۇن»نىڭ 41-ماددىسىدا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىغا تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىنىڭ قانۇنغا خىلابلىق قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە،لېكىن،پاكىت ئويدۇرۇش ياكى پاكىتنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەرزىيەت نىزامى»نىڭ 3-ماددىسىدا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى ئەرزىيەت يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەتچىلەرنىڭ مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئۇسۇلدا ئەھۋال ئىنكاس قىلىشى، تەكلىپ، پىكىر بېرىشى ياكى ئەرز تەلىپى قويۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئەرزىيەتچىلەرگە زەربە بېرىشى، ئۆچ ئېلىشىغا بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
   ئەپسۇسكى، ئىجرا قىلىش جەريانىدا قانۇن ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلاندى، ئەرزىيەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى قىلچىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمىدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كۈچلۈك ۋە بۇرمىلانغان مۇقىملىقنى قوغداش قارىشى بولغاچقا ھوقۇقنىڭ بېسىمى يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن، ھوقۇققا بولغان نازارەت ۋە باھا ئاجىز بولغان. بۇنداق ئاجىزلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى ئەرزىيەت تۈزۈمىدىكى مەسىلە ئەمەس، ئەمەلدارلارنىڭ ئەخلاقىدىكى مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى تۈزۈم-تۈزۈلمىلەردە ئاۋام-پۇقراغا ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى چەكلەش-تىزگىنلەش ھوقۇقى بېرىلمىگەنلىكتىندۇر.
   بىلىش كېرەككى، ئىسلاھات-تەرەققىيات چوڭقۇرلاشقانسىرى، تۈرلۈك زىددىيەتلەرمۇ پەيدا بولىدۇ، ئاۋام-پۇقرانىڭ ئىسلاھات-تەرەققىيات سەمەرىسى تەقسىماتىغا ئىشتىراك قىلىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولىدۇ، دېموكراتىيە، ھەق-ھوقۇق ئېڭى ئويغىنىدۇ. ئاۋام-پۇقرانىڭ ئەرز-شىكايەت قىلىشى دەل ھەق-ھوقۇق، دېموكراتىيە ئېڭى ئويغانغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ھۆكۈمەت ھوقۇقى بىلەن خۇسۇسىي ھوقۇقنىڭ زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن سىياسىي پاراسەت كېرەك بولىدۇ، تۆگىقۇش بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىپ خەپتىن قۇتۇلدۇم دەپ ئويلىغاندەك ئۆزىنى-ئۆزىنى ئالداشقا بولمايدۇ. مانا بۇ پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا بولغان سىناق ھېسابلىنىدۇ.
   جاۋ ئەپەندىنىڭ قىسمەت-كەچمىشلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ غەيرى نورمال مۇقىملىقنى قوغداش قارىشى بىلەن ئەمدى كارى بولمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتكەنلىكىنى، سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈستىدە كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىغاندەك جۈرئەت-جاسارەت بىلەن قايتا ئويلىنىش زۆرۈرلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.


چيەن گۇيلىن ئىمزاسىدىكى بۇ ئوبزور 2011-يىلى 24-سېنتەبىر خەنزۇچە «نۇر تورى»دا ئېلان قىلىنغان.

2

تېما

69

دوست

6665

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2002
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 11:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوچۇقلا گەندىگە بىشىڭنى تىقىپ گەپ سۆزسىز تۇر بولمىسا كۆرگۈلكىڭ بار دىگىنىغۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

4308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11458
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 575
تۆھپە : 945
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇدا ئەرزىيەتچىلەرنىڭ كۈنى ئەڭ تەس ،ئەزىيەتچىلەرنى ئىشىڭنى ھەل قىلىمىز دەپ ياندۇرۇپ ئەكىلىپ ،تۈرمىگە سولىۋەتكەن ئىشلار بەك جىخ جۇمۇ تۆۋەندە .

1

تېما

0

دوست

861

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   72.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17801
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:38:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇندق ،ھەل قىلمىز دەپ ئەكىلىپ .................جىق

0

تېما

1

دوست

3063

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 896
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 13:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ جوڭگۇنى دۇنيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت دەپ كىتاپلاردىن كۆرگەن ئىدىم بولمىسا.

9

تېما

4

دوست

4558

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9938
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 726
تۆھپە : 898
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 13:47:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگوچە دېمگۇراتىيىنى پەقەت مەركەزلەشتۈرۈشكىلا بولىدۇ، تارقاقلاشتۇرۇشقا ،ئاۋامنىڭ قولىغا بېرىشكە بولمايدۇ.

1

تېما

0

دوست

1759

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23265
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 14:08:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      جۇڭگۇنىڭ   بۇ كىسىلى ساقايمايدىغان كىسەل  . پۇقرانىڭ بۇزەك بولغىنى بولغان  . بىز  بىدئەت دىگەننى  كوپ ئاڭلىغان  مانا ھازىر   ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى  كورۋاتىمىز .

6

تېما

4

دوست

4205

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1079
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 14:14:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ بىز ياشاۋاتقان جۇڭگو .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )