بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagdax-bahadiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-11 00:24
جۇڭگۇ بۇ ئەسىردە ئامرېكىدىن ئاشالمايدۇ
ئوغلانى تەرجىمىسى
ئەنگىلىيەنىڭ قارىشىچە جۇڭگۇ بۇ ئەسىردە ئامېرىكىدىن ئاشالماسلىقى مومكىنكەن ، بۇ گەرچە قۇلاققا ياقمىسىمۇ لىكىن بىر ئاڭلاشقا ئەرزىيدۇ .
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تىلىگىرامما گېزىتى»تورى 8-ماي بىرانس ئىۋنىس ئىپرىچارد نىڭ بىر ئەسىرىدە دىيىلىشىچە : جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ 2030-،2025-يىللىرى ،ھەتتا 2017-يىلى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كىتىدۇ دىگەن جەدۋەللىرىنىڭ ھەممىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەن ، جۇڭگۇ بۇ ئەسىردە ئامېرىكىدىن ئاشالماسلىقى مومكىن ئىكەن . بۇلتۇرغىچە ،ئامېرىكىنىڭ ئومومىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى15.7GDPتىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى بولغان ،نامدىكى پىروۋوت قىممىتىگە ئاساسەن ،جۇڭگۇنىڭ ئومومى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 8GDPتىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى بولغان .سېتىۋىلىش كۈچىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ، جۇڭگۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئامېرىكىنىڭ 75%ىگە توغرا كىلىدىكەن ، مۇشۇ ئۆلچەم بولغان تەقدىردىمۇ ، جۇڭگۇنىڭ ئېشىپ كىتىشىمۇ مۇقىم ئەمەس . يېقىندا مەغلۇپ بولغان ئاسالىق « ئامېرىكا زاۋاللىق تەلىماتچىسى» ، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئىستراتىگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى كېرىد پۇلىستوۋىزنىڭ دىيىشىچە ، جۇڭگۇ ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەتلىك تەڭپۇڭلۇق ئۆلچىمىدە ئامېرىكىغا «مەڭگۈ» يىتەلمەسلىكى مومكىن . بۇ بەلكىم ئازراق ئاشۇرۋەتكەنلىكتۇر ، لىكىن بۇنىمۇ كەلگۈسىدە مومكىن ئەمەس دىگىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭ دىيىشىچە :« كىينكى قېتىم جۇڭگۇغا بارغىنىڭىزدا ، بۇلغانغان ھاۋادا بەپەسلىنىشىڭىز تەسكە چۈشكەنلىكىنى بايقىسىڭىز ، يادىڭىزدا تۇتۇڭ ، ھاۋانى بۇلغىغان نەرسىمۇ GDP غا تۆھپە قوشقان نەرسە دەپ قارىلىدۇ . ئەگەر مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ۋە مەڭگۈ ئىشىلتىلمەيدىغان تۈردىكى ئۆتكۈنچى مەبلەغكە ئاساسەن جۇڭگۇغا تەڭشەش ئېلىپ بارسا ، ئۇنداقتا جۇڭگۇنىڭ GDP سى 30%تىن 50% كىچە كىمىيىپ كىتىدۇ . كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىملىرى يامان خاراكتىردىكى قەرىز ئالدى دەپ قارىلىدۇ ، لىكىن بۇنداق قەرىزنى جۇڭگۇدا مەڭگۈ ئىتراپ قىلىنمايدۇ ، شۇڭلاشقا بۇندىن كىيىن ئاستىلاشقان تىزلىنىش بىلەن ئىپادە تاپىدۇ .» بىر خىل يېڭى قاراش قابىليەتلىكلەر قاتلىمىدىكىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ، ئۇ بولسىمۇ 2008 - يىلىدىكى بانكا كىرزىسى ئامېرىكىغا ئېغىر بىر زەربە بولدى ، لىكىن ئامېرىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچى كۈچلۈك كارخانىلارغا ئۇنچە زور زەربە بولمىدى . لىكىن ياۋرۇپاغا زەربىسى ئېغىر بولدى ، جۇڭگۇغىمۇ ئازراق تەسىر كۆرسەتتى . ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشلىقى رىچارد خاسنىڭ دىيىشىچە : دۇنيا بەلكىم بىلىپ - بىلمەي يەنە بىر «ئامېرىكا ئەسىرىنىڭ ئىككىنجى ئون يىلى»غا كىرىپ قېلىشى مومكىن . ھەر بىر ئۆلچەمگە نىسبەتەن ، تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە يۇقرى تېخنىكا قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئامېرىكىنىڭ بىر پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك رىقابەتچىسى يوق . ئامېرىكىنىڭ مەركىزى دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا سەرىپ قىلغان پۇلى باشقا ئۇنىڭ كەينىدىكى 10 دۆلەتنىڭكىنى قوشقاندىمۇ كۆپ . ئۇنىڭ دىيىشىچە :« ئامېرىكىنىڭ بېسىۋېلىش خاراكتىرىدىكى ھەربىي ئەۋزەللىكى يەنە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ .» راستىنى دىگەندە ، ئامېرىكا بۇرۇنقى قەرىز مەسىلىسىگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ ، لىكىن جۇڭگۇدىمۇ بۇ مەسىلە مەۋجۇت . خۈيپۇ يېقىندا جۇڭگۇنىڭ قەرىز دىرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن ، ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتكەن تۆت يىلدا قەرىز GDPنىڭ 125%ىدىن 200%كە ئۆستى ، كۈمۈشكە تەيىنىۋېلىش بەكمۇ ئېغىر دىگەن . لىكېچىياڭ بۇلتۇر قەتئىي ھالدا دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ۋە دۇنيا بانكىسىنىىڭ « ئوتتۇراكىرىملىكلەر توزىقى» غا مۇناسىۋەتلىك دوكىلاتىنى قوللىغان ئىدى . دوكىلات مۇنۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى ، جۇڭگۇنىڭ 30 يىلدىكى ياراتقان مۆجىزىسى يوقالماقچى ،دۆلەت ئىلگىرى سۈرگەن سانائەتلىشىش ۋە تۆۋەن باھالىق ئىكىسپورت تاۋارلىرىغا تايىنىشنىڭ مىۋىسى ئۈزۈلۈپ بولدى . لىكېچىياڭ ئىككىنجى قېتىملىق ئىنقىلابنى تامانلىغان تەقدىردىمۇ ،جۇڭگۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ ، نوپوس ئەھۋالىمۇ مۇشۇ نوقتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۆتكەن يىلى ئەمگەك كۈچى مۇتلەق سانىمۇ كىچىكلەشكە باشلىغان ،يەنى 350مىڭ ئازايغان . خەلقئارا پۇل فوندىنىڭ دىيىشىچە ، جۇڭگۇ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ «جىددى»تۆۋەنلەش مەزگىلىگە قەدەم قويغان ، بۇنىڭدا ئويلىغاندىنمۇ بالدۇر قەدەم قويغان . -- ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ، ئىقتىسادى ئومومىي ئورنى بىرىنجى ئورۇندا ماڭغىنى يۈز يىلدىن ئاشتى ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئىلگىرى :« ئامېرىكا دۇنيادا ئىككىنجى بولۇپ قالسا بولمايدۇ » دەپ جاكارلىغان ئىدى . جۇڭگۇ دۇنيادىكى بىرىنجى ئورنىغا قايتىپ كەتمەكچى بولسا ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىرادىدىن سىپىل ھاسىل قىلىپ ، جاپالىق كۆەش قىلسا ، قېيىنچىلىقلارنى يەڭسە بولىدۇ . بىر ئېغىز گەپ بىلەن دىسەك ، تەرەققىي قىلىش چىڭ قائىدىدۇر. ئالدىنقى ئەسىردىكى 50-يلىللاردا ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن بولماي،ئۇرۇشنىڭ يارىسى ئەمدى داۋالىنىپ ، مىللىي ئىقتىساد ئەسلىگە كەلگەن ، ئەمدى تېخى ئازىراق نەتىجىگە ئېرىشىپ بولغۇچە ، رەھبەرلەر كوللىكتىپىنىڭ كاللىسى قىزىپ كىتىپ چوڭ سەكرىدى ، ھەمدە « ئون يىلدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كىتىش» دىگەن ئەمەليەتكە يېقىن كەلمەيدىغان شۇئارنى توۋلىدى ، نەتىجىدە ، چوڭ سەكرەش چوڭ قىيناشقا ئايلىنىپ ، چوڭ ئارقىغا داجىش بولدى ،دۆلەتنىڭ ھاياتى كۈچىگە چوڭ دەخلى يەتتى ، خەلقنىڭ قىينىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، ھەرقانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن ،تەرەققىي قىلىپ قۇرۇلۇۋاتقان ۋاقىتتا كاللىنى سەگەك تۇتۇش ، ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىق كىرەك . جۇڭگۇنىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كىتىش شاۋقۇنىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ، ئەنگىلىيەنىڭ ئاچچىق گېپىنىمۇ ئاڭلاپ قويايلى . ياخشى دورا ئاچچىق بولسىمۇ كىسەلگە داۋا ، ئەنگىلىيەنىڭ نىمە مەقسەتتە دىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ، بەزى گەپلەردە بۇ ئەسەرنىڭ بىزگە پايدىسى بار . ئەسكەرتىش: بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرگە رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ |