شىركەت باشقۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنىئۆستۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان 10 تەدبىر
ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچىدىكى ياكى يېڭىدىن ئىشباشلىغان ئېنتىرنىت تورى شىركىتى، قۇرغۇچىسىنىڭ تولىسىمەھسۇلات دېرىكتورى ياكىتېخنىكا ئېنژىنىرى سالاھىيىتىدىكى كىشىلەر بولغانلىقىدىن، كوللىكتىپنى قانداقباشقۇرۇش ئۇلار ئۈچۈن باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى ئون خىلتەدبىرنى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇق.
1. روشەن قۇرۇلما بولۇش
ھەرقانداق بىر بۆلۈمنى ئۆتكۈزىۋالغاندا، ئەڭ مۇھىمئىش تەشكىلىي قۇرۇلمىنى يېڭىلاش ياكى ئايدىڭلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى: كىمنىڭ قايسى ئورۇندا قانداقمەزمۇنلارغا مەسئۇل بولىشىنى چوقۇم ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
2. نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش
رەھبەر «شوتىغا قانداق يامىشىنى ئەمەس، شوتىنىقايسى تامغا قويۇش» نى قارار قىلىدۇ. شۇڭا رەھبەر بولغان كىشى چوقۇم ئېنىق نىشانبەلگىلىشىشى ۋە بارلىق خىزمەتچىلەرگە نىشاننى يەتكۈزىشى كېرەك. بۇ تەرەپنى ياخشىقىلالمىسىڭىز، ھەرقانچە ياخشى خادىملار بولسىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈرەلمەيدۇ.
3.ھوقۇق بولمىسا، مەسئۇلىيەت بولمايدۇ
دۇنيادا ئاتنى چاپتۇرۇشنىلا بىلىپ، يېمەكلىكبېرىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىش بولمايدۇ. سىز خىزمەتچىگە ئۆزىڭىزنىڭ تەلىپىنى ئېنىققىلىپ ھاۋالە قىلغان ئىكەنسىز، چوقۇم ئۇنىڭغا يېتەرلىك ھوقۇق ۋە مەبلەغنى بېرىشىڭىز كېرەك، بۇنداق بولمىغاندامەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇلىيەت ئۇنىڭدا ئەمەس سىزدە بولۇپ قالىدۇ.
4.مەسىلىلەرنى كۆرەلەيدىغان بولۇڭ
كوللىكتىپ چوڭايغانسىرى مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرگىلىبولمايدۇ. كوللىكتىپ كىچىك بولسىمۇ، كۆرگىلى بولىدىغان قورال ۋە تەرتىپنىڭبىرىكمىسى بولىشى شەرت. بۇنداق بولغاندا كوللىكتىپنى كېڭەيتىشىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق.
5. تارايتىپ باشقۇرۇش
ئىش قىلغاندا بەك كۆپ دەرىجە پەيدا قىلىۋالماڭ.ھەرقانداق بىر ئىشقا مەسئۇل كىشىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ، مەسئۇل كىشى سىزنى بىۋاستەتاپالايدىغان بولسۇن، بىۋاستە پىكىر – تەلەپلىرىنى ئېيتالايدىغان بولسۇن.
6. بۆلۈپ،ئارىلىقتا تەكشۈرۈپ باشقۇرۇڭ
بىرچوڭ تۈرنى بىر قانچە مەزگىلگە بۆلۈپئورۇنلاشتۇرۇڭ ۋە ھەر قايسى مەزگىلدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىڭ.بۇنداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ھالدا خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە چاتاقنىڭ قايسىۋاقىتتا ، قەيەردىن چىققانلىقىنى بىلىۋېلىش كۆپ ئاسانلىشىدۇ. تەكشۈرۈش ئېلىپبارغاندا چوقۇم ئورۇنلانغان ۋەزىپىنى كۆرۈڭ، ئورىنلىنىۋاتقان ۋەزىپىنىڭ ئەھۋالىغائالدىراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ھەربىر ھالقىنى چىڭ تۇتقاندا مۇقىم تەرەققىيقىلغىلى بولىدۇ.
7. خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىن بەرگەن ۋەدىسىنى تەلەپقىلىڭ
باشقۇرۇش جەريانىدا ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ قالىدىغانبىر ئىش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ خىزمەتچى – خادىملارنىڭ ۋەدىسىنى تەلەپ قىلىشتۇر.
«يۇقىرىدىكىلەر تاپشۇرغان ۋەزىپە» ئادەتتە ئانچە ياخشى ئورۇندالماسلىقى مۇمكىن،ئەمما
« يۇقىرىغا ياخشى ئورۇنلاشقا ۋەدە بەرگەن ۋەزىپە»ئوخشاشلا ۋەزىپە بولغان تەقدىردىمۇ ياخشى ئورۇنلىنىشى مۇمكىن. خىزمەتچىخادىملارنىڭ سىزگە بەرگەن ۋەدىسى ئىنتايىن مۇھىم.
8.بىر ئادەمنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماڭ
ئادەمنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئەمما قارشى تەرەپئۆزگىرىشنى خالىمىسا ئامال يوق. ئەگەر بىر ئادەم خىزمەت ئورنىدا ياخشى ئىشلىمىسە،ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۇنى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئورۇنغا يۆتكەش. «ئىستىقبالى بار» «ئاستا- ئاستا يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ» دېگەندەك قاراشلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىڭىزنىڭلا قارىشى بولىشى مۇمكىن.
9. نەتىجە تەلەپ قىلىڭ، ھېچقانداق باھانىگە قۇلاقسالماڭ
خىزمەتتە پەقەت ئىككى نەتىجە بولىدۇ. بىرىقىلالىدىڭىز يەنە بىرى قىلالمىدىڭىز. ئەگەر قىلالمىغان بولسا سىز قانچىلىك زىيانبولغانلىقىنى ، باشقا ئامال بار يوقلىقىنى، ئەگەر ئامال بولسا يەنە قانچىلىكمەبلەغ كېتىدىغىنىنى سۈرۈشتۈرۈڭ. نىمە ئۈچۈن قىلالمىغىنىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق.
10 .ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش
«يېڭىلاش» تويوتا شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكىمۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. دۇنيا ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتىدۇ،بۈگۈنكى ئۈنۈملۈك چارىنىڭئەتىسىمۇ ئۈنۈمى بولىشى ناتايىن. مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ، بايقاڭ،ھەل قىلىشچارىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇڭ.
مەنبەسى : ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن
مىراس تورىدىن ئانارگۈل تەرجىمە قىلغان
4- نويابىر
|