- تىزىملاتقان
- 2011-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8210
- نادىر
- 0
- يازما
- 349
ئۆسۈش
64.2%
|
[align=justify] سۇدا ئىزى قالماپتۇ
قاسىم قىزىق ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن قارىتالغا كەلگەن بىر كىشى جاڭگالدىن قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەن قاسىم قىزىقتىن:
_ جاڭگالدىن قۇرۇق قول قايتىپ كەپتىلاغۇ، _ دەپ سوراپتۇ.
_ مەن سۇدا ئىزى قالغان توشقان، ئۆردەكلەرنى ئوۋلىماقچىدىم، بىراق ئىزى قالماپتۇ، _ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ قاسىم قىزىق.
مېنى بېسىۋالامدىكىن دەپ
مەھەلىنىڭ مويسىپىتلىرى بىر نەزىردىن قايتىپ كېلىۋېتىپ قاسىم قىزىقنىڭ قارا ياغاچنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، ئۇزۇن ساپاقلىق بىر پالتا بىلەن قارا ياغاچنىڭ تۈۋىنى چېپىۋاتقانلىقنى كۆرۈپتۇ-دە،سوراپتۇ:
_ قاسىم، سەن نىمىشقا قارا ياغاچنى يەردە تۇرۇپ كەسمەي، ئۈستىگە چىقىپ كىسىۋاتىسەن؟
_ يەردە تۇرۇپ كەسسەم ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ مېنى بېسىۋالمامدۇ؟ _ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ قاسىم قىزىق.
پىلسىرات كۆۋرىكىدە سىزدەك تۇرماسمەن
بىر كىشى قاسىم قىزىقتىن:
_ قاسىم ئاكا، ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە قانچە كىيىك، توشقانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانسىز؟ _ دەپ سوراپتۇ.
_ مىڭ ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن، _ دەپتۇ قاسىم قىزىق. بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان " ئوغرى" دەپ نام ئالغان بىر كىشى:
_ يائاللا، شۇنچە كۆپ جانۋارلارنىڭ جېنىغا زامىن بوپسىز، ئەمدى پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن قانداق ئۆتەرسىز؟ _ دەپتۇ.
_ پىلسىرات كۆۋرىكىدە سىزچىلىك ئۇزۇن تۇرماسمەن ،_ دەپتۇ قاسىم قىزىق ئويلۇنۇپ تۇرماستىنلا.
قۇمدا باققان كالا
قىشلىقى ئۇزۇن تۈنلەرنى قاتارى مەشرەپ ، توي-تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈش قومۇل خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئادىتى بولغاچقا، بىر قىشلىقى نۆۋەت قاسىم قىزىقنىڭ ئۆيىگە كىلىپ قاپتۇ. تەييارلىقسىز تۇرغان قاسىم قىزىق ئايالىغا بىر سېۋەت دۆڭگۈرچەك ( يانتاق يىلتىزى) ئېلىپ كىرىپ، پاكىز يۇيۇپ، ئۆيدىكى ئازراق كالا گۆشى بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. ئايالى شۇ بويىچە ئىش قىپتۇ. ئۇلار كەچتە قارا چىراقنىڭ پىلىكىنى سەل پەسلىتىپ قويۇپتۇ ۋە كەلگەن تاماشىچىلارغا قازاندىكى " گۆشنى" قويۇپ بېرىپتۇ. بىر ئاغىنىسى قولىغا چىقىپ قالغان دۆڭگۈرچەكنى راسا چىشلەپ، تارتىپ تۇرۇپ:
_ قاسىم، بۇ نىمىنىڭ گۆشى؟ _ دەپ سوراپتۇ. كالا گۆشىدىن بىر پارچىنى يەپ ئولتۇرغان يەنە بىر ئاغىنىسى:
_ نىمە گۆشى بولاتتى، كالا گۆشى ئىكەنغۇ، _ دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان قاسىم قىزىق ھېلىقى ئاغىنىسىغا:
_ سىزگە پىشۇرغىنىم قۇمدا بېقىلغان كالىنىڭ گۆشى،_ دەپتۇ.
سىزگە ئوخشاش قىلىق
بىر كۈنى قاسىم قىزىق بازادىن كېلىۋېتىپ ئېشەك ئۈستىدە مۇگدەپ قاپتۇ. دائىم گەپدانلىق قىلىمەن دەپ قاسىم قىزىقتىن ئەدىپىنى يەپ يۈرگەن سوپا نىياز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قاسىم قىزىقنىڭ ئىشىكىنى توقماق بىلەن بىرنى ئۇرغانىكەن، قاسىم قىزىق ئېشەكتىن يىقىلىپ كېتىپتۇ. بىر ئازدىن كىيىن كۆزىنى ئاچقان قاسىم قىزىق يېنىدا تۇرغان سوپا نىيازنى كۆرۈپتۇ-دە، قولىدىكى تاياق بىلەن ئۇنى بىرنى ئۇرۇپتۇ.
_ قاسىم ئاكا، بۇ قانداق قىلىق؟ _ دەپتۇ سوپا نىياز ئاغرىغان يىرىنى سىلاپ تۇرۇپ.
_ بۇ سىزگە ئوخشاش قىلى، _ دەپتۇ قاسىم قىزىق.
پۇرچاق پاتمىغان كەنەيدىن كالا بېشى پېتىۋاتسا....
قاسىم قىزىق مەلۇم بىر يۇرتقا بېرىپ مېھماندارچىلىقتا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ، بۇ سورۇندىكى بىر ئايالنىڭ ئۆي ئىگىسى تۇتقان گازىر-پۇرچاقلارنىڭ ھەر بىر تېلىنى بىرنەچچە پارچىلاپ ناز بىلەن يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۇ بىر كىشىنى ئىزدەپ مەلۇم بىر ئۆگە كىرىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ھېلىقى ئايال بىر كالا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ يەۋاتقىدەك. قاسىم قىزىقنىڭ كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئايال ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ:
_ بۇ ئېزىز مېھماننىڭ بىزنىڭ ئۆيلەرگە ئەجەپ بېشى پېتىپ كىتىپتىغۇ، _ دەپتۇ. قاسىم ئۇنىڭغا جاۋابەن:
_ ئاخشام پۇرچاق پاتمىغان كانەيدىن بۈگۈن كالا بېشى پېتىۋاتقان يەردە، بۇنچىلىك چوڭ ئۆيگە مېنىڭ بېشىم ئەلۋەتتە پاتىدۇ-دە، _ دەپتۇ.
[align=justify]مەنبە :"قومۇل شەھەر خەلق چۆچەكلىرى" دىگەن كىتاپ[align=justify]
| [tr][align=justify][td][/td][/tr]
|
|