تىرورچىلار تۇغۇلىشىدىن جىنايەتچىمۇ ؟
ۋاڭ خۇا بىن ئوغلانى تەرجىمىسى
ــ بىر گۇاڭدوڭلۇق يۇرتدېشىم گۇاڭدوڭدا يۈز بەرگەن ساقچىخانىنى ئۇرۇپ چېقىش تىرورچىلىق بولامدۇ ؟ دىگەن گەپكە قارىتىپ سورىغان گېپى .
تۈنۈگۈن بىر يۇرتدېشىم گۇاڭدوڭدىن قايتىپ كەلدى ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە گۇاڭدوڭدىمۇ ساقچىخانىنى ئۇرۇش ،چېقىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ؛بىلمىدۇق، ئەمدى تىرورچىلار گۇاڭدوڭغا كەلگەن ئوخشايدۇ . ئىلگىرى بىز پەقەت دۇنيادىكى تىرورچىلار ئامېرىكىغىلا قارشى تۇرىدۇ دەپ بىلەتتۇق ، شۇڭلاشقا بىزمۇ جۇڭگۇلۇق بولغىنىمىزدىن پەخىرلىنەتتۇق؛ چۈنكى مىنىڭ ساۋاقداشلىرىمدا ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ يىشىل كارتىسى بولۇپ بولغان ئىدى؛ لىكىن جۇڭگۇنىڭ پاسپورتىنى ئەڭ سىرتىغا قويۇپ ، دۇنيادا جۇڭگۇنىڭ پاسپورتى ئەڭ بىخەتەر دىيىلەتتى . چۈنكى ئەگەر خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسىڭىز ،ئەگەر ئامېرىكىنىڭ پاسپورتى بولسا ئۆلۈمنى ئۆزى تاپقانلىق بولاتتى ؛ لىكىن جۇڭگنىڭ پاسپورتى بولسا ، تىرورچىلار سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزگە دەخلى-تەرۇز قىلالمايتتى . لىكىن بۇ بىر نەچچە يىلدا دۆلىتىمىزدە تىرورلۇق ۋەقەسى ھەمىشە يۈز بەردى ، بۇنى چۈشىنىش قيىن . نىمىشقا تىرورچىلار نىشانىنى جۇڭگۇ قىلىپ بىكىتىدۇ ؟ تىرورچىلارچىلارمۇ نۆۋەت ئالمىشىپ تىرورچىلىق قىلامدۇ ؟ ئەسلىدە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئامېرىكىلىق تىرورچىلار چەكتىن ئاشقان دىنى كۈچلەر ئىدى ، ئۇلارنىڭ مەركەزلىك مەسىلىسى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان زىددىيەت ئىدى؛ ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئاكىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇلار ئاچچىقىنى ئامېرىكىدىن چىقارغان ئىدى ؛ شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىلىقلار خەلقئارا تىرورچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان ئىدى . دىمەكچى ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان تېرورچىلار ئەمەليەتتە ئامېرىكىنىڭ سىياسى جەھەتتە مەجبۇرى ھوقوقۋازلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ، ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدا ئەسلىدىنلا تىرورچىلار بار ئەمەس . جۇڭگۇ چەتئەلگە ئىناق مۇئامىلىدە بولغاچقا ، سىرتقا بولغان سىياسىتىدىن ئېلىپ ئېيىقاندا ھەرگىزمۇ تىرورچى پەيدا قىلالمايدۇ . ئۇنداقتا جۇڭگۇدىكى تىرورچىلار زادى قانداق كىشىلەر ؟ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چۈشەندۈرشىچە ، تىرورچىلار شىزاڭ ،شىنجاڭ مۇستەقىللىق ئونسۇرلىرى ، يەنە جۇڭگۇ جەميىتىگە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ كىشىلەر ؛ مەسىلە شۇكى ،نىمىشقا بۇ كىشىلەر ماۋزىدوڭ مەزگىلىدە تىرور چىلىق قىلماي ،ئىسلاھات ئېچىۋەتكەندىن كىيىن تىرورچىلىق قىلىدۇ ؟ ئوخشاش تىرورچىلار يەنە چېچىنلىق قارا ئايال قاتارلىقلار ، ھەممسى سوتسىيالىزىم بۆلۈنگەندىن كىيىن يۈز بەردى، بۇلار روسىيەلىكلەرنى چېچىننى ئاڭلىسىلا قورقۇپ چىرايى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان قىلىپ قويدى . ئەلۋەتتە بىزنىڭ جەميەتتىكى نوپوزلۇقلارنىڭ نەزىرىدىكى تىرورچىلار تېخىمۇ چوڭ مەنىدە ، شىنجاڭدىكى ئاشۇ ئۇرۇپ،چېقىپ ،كۆيدۈرگەنلەر تىرورچىلار ؛ شىيامىندىكى ئاپتۇبۇستا 47 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۇماندار جىنايەتچى چېنشۈي زوڭ مۇ تىرورچى . ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ ،قاتتىق «ئۈمىدسىزلەنگەن» لىكتىن بۇ چوڭ جىنايەتنى ئۆتكۈزدى . مۇشۇنداق بولغاچقا ،دۆلىتىمىزدە تىرورچىلارنىڭ ئېنىق بولغان ئېنىقلىمىسى يوق ؛ نىمە ئادەمنىڭ بىردەمدە تىرورچى بولغانلىقىنى بىرنىمە دىمەك تەس . بۇ ئامېرىكىدىكى تىرورچىلار بىلەن قەتئىي ئوخشىمايدىغان تىرورچىلار جۇڭگۇلۇقلارنى ئەنسىرەتمەكتە . چۈنكى جۇڭگۇدا تىرورلۇق تېخمۇ قورقۇنۇچلۇق . ئۇ ھەرگىز مىللى زىددىيەت ئەمەس ، تۇپراق مەسىلىسىمۇ ئەمەس ، بەلكى جۇڭگۇچە ئالاھىىدىلىككە ئىگە ئىجتىمائىي مەسىلە . مەن كومپارتىيەنىڭ دەسلەپتىكى كىشىللىرىگە قول قويىمەن ، ئۇلار نىمىشقا زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنى بىلىدۇ ؛مەسىلەن لېنىنى دەيلى، ئۇ شۇنچە كۆپ مىللەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدى –يۇ ،تىرورچى چىقمىدى ؛ يەنە يۇگۇسلاۋىيەلىك تىتومۇ مىللەتلەر مەسىلىسى تەرىپىدىن ئۇرۇش قىلىپ باققىنى يوق . بىزنىڭ ماۋزىدوڭمۇ مىللەتلەر مەسىلىسىنى شۇنداق ياخشى ھەل قىلغان ئىدى . ماۋزىدوڭ ئۇلۇغ ئەمەسمۇ ؟ سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقىنى دىمەي تۇرايلى ، ئۇلار ئۆزلىرى مەخسۇس تىرورچىلارنى يىتىشتۈردى ،يۇگۇسلاۋىيە تېخمۇ قورقۇنۇچلۇق ، ئۇلار ئۇرۇش ئارقىلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىىلماقتا ؛ بۇ ئەجابا تىرورچىلاردىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئەمەسمۇ ؟ خەلقئارا كوممۇنىزىم جەريانىدا ،بىزنىڭ جەمىيىتىمىزمۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ ؛چۈنكى جەميىتىمىزنىڭ چىرىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى يۇقرى پەللىگە يەتتى ، شۇڭلاشقا خەلقئارادىكى تىروررچىلار جۇڭگۇدىمۇ قانات يايدى ؛بۇمۇ تىرورچىلارنىڭ جۇڭگۇدىكى جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىكى . تىرورچىلار تۇغۇلىشىدىن جىنايەتچىمۇ ؟ بۇ بىر ئېنىق گەپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم تىرورچىلار كىيىن پەيدا بولغان ،مەن بىر تەسىرلىك ھېكايىنى بىلىمەن ، بىر روسىيەلىك لىتنانت چېچىن قوزغىلىڭىنى تىنجىتىپ بولغىنى ئاز قالغاندا قىزىنىڭ تۇغۇلغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ؛شۇنىڭ بىلەن خۇشال ھالدا قالدۇق ئونسۇرلارنى ئىزدەيدۇ . بىر خارابىيلىك ئىچىدە ، بىر ئالتە ياشلىق كىچىك قىزچاق قورقىغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىدۇ ،ئۇ ئۆزىنىڭ قورالىنى قويۇپ ، قوينىدىن كەمپۈتنى ئېلىپ بۇ كىچىك قىزچاققا بېرىدۇ ، كىم بىلگەن ، بىردەمنىڭ ئىچىدە بۇ قىزچاق ئۇنىڭ كەينىدىكى سومكىدىن قورالنى چىقىرىپ ئۇنى ئېتىۋىتىدۇ . بۇ لىتنانت كۈلگەن پېتى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىدۇ .بۇ قىزچاق تىرورچىمۇ ؟ئۇ بۇ يەردە چوقۇم تىرورچى ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قورقماي قالامۇ ؟ ئۇنداقتا بۇ كىچىك تىرورچىنى كىم يىتىشتۈرۈپ چىقتى ، بۇ بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىمەمدۇ ؟ پۇقرالار ئۆلۈمدىن قورقمىسا سەۋەبى ئۇلار ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق ئازاپ-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈردىمۇ ياكى كەچۈرىۋاتامدۇ ؟ ئەمەلدارلار بولسا بۇلار خىيالىدا يوق ئويناش بىلەن ئاۋارە . مەن تىرورچىلارنىڭ بارلىققا كىلىش مەنبەسىنى بىلمەيمەن ،لىكىن ئامېرىكىدىكى تىرورچىلارنىڭ مەجبۇرى ھوقوق يۈرگۈزگەن سىياسەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ؛ئۇنداقتا جۇڭگۇدىكى تىرورچىلارچۇ ؟ ئۇلار نىمىشقا شەكىللەنگەن ؟ بىر چىرىكلەشكەن ۋە ئىمتىياز ئاساسى ئورۇننى ئىگەللىگەن جەمىيەتنىڭ تىرورچىلار بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار ؟ بۇلار بىزنىڭ جەميىتىمىزدىكى مۇتەخەسسىلەر تەتقىق قىلىدىغان تىما بولۇپ قالغۇسى .
ئەسكەرتىش: باغداشقا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
|