قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1071|ئىنكاس: 22

سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار، پەرزەنتىڭىزنى قوللامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

206

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19446
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 14:34:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
سۆيۈملۈك ئاتا-ئانا، پەرزەنتىڭىزنى قوللامسىز؟

     سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن،ئۇلۇغ ئاللاھدىن تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن. سىلەر ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ بەختى، كېلەچىكى ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا تارتتىڭلار، ۋۇجۇدۇڭلاردىكى بارچە مېھىر- مۇھەببەتنى پەرزەنتىڭلارغا بەردىڭلار، «باغرىم، بالام» دەپ تالاي
كېچىلەرنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزۈپ، پەرزەنت ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتىڭلار، سىلەرنى تەرىپلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈن نىمىشقا سىلەردىن «پەرزەنتىڭىزنى قوللامسىز؟» دەپ سوراپ قالدىم. بۇنىڭغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى بايانلاردا بولسۇن، بۇ بايانلارنى كۆرۈپ بولۇپ، سۇئالىمنى جاۋابسىزقويماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
    گەپنى يەنىلا ئۆزۈمدىن باشلاي. مەن ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى. كىچىكىمدىنلا ئوقۇشۇم ياخشى بولغاچقا، مېھرىبان ئانام ۋە ئۇرۇق- تۇققانلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن ناھايىتى رازى ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە «ئىرادىلىكلەر سىنىپى» دا ئوقۇدۇم. ئالىي مەكتەپكە جۇغراپىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بولساممۇ لېكىن مەكتەپنىڭ تاللاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ فىزىكا تەجرىبە سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم. بۇ سىنىپقىمۇ نۇرغۇن ياخشى بالىلار توپلانغان ئىدى. شۇ تەرىقىدە تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى باشلىدىم. ئوقۇش داۋامىدا كەسپىمنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلدىم. فىزىكىدىكى قىيىن مىساللار، ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە بەزىدە قانۇنىيىتىنىمۇ چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىشلەنگەن تەجرىبىلەردىن كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولاتتى. بەزىدە زادىلا ئامال بولمىغاندا ئەپلەپ- سەپلەپ ئۆتكۈزىۋىتىشكە مەجبۇر بولاتتۇق. بەلكىم مۇشۇلارنىڭ تەسىرىمىكىن مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەمئىيەت ئەمەلىيىتىگە كۆپرەك قاتناشسام، بىرلا خىزمەت بىلەن چەكلىنىپ قالمىسام دەپ ئويلايتتىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى مەنمۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن سىتودىنتلارنىڭ دەسلەپكى تاللىشى بولغان مەمۇرلۇق ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا قاتناشتىم. ئۇ يىلى قومۇل ۋىلايىتىگە فىزىكا كەسپىدىن ئۈچ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا كەسپىم چۈشمىگەچكە شەھەر ئىچىدىكى بىر ئادەم قوبۇل قىلىدىغان مەلۇم بىر ئىدارىگە تىزىملاتتىم، كىيىن قارىسام ئۇ ئورۇنغىمۇ 200 دىن ئارتۇق ئادەم تىزىملىتىپتۇ. مەن مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپلا سىڭلىمنى ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن قومۇلغا كېلىپ، سىڭلىمنىڭ ئىمتىھانى تۈگىگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ چىقتىم، بۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا 12 كۈنلا ۋاقىت قالغانىدى، شۇڭا ماتىرىيال كۆرۈپ بولالماي بەك جىددىيلىشىپ كەتتىممۇ قانداق ئىمتىھان بېرىدىغانغا ئۈچ كۈن قالغاندا ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇخلىيالمىدىم، ئۈچ كىچە كۈندۈز ئۇخلىيالماي كاللام قۇپقۇرۇق ھالەتتە ئىمتىھانغا قاتنىشىپتىمەن، نەتىجىلەرمۇ چىقتى، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۈچىنچى بولۇپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپتىمەن، بىراق ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەپتىمەن. ئىدىيەمدە تەييارلىق بولغاچقا بەك مەيۈسلىنىپ كەتمىدىم. لېكىن ئائىلەمدىكىلەرگە ئېغىر كەلگەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. چۈنكى ئۇلار ماڭا بەك ئىشىنەتتى، مېنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا خىزمەت تاپالايدۇ دەپ قارايتتى. مەن بولسام بۇلارنى تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ قارايتتىم. شۇ تەرىقىدە مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، بۇ ئىمتىھاندىن قالدۇرىۋىتىلدىم، شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى بېرىشنى تاللىدىم. بۇ ئىمتىھانغا ئىككى ئايدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىپ، بىر مۇنچە جاپادا ئىمتىھانغا قاتناشقان بولساممۇ، لېكىن نەتىجە يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى، دەل شۇ كۈنلەردە تولۇق كۇرس پۈتتۈرگەن بالىلارنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ ئىككى يىللىق تەربىيلىگەندىن كىيىن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش چىقتى. ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم مېنىمۇ مۇشۇ تەربىيلەشكە بېرىشقا دەۋەت قىلدى، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنلا بۇ تەربىيلەشكە بارغۇم يوق ئىدى، بۇ تەربىيلەش ئارقىلىق مەن ئادەتتىكى  بىر خىزمەتكە ئېرىشىشىم تامامەن مۇمكىن ئىدى، لېكىن مەن يەنە ئۆزۈم ئويلىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشتىن مەھرۇم قالاتتىم، شۇڭا «تەربىيلەشكە بارمايمەن» دەپ جاھىللىق قىلىپ  تۇرىۋالدىم، ئەتراپىمدىكىلەر مېنى گەپكە كىرگۈزەلمەي ئاخىرى مەيلىمگە قويىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدىم. مەن يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولغاچقا، ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىدە بىر نەچچە شىركەت كارخانىلارغا باردىم ۋە شۇلارنىڭ ئىچىدە بىر شىركەتتە خىزمەتكە چۈشتۈم. خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا مەكتەپتە ئۆگىنەلمىگەن نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەندىم،ئىگىلىك تىكلەش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۇچراتتىم.ئۇلاردىن ئۈلگە ئالدىم. ئىشتىن سىرت توردا كىتابخانا ئاچتىم. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ مۇنبەر ئاچتىم،  نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغىمۇ ئۇچرىدىم، لېكىن مەن بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم دوستلارغا ماتىرىيال تېپىش جەھەتتە ياردەم قىلدىم،ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتىم، ئوقۇش پۈتتۈرگەن نۇرغۇن سىتودىنتلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىدىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتەلمىگەدىن كېيىن ئۆز ئالدىغائىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى تاللىغان، بىراق ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ زەھەردەك گەپلىرى ئۇلارنىڭ جان-جەھلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن، مانا ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمگە ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مەمۇرلۇقتىن باشقا ئىمتىھانلارغا ئاساسەن قاتناشمىدىم، نىمىشقا دىگەندە مېنىڭ ئۆزۈمگە تەقسىملىگەن ئىشلىرىم بار. نۇرغۇن ئىمتىھانلار بولسىمۇ ئۇ ئىمتىھانلارغا مېنىڭ كەسپىم چۈشمەيدۇ، رىقابەت كۈچلۈك، مەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ بىر مۇنچە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغانغا چۇشلۇق ئىش بولماسلىقى مۇمكىن. يەنە كېلىپ مەن ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلىشنى خالىمايمەن.ئىمتىھانغىلا ئېسىلىۋالماي باشقا يوللار ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ باقسام بولىدىغۇ؟ ئەلۋەتتە مەن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئېرىشىشنى چەتكە قاقمايمەن، بۇ مېھرىبان ئانامنىڭ، ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ ئارزۇسى، شۇڭا بۇ ئىككى ئىمتىھان ۋاقتىدا ئاز-تولا تەييارلىق قىلىپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم. ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىدىمۇ كەسپىمگە ئالىدىغان ئادەم سانى ئاز بولغاچقا ماتىماتىكا كەسپىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باقتىم. نوقۇل ھالدىكى بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى قانداق قىلسام كىيىنكى تەرەققىياتىمغا پايدىلىق بولىدۇ دىگەننى ئويلاپ تۇرۇپ ئىمتىھانغا تىزىملاتتىم.بىراق رىسقىم بۇئىمتىھانلارغا پۈتۈلمىگەنمۇ قانداق، ھەر قېتىم بىر ئىككى نومۇر پەرقى بىلەن ئۆتەلمىدىم، مەن بۇلارنى تەغدىرنىڭ سىنىقى دەپ قارايمەن،مۇشۇنداق سىناقلارغا ئۇچرىغانلىقىم ئۈچۈن تولىمۇ خۇشالمەن. چۈنكى ھاياتلىق يولى ئەگرى- توقاي بولىدۇ.مەن بۇ ئارقىلىق ئىزدىنىش پۇرسىتىگە، نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشتىم. مېنىڭ ئانامنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقۇم يوق ئىدى، بىراق ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى «ئالتۇن تاۋاق» قا ئېرىشەلمەي، ئۇلار بىلەن بەزىدە قارشى پىكىردىمۇ بولۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن ئىشسىز قالدىم، لېكىن ئۆزۈمنىڭ نەزىرىدە مەن نۇرغۇن ئىشقا ئېرىشتىم. بۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن قانچە قېتىم مۇشۇ توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،   بۇئىككى يىلدا ھېچكىم ماڭا ئىش تەقسىملەپ بەرمىدى، ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئىش تەقسىملەپ نۇرغۇن ئىشقا ئېرىشتىم. كۈنلىرىم ئالدىراش ئۆتتى. مەن ئويلايمەن، بىز قاچانغىچە باشقىلارنىڭ بىزگە ئىش تەقسىملەپ بېرىشىنى كۈتۈپ ياتىمىز، ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسەم ئۆتەلىدىم، ئۆتەلمەي قالسام، ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋىرىمەن. بىراق مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە مۇنداق ئويلايدىغانلار بەك ئاز قاپتۇ.
      سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار، سىلەر پەرزەنتىڭلاردىن نۇرغۇن ئارزۇلارنى كۈتۈپ، ئۇلارنى ئوقۇتتۇڭلار. ئۇلارنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ياخشى خىزمەتكە ئېرىشسىكەن،تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولسىكەن دەپ ئويلىدىڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ قىلغانلىرى بەدىلىگە پەرزەنتىڭلاردىن بۇلارنى تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق. سىزنىڭ بالىڭىز باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان. سىز ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتىڭىز، ئەپسۇس، ئۇنىڭ خىزمىتى مۇقىم بولماي قالدى، ئۇ ئادەتتىكى بىر ئىدارىدە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەكسىچە دوسلىرىڭىزنىڭ ئادەتتىكىدەك ئوقۇغان بالىلىرى ئاللىقانداقتۇ ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ «مۇقىم» خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. ئۇلار سىزدىن« بالىڭىزئىمتىھاندىن ئۆتتىمۇ؟ قايسى ئىدارىدە ئىشلەۋاتىدۇ؟» دەپ سوراشتى. سىز بۇسۇئاللارغا نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەلمىدىڭىز. نەتىجىدە قايتىپ كىلىپ بالىڭىزدىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولدىڭىز. «نانقېپى، مەن سېنى شۇنچە يىلدىن نېمىگە ئوقۇتقاندىمەن، نېمىشقا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيسەن؟ ئالىي مەكتەپتە نېمىمۇ ئۆگەنگەنسەن؟» دەپ تىللاپ كەتتىڭىز. ئەجابا بالىڭىزنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكۈسى، يۈزىڭىزنى «يورۇق» قىلغۇسى يوقمۇ؟ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانا، سىزدىن سوراپ باقاي، مۇشۇ چاغدا پەرزەنتىڭىزنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلغان ئىزتىراپلىق يۈرىكىنى تىڭشاپ باقتىڭىزمۇ؟ يۈرىكىنىڭ قانچىلىك پۇچىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا تىرىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇلارنى سىزدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ بىر قىسىم قۇرداشلىرىڭىز ئىشى يوقتەك كەچكىچە سىز بىلەنلا قالدى. بالىلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان دوسلىرىڭىز بالىلىرىنىڭ قايسىدۇ بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان«كادىر» ئىكەنلىكى بىلەن ماختاندى. سىز بالىڭىزنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرىدىڭىز؟مۇقىم خىزمەت تاپالمىسا كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلدىڭىز.  يۈرەكلىك ھالدا « مەن بالامنى كادىر قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەم قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتتۇم، بىلىم ئىگىلىسۇن دەپ ئوقۇتتۇم» دىيەلمىدىڭىز. سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ھازىر رىقابەت تولىمۇ كەسكىن، بالىڭىز ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئۆگەنگەنلىرىدىن ئىمتىھان بەرمەيدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئادەم بولۇشنى، قانداق تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگىنەلىسە ئاشۇنىڭ ئۆزى چوڭ غەلبە. شۇڭا ئۇنى ئەيىپلىمەڭ. بالىڭىز ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەندە سىز بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن « بالام، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭ، ئەمدى نېمە قىلاي دەيسەن؟قانداق پىلانلىرىڭ بار؟» دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ يۈرۈكىنى تىڭشاپ باقتىڭىزمۇ؟ ياق، سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىز، بەلكى ئۇنى ئۆزى خالىمايدىغان ئاشۇ تۈگىمەس ئىمتىھانلارنى بېرىشكە زورلىدىڭىز، پەرزەنتىڭىز ئاشۇ تۈگىمەس ئىمتىھانلارنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلىنىپ، ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىش قىلىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى.سىز بۇنى ھېس قىلالمىدىڭىز، چۈنكى سىزنىڭ كاللىڭىزدا بالىڭىزنى ئاتالمىش «»كادىر » قىلىشلا بار.
    مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىككى  يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن سىتودىنتلار بىلەن ئەسرالىشىپتىمەن، ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى ئۈمۈدسىزلەنمەسلىككە رىغبەتلەندۈرسەم، ئۇلار « ئاتا-ئانىمىز بىزنى سىزچىلىك قوللىغان بولسا،-ھە » دېيىشتى، مەن كۈلۈپلا قويدۇم، ئۇلار ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مېنى پۈتۈنلەي قوللاپ كەتمەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن، ئۈلۈشكۈن ئاپام بىلەن يەنە مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق مۇنازىرلىشىپ قالدىم، ئاخىرى ئاپام« بوپتۇ، بالام، ئۆزۈڭ ئويلىنىپ بىر ئىش قىل » دەيدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، مەن بىرەرئىدارىگە ياكى مەكتەپكە كىرىپ ئىشلىگەچ تۇرۇپ شۇ ئورۇنغا كىرىشكە ئۇرۇنۇپ باقسام بولىدىكەن، لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، ئۇنداق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىسى بار. نۇرغۇن سىتودىنتلار ئىسمىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە يېزىلىشىنى شۇنچە ئۈمىد قىلسىمۇ، بۇ دەپتەرنىڭ ئىچى-تېشى، مۇقاۋىلىرىنىڭ ھەممىسى توشۇپ بولغان،ئۇنداقتا سىز قانداق قىلىسىز، يەنىلا خىزمەت ئىزدەپ ئاللىقانداق ئىدارىلەرگە قاتراپ يۈرەمسىز؟ ۋاقتىڭىزنى، ياشلىقىڭىزنى مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزەمسىز؟ بىر يىلدىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان بىر نەچچە مۇنبەر قۇرۇلۇپ،  ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىتودىنتلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. چۈنكى بۇ مۇنبەرلەر ئوخشاش  ھېسسىياتتىكى سىتودىنتلارنى پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنىدى. بەزىدە بۇ مۇنبەرلەرگە كىرىپ سىتودىنتلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى كۆرۈپ قالىمەن. نېمىشقىكىن قەلبىمنى ئاچچىق ھېس تۇيغۇلار ئىگىلەيدۇ.ئۇلار توختىماستىن ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرىدۇ، ئىمتىھان ماتىرىيالى ئىزدەيدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس، ئۇلار ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ ئۆز نېسىۋىسىنى تېپىش ئۈچۈن شۇ ئىمتىھانلار قاينىمىغا شۇڭغۇيدۇ. بولدى بەس، ناۋادا ئۇلار ئىمتىھانلاردىن ئۆز نېسىۋىسىنى تاپالمىسا قانداق قىلىدۇ. ئاشۇنداق ئىمتىھان بېرىۋىرىپ ياش چېكى ئۆتۈپ كەتكەندە ئاندىن « تەغدىرىم مۇشۇكەن» دەپ ئولتۇرامدۇ؟ ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن نەچچە ئونمىڭلىغان سىتودىنتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئورنىغا كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئاز بىر قىسمىلا شۇ ساننىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ. سىتودىنتلار بۇلارنى ھېس قىلغاندا نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قېلىشى، ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن، ئاتا- ئانا بولغۇچى سىز بۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ پەرزەنتىڭىزنى قوللاش ئىدىيىسىدە بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟  تۆۋەندە ئۆزۈم ئۇچراتقان بىر نەچچە سىتودىنتنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن، بۇلار ئويدۇرۇلۇپ چىقىلغان ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت.
بىرىنچى مىسال: ئىككى يىل ئىلگىرى، يېڭىلا خىزمەتكە چۈشكەن چاغلىرىم ئىدى، شۇ چاغدا ئوقۇشتىن سىرت خىزمەت تەلەپ قىلىپ كەلگەن بىر سىڭلىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇ تارىم ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ماتىماتىكا كەسپىدە ئوقۇيدىكەن. پاراڭلىشىش داۋامىدا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىيىم-كىچەك كارخانىسى قۇرۇش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئۇنىڭدىن « بۇ خىيالىڭىزنى ئاتا- ئانىڭىزغا دىدىڭىزمۇ؟ ئۇلار قوللامدۇ؟ دەپ سورىسام ئۇ « ئاتا-ئانام مېنى بەك قوللايدۇ. چۈنكى ھازىر ئىمتىھان بېرىپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشمەك ئاسان ئەمەس» دېدى. مەن ئۇنىڭغا كارخانا قۇرۇشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېيتقىنىمدا، ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن ھازىر ئىشتىن سىرت بىر ئىچىملىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن،مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن بىرەر كىيىم- كىچەك كارخانىسىغا كىرىپ تەجرىبە توپلايمەن، ئاندىن ئۆزۈم ئىش باشلايمەن، ئاتا-ئانام مېنى ھازىرقىدەكلا قوللاپ بەرسە، مەن ئۆزۈمنىڭ كىيىم-كىچەك كارخانىسى قۇرۇپ چىقالايدىغىنىمغا ئىشىنىمەن.»ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر قىزنىڭ مۇشۇنچىلىك ئېنىق نىشان تىكلىشى مېنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغانىدى، بەلكىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى ھەر ۋاقىت قوللاپ بېرىشى ئۇنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرغان  بولىشى مۇمكىن.دېمەك، بالىلارنىڭ يۆلەنچۈكى، تۈۋرۈكى بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
    ئىككىنچى مىسال: مەن مۇنبەر ئاچقان دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر قىزغا نەچچە قېتىم ماتىرىيال تەمىنلەپ بەردىم. كېيىن بۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇدا ئىمتىھانغا قاتنىشىۋاتقانلىقى، ھازىر بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغانلىقى، خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، بىراق ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىمايدىغانلىقى، بارا-بارا بۇرۇنقى خۇشخۇي مىجەزى ئۆزگىرىپ، دوستلىرىدىنمۇ يىراقلىشىپ كەتكەنلىكى، ھەتتا ئۆيىگە نەچچە قېتىم ئەلچى كېلىپ، خىزمىتى مۇقىم ئەمەسكەن دەپ قايتىپ كەتكەنلىكى، بۇ ئىش ئاتا-ئانىسىغا بەك ئەلەم قىلغانلىقى، ئۇنى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭ دەپ تاپا-تەنە قىلغانلىقى،ئۆزىنى چۈشىنىدىغان، سىردىشىدىغان بىرەر دوستىنىڭمۇ يوقلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالدىم. شۇ چاغدا ماڭا ھەممىدىن بەكرەك تەسىر قىلغىنى، كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىنى، ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ خىزمىتى مۇقىم ئەمەسكەن دەپ قايتىپ كەتكىنى بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا بىر قىزمۇ مەندىن ماتىرىيال سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەلۇم ئورۇندا ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغانلىقى،يېقىندا توي قىلغانلىقى، يولدىشىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ مۇقىم بولىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟بۇ قانداق ئىدىيە؟ كېلىننىڭ ئىمتىھان بېرىشىنى  تەلەپ قىلىدىغان قانداق ئاتا-ئانىلار ئۇ، ئەجابا ئۇلارنىڭ بالىسىنى كېلىنى باقامدىكەن؟ قىزلار كەلگۈسىدىكى ئانىلار، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئوغۇللار بىلەن بەسلىشىپ خىزمەت قىلىش ئەمەس، مۇھىمى يولدىشىنى ياخشى كۈتۈش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيلەش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش. ئەس ھوشى جايىدا بىر ئاتا-ئانا كېلىنىدىن يۇقىرىقىلارنى تەلەپ قىلماي ، خىزمەت تەلەپ قىلامدۇ؟ بەلكىم ئۇلارنىڭ شارائىتى باردۇ؟ كېلىنى ئىشلىسىمۇ، قېينانا بولغۇچى ئۇلارنىڭ ئاش تامىقىنى ئېتىپ، بالىلىرىنى بېقىپ بېرەلەيدىغاندۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى يەنىلا ئۆزى باققىنى تۈزۈك. بىر مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچى ئەرنىڭ كەينىدە ئۇنى قوللاپ بېرەلەيدىغان، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەم بولىدىغان ئايالى بولمىسا بولمايدۇ. ئەر ئايال ئىككىسىلا خىزمەت ئۈچۈن پالاقشىپ يۈرسە،پەرزەنتلەرنىڭ، ئاشۇ بىر جۈپ مېھرىبانلارنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ. ھازىر ئەرئايال ئىككىسىلا خىزمەت قىلىپ، تاماقنىمۇ سىرتتا يەيدىغان، بالىلارمۇ شەنبە-يەكشەنبە كۈنىلا ئانىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىقىنى يىيەلەيدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە ھازىرقى شارائىتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى، ئۈچ مىڭ يۈەن مائاشىغا قاراشلىق ئائىلىلەردە ئەر ئايال ئىشلىمىسە تۇرمۇشىنى تەستە قامدىشى مۇمكىن، پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ.لېكىن بۇنىڭ باشقا ئاماللىرىمۇ بار. مەسلەن، ئايال تەرەپ ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ يولدىشىنى قوللاپ بەرسە، ئەر تەرەپ قولىدىن كېلىدىغان باشقا ئىشلارنى قوشۇمچە قىلسىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ ھەممىسى كېڭىشىپ ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار. نەچچە يىل ئىلگىرى باشلانغۇچ ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر بالىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلغىنىمدا ئۇ بالىنىڭ « ئاتا-ئانام ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇلار بەك ئالدىراش، ساۋاغداشلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى شەنبە-يەكشەنبەكۈنلىرى ئۇلارنى ئويناتقىلى ئاچىقىدىكەن، بىراق مېنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ ۋاقتى يوق»دىگەن سۆزلىرى تۆنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە. بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئۆگىنىشىگە،ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمەي، چوڭ بولغاندا مىڭلاپ، نەچچە ئون مىڭلاپ پۇل خەجلىگەننىڭ نىمە پايدىسى.بەلكىم سىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا سىتودىنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشى بىلەن بۇ ئىشلارنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن خىزمەت،ئائىلە، پەرزەنتلەر تەربىيىسى قاتارلىقلارنى چوڭقۇرلاپ ئويلاپ باقسىڭىز، بۇلار بىر- بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان.
    سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار، مەنمۇ سىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن پەرزەنتىڭىزگە ئوخشاش. مەن ئويلايمەن، ئادەمنى ھورۇنلاشتۇرىۋىتىدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغىلى بولمايدىغان ئىدارىلەرنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە يېزىلىۋىلىپ، «ئىشسىز» يۈرگەندىن مۇشۇنداق ئىشسىز يۈرگەن ياخشى.قىسمەن ئىدارىلەردە يۇقىرىدىن ئىش تەقسىملەپ بەرمىسە، قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي يۈرگەن، بىر خىل ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن، غەيۋەت-شىكايەت، قۇرۇق پاراڭ بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئىشسىزلارنىڭ بارلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز ھەقاچان، ئەجابا سىزمۇ بالىڭىزنىڭ شۇلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ ياق، مۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ، مەن بۇ ئىككى يىل جەريانىدا باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلىگەنلىكىنى كۆردۈم. سىزنىڭ بالىڭىز قانداقلا بولمىسۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلدى، ئۇلار بىرەر ئىش قىلسا مائارىپ تەربىيىسى ئالمىغان ئادەملەردىن ئاسان قىلالىشى ھەم ئاسان مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى مۇمكىن، سىزئۇنى20 نەچچە يىل بېقىپ چوڭ قىلدىڭىز، ئۇنى كىچىك ۋاقتىدا قىزىقىشى بويىچەتەربىيلىيەلىدىڭىزمۇ؟ ئۇ ئالىي مەكتەپكە سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بويىچە كەسىپ تاللىدىمۇ؟ ئەمدى بولسىمۇ ئۇنى كىچىك بالا قاتارىدا كۆرىۋەرمەڭ، ئۇلارنىڭ تاللىشى خاتا تاللاش بولمىسىلا، مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلىق مېھرىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قېتىم تىڭشاپ بېقىڭ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قوللىيالمىسىڭىز، روھىي جەھەتتە قوللاپ بېرىڭ، « بالام، ساڭا ئىشىنىمەن، سەن كىچىكىڭدىنلا ئەقىللىق ئىدىڭ،بۇ سېنىڭ مەغلۇبىيىتىڭ ئەمەس، يەنىمۇ تىرىشقىن» دەڭ، بۇ ئارقىلىق پەرزەنتىڭىزگە قايتىدىن ھاياتىي كۈچ بەخىش ئېتەلىشىڭىز مۇمكىن. پەرزەنتىڭىز سىزنىڭ، جەمئىيەتنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج.
مەن ئەسلىدە بۇلارنى يازماقچى ئەمەس ئىدىم.لېكىن مېنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى كۆرگەنلىرىم ئاڭلىغانلىرىم مېنى مۇشۇنداق سۆزلەشكەمەجبۇر قىلدى. مەن سۆزلەپ بولدۇم، ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى.سىزمۇ ئويلىنىپ بېقىڭ، ئاتا-ئانا بولسىڭىز پەرزەنتلىرىڭىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ بېقىڭ، جەمئىيەتكە قەدەم باسقان ياشلاردىن بولسىڭىز خىزمەت، ئائىلە، پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىڭ، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

1

تېما

2

دوست

3789

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1088
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 15:51:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدىلا سىتودىنىتلار سىزدەك ئويلىيالىشى ،ئاتا-ئانىلارمۇ ھەممىدە «تۆمۈر تاۋاق »قا ئېسىلىۋالماسلىق كىرەك ئىدى ، مائارىپمۇ «كۇڭيىجى»لارنى ئەمەس ،بەلكى بىر تۈركۈم مۇستەقىل قاراشىقا ئىگە ،ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغان ،ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ،باشقىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ ئەمەس بەلكى ،ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەپ جەمئىيەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرالايدىغان بىر تۈركۈم ئەۋلاتلارنى تەربىيلەپ چىقالىشى كىرەك ئىدى ...

   سىزنىڭ جاسارىتىڭىزگە ئاپىرىن ! قىلغان ،ئويلىغانلىرىڭىزنى تامامەن قوللايمەن ،ئەگەر بىر كۈنلىرى مېنىڭمۇ بالام سىزدەك قاراشقا كېلەلىسە مەن ئۇنى قوللاپلا قالماي ،بەلكى شۇنداق بىر بالامنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

4

دوست

1035

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 18:56:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈزدىن ئارتۇق ئادەمدىن بىرسىمۇ گەپ قىلماپتۇ. بەلكىم بەزىلەر مائارىپ، ئشسىزلىق، شەخسنىڭ قىسمىتى دىگەنلەرنى چۈشەنمىسە كىرەك.
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە خىزمەت ئىمتىھانى ھازىرقى زاماندىكى مىللىتىمىز ياشلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئىككى چوڭ داۋان بولۇپ قالدى.
  ئەگەر قايسى داۋاندا مەغلۇپ بولسىڭىز سىز تىمتاس قاراڭغۇ ئورماندا تەنھا قالغاندەك، ئۈمىدسىزلىك قاپلىۋالىدۇ.
مانا بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىز ۋە جەمئىتىمىز ئەۋلادلارغا يارىتىپ بىرىۋاتقان ھاللىق تۇرمۇش ۋە مائارىپ شارائىتى.
    كىرىزىس ئۈستىدە ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق تۈپەيلى ھەركىم ئۆز تەقدىرى ئۈسىتىدە يەككە ھالدا چىقىش يولى ئىزدەۋاتىدۇ. بۇنىڭ رىۋايەتلەردىكى « مەن ئورۇق، ئۇ سىمىز» تىراگىدىيسىگە ئوخشايدۇ.

1

تېما

2

دوست

3789

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1088
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 19:35:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يازغان ئىنكاس يوققۇ ؟ تەستىقلىمىغۇدەك گەپمۇ يوقتى بولمىسا ،ئىنكاسنى پەقەت گەپ دەپلا چۈشىنىۋېلىپ خالىغانچە يوق قىلىۋەتمىسەڭلار ئاشۇ «گەپ » نى يازغىچە خېلى كاللا قاتۇرىدىغان گەپ .

0

تېما

0

دوست

603

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24771
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 19:48:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەئ شۇكرې قېلڭ پۇت قۇللڭېز سىاق .بۇمۇ سز ئۇچۇن بئر پۇرسەت

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 1841
توردىكى ۋاقتى: 788
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 20:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزنىڭ ئالدىدا بالىلىرىمىز بار . ئۇلارنىڭ كەلگۇسى توغرۇلۇق پىلان تۇزۇپ قويغان ئاتا-ئانىلار قانچىلىك ؟ كوپىنچىمىز شۇ ياخشى ئوقۇسا ،ئالى مەكتەپلەرگە چىقسا ، ياخشى ئوقۇپ، بىلىم ،ئىقتىدار ئىگىلەپ ياخشى خىزمەت تېپىپ جېنىنى جان ئەتسە دەپلا ئويلايمىز. بەزەندە بۇنىڭدىن باشقىلارنىمۇ ئويلاپ باققۇم كېلىدۇ .لېكىن قۇربىم يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن. چۇنكى ئۆزەممۇ شۇ يوللار ئارقىلىق مېڭىپ ، ھازىرقىدەك ھوكۇمەت خىزمىتىنى قىلىپ ، جېنىمنى جان ئېتىپ كېلىۋاتقانلاردىنمەن ،خالاس .

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

31

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 3312
توردىكى ۋاقتى: 612
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 22:46:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق ،ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ .ئاتا- ئانىلار ئويلىنىشقا تىگىشلىك ...

0

تېما

1

دوست

1028

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12833
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 23:02:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   orhun9 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-12 23:33  

ھازىرقىدەك مەمۇر بولۇش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس بولۇپ كىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئاتا- ئانىلىرىمىز بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا ئېگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرسە ھىچ بولمىسا قارشى چىقمىسا بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۇگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە بىر ئىشلىتىپ باقساق، نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە! ياشلىرىمىزنىڭ تېرىشچانلىقى ئاستىدا مىللىتىمىز ئىگىلىكى تىخىمۇ زورايسا ،رەڭدار كۆپ خىللاشسا ناننى باشقىلارنىڭ قولىدىن بىزمۇ تارتىپ ئېلىپ يىيەلىسەك نىمىدىگەن ياخشى ! قوللاردا ئالتۇن تۆمۈر تاۋاقلار بولغان بىلەن يەنە شۇ كۈندە بىر نان ئۈچۈن «مىڭ تازىم »قىلمىسا  بولمايدۇ-دە ئۇيغۇرۇم.كادىر بولدۇم دىگەن بىلەن ئايدا چىقىدىغان مائاش ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا يەتمەيۋاتقان،باشقىلاردەك ئۆي ماشىنا ئالاي دىسە تېخى.  قەرىز پۇل بىلەن ئالارمۇ ئۇ ماشىنا ئۆيلەنى ياكى پارە-خەلقنى قىڭغىر قاخشىتىپ يىغقان خىيانەتلەرگىمۇ؟ قەرىزگە ئالسىمۇ بۇ قەرىزلە يا تۈگىمىگەن،بازادا ئازتولا پايپاق- سەي سېتىپ باقاي دىسە «كادىر»دەپ تامغائۇرۇلغان يوغان يۈز چىدىمىغان. شۇ ئاچچىقتا ئىشخانىغا ھاجەت بىلەن كەلگەن مىسكىن ئۇيغۇرۇمنىڭ ئىشى ئون بەش كۈنگىچە ھەل بولمىغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )