بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-12 21:39
تارىخىمىز توغورلوق مەلۇماتى بارلارغا چاقىرىق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار .
تارىخىمىز توغورلوق ئويلىنىشىمىز ۋە ئۇنى بىلىشىمىز بىز ئۈچۈن ئارتۇقچە بولمىسا كىرەك.بىز بەلكىم ئۆتكەن بىر ئەسىردىكى تارىخىمىزنى بىلىشىمىز مومكىن،ئاندىن قاراخانىلار ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىلىرىگە ئايىت تارىخىمىزنىمۇ ئازراق بىلىشىمىز مومكىن.ئەمما ئۇندىن باشقا ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك تارىخىمىزنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مومكىن.بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن.بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئۇندىن باشقا ۋاقىتتا ياشىمىغان بولغىيمىدى ؟
بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخىدىكى مەلۇم دەۋر ياكى مەلۇم ئىشلارغا نىسبەتەن چۈشەنچىمىز بولسىمۇ،كىتابخانىلاردا،تورلاردا بۇ خىلدىكى تىمىلار ئۇچراپ تۇرسىمۇ ئەمما بىزنىڭ ئومومى تارىخىمىزنىڭ قىسقىچە كارتىنىسى،تىزىسى توغرىسىدا بىرەر تىما ئۇچراتمىدىم.
مىنىڭ ئويلاۋاتقىنىم ۋە شەخسەن مەن ئىھتىياجلىق بولغىنى بىزنىڭ ئۆتكەن 2000 يىل مابەيدىنىدىكى تارىخمىزنىڭ قىسقىچە كارتىنىسى ،تولوق تەپسىلاتى ئەمەس...
ھەر 100 يىل يەنى بىر ئەسىرنى بىر بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ توختالسىمۇ مەيلى.شۇ يۈز يىل ئىچىدىكى يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلار، قىسقىچە سەۋەبى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەر شۇنداقلا ئەجداتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى،ئىقتىسادى ئەھۋالى ،ئىڭى توغورلوق،رەت تەرتىپى بويىچە بەك كىڭەيتىۋىتىلمىگەن ئاساستا قىسقىچە بىر تارىخى كارتىنا ئوتتورغا قويولسا دەپ ئويلايمەن.
بۇ جەھەتتە مەلۇماتى بار دوسلارنىڭ تەكلىپىمنى ئويلىشىپ كۆرۈپ ئىغىر ئالماي بىر قەلەم تەۋرىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مومكىن بولسا ھەر بىر يۈز يىلنى ياكى تۆت بەش ئەسىرنى بىر بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ بولامدۇ ياكى ئۆزى ئويلىغان ئۇسۇل بويىچە بولامدۇ ،يىل نامىلەرنىڭ رىتى بويىچە زىيادە بەك كىڭەيتىۋىتىلمىگەن ئاساستا ئۆتكەن 2000 مىللىق تارىخىمىزدىن قىسقىچە بىر مەلۇمات،كارتىنا ئوتتورغا قويولسا،ئەڭ موھىمى زىيادە بەك كىڭەيتىۋىتىلمىگەن ئاساستا بولسا،نىمىشقا دىگەندە تارىخ دىگەن بەك كەڭرى ئۇزۇن بىر جەريان.شۇڭا تەپسىلىي توختىلىشنى ئايرىم قويوپ ياكى مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتىرىياللارنى تەۋسيە قىلىپ قىزىقىدىغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشىگە قالدۇرۇپ قويوپ،ئاساسلىق،نوقتىلىق ئىشلار،شەخىسلەر ۋە يىل نامىلەر،كىشىلىرىمىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىسادى،تۇرمۇش شارائىتى توغرىسىدا يىل،ئىشلار ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىپى بويىچە تارىخىمىز توغورلوق قىسقىچە ئومومىي چۈشەنچە بىرىلسە دىگەن ئۈمىتتە مەن.
|