- تىزىملاتقان
- 2013-5-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6576
- نادىر
- 0
- يازما
- 379
ئۆسۈش
31.52%
|
يېقىندا دىيارىمىزدا " دوراخقا تۇتاشقان يول " ناملىق ئىككى قىسىملىق فىلىم ئىشلىنىپ بازارغا سېلىندى .
بۇ فىلىمنى باشقا تورداشلارمۇ كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن ،
مۇشۇ فىلىمنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر مۇنازىرىلىشىپ باقساق .
مەن بۇ فىلىمنى تۇلۇق كۆرۈپ چىقتىم ، كۆرۈپ بۇلۇپ مۇشۇ فىلىمنى كۆرگەن ۋاقتىمغا تولىمۇ ئېچىندىم ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈپ ئاچچىق يۈتۈپلاۋالدىم .
ھىس قىلىشىمچە بۇ فىلىم يېقىنقى زامان تارىخمىزدا ئىشلەنگەن كىنوچىلىق ساھەيىمىزدىكى ئەڭ ناچار ، ئەڭ پۈچەك فىلىم بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .
بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە ؛
1- بۇ فىلىمنى ئىشلىگۈچىلەر مەيلى رېجسۇر مەيلى ئاپتۇر ۋە ياكى ئارتىسلار بولسۇن كىنۇچىلىق ساھەسىدىن قىلچىلىك خەۋىرى يوق كىشىلەردەك قىلىدۇ .
باش رول ئالغان دولقۇن ئىسىملىك ئادەم 2011 - 2012 - يىللىرى خەلقىمىز تىللاپ پاخشە قىلىۋەتكەن ھېلىقى " جاپى - جاپى " دىگەن ناخشىلارنى دىبا ۋە قاۋاقخانىلاردا
بىر توپ ئاقنانچىلار بىلەن بىرلىكتە سۆرەتكە ئېلىپ تارقىتىپ ، سەنئەت ساھەيىمىزنى پاخاللاشتۇرۇشقا بىر كىشىلىك " تۆھپە " قوشقان كىشى دەل شۇ ،
ئىسمى ئابلەت ئىمىنغۇ دەيمەن . ھېلىقى " دۆڭباغ ناۋاسى " دىگەن پىلاستىنكىدىكى ناخشىلارنى كۆرسىڭىز بىلىسز .
بۇنداق سەنئەتتىن قىلچىلىك خەۋىرى يوق ، ساپاسى تۆۋەن ، ئىدىيەسى مەجروھ كىشىلەرنىڭ قولدىن قانداقمۇ ياخشى فىلىم روياپقا چىقسۇن .
2 - بۇ فىلىم مىللىتىمىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىگە قىلچىلىك ئويغۇن كەلمىگەن .
مەزكۇر فىلىمدە يالقۇن ( باش رول ئالغان دولقۇننىڭ ئاكىسى ) بىر قىزغا توي تەكلىپى قويىدۇ ، ئۇ قىز بۇ تەكلىپكە قۇشۇلىدۇ ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دولقۇن ئاكىسىنى
ئۆلتۈرۋىتىش نىيىتىگە كىلىدۇ ،
بۇ فىلىم مانا مۇشۇنداق باشلىنىدۇ .
توي تەكلىپى قۇيۇپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ، كۈندۈزى ئاكىسى ئۆيدە ئۇخلاپ قالغاندا دولقۇن ئۆيگە كىرىپ ئاكىسىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ - دە ،
نىراقتا تۇرغان چايدۇنى قۇلىغا ئېلىپ ئاكىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇپ شۇنداق چايدۇنى كۆتۈرىشىگە ، ئىشىكنى ئېچىپ دادىسى كىرىپ قالىدۇ - دولقۇن قۇلىدىكى چايدۇنى
ئىتتىكلا ئاستىغا قىستۇرىۋالىدۇ ، - ھەي ، ھايات قالىدىغان بولدۇڭدە دەپ قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ .
يەنە بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئاكىسى ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتە يەنە ئۆيگە كىرىدۇ ، ئاكىسىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە بىر شۇملۇقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۇياق - بۇياققا
قارايدۇ ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان پۈركىمە چىۋىن دارىسىغا كۆزى چۈشىدۇ ،
دارىنى قۇلىغا ئېلىپ ئاكىسىنىڭ كۆزىگە قاتتىق پۈركۈيدۇ ، ئاكىسى ئاللا توۋا كۆتۈرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئاستا ئىشىكىتىن كىرگەن قىياپەتتە ئاكىسىغا ئىچ ئاغرىتىشقا
باشلايدۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئاكىسىنىڭ ئىككىلا كۆزى كۆرمەس بۇلۇپ قالىدۇ .
يەنە بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كۆزى كۆرمەيدىغان ئاكىسىنى گوللاپ ، جاڭگگالدەك بىر يەرگە ئېلىپ بېرىپ ، بىر يەرگە ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ، نېرىدا تۇرغان بىر كالتەكنى
ئەكىلىپ ، ئاكىسىنىڭ بېشىغا قاتتىق بىرنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ قويغاندىن كىيىن ، بىر ئەسكى تاغارغا سولاپ ، ئاغزىنى چىڭ چىگىپ ، بىر يەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋەتكەندىن
كىيىن قايتىپ كىتىدۇ .
بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئاكىسىنى بىر قانچە كىچىك بالىلار ئۇچۇرتۇپ تاغاردىن چىقىرىپ يەل گۇمپىسىدەك بىر خىل ھەركەتلەرنى قىلىپ ، ئەپسۇن ئۇقىغاندىن كىيىن كۆزى
پۈتۈنلەي ئېچىلىپ كىتىدۇ ، كەچ بولغاندا ئاكىسى ئۆيگە قايتىپ كىلىدۇ ، ئاكىسىنىڭ ساق - سالامەت قايتىپ كەلگەنلىگىنى كۆرگەن دولقۇن ھاڭ - تاڭدىلا قالىدۇ .
ئەتىسى يەنە باشقا شۇملۇق ئويلاشقا باشلايدۇ .
يەنە بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ، قارا جەمىيەتتىكىلەرنى ئىزدەپ بارىدۇ ، ئاۋال ئۇلارغا يۈزمىڭ يۈەن بىرىپ ، قالغان پۇلنى ئاكىسى ئۆلگەندىن
كىيىن بەرمەكچى بۇلۇپ كىلىشىدۇ ،فىلىم ئاخىرىدا بولسا ئاكىسى ھايات قېلىپ ، دولقۇن ئۆزى قارا جەمىيەتتىكىلەرنىڭ قولىدا ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلىدۇ .
فىلىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ .
ھەرقانداق بىر فىلىم شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتىنى ، خارەكتىرىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ ئىشلىنىدۇ ، چەتئەللەرنىڭمۇ شۇنداق .
مەسىلەن تۈركىيە فىلىملىرىدىن تۈرۈكلەرنىڭ تورمۇشىنى ئانچە - مۇنچە چۈشەندۇق .
كورىيە فىلىملىرىدىنمۇ شۇنداق ، ئامىركا فىلىملىرىدىن ئامىرىكىنىڭ يۇقۇرى تېخنىكىللىرىنى چۈشەندۇق ، ۋاھاكازالار .
مىللىتىمىز ئارىسىدا ئادەتتىكى تۇنۇش بىر قىز ئۈچۈن ، ئۆز قېرىنداشلىرىغا قەست قىلىپ ، ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان بۇنداق ئىپلاسلىقلارنى ھازىرغىچە كۆرمىدۇق ھەم ئاڭلىمىدۇق
ھەم بۇنداق ئىشلار مىللىتىمىزگە تىگىدىن يات .
بۇ فىلىمنى يۇقىرىدىكىلار قانداقمۇ تەھرىرلىگەندۇ ؟ مۇشۇنداق سۈپەتسىز فىلىمى قايسى ئۇرۇن تارقىتىشقا ئىجازەت بەرگەندۇ ؟ ياكى شۇ ئۇرۇنلارغا ئازراق پارە بىرىپلا تارقىتىش
ئىجازەتنامىسى ئالغانمىدۇ ؟ ۋە ياكى ھىچقانداق ئىجازەتنامە ئالمايلا تارقىتىۋەرگەنمىدۇ ؟
بىزلەرمۇ تۈركىيە ، ئۆزبەكنىڭ فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەندەك ، شۇ قېرىنداش مىللەتلەرمۇ بىزنىڭ مۇشۇنداق ناچار فىلىملىرىمىزنى كۆرسە بىزلەرنى نىمىمۇ دەر ؟
ئۇيغۇر مىللىتى شۇ دەرىجىدە چاكىنىلىشىپ كەتكەنمىدۇ ؟ دىمەسمۇ ؟
گەپنى يىغىپ ئېيىتساق ، مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۈكۈدىغان بۇنداق ناچار ، سۈپەتسىز فىلىم بۇنىڭدىن كىيىن قەتئى ئىشلەنمىسىكەن دىگەن ئۈمۈدتىمىز .
ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ مۇشۇنداق ناچار فىلىملەرنى تەستىقلىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمز .
|
|