قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

قاسىم سىدىق: نەزىرىمدىكى قارا ئۇڭكۆر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 13:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خاۋكىڭ تەشەببۇس قىلغان "كۆلرەڭ ئۇڭكۆر" "مىنىڭ نەزىرىمدىكى قارا ئۇڭكۆر"گە ئوخشۇشۇپ كىتىدىكەن.ئۇنىڭ ئېغىرلىغى(زىچلىغى) نىتىرون يۇلتۇزلارنىڭكىدىن يۇقۇرى دەپ قارىلىدىكەن.مانا:


它比中子星重,外在的物质还保持着粒子数。建议或已发现的恒星质量天体(白矮星、中子星和夸克和先子星)全都以质点粒子的简并压力支撑著,所有这些都被称为简并恒星

تولۇقى بۇ يەردە:

http://zh.wikipedia.org/wiki/Q%E6%98%9F


66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 14:58:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     تەپەككۇر تەييار تاپلىرى

http://bbs.izdinix.com/forum.php ... &tid=56929#lastpost

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 18:18:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 18:22  

خاۋكىڭ: قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس


قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۇقۇم تەسۋىرى (مەنبە:ئامرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى)
قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسىنىڭ بەرپاچىسى سىتېفىن خاۋكىڭ قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس دېدى
قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس ؟ چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز . بىراق بۇ گەپنى دېگۈچىنىڭ قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسىنىڭ بەرپاچىسى سىتېفىن خاۋكىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە ، ئەستايىدىل ئاڭلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . ‹‹تەبىئەت›› ژۇرنىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنى خاۋكىڭنىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن گۇمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
ئەگەر خاۋكىڭنىڭ نەزەرىيىسى توغرا دېيىلسە ، قارا ئۆڭكۈر يادروسىدىكى سىنگۇليار نۇقتا ئەسلا مەۋجۇت بولمايدۇ . ھەتتا «بارلىق شەيئىلەر پىرىنسىپ جەھەتتىن قارا ئۆڭكۈردىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ» دېگەن بۇ قاراشنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ چەتكە قېقىلمايدۇ . خاۋكىڭ :« كىلاسسىك نەزىرىيەدە ، قارا ئۆڭكۈر ھىچقانداق نەرسىنى قويۇپ بەرمەيدۇ بىراق كۋانت نەزەرىيىسى ئىنىرگىيە ۋە ئۇچۇرنى قارا ئۆڭكۈردىن قاچالايدۇ دەپ قارايدۇ .» دېدى . ئۇ يەنە ئالىملارنىڭ ئىغىرلىق كۈچى ۋە باشقا تەبئىي كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى بىر نەزەرىيە بەرپا قىلغاندا ئاندىن بۇ جەرياننى چۈشەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
خاۋكىڭنىڭ قارىشىچە ، ئىنىرگىيە ۋە ماددا قارا ئۆڭكۈرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن ، ئاۋۋال قارا ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىدۇ ، لېكىن قارا ئۆڭكۈر مەركىزىگە بارالمايدۇ ، ئەڭ ئاخرىدا يەنە قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ . بىراق ،ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرى قارا ئۆڭكۈردە ۋەيران بولۇپ كەتمەيدۇ ، لېكىن پۈتۈنلەي قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ . قارا ئۆڭكۈردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەچكە ئاساسى جەھەتتىن ئەسلىگە كىلەلمەيدۇ .
خاۋكىڭ 1. ئاينىڭ 22. كۈنى توردا «قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۇچۇر ساقلىشى ۋە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات» ناملىق ئىلمى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ماقالىدە :« نۇرنىڭمۇ قىچىپ قۇتۇلالماسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، كۆرۈش دائىرىسىنىڭ بولماسلىقى قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . » دەپ كۆرسىتىلگەن . ئەمەلىيەتتە ، خاۋكىڭ 2013-يىلى 8-ئايدا بىر قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، مۇشۇنىڭ ئاساسىدا ئىلمى ماقالىنى يازغان .
‹‹ئوت توساق››نىڭ سىرى
ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار بىر نەس باسقان ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بەختكە قارشى قار ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كېتىشىدەك بىر ئەھۋالنى پەرەز قىلىشقان . ئۇزۇندىن بىرى ، فىزىكا ئالىملىرى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىدا ئالەم ئۇچقۇچىسى شەك شۈبھىسىز قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە قارا ئۆڭكۈر مەركىزىدىكى سىنگۇليار نۇقتىدا كۈل بولۇپ كېتىدۇ . كىيىن يەنە بىر قىسىم ئالىملار كۋانت نەزەرىيىسىگە ئاساسلىنىپ يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، يەنى قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرۈش دائىرىسى «ئوت توساق» قا ئوخشاش بىر خىل يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك رايون بولۇپ ، چۈشۈپ كەتكەن ئالەم ئۇچقۇچىسىنى بىۋاستە كۆيدۈرىۋىتىدۇ .
خاۋكىڭ نەزەرىيىسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولسا كۋانت قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدا شىددەتلىك بىر ۋاقت بوشلۇق دولقۇنى ھاسىل قىلىدۇ ، شۇڭا «ئوت توساق» قا ئوخشاش چىگرا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.


66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 18:30:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 18:32  

بۇ 2007-يىلىدىكى خەۋەر ئىكەن:

قارا ئۆڭكۈر ئەمىلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس


دۇنيادا زادى قارا ئۆكۈر بار يوقلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ ، قارا ئۆكۈر ئوتتىرىغا قويۇلغان بىرىنجى كۈندىن باشلاپلا نۇرغۇن تالاش تارتىشلارغا سەۋەپ بولۇپ كەلمەكتە ، گەرچە ھازىرقى قارا ئۆكۈر تەلىماتى بەزى نەرسىلەرنى چۈشەندۈرەلىسىمۇ ، لىكىن شۇ سەۋەپلىك دۇنيا بارغانسىرى غەلىتە بولۇپ كەتمەكتە .

يېقىندا ئامېىكىلىق بىر تەتقىقاتچى "物理评论D      Physical Review D" دا ماقالە ئىلان قىلىپ قارا ئۆڭكۈر مەۋجۈت ئەمەس دىگەن قاراشنى ئوتتىرىغا قويدى ، ئەگەر بۇ قاراش توغرا بولىدىغان بولسا ئالىملارنى 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قىينىغان مەسىلە شۇنىڭ بىلەن غايىپ بولىدۇ . ( لىكىن بۇ زامانىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بىرى سىتىفېن خافكىڭنىڭ ئەڭ زور ئەپسۇسلىنارلىق ئىشى بوپ قىلىشى مۇمكىن--ئىزدەنگۈچى )

ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا قارا ئۆڭكۈر بوشلۇقتىكى بىر نوقتا ، ئۇنىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، قارا ئۆڭكۈردىن مەلۇم يىراقلىقتىكى دائىرىدە ھەتتا نۇرمۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . 1974-يىلى خافكىڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭمۇ مەلۇم ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن سىرىتقا ماددا تارقىتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى . لىكىن يۇقىرىقى ئىككى خۇسۇسىيەت ئۆز ئارا زىت بولغاچقا ئالىملار ئىزچىل بۇنىڭدىن قايمۇقۇپ كەلگەنىدى .

يېقىندا ئامرىكا "Case Western Reserve University" دىكى فىزىكا ئالىمى لاۋرىنىس . كىرائۇس ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئۇلارنىڭ بىر ماتىماتىكىلىق فورمۇلا ئىجاد قىلغانلىقىنى ، بۇ فورمۇلا ئارقىلىق قارا ئۆكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى . ئۇلار فورمۇلاسىدا  ئېينىشتىيىن ئوتتىرىغا قويغان "relativistic effect of time"  دىن پايدىلانغان .



66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 20:56:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-1-28 18:18
خاۋكىڭ: قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس

خاۋكىڭنىڭ قارىشىچە ، ئىنىرگىيە ۋە ماددا قارا ئۆڭكۈرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن ، ئاۋۋال قارا ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىدۇ ، لېكىن قارا ئۆڭكۈر مەركىزىگە بارالمايدۇ ، ئەڭ ئاخرىدا يەنە قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ . بىراق ،ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرى قارا ئۆڭكۈردە ۋەيران بولۇپ كەتمەيدۇ ، لېكىن پۈتۈنلەي قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ . قارا ئۆڭكۈردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەچكە ئاساسى جەھەتتىن ئەسلىگە كىلەلمەيدۇ
_______________

بۇ گەپلەر «ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە مەۋجۈت»،«دەۋرىلىك»قاتارلىق ئىدىيەلەر بىلەن تازا سىغىشمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 13:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىلىمخۇمار:
   ستىۋىن ھاۋكىڭنىڭ يېقىنقى «قاراڭغۇ-ئۆنكۈر» ھەققىدىكى ماقالىسى توغرىسىدا

      ماڭا بىر قانچە تورداشلار خەت يېزىپ، يۇقىرىدىكى ئىشنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى.  شۇڭا بۇ يەردە مەن بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قوياي.
        دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى ستىۋىن ھاۋكىڭ (Steven Hawking) 22-يانۋار كۈنى توردا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ [2]، قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسى ھەققىدە بىر يېڭى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.  بۇ قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسى ھەققىدە ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 3-پەرەز بولۇپ، «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ بىر مۇخبىرى 24-يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە بىر خەۋەر يېزىپ، ئۇنى «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان.  شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان.  ئەمما، ھاۋكىڭنىڭ ماقالىسى پەقەت تورغا قويۇلغان ماقالە بولۇپ، ئۇ تېخى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن.  ئېھتىمال شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئىشنى ئامېرىكىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپ، بىرەر ئىلمىي تەتقىقات ئورنى، ياكى بىرەر ئىلمىي جەمئىيەتلەر تېخىچە خەۋەر قىلمىدى.  
        قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسى ھەققىدىكى 3 پەرەزنىڭ بىرىنچىسىنى 1915-يىلى گېرمانىيىلىك ئالىم Karl Schwarzschild ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ چېگرا «ھادىسە دائىرىسى» (event horizon) دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق: «ھادىسە دائىرىسى» ئىچىگە كىرگەن ھەر قانداق نەرسە ئۇنىڭ ئىچىدىن قېچىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ.  نۇرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
        بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن، كالىفورنىيە شىتاتى سانتا باربارا شەھىرىگە جايلاشقان كاۋلى ئىنستىتۇتى (Kavli Institute) دىكى Polchinski باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئالىملار «توسما تام» (firewall) دەپ ئاتىلىدىغان 2-پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.  بۇ پەرەزدە ئالىملار مۇنداق بىر تەجرىبىنى قىياس قىلغان: ئەگەر بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى قارا-ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە ئوقماي كىرىپ قالسا، ئۇنىڭغا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟  ئەگەر «ھادىسە دائىرىسى» پەرىزى بويىچە بولغاندا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قانداق خېيىم-خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەي، «ھادىسە دائىرىسى» دىن بىمالال ئۆتۈپ كېتىدۇ.  ئەمما ئۇ قارا-ئۆڭكۈرنىڭ مەركىزىدىكى «غەيرى-نۇقتا» غا قاراپ تارتىلىپ، لەغمەن چۆپىدەك سۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەيرى-نۇقتىغا ئۇرۇلۇپ يەنچىلىپ كېتىدۇ.  
        ئەمما، پولچىنسكىنىڭ گۇرۇپىسىدىكىلەر ئىنچىكىلەپ ئانالىز قىلىش جەريانىدا، كۋانت نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، «ھادىسە دائىرىسى» چوقۇم بىر يۇقىرى-ئېنېرگىيىلىك رايونغا، ياكى بىر «توسما تام» (firewall) غا ئايلىنىپ، ھېلىقى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.  لېكىن بۇ چۈشەنچە بۇ ئېينىشتېيىننىڭ ئومۇمىي نىسبىيلىق نەزەرىيىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدىكەن.
        شۇنىڭ بىلەن ھاۋكىڭ بۇ قېتىمقى 3-پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ پەرەز كۋانت مېخاينىكىسى بىلەن ئومۇمىي نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە زىت كەلمەيدىكەن.   بۇ پەرەزدە قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسىغا «مۈجىمەل دائىرە» (apparent horizon) دېگەن نام بېرىلگەن بولۇپ، ئەگەر نۇر قارا-ئۆڭكۈردىن قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدىكەن، مۇشۇ «مۈجىمەل دائىرە» ئىچىگە سولۇنۇپ قالىدىكەن.  ھاۋكىڭ 2013-يىلى 8-ئايدا كاۋلى ئىنستىتۇتىدا سكائىپې (Skype) ئارقىلىق بۇ ھەقتە بىر ئىلمىي دوكلاد بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم توردا ئېلان قىلغان ماقالىسى ئاشۇ دوكلاتقا ئاساسەن يېزىلغان ئىكەن.  
        بىر قانچە ئالىملارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ 3-پەرەزمۇ ئالدىنقى 2 پەرەزلەر چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ھادىسىلەرنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىشتە خېلى چوڭ توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.  ھاۋكىڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ پەرىزىنى بىر ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە ئوخشاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ پەرەز قىلغان ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن، ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇ  ئىشنى مەلۇم توغۇرلۇق سەۋىيىسىدە ۋۇجۇتقا چىقىرىش ناھايىتى قىيىن ئىكەن.
       ئەگەر كېيىنچە مۇشۇ «مۈجىمەل دائىرە» دېگەن پەرەز قوبۇل قىلىنىپ قالسا، قارا-ئۆڭكۈرنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىكەن.  يەنى، «مۈجىمەل دائىرە» پەرىزى بويىچە بولغاندا، مەزكۇر دائىرە ئىچىگە كىرىپ قالغان نۇرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن چەكسىز يىراقلىققا قېچىپ چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، ئاشۇنداق بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا «قارا-ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس» بولۇپ قالىدىكەن.
     دېمەك، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى پەقەت بىر پەرەز بولۇپ، ئۇ خەلقئارالىق ئاكادېمىيە ساھەسىدە تېخى رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ بولالمىدى.  بۇ پەرەز قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇ پەقەت قارا-ئۆڭكۈر چېگرىسىدا قانداق ھادىسىلەر يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىگە بىر ئاز ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەر بىر گالاكسىنىڭ مەركىزىدە بىردىن «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭلۇقتىكى قارا-ئۆڭكۈر» نىڭ بارلىقى، ھەمدە گالاكسىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭدىن كىچىكرەك قارا-ئۆڭكۈرلەردىنمۇ بىر قانچىسى بارلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي بايقاشنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.  ناسا ھازىرغىچە كۆپ ساندىكى قارا-ئۆڭكۈرلەرنى رەسىمگە ئېلىپ بولدى.
        قوشۇمچە: ستىۋىن ھاۋكىڭ قارا-ئۆڭكۈر ۋە چوڭ پارتىلاش نەزەرىيىلىرىگە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئېينىشتېيىندىن كېيىنكى ئەڭ مەھشۇر فىزىكا ئالىمى، دەپ قارىلىدۇ.  ئەمما، ئېينىشتېيىندىن كېيىن نەچچىلىگەن فىزىكا ئالىملىرى قارا-ئۆڭكۈر ۋە چوڭ-پارتىلاش ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشىپ بولدى. ئەمما ھاۋكىڭ تېخىچە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى.  ھاۋكىڭ بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology, Caltech) نىڭ بىر مېھمان تەتقىقاتچىسى بولۇپ [3]، ئۇ ھەر يىلى بىر ئايدەك ۋاقىتنى مۇشۇ يەردە تەتقىقات بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] «Air pollution in Asia said having global effect on weather, climate»
http://www.upi.com/Science_News/ ... 7941/#ixzz2r9JSmBgo

[2] Stephen Hawking: «There are no black holes»
http://www.nature.com/news/steph ... black-holes-1.14583

[3] Stephen Hawking Public Lecture
http://www.caltech.edu/content/stephen-hawking-public-lecture

*
./thread-22500-1-1.html

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 14:03:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئامرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (NASA)قارائۇڭكۆردىن قويۇپ بېرىلگەن يۇقۇرى سۆرئەتلىك پىلازمىلار ئېقىمىدىن تۇرغۇن يۇلتۇزلار شەكىللىنىدىغانلىغىنى بايقىدى
美国家航空航天局(NASA)发现黑洞可高速释放等离子体流抑制恒星诞生
http://scholarsupdate.hi2net.com/news.asp?NewsID=7466

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 22:37:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 22:51  


قارا ئۇڭكۆر ھەقىقەتەن پىلازما ھالەتتىكى نەرسىلەرنى قويۇپ بەرسە ،ئۇنىڭ زىچلىغىمۇ چاغلىق نەرسە بولۇپ قالىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )