يەنە قانچىلىك رەھبىرى كادىرلار «قانۇننى چۈشەنمەيدۇ»؟ «قولغا ئېلىنغان چاغدىلا مەن چىرىكلىشىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئاندىن چۈشەندىم»،«مېنىڭ قانۇن-تۈزۈمگە بولغان كۆز قارشىم چۇڭقۇر بولمىغاچقا، قانۇننى ئۈگەنمىدىم، قانۇننى چۈشەنمىدىم، قانۇنغا رىئايە قىلمىدىم». ئىككى يىلدىن كۆپرەك ئۆزگەرتىشتىن كىيىن، سىچۇەن ئۆلكىسى لېشەن شەھرى شىجوڭ رايۇنلۇق سۇئىشلىرى ئىدارىسى سابىق ئىدارە باشلىقى زاۋ گۇا فاڭ ھەرقانداق ئادەمنىڭ قانۇننى ئۈگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى كىرەكلىكىنى ئاخىرى چۈشىنىپتۇ! (8-ئاينىڭ 5-كۈنى«تەپتىش گېزىتى»)
زاۋ گۇا فاڭنىڭ «پۇشايمان»نىنى ئاڭلاپ مەن ئىختىيارسىز بەزى باشقا «قانۇننى بىلمەيدىغان»رەھبىرى كادىرلارنى ئويلاپ قالدىم. يىزائىگىلىك مېنىستىرلىكى دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشىلىقى، قوشۇمچە يىزائىگىلىك مېنىستىرلىكى يىزائىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى دىڭلى 500نەچچە مىڭ يۇەن پارائېلىپ، سوتلانغاندا«ئۆزۈم قانۇننى بىلمەپتىمەن» دېدى. نىڭشىيادىكى سابىق ئەمەلدار ئايال -نىڭشيا شىنفا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى(باشقارما دەرىجىلىك)زۇرۈي 4مىليون 80مىڭ يۇەن چىرىكلىشىپ، 9مىليون 340مىڭيۇەن باج ئوغۇرلاش جىنايىتى بىلەن سوتلانغاندىمۇ،قانۇننى بىلمەسلىكىمدىن بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى دىگەن. تېخىمۇ يامىنى، زىلزىلگە سالغان شەنشىنىڭ فىڭشەن ناھىيلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ياۋ شىياۋخوڭ ساۋاتسىز، قانۇندىن ساۋاتسىزلىقىغا قوشۇلۇپ لۈكچەك باشلىق. قانۇن مۇخبىرلىقىنى قىلىپ باققان مۇخبىر بولوش سۈپىتىم بىلەن، يەنە «تەلىيىم كېلىپ» بىرقانچە قېتىم سوت مەھكىمىسىدە ئايرىم نەزارەت دەرجىلىك كادىرلارنىڭ ئوينىغان «ئېسىل»ئويۇنىغا شاھىت بولۇپ، ئاز بولمىغان خىيانەتچىلەرنىڭ «قانۇننى بىلمەپتىمەن»دەيدىغانىقىنى بايقىدىم.
ئۇنداقتا، «زاۋ گۈي فاڭ»لار راستىنلا قانۇننى بىلمەمدۇ ياكى قانۇننى بىلمەس بولىۋالغانمۇ؟
ئەگەر، «زاۋ گۈي فاڭ»لارقانۇننى بىلمەپتىمەن دىگەنلىرى راس بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا سوراپ باقاي، قانۇننى بىلمەيدىغانلار قانداق قىلىپ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقالىدى؟ كىم قانۇننى بىلمەيدىغان رەھبەرنى ئۆستۈردى؟ بىزنىڭ رەھبىرى كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش مىخانىزىمىدىن چاتاق چىقتىمۇ؟ ياكى ئايرىم رەھبىرى كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھوقوقى بارتارماقلار ۋە شەخىسلەردىن چاتاق چىقتىمۇ؟
ئەگەر «زاۋ گۈي فاڭ»لارقانۇننى بىلمەس بولىۋالسا مەن چۈشىىنىمەن. ئۇلارنىڭ قانۇننى بىلمەس بولىۋېلىش مەقسىدى ئىنتايىن ئاددى، سوتنىڭ كەڭچىلىك قىلىشى، ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جەميەتكە ئىتتىرىش، ئەشۇ پارە بەرگەن كىشىلەرگە ئىتتىرىش ئۈچۈن. ئىشەنمىسىڭىز زۇ رۈينىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ: :قانۇننى بىلمەسلىكىمدىن بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى، سوتنىڭ يەڭگىىللىتىپ بىرتەرەپ قىلىشىنى سورايمەن، مەن بۇندىن كىيىن قانۇننى بىلىدىغان، قانۇننى چۈشىنىدىغان ئادەم بولىمەن. ئوخو، بۇ نىمىدىگەن ۋەكىل خاراكتىرلىك ھە؟
مېنىڭچە، گەرچە بىزنىڭ رەھبىرى كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش مىخانىزىمىمزدا بەزى چاتاقلار بار، رەھبىرى كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقوقى بار ئايرىم ئورۇنلار ۋە شەخىسلەردە مەسىلە بار، بىراق ئۇمۇمى جەھەتتىن ئالغاندا، يەنىلا پارتىيە ۋە خەلىقنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى بولسا ئاشكارە ۋە ئېنىقلىقى. مەن ئىشىنىمەنكى، دۆلەت ھەرگىزمۇ بىر قانۇن قارىغۇسىنى رەھبىرى كادىرلىق ئورنىغا چىقىرىپ، ئۇلارنى ئاممىنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ نەم شۆھرىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز پارخورلۇق، خىيانەتچىلىكنى قاتتىق تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرىشىغا ئەگىشىپ، بىرتۈركۈم چىرىك، پارىخور ئەمەلدارلار ئارقا ئارقىدىن ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈلدى. بىراق، ئاز بولمىغان چاتاق چىققان رەھبىرى كادىرلار سەلبى ماتىريال قىلىنىپ، تەشۋىق قىلىنىپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پاكلىق، قانۇن تۈزۈم تەربىيىسىگە ئېگە قىلىنىپ، ئۇلارغا قانۇن بىلمەسلىككە يول قالدۇرۇلمىدى.
مېنىڭچە، ئايرىم رەھبىرى كادىرلار قانۇنغا بولغان ھۇشيارلىقىنى ۋە قورقۇنچىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشىلا مەسىلىنىڭ ئاساسى. ھازىر پۇل قاتارلىق ماددى بايلىقلارنىڭ قىزىقتۇرشى ئالدىدا، بىرقىسىم رەھبىرى كادىرلار قانۇننى ئاسمانغا چۆرىۋىتىپ، تەلەي سىناپ، خاتىرجەم ھالدا پارائېلىپ، ئۆزلىرىنى«ئەشۇئەڭ نەسباسقان كىشى»ئەمەس دەپ قارايدۇ، بۇ بىرسى.
ئىككىنچىسى، نۆۋەتتە نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئاپراتلىرى ھازىرمۇ بىر ئېغىز گەپ ھېساپ بولۇش، نازارەت ئىدارە دەرجىلىكلەرنىڭ بىرىنچى قولى ئىدارىدىكى«ئاتامانى» ھىسابلىنىدۇ، ئادەتتە كۆپچىلىك ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ، خۇشامەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ دېگىنىنى ھېچكىمنىڭ ئاڭلىماسلىقققا ھەددى ئەمەس، ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ئىشىنى قىلماسلىققا ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس. قانۇن ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر يەلپۈگۈچتىنلا ئىبارەت بولوپ، لازىم بولغاندا يەلپۈپ قويىدۇ، كىرەك بولمىغاندا بولسا«چۆرىۋىتىدۇ». كۆپ قىسىم رەھبەرلەرنىڭ ئېڭىدا، ئۆزىنىڭ «قورۇقى» دىگىنى ھىساپ، ئۆزى قانۇن دىگەنلىك.
ئەگەر بىزنىڭ پارتىيىنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى ئىچىدە بىرقىسىملىرى قانۇننى چۈشەنمىدى دېسەك، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئورنىنى يۆتكەپ، ئاندىن باشتىن ئاياق تولوق قانۇن تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار قانۇننى چۈشەنگەندە، ئۆزگەرگەندە ئاندىن ئويلىشىش، ھەرگىزمۇ قانۇندىن ساۋاتسىزلارنى«خەلىقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەمەلدار» قىماسلىق كىرەك. ئەگەر ئۇلار ئورۇن يۆتكەشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قانۇننى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردۇ، ئۇنداقتا بىز ھەر ۋاقىت قانۇننىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىمىنى تارتىپ، تۈزۈم ۋە نازارەتچىلىك ئاپراتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، پارىخور چىرىكلەرنى جازالايدىغان بوران چاپقۇننى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىر چرىكلىشىپ، پارىخورلارنى، ھوقوقنى قالايمىقان ئىشىلتىدىغانلارنى قۇرۇتۇپ، ھەتتا قاق-سەنەم قىلىۋىتىپ، ئۇلارنى قانۇننىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىمىدىن قورقىدىغان، ھېچكىم چېقىلالمايدىغان قىلىشىمىز كىرەك.
سى ئەي ۋۇ ئىمزالىقىدىكى بۇ ئەسەر «تەپتىش گېزىتى»2008-8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدىن tتەرجىمە قىلىندى.
ئەلىجان تۇرسۇن(يانغىن) تەرجىمىسى.
|