قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2607|ئىنكاس: 19

كادىرلار سىزگە جاپا ساپتۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1315

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8188
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 18:16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
كادىرلار سىزگە جاپا ساپتۇ
بىرقانچە يىل ئىلگىرى، مەن يېزىلىق ھۆكۈمەتتە تەشۋىقات ھەيئېتى بولغان ئىدىم. بىرقېتىم، يېڭى كەلگەن مېي يېزا باشلىقى مەندىن بۇ يېزىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە قايسى؟ دەپ سورىدى. مەن: ئەڭ ئېىغىر مەسىلە بولسا، بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى، يېزا بويىچە 200دىن ئارتۇق ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر مەكتەپكە كىرمىدى دەپ جاۋاب بەردىم. مېي يىزا باشلىقى: ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەن دېدى. ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ، دېھقانلارغا بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىپ ئوقۇتۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى، بىراق ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى. مېي يېزا باشلىقى ئاچچىقلاپ:« ھېلىقى ئەڭ جاھىل ئائېلە باشلىقىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، ‹بىرنى جازالاپ، كۆپكە ئىبرەت› قىلغۇزىمەن!» دېدى.
ئەڭ جاھىل ئائېلە باشلىقى، سىپىڭ كەنتىدىكى تاۋ گو باۋ بولوپ، قىزىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيلا قالماستىن، يەنە نەسىھەت قىلغىلى كەلگەن يېزا كادىرلىرنى تىللىغان ئىدى. مېي يېزا باشلىقى راستىنلا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ نامى بىلەن تاۋ گو باۋ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ بالىسىنى مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن دېھقان ئۈستىدىن ئەرىز قىلىشى ناھىيىدە تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىدى، شۇڭا دەرھاللا خەۋەرگە ئايلاندى. سوت ئېچىلىدىغان چاغدا كىشىلەر كەينى-كەينىدىن كېلىپ سىرتتىن قاتناشتى، بىزنىڭ يېزىنىڭ كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشتى.
سوتتا، سوتچى ھەيۋەتلىك ھالدا تاۋ گو باۋ دىن:« سەن نېمە ئۈچۈن قىزىڭنى مەكتەپكە ئەۋەتمىدىڭ؟» دەپ سورىدى. تاۋ گو باۋ:«پۇل يوق، پۇل بولغان بولسا مەن ئۇنى مەكتەپكە ئەۋەتەتتىم» دېدى. سوتچى:«پەرزەنتلەرنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى قۇبۇل قىلىش ھوقوقى بولىدۇ، بۇ قانۇندا بەلگۈلەنگەن. سېنىڭ قىزىڭ باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغىچىلا ئوقۇغاندىن كىيىن ئۇنى مەكتەپكە ئەۋەتمەپسەن، بۇ، قانۇنغا خىلاپ، بىلەمسەن؟». تاۋ گو باۋ:« بىلىمەن، بىراق، ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمىسا مەكتەپ قۇبۇل قىلمايدىكەن».
مېي يېزا باشلىقى:«ھازىر سىياسەت شۇنچە ياخشى تۇرسا، سەن نېمىشقا پۇل تاپالمىدىڭ؟» دەپ سورىدى.
تاۋ گو باۋ:«ئالدىنقى يىللىرى مەن شال تېرىدىم، توخۇ-ئۆردەك باققان ئىدىم، باي بولالمىساممۇ، بىراق كۈنلىرىم ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىدى، ئوقۇش پۇلىنىمۇ تاپشۇرالايتتىم، پات-پات گۆش ئېلىپ يەلەيتتىم. كىيىن، يېزىدىكى كادىرلا«شالنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن ئىكەن، بىز زەنجىۋىل تېرىشقا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، زەنجىۋىلنىڭ كىرىمى شالنىڭكىدىن 10 ھەسسە يۇقىرى» دېدى. زەنجىۋىل ئۈنۈپ چىققاندا، ۋېي يېزا باشلىقى ئادەم باشلاپ زەنجىۋىل ئېتىزىدا رەسىمگە چۈشتى، گېزىتكە چىقتى، تېلۋىزورغا چىقتى، بىراق، تېلۋېزۇرغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھېلىقى زەنجىۋىللارنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كەتتى. يىل ئاخىرىدا، زەنجىۋىل گەرچە قىممەت بولسىمۇ، ئەپسۇس بىز زەنجىۋىل ساتالمىدۇق، يىسەك پۇلغا سېتىۋېلىپ يىدۇق. ئىككىنچى يىلى ۋېي يىزا باشلىقىنىڭ ئەمىلى ئۆستۈرلۈپ يۆتكىلىپ كېتىپ، يېڭىدىن جاڭ يېزا باشلىقى كەلدى. جاڭ يېزا باشلىقى يەنە ئادەم باشلاپ كېلىپ پەمىدۇر تېرىتتى. بۇ قېتىم پەمىدۇر قۇرۇپ قالمىدى، ياخشى ئۆستى، بىراق ھوسۇل يىغىدىغان چاغدا، شوخلا بازىرى كاساتلاشتى، بىر جىڭىنى بەشپۇڭغىمۇ ئالمىدى. نەتىجىدە يېرىمىنى ساتتۇق، يېرىمىنى خەقكە بېرىۋەتتۇق، بەزىلەر بولسا ئۈزۈش خوش ياقماي ئېتىزدىلا سېستىۋەتتى. بۇنداق پالاقشىپ يۈرۈپ، پۇل تاپالمايلا قالماستىن شال تېرىشقىمۇ تەسىر يەتتى. راستىنى دىگەندە، مېنىڭ تاماق يېيىشىممۇ تەسكە توختاۋاتىدۇ. سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلار، بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى مەن نەدىنمۇ تاپارمەن؟ مەن قانۇنغا خىلاپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم!»دېدى.
سوت جىمجىتلىقققا چۆكتى، ھەتتا سوتچىمۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى. سىرتتىن قاتناشقان ئىككى-ئۈچ يۈزدەك ئادەملەر ئۈنتىنسىز تاۋ گو باۋغا قارىماقتا ئېدى، ئۇلارنىڭ كۆز ئىپادىسى ئەيىپلەشتىن ھېسداشلىقققا ئۆزگەرگەن ئېدى. تاۋ گو باۋ تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ، سوتچىغا قارىدىدە، چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ:« مېنىڭ ئۆيۈمدە يەنەبىر كالام بار، كالامدىن كېچىپمۇ بولسا  ئوقۇش پۇلىنى تۆلەي، جاپا تارتساممۇ بالىنى جاپاغا قويسام بولمايدۇ!» دېدى.
مەن كالىنىڭ دېھقاننىڭ جېنى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، پەقەت يول قالمىغاندىلا دېھقان ئاندىن كالىسىنى ساتاتتى. قەلبىم ناھايىتى ئازابلاندى، ئۆزۈمنى باسالماي ھەميانىمنى ئېلىپ، پۇلنى «جاۋبكار» دىگەن تاختىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدۇم. سىرتتىن قاتناشقۇچىلار تۇشمۇتۇشتىن چىقىپ، پۇلنى جاۋبكارتۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇشتى، بىريۇەن، ئىككى يۇەن، بەش يۇەن، ئون يۇەن...بارقانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. تاۋ گو باۋ كۆپچىلىككە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، تۇيۇقسىز ھېلىق پۇللارغا قاراپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
مېي يېزا باشلىقىمۇ ئولتۇرالماي قالدىدە، دەۋاگەرنىڭ ئورنىدىن جاۋابكارنىڭ ئورنىغا بېرىپ، تاۋ گو باۋغا تازىم قىلىپ، تەسىرلەنگەن ھالدا:« ئاكا، يېزىمىزدىكى كادىرلار سىزنى جاپاغا قويۇپتۇ، جاۋابكار تۇرىدىغان ئورۇندا تۇرىدىغىنى مەن ئىكەنمەن! مەن قەسەم قىلىمەنكى، پەقەت مەن بىركۈن يېزا باشلىقى بولالىساملا، زور كۈچۈم بىلەن كۆپچىلىكنى بېيىش يولىغا باشلايمەن، ھەرگىزمۇ سىياسىي نەتىجە ئۈچۈن پالاقشىمايمەن!» دېدى.
بۇ قېتىمقى سوت ناھىيە تېلۋىزىيەئىستانسىسىدىكى بىرىنچى خەۋەرگە ئايلاندى. ئاڭلىشىمچە، نۇرغۇن دېھقانلار بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن يىغلاپ كەتكەن.
تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ سۆزى:
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋال ئۆزگەردى. نۆۋەتتىكى توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپتا ئوقۇش پۇلى ئالمايدۇ، ئوقۇش پۇلى تۆلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارىخقا ئايلاندى، بىراق، پالاقشىش شامىلى يەنىلا مەۋجۇد. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئازراق ھەق يىغىپلا قالماستىن، پالاقشىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز.


خۇاڭ باڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما. «بېيجىڭ ياشلىرى گېزىتى»نىڭ 2009-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان. خۇەن شۆ رەن تەرپىدىن فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى2009-يىل 3-ئايلىق كىيىنكى يېرىم سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.
ئەلىجان تۇرسۇن (يانغىن) تەرجىمىسى

1

تېما

14

دوست

3402

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 984
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 21:17:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىككەن،ئاۋۇ مېي يېزا باشلىقىمۇ تازا قاپاقباش نىمىكەن،بالاڭنى مەكتەپكە نىمىدەپ بەرمەيسەن دىگىچە نىمىدەپ بېرەلمىدىڭ دىسىلا ئۇنداق كۆپ ئاۋارچىلىقمۇ يوق،ئاخىرى يەنىلا ئۆزلىرى رەسۋا بۇپتۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

5

دوست

6576

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2050
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 21:23:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ - ئۇ يېزىدىكى باشلىقلار بىزنىڭ يېزىدىكى باشلىقلارغا نىمانداق ئوخشايدىغاندۇ ،
بىزنىڭ يېزىدىمۇ دەل شۇنداق ،98 - يىللىرىغۇ دەيمەن خوتەندىن بىرەيلەنننى يېزا باشلىقى قىلىپ ئەكەپتىكەن يېزىمىزغا ، كىيىنىكى يىللا بىرقانچە كەنىتنىڭ يەرلىرىگە يەنى ئېتىزغا سۇ باشلايدىغان پۈتۈن ئېرىقلارنىڭ ئىككى قاسنىقىغا ئاق ئۈجمە كۆچىىتى قويغۇزدى ،ئۈچ - تۆت يىلدىن كىيىن يېزا باشلىقى ئالماشقان ئىدى ، پۈتۈن كۆچەتلەرنى قومارغۇزىۋەتتى .
كىيىنكى يىلىسى يېزا بۇيىچە مەجبۇرى  ئۈرۈك كۆچىتى قويدۇردى ، بىر قانچە يىلدىن كىيىن ئۇنىمۇ قومارغۇزۇپ نەشپۈت كۆچىتى قويدۇردى ، 2010 - يىللىرى ئۇنىمۇ قومارغۇزۇپ چىلان تېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى ، ئەمدىلىكتە چىلاندىمۇ ۋاز كىچىپ ياڭاققا تۇتۇش قىلىۋاتىدۇ ، 2015 - يىللىرى يېزا باشلىقى ئالماشسا يەنە نىمىمۇ قويدۇرار بىزلەرگە ؟
ئەنە شۇنداق ھەر بىر قېتىملىق ھەركەتتە يېزا باشلىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەر نەچچە مىليۇن ھارام پايدىغا ئىرىشىدىكەن ،بۇنىڭ دەلىلى ماۋۇ -
2003 - يىللىرىغۇ دەيمەن ، يېزا بۇيىچە ئۈرۈك كۆچىتى قويدۇرغان ئىدى ، ناھىيەمىزنىڭ چەترەك بىر يىرىدە بىرەيلەننىڭ يۈز نەچچە مۇ كۆلەمدە يىتىشتۈرگەن ئۈرۈك كۆچىتى بار ئىكەن ، يېزا رەھبەرلىرى خوتەننىڭ نۇمۇر تاختىسىنى ئاسقان يۈك ماشىنىسىدىن بىر قانچىنى تېپىپ كۆچەتلەرنى بېسىپ كەنىتلەرگە ئېلىپ كەلدى ،
نىمە دىدى دەڭ ، - مانا بۇ خوتەننىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۈرۈكىنىڭ كۆچىتى ، ھەر بىر دەنىسى 2.8 يۈەن دەپ مەجبۇرى ساتتى ،
كىيىچە ئۇقساق 4 مودىن ئالغان كۆچەتلەر ئىكەن .
ھەي قانداق قىلىمىز جۇڭگۇچىلىقتا مۇشۇنداق ئىشلارغا كۆنمەيمۇ ئامال يوق ئوخشايدۇ .

0

تېما

2

دوست

2868

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11940
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 274
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 21:35:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 21:39  

مۇشۇنداق مىي  يېزا باشلىقىدەك (كېيىنچە ۋەدسىدە تۇرالىغانلابولسا )باشلىقلاردىن جەمئىيىتىمىزدەنەچچىسى باردۇ ؟؟؟؟؟

0

تېما

4

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 640
توردىكى ۋاقتى: 260
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 22:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇنداق   اچچىق  يۇمۇرلار بىزنىڭ   بۇ  يەرلەردە كۈپ   ۇچرايدۇ .

0

تېما

4

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 640
توردىكى ۋاقتى: 260
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 22:37:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇركان0997  دىگەنلىرىڭىز   توغرا  قارىسام  رايۇن تەۋەلىكىمىز بىرمۇ  قانداق .

14

تېما

13

دوست

6146

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 1808
توردىكى ۋاقتى: 558
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 22:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
m4a1-a يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 21:17
بەك تەسىرلىككەن،ئاۋۇ مېي يېزا باشلىقىمۇ تازا قاپاقباش ...

ئەۋەتكەن ئادەملېرىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن شۇنداق قىلغان گەپ، ئاندىن سوت ئىئانە سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغاندا ۋاختىدا بىر يۇمىلاپ ياخشى بۇلىۋىلىشمۇ ئەقلى بار ئادەم قىلالايدىغان ئىش...

14

تېما

13

دوست

6146

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 1808
توردىكى ۋاقتى: 558
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 22:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turkan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 21:23
پاھ - ئۇ يېزىدىكى باشلىقلار بىزنىڭ يېزىدىكى باشلىقلارغ ...

ئۇ چاغلاردا شۇنداقتى، ئىچكىرىلەردىمۇ چەتئەل سودىلېرى ئىقىپ تۇرغان چاغلار، شىجىنپىڭ رەئىس بۇرۇنراق تەخىتكە چىقسا ئۇمۇ ھازىرقىدەك چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرەلىشى ناتايىن ئىدى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )