- تىزىملاتقان
- 2013-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1404
- نادىر
- 0
- يازما
- 103
ئۆسۈش
40.4%
|
ئۇ موماينىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى چەكتى، چەككەن بولسىمۇ ئىچىدىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىك ئۇچۇق بولغاچقا ئىشىكنى ئېچىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى، ئۆينىڭ ئىچى قاراڭغۇ ۋە زەي ئىدى، كىچىككىنە دېرىزىدىن چۈشكەن ئاجىز كۈن نۇرى بۇ ئۆيدىكى بىردىنبىر يورۇقلۇق مەنبەسى ئىدى. ئۇ بىر كارۋاتنىڭ تۈۋىگە كەلدى، كارۋاتتا ئورۇقلاپ بىرتېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان ھېلىقى بۇلۇپ قالغان موماي ياتاتتى، موماي ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى، لېكىن تېنىدە ماغدۇرى بولمىغاچ تۇرالمىدى، ئۇنىڭغا قاراپ بىرنېمىلەرنى دېمەكچى بولدىيۇ تىلى گەپكە كەلمىدى. ئۇ ئۆينىڭ ئىچىگ قاراۋېتىپ تۇيۇقسىز تامدىكى رەسىملەرگە كۆزى چۈشۈپ قالدى،تامدا ئۇنىڭ بىلەن ئاپىسى ئىككىسىنىڭ بىرگە چۈشكەن سۆرەتلىرى ئېسىقلىق تۇراتتى، بەش ياش ۋاقتى، ئون ياش ۋاقتى.......
ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ مومايغا قارىدى، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئۇنىڭغا كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان ئايال بولسا ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا موماي ئۈنى پۈتۈپ كەتكەن ئاجىز ئاۋازى بىلەن «ئوغلۇم » دەپ چاقىردى. ئۇ ئانىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپ كەتتىئ ۋىسال دەملىرىدىكى يىغا ئاۋازى ئۆينى قاپلىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئانىسىغا سۆزلەپ بەردىھەم نىمىشقا ئۆزۋاقتىدا ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى سورىدى. ئانا شۇ قېتىملىق پوجاڭزا پارتلاش ۋەقەسىدە ھايات قالغان بىلەن يۈز-كۆزى پۈتۈنلەي كۈيۈپ كېتىپ، بىر «بەدبەشىرە»گە ئايلىنىپ قالغانىدى، ئۇ ئوغلىغا يۈك بۇلۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ مۇشۇ يولنى تاللىغانىدى. ئىككى يىل جەريانىدا ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىپ تۇرمۇشىنى قامداپتۇ. ئىككى يىل بۇرۇن بۇ شەھەرگە كىلىپ ئوغلىنىڭ بۇ جايدا ئاشخانا ئېچۋاتقانلىقىنى، خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن جاپالىقلىقىنى كۆرۈپ كۆكتات توشۇپ بېرىش نىيىتىگە كەپتۇ ۋە ئىككى يىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
ئانا گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇ ئانىسىنى يۈدۈپ ئۆيگە قاراپ يول ئالدى، ئالاھەزەل يىگىرمە مىنوتلاردىن كېيىن ئۇلار ئۆيگە يېتىپ كەلدى، ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆيى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئارلىقىنىڭ بۇنچىلىك يېقىن ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
ئانا ئوغلىنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئۈچ كۈنلا تۇرالىدى، بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا ئۇلار قانغۇدەك مۇڭداشتى، ئۇ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولغان، لېكىن ئوغلىنىڭ تغمىدىن چىققاندىن كېيىن يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ئڭيلاپ بۇ نىيتىدىن ۋاز كەچكەن، پوجاڭزا ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ يەنە بىر قېتىم ئۆلېۋېلىشىنى ئويلىغان ، لېكىن ئوغلىنىڭ تېخى ھېچقانداق چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ نىيتىدىنمۇ ۋاز كەچكەن. پەقەت مۇشۇ ئوغلى ئۈچۈنلا تاھازىرغىچە ياشاپ كەلگەنىكەن.
ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئۈچىنچى كۈنى ئانا ئۇدۇنياغا سەپەر قىلدى، ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ ئانىسىنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى رەتلىدى، ئانىسىنىڭ بوپىسى ئىچىدە ئۇنىڭغا، ئايالىغا ۋە كەلگۈسىدىكى بالىسىغا ئاتاپ توقۇلغان پوپايكىلار بار ئىدى، ھەممىنىڭ تىگىدە بىر پارچە قەغەز بار ئىدى، بۇ دوختۇرنىڭ دىئاگىنوز قەغىزى بۇلۇپ ئۈستىگە جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ يېزىلغانىدى، تەكشۈرگەن ۋاقىت بولسا دەل ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىپ ئىككىنچى يىلى ئىدى. ئاخىرقى باسقۇچتىكى راك كىسىلى بىمارلىرىنىڭ بۇنچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى مۆجىزە ئىدى، ئانا ئوغلىنى دەپلا دەل مۇشۇ كەمگىچە ياشاپ كەلگەنىدى.
(تۈگىدى) |
|