- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 359
- نادىر
- 1
- يازما
- 6
ئۆسۈش
29.5%
|
تۇرسۇن توختى ھاجىم قانداق ئادەمكەن
بۇ ئادەم بىلەن 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە كۆرۈشتۇق. مېنىڭ دەسلەپكى تەسىراتىم بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئاددىيلا سىياقتىكى بىر ئادەمكەن. كىشىگە خوتەنلىك قېرىنداشلارغا ئورتاق بولغان چىراي ئىپادىسىنى بېرىپ تۇرىدىكەن. گۈلباغ بازىرىنىڭ ئاۋات دوقمۇشىغا جايلاشقان "گۈلباغ سودا بىناسى"نىڭ 4-قەۋىتىگە چىقتۇق. 4-قەۋەتنىڭ ھەممە يېرى دېگۈدەك "ئىنساپ" دېگەن ۋېۋىسكا، لوزۇنكىلار بار بولۇپ، تاللا بازار، كىتابخان، كۈتۈبخانا دېگەندەك دۇكانلار قاتىرىسىغا ئېچىۋىتىلگەنىكەن. كىتابخانا ۋە كۈتۈبخانا ئالدىغا ھەرخىل رەسىم ھۆسىن خەت جاھازلىرى، كىملەردۇر تەقدىم قىلغان لەۋھەلەر ئېسىۋىتىلگەن بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئىلىم ئىشلىرىغا قانچىلىك ھۆرمەتتە قارايدىغانلىقىنى، مۇھىمى بايلىرىمىزنىڭ ئەگەر ئىلىم ئىشىغا پۇل خەجلىسە قانچىلىك كاتتا قىلىۋىتەلەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئالغىلى بولىدىكەن. ئالدى بىلەن كىتابخانا ئىشىكىدىن كىردۇق. كىتابخانىغا دەستىلىۋىتىلگەن كىتابلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھاڭ-تاڭ قالدۇق. كىتابخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا مۇنار شەكلىدە تۇرۇسقا قەدەر تىزىۋىتىلگەن كىتابلارنى كۆرۈپ ، كىتابنىمۇ زىننەت قىلىپ ئۆي ئىچىگە تىزسا ئەسلى بولىدىغان گەپكەن دېدىممەن ئىچىمدە. ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە ياش بالىلارنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ تۇرسۇن توختى ھاجىمغا قارىدىم ، ھاجىم مەقسىتىمنى چۈشەندى بولغاي "سەل تۇرۇپ دەپ بېرەي " دەپ پىچىرلىدى. بىز يەنە ئازراق چۆرگىلىدۇق. شۇنى بايقىدۇقكى، كىتابخانىغا كىتاب تاللاپ بەرگەن ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن كۆزى باركەن، ئۇيغۇرتىلىدا نەشىر قىلىنغان ئاساسلىق كىتابلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جاھازلاردىن ئورۇن ئاپتۇ. كىتابلارنى سۆيۈنۈش، ئىپتىخار، قايىللىق ئىلكىدە زىيارەت قىلدۇق. ئەپسۇسلىنىدىغان بىر نەرسىنىمۇ كۆرۈپ قالدىم. قارىسام نەچچە يەردە كامېرا تۇرۇپتۇ. راست گەپنى قىلسام ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم خېلى غەش بولغان ئىدى. چۈنكى، كىتابخانىدەك ئورۇندىمۇ ئەمدى كۈزىتىش كامېرالىرى بولسا ھە ! يەنە كېلىپ ئىنساب نامىدا ئېچىلغان بىر كىتابخانىدا ! بۇ نۇقتىنى ئۆزەم كىتابخانا ئېچىپ ئورنىتىشقا مەجبۇر بولغاندا ئاندىن چۈشەندىم.
كۈتۈپخانىغا چىقتۇق.
"چۈشلۈك ئارام ۋاقتى بولۇپ قالدى. داۋامىنى چۈشتىن كېيىن يازاي."
|
|