قەشقەر ئىنساب بالىلار كىتابخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى
كېرىمجان مۇھەممەد
2013-يىلى ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. ھاياتىمدا بۇنچىلىك ئالدىراش بولغىنىمنى بىلمەيمەن. دىيارىمىز قەشقەردە بالىلار كىتابخانىسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالغان قەدەملىرىم ھېلى ئۈرۈمچىدە ھېلى خوتەندە ئىز قالدۇردى. نۇرغۇن-نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن تونۇشتۇم، سىرداشتىم ، كۆپ ئىلھام-مەدەتلەرنى ئالدىم. شۇ جۈملىدىن خوتەنلىك تۇرسۇن توختى ھاجىم مەندە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. مەزكۇر ئەسلىمىدە ئىنساب بالىلار كىتابخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەشۇ ساخاۋەتلىك ئىنساننىڭ قانچىلىك ياردەملەردە بولغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر سۆزلىنىدۇ.
بالىلار كىتابخانىسى قۇرۇش خىيالىنىڭ پەيدا بولۇشى
گەپنى يىراق خاربىندىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. 2012-يىلى يازدا مەن خىزمەت قىلىۋاتقان قەشقەر مالىيە-سودا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقى شىمالدىكى تارىخىي ئۇزۇن شەھەر خاربىن شەھىرىگە ئەشيا ئوبورۇتى كەسپىي بويىچە ئۈچ ئايلىق تەربىيلەشكە ئەۋەتىلدىم. دۇنيانىڭ ھەممىسى شىنجاڭ دەپ ياشاپ كەلگەن مەندەك ئادەمگە نىسبەتەن 6000 كىلومىتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ مەملىكىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېزىپ ئۆتۈش غايەت زور ۋەقە سانىلاتتى. خاربىندىكى ئۈچ ئايلىق ھايات مېنىڭ ھاياتىمغا نۇرغۇن يېڭى مەزمونلارنى قوشتى. خاربىندىكى شۇ ئوقۇش پۇرسىتىدە ئالدى بىلەن قەغەز يۈزىدە ، ئېكراندا ئوقۇپ-كۆرۈپ يادا بولۇپ كەتكەن بىرمۇنچە جايلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە نائىل بولدۇم. بېيجىڭدىكى خان سارىيىنى كۆردۈم، يىچۈندىكى قاراڭغۇ قارىغايزارلىقتا قويۇق دەرەخ ھېدىنى قانغۇچە ھېدلىدىم. بېيدەيخېدا دېڭىزغا چىلىنىپ ياتتىم. ئەڭ مۇھىمى شۇ قاتارلىق ماكانلاردىكى ئادەملەرنى چۈشىنىشىمگە جىق پايدىسى تەگدى. "سەپەر قىلسا رىسقىلىق " بولىدىغانلىقىنى ۋە "كۆگىنىڭنىڭ ئاڭلىغىنىڭدىن مىڭ ئەۋزەل" بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. خاربىندىكى كۈنلىرىمدىن بىر كۈنى خاربىن كوچىلىرىدا كېتىۋىتىپ، ئېھتىمال يېڭىلا دادا بولغانلىق تەسىراتى بىلەن بالامنى بەكلا سېغىنغانلىقىمدىن بولسا كېرەك بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان ھەرخىل سورۇنلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ مېڭىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز "بالىلار شەھەرچىسى" دەپ نام قويۇلغان بىر سودا بىناسىغا چىقىپ قالدىم. بۇ ئىگىز بىنانىڭ ئۈچ قەۋىتىنى ئىگىلىگەن شەھەرچىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى بالىلارغا كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق بويۇملىرى ، ئىككىنچى قەۋىتى كېيىم -كېچەك ، ئۈچىنچى قەۋىتى بولسا ھەرخىل كىتاب-ماتېرىياللار ۋە مۇقىم ئورنىتىلغان ئويۇنچۇقلار بىلەن تولغانكەن. دىلىم سۆيۈنۈپ قالدى بۇلارنى كۆرۈپ. دۇنياغا سەل بالدۇرراق كۆز ئېچىپ قالغان ، مىڭ ئەپسۇس مەن تېخى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ئوغلۇمغا بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئالدىم. ئوغلۇم ياخشى كۆرىدۇ چوقۇم، دەپ ماڭدىم ئىچىمدە. ئوغلۇم ئۈچۈن كېتىۋىتىپ تۇيۇقسىز نەچچە ئاي بۇرۇن قەشقەردىكى بۇرادەرلەر بىلەن بىر چاي سورۇنىدا مەخسۇس بالىلار كىتابخانىسى قۇرۇش ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىم ئېسىمگە كەچتى. شۇ چاغدا ھەممەيلەن مېنىڭ ئويۇمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى لېكىن ئارزۇيۇم بىلەن ھازىرقى رېئاللىقىمىزنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراق ئىكەنلىكىنى دېگەنىدى. بالىلار شەھەرچىسىدىكى قىزغىن ئاتا-ئانا خېرىدارلارنى كۆرۈپ ھاياجانغا تولغان مەندە ئىككىلىنىش ۋە ئەندىشە تۇمانلىرى تارقاپ كېتىۋاتاتتى. تەۋەككۇل قىلىش كېرەك، ھەممە بالىلار ئۈچۈن بولغىنىدا ئىشلار ئەپلەشمەي قالسىمۇ ئىگىسى بۇنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، دەپ ئويلۇدۇم. شۇنداق قىلىپ ئەينى چاغدىكى خىياللىرىمنىڭ بۇ يەردە ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى يەنە كېلىپ ئۈنۈمىنىڭ ئويلىغىنىمدىن خېلىلا ياخشى بولغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ "قەشقەردە بالىلار كىتابخانىسى"نى چوقۇم ئاچىمەن دېگەن قارار كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى. بۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ يېقىندا دادا بولغانلىقىم، قەشقەردىكى ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا بۇ يەردىكى ئاتا-ئانىلاردىن پەرقسىز ھالدا ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىت قارارىمغا زور ئىشەنچ بەردى.
خاربىندىكى قىسقا ئەمما ئەھمىيەتلىك ۋاقىتلارمۇ ئاخىرلاشتى. قەشقەرگە قايتىشقا ئاتلاندىم، قايتىش سەپىرىدە مېھرى خۇددى كېلىماتىغا ئوخشاشلا ئىسسىق ئانا يۇرتۇم توقسۇنغا چۈشۈپ روزى ھېيتنى ئۆتكۈزۈپ ، مېنىڭ ئادەم بولۇشۇمغا، ئىلىمگە ئىنتىلىشىمگە ئەڭ مۇھىمى دادا بولۇشۇمغا تۈۋرۈك بولغان ئەزىزانە قەشقەرگە قايتتىم.
بالىلار كىتابخانىسى قۇرۇش ئىشىنى بىرقانچە بۇرادەرلەرگە مەسلىھەت قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى مۇنىرىدىن شەمشىددىن، ياسىنجان ئىبراھىم قاتارلىق ھەمپىكىر ئاغىنىلەر ماڭا ئاۋاز قوشتى. بىز بۇ ئىشنى قىلىدىغان بولدۇق ئاخىر.
خوش ، ئىش قارار قىلىندى، شېرىكلەر تەق بولدى. ئەمدى بۇنىڭغا دۇكان ئورنى ئەڭ مۇھىمى شۇ دۇكاننى مال بىلەن تولدۇرۇشقا كېتەرلىك مەبلەغ نەدە ؟ بۇنىڭ جاۋابى: يوق.قانداق قىلىش كېرەك؟ ئارمانىم بار دەرمانىم يوق دەپ ئولتۇرۇش كېرەكمۇ؟ بىر چاغلاردا شۇنداق تاتلىق ئارزۇلارنى قىلغان جۇما ؟ شۇ بىزدىمۇ پۇل بولغان بولسا بىر ئىشلارنى قىلاتتۇق ئەمما ! دەپلا قارارنى رېئالسىز تاشلاپ كېتىش كېرەكمۇ؟ بىز زادى باشقىلار قىلغان ئىشلارغا چاۋاك چېلىش ئۈچۈنلا يارالغانمۇ؟ شۇ چاۋاكقا كۆتۈرۈلگەن قوللىرىمىزدىن ئەسلا ئىش چىقماسمۇ؟......
تاتلىق ئارزۇ چۈشلىرى بىزنى بىر تەرەپتىن ئەللەيلىتىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئاچچىق ھەسرەتكە قويۇپ يۈرگەن كۈنلەردە، بىر ھازىرقى زامان رىۋايىتى قولىقىمىزغا ئۇچۇپ كىردى. بىرسى ، خوتەنلىك ئوغلان تۇرسۇن توختى ھاجىم "ئىنساب ئىزدىنىش كىتابخانىسى" ئېچىپتۇدەك، ئۇ يەردە ئىككى سائەت كىتاب كۆرسەڭ ھەقسىز تاماق يېيەلىگۈدەكسەن......
ھىكايىنىڭ داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللايمەن.
|