قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 727|ئىنكاس: 3

ئەدەبىياتشۇناس مۇھەممەت ئەيسا جامىنى ئەسلەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

231

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 23:41:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                              ئەدەبىياتشۇناس مۇھەممەت ئەيسا جامىنى ئەسلەيمەن
                                                        غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر   
   




          شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىدارلىق ۋە پەزىلەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد ئەيسا جامى بەختكە قارشى كېسەل سەۋەبتىن، 50 يېشىدا، 2008 –يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 3.30 دا ئارىمىزدىن ۋاقىتىسىز كېتىپ قالدى!
       مۇھەممەد ئەيسا جامى 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئونسۇ ناھيىسنىڭ جام يېزسى تۆۋەنكى تۈمەن كەنتىدە تۇغۇلغان.1964-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە جام يېزسىىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1977-يىلى 3-ئايدىن 1978-يىلى 2-ئايغىچە جام يېزسى1- ئوتتۇرا مەكتىپىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1978-يىلى 2-ئايدىن 1983-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1983-يىلى2-ئايدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان،
      ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى»، «جۇڭگو بۇگۈنكى زامان ئەدەبىتات تارىخى»، «سېلشتۇرما ئەدەبىيات»، «كىنو- تېلۋىزىيە ئەدەبىياتى»، «ئويغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر پروزىچىلىق تارىخى تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇ 2001-يىلىدىن باشلاپ، فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتلىرغا «ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى »، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر يازغۇچىلىرى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەرنىڭ تىياتىرى ھەققىدە تەتقىقاتى  »، «غەربىي يۇرت تىياتىر تارىخى »قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ۋە ئاقچى ناھىيىلىرىدە ئاسپىرانتلار دەرسىنى تۇلۇقلاش سىنىپى ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن كونسۇلتاتسىيە سىنىپلىرىنى تەشكىللەپ ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز مىللتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن نەلگىلىك تۆھپە قوشقان.
      مۇھەممەت ئەيسا جامى ئۆزنىڭ 20نەچچە يىللىق ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇش ھاياتىدا، ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقاتنى ئىزچىل بىرلەشتۇرۈپ ماڭدى، ئۇ ئۆزى ئۆتكەن دەرسلەر ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بەلگلىك نەتىجلەرگە ئېرشتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر پروزىچىلقى، ئۇيغۇر درامچىلقى تەتقىقاتىغا ئائىت 80 پارچىدىن ئارتۇق ئوبروز ۋەئىلمي ماقالىسى ئاپتونوم رايونىمىز ھەم مەملىكەت دائىرسىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمي ۋە ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، بولۇپمۇ، ئۇنىڭ «قاھار خىلىلنىڭ پروزا ئىجادىيتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر قەدىمكى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىش»، «‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ درامىلىق خۇسۇسىيتى»، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى بېيجىڭ، شاڭخەيلەردىكى يادرولۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ «ئىجادىيەت ۋەئىزدىنىش» (باشقىلار بىلەن بىللە) ناملىق كىتابى1992-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن، «كىنو ۋە سەھنە ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ناملىق ماقالە-ئوبزورلار توپلىمى، 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرپىدىن «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى 2001-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇنىڭ «‹جۇئېنلەي›فىلمىنىڭ رېئال ئەھمىيتى» ناملىق ماقالىسى 1992-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 3-دەرىجلىك مۇكاپاتقا، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان دراما تەتقىقاتى» ناملىق تەرىپىدىن 3-دەرىجلىك مۇكاپاتقا، «يازغۇچى مۇھەممەد ئىمىنىڭ پروزا ئىجادىيتى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى2002-يىلى شياڭگاڭ خەلقئارا مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن «خەلقئارا مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتى»غا، ئاپتۇر ئۆزى 1995-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر كىنو ئوبزورچىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
      مۇھەممەت ئەيسا جامى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن دەرسلىك قۇرۇلۇشى تەتقىقاتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ساھەدىمۇ بەلگىلىك نەتىجلەرگە ئېرىشتى، ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپلەر، ئۆزلىكىدىن ئۆگنىپ ئىنتھان بەرگۈچىلەر ۋە ھەر قايسى كەسىپىي ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن بىر تۇتاش دەرسىلىك بولغان «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى»(باشقىلار بىلەن بىللە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001-يىلى نەشرى)، «جۇڭگۇ ئەدەبىياتى تارىخى-بۈگۈنكى زامان قىسمى»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى» (پايدىلىنىش ماتېرىيالى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2002-يىلى نەشرى)، «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى» «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى» «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1997-يىلى نەشرى)، «ئىستېتكا ۋە ئىستېتىك تەربىيە» (شىنجاڭ رادىيو-تېلۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 2003-يىلى) قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلشقا قاتناشتى.
       1995-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسى قىلىپ بېكىتلگەن «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان دراما تارىخى توغرىسدا تەتقىقات»نى مۇستەقىل ئىشلەپ پۈتتۈردى. ھەمدە 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسى «يېڭى تارىخى باشقۇچتىكى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات»نى 1996-يىلىدىن 1998-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى تەستىقللىغان دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھىم ئەسەرلەر تەتقىقاتى»نى ئىشلەشكە قاتناشتى. ئۇ يۇقىرىقىدەك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن 2001-يىلى «جۇڭگودىكى مەشھۇر شەخىسلەر قامۇسى» غا كىرگۈزۈلدى.
     مۇھەممەت ئەيسا جامى جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو لۇشۇن تەتقىقات جەمئيتىى شىنجاڭ شۆبىسنىڭ ۋە شىنجاڭ ھارىزقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئيتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
      مۇھەممەد ئەيسا جامى ئائىلىسىگە مەسئۇليەتچان، باللىرىغا  كۈيۈمچان ئىدى. ئۇ ئۆزنىڭ تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلىپ، مۇستەھكەم، ئىناق ۋە بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىققان، ئىككى پەرزەنتىكە ئاتىلارچە  كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيىلەپ، ئىقتىدارلىق ستۇدېنتلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىدى،
      مۇھەممەد ئەيسا جامى قەيسەر كىشى ئىدى. ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بەش يېرىم يىلدىن بېرى، باشتىن- ئاخىرى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ. ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ئۇ ئاجايىپ چىدام ۋە غەيرەت بىلەن كېسەلگە تاقابىل تۇردى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاپ، ئىگىلمەس-پۈكۈتمەس نامايان قىلدى.
  مۇھەممەد ئەيسا جامىنىڭ ۋاپاتى بىز يوقىتىش بولدى. بىز مەرھۇمغا چىن قەلىبىمىزدىن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئۇنىڭ پاك روھىغا ئەمنلىك، ئائىلىسدىكى جىگەر پارىلىرى، ئۇرۇق- تۇققانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، يېقىن-يۇرۇقلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا سەۋىر-تاقەت تىلەيمىز!
      مۇھەممەد ئەيسا جامىنىڭ مائارىپقا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ! ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى مەڭگۈ يادلىنىدۇ!
     تۆۋەندە ساۋاقدىشىم ۋە كەسىپدىشىمنى ئەمىلىي ھەركىتىم بىلەن ياد ئىتىش ئۈچۈن ئينى يىللىرى«شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىلان قىلدۇرغان« ئۇيغۇر تىياتىرچىلىق تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ئىزدىنىش»ناملىق ماقالامنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ دىققىرىگە سۇندۇم:
      ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 20 يىلىدا بىر قىسىم ئەدىبلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەخسۇس ژانىرلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇلاردىن ھاجى ئەھمەدنىڭ «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا»، مۇھەممەد پولاتنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا»، نۇرمۇھەممەد زاماننىڭ «كىنو ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، ئۆمەر قادىرنىڭ «ئۇيغۇر كىنوچىلىقى توغرىسىدا ئويلار»، ئوسمان ئىسمائىلنىڭ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار»، مەمتىلى قادىرنىڭ «تېلېۋىزىيە سەنئىتى توغرىسىدا»، ئەسئەت سۇلايماننىڭ «خەمسىچىلىك ھادىسىسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ژانىرلار تەرەققىياتىدا رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇش بىلەن مۇشۇ ساھەلەردىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا مۇئەييەن تۆھپە قوشتى. مۇشۇ قاتاردا مۇھەممەد ئەيسا جامىمۇ 2001-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ئەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر درامىچىلىق تەتقىقاتى جەھەتتە خېلى ئوبدان ئىزدەندى.
     « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا»- ئىككى قىسىملىق ئىلمىي ئەسەر. ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمى «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» دا 1934-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئون بەش يىللىق ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىيات تارىخى ۋە مۇشۇ ساھەدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋەكىل خاراكتېرلىك نامايەندىلەردىن زۇنۇن قادىر، ل.مۇتەللىپ، سەيپىدىن ئەزىزى، شۈكۈر يالقىن، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنىڭ دراما ئىجادىيىتى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى ۋە بەدىئىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىيات تارىخىدا تۇتقان ئورنى، ئوينىغان رولى، ئىجادىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە يېتەرسىزلىكلىرى خېلىلا سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. ئىككىنچى قىسمى «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان درامىچىلىقى» دا ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ 1949-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان يېرىم ئەسىرلىك تارىخى، جۈملىدىن ئەگرى-توقاي تەرەققىيات ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار، بۇ ساھەدىكى ۋەكىللىك دراماتورگلاردىن زۇنۇن قادىر، تۇرسۇن يۇنۇس، مۇھەممەدئېلى زۇنۇن، تۇرسۇنجان لېتىپ قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى، ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە بەدىئىي جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى بىر قەدەر چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن ئەگرى-توقاي مۇساپىسى بىر قەدەر ئىلمىي ئاساستا يەكۈنلەنگەن. مۇشۇ جەرياندىكى دراماتورگلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى، ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەتتىكى ئورنىغا ئىلمىي باھا بېرىلگەن.
      «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىغا ئائىت نەزەرىيىۋى مۇھاكىمىلەر خېلى ئىلمىي، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ قەدەم- رېتىمىگە ماس ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
       مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئەدەبىيات تارىخىدا دراماتورگىيە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر درامىچىلىقى ئەجدادلارنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلغان ھەرخىل ئەلنەغمە ئويۇنلىرى، دارۋازلىق، مەسخىرىۋازلىق ئويۇنلىرىنىڭ تارىخىدىن ھېسابلىغاندا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى تەخمىنەن VII، VIII ئەسىرگە تەئەللۇق دەپ ھېسابلاۋاتقان 27 كۆرۈنۈشلۈك چوڭ تىپتىكى دراما «مايتىرى سىمىت» تىن ھېسابلىغاندىمۇ ئۇيغۇر درامىچىلىقى 1000 يىلدىن ئارتۇق يازما تارىخقا ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرى تىياتىر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
بىراق، مىلادى XI ئەسىردىن كېيىنكى ھەرخىل مۇرەككەپ ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر درامىچىلىقى ئاساسەن ئۈزىلىپ قېلىپ، XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشكەن. 1933-يىلى 12-ئايدا قەشقەردە تۇنجى «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى»، 1934-يىلى ئەتىيازدا ئۈرۈمچىدە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر سانايىنەفىسە (سەنئەت ئۆمىكى) قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 1936-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ غۇلجا، چۆچەك، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، قارا شەھەر، تۇرپان، قۇمۇل، خوتەن ۋىلايەتلىرى ۋە بىرقىسىم چوڭ-چوڭ ناھىيە- يېزىلىرىغىچە 50 تىن ئارتۇق سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلۇپ، دراما سەنئىتى جانلىنىپ كەتكەن. بۇ ھالەت تاكى 1942-يىلىغىچە داۋاملىشىپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن دراماتورگلار، رېژىسسورلار ۋە داڭلىق ئەسەرلەر مەيدانغا چىققان. ئازادلىقتىن كېيىن، ئۇيغۇر درامىچىلىقى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ پارلاق سىياسىتىنىڭ نۇرى ئاستىدا قايتىدىن تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، بىر مۇنچە نادىر ئەسەرلەر مەيدانغا چىقتى. بولۇپمۇ 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر درامىچىلىقى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى. تىياتىرنىڭ تۈر ۋە شەكىللىرى كۆپەيدى، ئەسەرلەر سان جەھەتتە كۆپەيدى، سۈپەت جەھەتتە داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىدى، ھەتتا بەزى درامىلار مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. قىسقىسى، ئۇيغۇر درامىچىلىقى 70 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلدى. بەزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، بەزىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بەزىدە ئالغا ئىلگىرىلىسە، بەزىدە ئارقىغا چېكىندى، ھەتتا بەزىدە پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلدى. مۇھەممەد ئەيسا جامى «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەگرى-توقاي تەرەققىياتى، ئالاھىدىلىكى، ھەرقايسى باسقۇچتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى بىر قەدەر ئىلمىي ھالدا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەھلىل قىلىپ چىققان.
       يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن دراماتورگلار ئۆتتى. بۇلار ئىچىدە زۇنۇن قادىر، ل.مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزى، قاسىمجان قەمبىرى، خەمىت ھېكىم، ئەھمەد زىيائى، تۇرسۇن يۇنۇس، مۇھەممەدئېلى زۇنۇن، تۇرسۇنجان لېتىپ، جاپپار قاسىم قاتارلىقلار نادىر درامىلىرى بىلەن ھازىرغىچە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيىسى، ئىجادىيەت مېتودى، ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دراما تارىخىدا تۇتقان ئورنى، رولى قاتارلىق مەسىلىلەرگە باھا بېرىش، خۇلاسىلەش نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇھىم ۋەزىپە ئىدى. مۇھەممەد ئەيسا جامى كىتابىدا بۇ ۋەزىپىنى خېلى ئوبدان ئورۇندىدى. كىتابتىكى مەزمۇن بىر قەدەر كەڭ، تۆھپىكار دراماتورگلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە چۈشۈرۈپ قويۇلمىغان، ئاپتورنىڭ ئەسەرگە سىڭدۈرگەن يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە قارىشىمۇ توغرا ھەم ئىلمىي. كىتابتا ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ 70 يىللىق تەققىيات تارىخى ئاساسىي لىنىيىگە، دراماتورگلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى ۋە ئەسەرلەر تەھلىلى تارماق لىنىيىگە قويۇلغاچقا، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا. قىسقىسى، بۇ كىتاب ماتېرىياللىرىنىڭ موللۇقى، تەھلىلىنىڭ توغرا ۋە ئىشەنچلىك بولغانلىقى بىلەن خېلى زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

مەنبە:«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى «ئەدەبىيات بېتى»  
2001年《新疆日报》4月19日,维吾尔文文艺版,乌鲁木齐。

0

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19718
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 12:34:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇرنىڭ بۇ يازمىسىدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. ئەدەبىياتشۇناس مۇھەممەت ئەيسا جامى ھەقىقەتەن ئەسلەشكە تېگىشلىك ئىنسان. ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا قىممىتىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك تەتقىقات مېۋىلىرىنى ئەلگە سۇنغان ياراملىق تەتقىقاتچى. (ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي)
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1447

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24888
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 12:54:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم  تەتقىقاتچى  ئاكىمىزنىڭ  ياتقان  يېرى جەننەت  بولسۇن . مۇھەمەت ئەيسا ئاكىمىزنىڭ  ئاتا ئانىسى  بىلەن  خوشنا ئىدۇق .  مەدىنيەت  بوستانى  سەھىپىسىدە تېلىۋېزوردا  كۇرۇپ   بەكمۇ  پەخىرلەنگەن ئىدۇق . ئۇنىڭ  جامى  دىگەن تەخەللۇسىمۇ  بىزنىڭ  يۇرتنىڭ  ئىسمى .   

0

تېما

8

دوست

5451

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 18:29:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ تالانتلىق ئۇستازنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرىمەن!
مەرھۇم مۇھەممەت ئەيسا ئەپەندىم بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغانلىقىمدىن تولىمۇ ئىپتىخارلىناتتىم. ئەينى يىلى يىللىرى نەشىردىن چىققان «ئىجادىيەت ۋە ئىزدىنىش» دېگەن كىتابىنى ئېلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئوقۇغان ئىدىم. 1994- يىلى «كىنو ۋە سەھنە ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ناملىق كىتابىنى مەرھۇم دادام ماڭا تولىمۇ پەخىرلەنگەن ھالدا «ماۋۇ بىزنىڭ جاملىق يازغان كىتاب» دەپ ماڭا سوۋغا قىلغان ئىدى. مەن ئۇستازنىڭ ئەشۇ كىتابلىرى ئارقىلىق ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، دىرامما سەنئىتى ھەققىدە مۇئەييەن دەرىجىدە چۈشەنچىگە ئېرىشكەن ئىدىم. شۇنىڭدىن تارتىپ مەن مۇشۇ ئۇستاز بىلەن بىر كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىستىكىدە يۈردۈم. ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمنىڭ بىرىدە بۇ ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇ ئۇستازنىڭ ئۆيىگە بىر ھاجەت سەۋەبى بىلەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە بېرىپ، يۈز كۆرۈشۈپ، قىسقىغىنە پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلگەن ئىدىم. ئۇستاز تولىمۇ مېھماندوست، ئىللىق مىجەز، يۇرتقا بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك ئادەم ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىكى بىر ئىش ھازىرغىچە ئېسىمدە: مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇستازنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتېدىكى ئۆيىگە ئىزدەپ بارغىنىمدا بۇ ئۇستاز دەرسكە مېڭىش ئالدىدا ئىكەن، بىزنى كۆرۈپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدى ۋە مەن ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، دەرھال قولىدىكى كىتابىنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئايالىغا (ئۇستازنىڭ ئايالىنىڭ ئىسىمى يادىمدا قالماپتۇ) «قاراڭلار ۋوي، ماۋۇ مىنىڭ جاملىقىم ئىكەن جۇمۇ، ھە دەرھال چاي ئەپ كېلىڭلار» دەپ، چاي، قەنت- كېزەكلەر بىلەن كۈتۈۋالدى. مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن مەقسەت- مۇددىئانى دەپ بولغاندىن كېيىن، بىزگە جاۋا بېرىپ بولۇپلا، بىزگە ئۆزۈرخالىق ئېيتىپ، يۈگۈرگەن پېتى دەرسكە ماڭدى، بىزمۇ خوشلىشىپ قايتىپ كەتتۇق. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەن ئۇستازنى پات- پات تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا كۆرۈپ تۇردۇم، گېزىت- ژۇرناللاردىن يازغان ماقالە- ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن مۇئەييەن ئوزۇق ئېلىپ يۈردۈم. تەقدىر بۇ ئۇستازنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كېتىش ئالدىدا ئۇستازنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە باشقا كىشىلەردىن ئۇنىڭ ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئەمما بىر چاغدا «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا كۆرۈپ بۇ گەپكە ئىشەنمەي قالدىم، ئەمما كېيىن ئۇستازنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ ئېچىندىم.
مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەت ئەيسا ئەپەندىم يوقۇردا ئۇستازنىڭ خىزمەتدېشى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك بىر تالانتلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بولۇپلا قالماي يەنە يۇرتىمىزنىڭ پەخىرى ئىدى، ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۇرتىمىزنىڭ نامىنى ئاتايەن ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قويۇۋالغانلىقى مىنىڭ بۇ ئادەمدىن پەخىرلىنىش ھېسىياتىمنى تېخىمۇ يوقۇرى چەككە كۆتۈرۋەتكەن ئىدى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، تەتۈر پەلەك يۇرتىمىزنىڭ بۇ پەخىرلىك ئوغلىنى، مىللىتىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بۇ تالانتلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسىنى رەھىمسىزلەرچە ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتتى. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئېچىنىمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرىدىن، ئۇرۇق- تۇغقان، قەۋم- قېرىنداشلىرىدىن ھال سورايمەن.
مەن يۇرتىمىزدىن مۇشۇنداق بىر ئىجتىھاتلىق ئۇستازنىڭ چىققانلىقىدىن مەڭگۈ ئىپتىخارلىنىمەن ۋە ياد ئېتىمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )