قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1954|ئىنكاس: 16

“ئالاھىدە خادىملار” فىلىمىدىكى چولپان Lewis Collins ۋاپات بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 03:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 04:01  

ئەنگلىيەنىڭ “5- باشقارما ھەركەتتە” ناملىق فىلىمدىكى چولپان Bodie ۋاپات بولدى

ئەنگلىيە BBC خەۋەر ئاگېنتلىقى 2013- يىلى 28- نويابىر كۈنى تۆۋەندىكىدەك خەۋەر بېرىدۇ:

“ئالاھىدە خادىملار” فىلىمىدىكى چولپان Lewis Collins  ۋاپات بولدى


ئىنگلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا (ئەلكۈن) ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى






“ئالاھىدە خادىملار” [1] (The Professionals) فىلىمىدىكى چولپان Lewis Collin  نىڭ 67 ياشتا ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلدۈردى.

1970- يىللىرى ئىشلەنگەن كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدا Martin Shaw  بىلەن بىللە Bodie رولىنى ئالغان كىنو بۇ ئارتىسى 5 يىل راك كېسىلى بىلەن ئېلىشىپ ئاخىر Los Angeles تا ئالەمدىن ئوتكەن.  ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى مۇنداق دېدى: “ئۇ Los Angeles تىكى ئۆيىدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا تىپ-تېنىچ ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ مۇسىبەتلىك دەقىقىلەردە ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىىشنى تەلەپ قىلىمىز.”




(Lewis Collins (Bodie

“ئالاھىدە خادىملار” ناملىق بۇ فىلىم جىنايى ئىشلار ھېكايىلىرى ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ  جىنايەتچىلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان [2]  5 CI – باشقارما خادىملىرىنىڭ جىنايەتچىلەر بىلەن ئېلىشىش تەۋەككۈلچىلىكلىرى تېما قىلىنغان.  بۇ فىلىم ITV  تېلېۋىزىيە  قانىلىدا (ئەنگلىيە) 1970- يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1980- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا قۇيۇلۇپ ناھايىتى كوپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.  Collins  يەنە “Who Dares Wins” (كىم ئۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدۇ) ناملىق فىلىمدا –  (Special Air Service –  ئالاھىدە ھاۋا ئارمىيە ھەرىكەت قىسمى – ئەنگلىيە)  SAS كاپىتانى Peter Skellen  نىڭ رولىنى ئېلىپ نام قازانغان.

Shaw ھازىر “West End” تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ “12 سەپرا ئادەملەر” ناملىق فىلىمىدا رول ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ چولپان ھەمراھى Collins  نىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.  ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “بىز ‘ئالاھىدە خادىملار’ ناملىق فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ھاياتنىڭ قاتتىق 4 يىلىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق. بىز فىلىمدا بىرگە رول ئالدۇق ۋە كېيىن بۇ فىلىم بىرىتانىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىر يېگانە سىمۋولى بولۇپ قالدى.” “ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ بالىلىق ئەسلىمىسى سۈپىتىدە داۋاملىق ياد ئېتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ماتەم تۇتۇلىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە شۇنداقلا ئۇنى سېغىنىدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئۆزۈمنىڭ سەمىمىي مۇھەببەت ۋە تەسەللىلىرىمنى يوللايمەن.”





“James Bond 007” فىلىمنى ئىشلىگۈچى دىرېكتور Cubby Broccoli  نىڭ ئېيتىشىچە Collins  نىڭ James Bond   فىلىمىدا رول ئېلىشقا “قاتتىق ئۇرۇشقاقلىقى” بىلەن ئارتۇقچە كېلىپ قالغان.

“ئالاھىدە خادىملار” ناملىق تېلېۋىزىيە كوپ قىسىملىق فىلىمىنىڭ ئىجادكارى Brian Clemens  سوز قىلىپ Colins  نىڭ  Bodie رولىنى ئېلىشى ئارقىلىق فىلىمنىڭ سۈپىتىنى “James Bond  سەۋىيىسى” يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.   ئۇ BBC گە مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئۇنى  James Bond نىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى ئالالايتى دەپ ئويلايتتىم” . “ئۇ ناھايىتى چىداملىق، ئۇ ئۇرۇشالايدۇ. ئۇنىڭ بەدەن كۆرۈنۈشى چىرايلىق، بەك قاملاشقان، ئۇنىڭ مىجەزى خۇش-چاقچاق ئىدى”.  “مېنىڭ خەۋىرىم بار، ئۇلار Collins  بىلەن James Bond  رولىنى ئېلىش توغرىسىدا خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. مەن ئۇلارنىڭ Collins  نى James Bond  نىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللىمىغانلىقىنى خاتا بولغان دەپ قارايمەن”. Clemems  ئەپەندى يەنە Collins نىڭ Bodie  نىڭ رولىنى ئېلىش ئۈچۈن خېلى ئۇزاق ۋاقىت بەدەن مەشىقى قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.





Lord Grade لوندون ھەپتە ئاخىرى تېلېۋىزىيىسى (London Weekend Television) دە بۇ فىلىمنى 1977- يىلى تارقاتقان كىشى بولۇپ، ئۇ BBC  رادىئو 4 دە Collins  ۋە Shaw نىڭ ئېكراندا قانداق ھەمكارلاشقانلىقى توختىلىپ “ئۇلار ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ” دېدى. “ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلاش بۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى” دەيدۇ ئۇ رادىئو 4 نىڭ سائەت 1 دىكى دۇنيا پروگراممىسىدا.


“ئالاھىدە خادىملار” فىلىمىدىكى چولپانلار

“Colins فىلىمدا Bodie  نىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ رولى رېئال ھاياتتىكى بىر ئەركەكلىك خاراكتېرنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا بەزىدە بىزگە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇراتتى. ئۇ بىر قېتىم پاراشۇتتىن سەكرەپ پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىر قانچە كۈن ئىشقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىز فىلىم ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئىدۇق”. “بىراق سىزنىڭ ئېكراندا كۆرگىنىڭىز نېمە بولسا ئېكراننىڭ سىرتىدا كۆرىدىغىنىڭىزمۇ ئوخشاشلا بىر كۆرۈنۈش بولاتتى. ئۇنىڭ قاملاشقان قەددى –قامەتلىك بەدەن قۇرۇلۇشىغا ئەركەكلەرگە خاس خاراكتېرى قوشۇلۇپ ھەمىشە ئاق كۆڭۈللۈكى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.”

James Bond رولىنى ئېلىش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت

1946 – يىلى ماي ئېيىدا  Collins  ئەنگلىيەنىڭ Cheshire دە تۇغۇلغان. ئۇ كىنو ئارتىسلىق كەسپىنى باشلاشتىن بۇرۇن دۇمباقچى (مۇزىكا) ۋە ساتىراشلىق كەسىپلىرىنى قىلغان. ئۇ ئەڭ دەسلەپتە “Z Car” (ز پىكاپ) ۋە “New Avengeres” (يېڭى قىساسكارلار) ۋە تەكرار رولغا چىققان “The Cuckoo Waltz” (كاككۇك تانسىسى) قاتارلىق نام قازانغان كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە رول ئالغان.  ئەمما ئۇنىڭ نام شەرىپى 6 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ ئىشلەنگەن، تۇنجى قىسمى 1977- يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان “ئالاھىدە خادىملار” ناملىق كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدىن كېيىنلا پۈتۈن دۇنياغا قەيسەر بىر ئادەم “William Bodie” نامى بىلەن تونۇلغان.


  



“ئالاھىدە خادىملار” ناملىق كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرى ئىشلىنىۋاتقاندا Collins  برىتانىيەنىڭ “Who Dares Wins” (كىم ئۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدۇ) ناملىق جىددىي ھەرىكەتلىك ئۇرۇش فىلىمىدا (Special Air Service  – ئالاھىدە ھاۋا ئارمىيە ھەرىكەت قىسمى) SAS  نىڭ تەېرورىست گۇرۇپپا ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بىر ئەسكەرنىڭ رولىنى ئالغان.

Collins  كېيىن Los Angeles  قا كۆچۈپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە كومپيۇتېر تىجارىتىنى روناق تاپقۇزغان

ئۇنىڭ James Bond  نىڭ رولىنى ئېلىش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە قاتناشقان ۋاقىتتا باشقىلارغا مۇندا دېگەنلىكى ئېيتىلىدۇ: “مەن Albert R Broccoli  نىڭ ئىشخانىسىدا پەقەت 5 مىنۇتلا بولدۇم ئەمما مەن ئۈچۈن مەن ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىنكى بىر قانچە سېكۇنتنىڭ ئىچىدىلا بۇ ئىش تۈگىگەن ئىدى.” “ئۇ يەنە بىر قانچە [3]  Connery  لەرنىڭ ئىشىكتىن كىرىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى ئەمما ئۇنداقلار كوپ ئەمەستى”.  Collins  “ئالاھىدە خادىملار” ناملىق كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدا رول ئالغان ئۆزىگە ھەمراھ چولپاننىڭ ئەكسىچە، ئۇ فىلىمدىن كېيىن ئوز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمىغان.





ئۇ 80- ۋە 90- يىللاردا ئىشلەنگەن نۇرغۇن فىلىملاردا رول ئالغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېكراندا 2002- يىلى ئىشلەنگەن “The Bill” فىلىمىدا رول ئېلىپ چىققان.  بۇرۇنقى [4] “ Doctor Who ” تېلېۋىزىيە فىلىمنىڭ چولپىنى  Collin Baker  نىڭ  Twitter گە  مۇنداق ئۇچۇر يوللايدۇ: “ Lewis Collins  نىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۇ دراما مەكتىپىدە مەندىن بىر قارار كېيىن ئوقۇغان. ئۇ قالتىس ئىدى!”

Brain Conley  نىڭ 1999- يىلى ئىشلەنگەن “Grimleys” ناملىق كوپ قىسىملىق  كومېدىيە  تېلېۋىزىيە  فىلىمىدا بىرلىكتە رول ئالغان بولۇپ، ئۇمۇ Colins  نىڭ ۋاپاتىغا قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: “ تەڭرى Lewis Collins  نى ئوز پاناھىىدا ساقلىسۇن. مېنىڭ دادام Grimleys  فىلىمىدا رول ئالغان. Collins – ئۇ ناھايىتى ياخشى ئادەم. ئۇ ئۇلۇغ بىر ئارتىس ئىدى”

“ئۇ ئەسلى Bond  رولىنى ئالىدىغان ئادەم ئىدى” دەپ Twitter تورغا ئۇچۇر يوللىغان Gary Kemp “تىنچ ئامان ياتقىن Lewis Collins. سەن ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل بىر ئەزىمەت ئىدىڭ” دەپ يازىدۇ.




1992- يىلى توي قىلغان Collins  ئايالى Michelle  ۋە 3 ئوغلىنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ كەتتى.

“ئالاھىدە خادىملار” ناملىق كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ھازىر ITV 4  تېلېۋىزىيە قانىلىدا قايتىدىن بېرىلىۋاتىدۇ.




——————————————————————————————

تەرجىماندىن ئىزاھاتلار:

[1]  بۇ فىلىمنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى “The Professional” بولۇپ،  فىلىم ئۇيغۇر تىلىغا ئەينى ۋاقىتتا ‘5- باشقارما ھەركەتتە’ دەپ تەرجىمە قىلىنغان.
[2]   (CI5 (Criminal Intelligence –بۇ  ئەنگلىيەنىڭ بىر تەقلىدى  جىنايى ئىشلار رازۋېدكا 5- باشقارمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
[3] Sir Thomas Sean Connery  ئەپەندى 1930 – يىلى 25- ئاۋغۇست شوتلاندىيەنىڭ  Edinburgh  شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1962- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا 7 قېتىم “James Bond 007” فىلىمىدا رول ئالغان دۇنياغا مەشۇر كىنو چولپىنىدۇر.
[4]  “Doctor Who” (كىم دوكتۇر) – برىتانىيەدە ئىشلەنگەن ۋە داۋاملىق ئىشلىنىۋاتقان, كىشلەر ئەڭ قىزىقىپ كۆرىدىغان كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى.


——————————————————————————————

خەۋەر مەنبەسى:

http://www.bbc.co.uk/news/entertainment-arts-25135934




1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 15:55:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      رولنى ھەقىقەتەن ياخشى ئالىدىغان ئارتىست...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

341

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   20.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9627
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 89
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 16:33:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەرتىستى بۇ..

2

تېما

69

دوست

6671

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2004
توردىكى ۋاقتى: 437
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 20:21:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹5.باشقارما ھەركەتتە››مۇ ‹‹ئالاھىدە خادىملار›› كىنو ئىسمى.

15

تېما

18

دوست

4500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 20:46:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى . ئېنگىلىزچە ئىسمى:"The Professionals" - بۇ ئىسىمنى فىىلىمدا ئەكىس ئەتكەن مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ تەرجىمە قىلغاندا «ئالاھىدە خادىملار» دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.

7

تېما

3

دوست

6648

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1330
توردىكى ۋاقتى: 431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 20:57:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurzuwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 20:58  

مەن «5- باشقارما ھەركەتتە» فىلىمىنى ياخشى كۆرگەن بىر تاماشابىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن بودېنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىر يېقىن تونۇشۇمدىن ئايرىلغاندەك تۇيغۇغا چۆمدۈم. ئۇ فىلىمدىكى ئارتىستلارنىڭ ھەركىتى چاققان، دىئالوگلىرى يۇمۇرىستىك، ئالاھىدە خادىملارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش كارتىنىلىرى چىن ئەكىس ئېتىلگەن فىلىم (تېلىۋىزىيە تىياتىرى) ى ئىدى. دول بىلەن باشلىقنىڭ رولىغا چىققانلار ھازىر ھاياتمىكىن؟ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز، تېما ئىگىسى

7

تېما

3

دوست

6648

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1330
توردىكى ۋاقتى: 431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 20:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurzuwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 21:02  

«5- باشقارما ھەركەتتە» فىلىمى ياخشى بىر تېلىۋىزىيە فىلىمى ئىدى. ئەينى چاغدا يېڭى قويۇلغان چاغدا ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرى ئەڭ ياقتۇرغان فىلىم شۇ بولسا كېرەك.

0

تېما

0

دوست

457

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   78.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23481
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 21:27:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەن ھىلىمۇ بەك ياقتۇرۇپ كۆرىمەن «5-باشقارما ھەركەتتە» فىلىمىنى. ئەركەكلەرگە بىر خىل جاسارەت بېغىشلايدىغان فىلىم بۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )