قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1106|ئىنكاس: 12

مۇسۇلمانلار توغرا ئىقتىسادىي ئاڭ يىتىلدۈرىشى كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

741

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22319
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 226
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 17:28:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

مۇسۇلمانلار توغرا ئىقتىسادىي ئاڭ يىتىلدۈرىشى كېرەك



ئابدۇرەھمان ئىسمايىل



بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم




ئىقتىساد ئەزەلدىنلا ئىنسانلارنىڭ تەتقىقات تېمىلىرى ئىچىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ كەلدى.ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋى تىرىكچىلىكى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىدىكى مۇھىم ۋاستە بولغانلىقتىن ،مەيلى مۇسۇلمانلار ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلەر بولسۇن ئۈچۈن بۇ تېما يانداپ ئۈتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان ،ھېچكىم ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان بىرمۇھىم  تېما.



بىز بۇ ماقالىمىزدە ئىقتىسادىي ئاڭ جەھەتتە مۇسۇلمانلار ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىككى خىل ئىدىيە ۋە ئىككى خىل يۈزلىنىش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكچىمىز:



بۇنىڭ بىرىنچىسى،ئۆزىنى ئالاھىدە تەقۋادارلاردىن ھېسابلايدىغان ،لېكىن ئىقتىسادقا سەل قارايدىغان ياكى ئىقتىسادنى ئاڭسىزلارچە ئىنكار قىلىدىغان ،ئىقتىسادىي ئېڭى سۇس كىشىلەردۇر.ئىككىنچىسى،ئىقتىسادىي ئېڭى خېلى كۈچلۈك،لىكىن ئېتىقادى ئىنتايىن ئاجىز كىشىلەردۇر.بۇلار پەرز ئىبادەتلارگە سەل قاراپ ۋاقتىنى كىچىكتۈرىدۇ ياكى پۈتۈنلەي ئىجرا قىلمايدۇ،ئىقتىسادقا قاتتىق چۇقۇنىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىقتىساد توپلاشتىكى مەقسىدى مۈجىمەل بولۇپ،نېمە ئۈچۈن ئىقتىساد توپلايدىغانلىقىنى بىلمەك تەس.ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىلىدىغىنى ئىقتىسادىي بايلىق بۇلۇپ،ئۆزىنى شۇنىڭ بىلەنلا بەخىتلىك ھېسابلايدۇ.



بۇ ئىككى خاھىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا.ھالال كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشنى ئاللاھ تائالا ھەرگىز چەكلىگىنى يوق.ئۆزىنى ئالاھىدە تەقۋادارلاردىن چاغلاپ ئىقتىسادقا پەرۋاسىز قارىغان ئادەم چۇقۇم نامراتلىققا چۈشۈپ قالىدۇ.



ئىنسانلارنىڭ ئۆز غۇرۇرى،ئىمان-ئېتىقادى بىلەن ياشىشىدا ئىقتىسادنىڭ رۇلى چوڭ بۇلىۋاتقان بۈگۈنكى جەمىيەتتە،ئىقتىسادىي ئاساسىمىز ئاجىز،نامرات پېتى تۇرىۋەرسەك،ئېتىقادىمىز ۋە نورمال ئىبادەت ئىشلىرىمىز سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىماي قالمايدۇ.



بۇرۇن نۇرغۇن دىنىي ئالىملىرىمىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ قارىشىنى توغرا شەرھىيلەپ،بارلىق مۇسۇلمانلارغا ھالال ئەمگەك بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش،ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىك،باشقىلاردىن بىر نەرسە تاما قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالماسلىق ھەققىدە تەربىيە-نەسىھەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،يەنە بىر قىسىم چالا ساۋات كىشىلىرىمىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ قانائەت قىلىش،پۇل-مالغا چۇقۇنماسلىقتەك ئىلغار پىرىنسىپ قاراشلىرىنى ئۆز رايى بۇيىچە خاتا چۈشەندۈرۈپ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئاكتىپ ئىقتىساد قاراشلىرىنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ،نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ نامرات بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ھازىرمۇ كۆپلىگەن مۇسۇلمانلىرىمىزدا مۇشۇ خىل پاسسىپ قاراشنىڭ تەسىرى ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.ھالال كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشنى تەرغىپ قىلىدىغان ئايەت-ھەدىسلەر خېلى كۆپ.قۇرئان كەرىمدىكى:<<ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا(يەنى نامازدىن پارىغ بولغۇنىڭلاردىن كېيىن)زېمىنغا تارىلىپ(يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بۇلۇپ)،ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار>>(سۈرە <<جۇمۇئە>>،62-سۈرە،10-ئايەت)دىگەن ئايەتمۇ ھالال كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپساڭلار بولىدۇ،دىگەنگە ئىشارەتتۇر.



ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قىسىم نامراتلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دىگەن:<<ھەي كەمبىغەللەر جامائەسى!(ئۆزۈڭلارنى تاشلىۋەتمەڭلار!)بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ،بىرەر تىجارەت كەسپىگە تۇتۇش قىلىڭلار!يول ئۇچۇق،(خەلق بىزنى باقىدۇ دەپ خەلىققە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدىغان )خەلىقنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئايلىنىپ قالماڭلار>>(<<تەنبىيھۇل غاپىلىن>>ناملىق كىتاپتىكى<<كەسىپنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە>>دىگەن باپتىن)شۇ باپتىكى يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:<<ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ھۈنەرۋەن مۇئىمىن ئائىلە باشلىقىنى ياخشى كۈرىدۇ،ئۆزى تەندۇرۇس ،يا دۇنيانىڭ ئىشىدا ،يا ئاخىرەتنىڭ ئىشىدا بولمىغان بىكار تەلەپ ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ>>.مانا بۇ ئايەت-ھەدىسلەر ھازىرقى بىر قىسىم ئويغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە چوڭراق ئىش تۇتقانلارنى :<<ئۆلىدىغان جانغا ئۇنچىۋالا قىلىپ نىمە قىلىدۇ،ئادەم دىگەن نان يىسە تۇيىدىغۇ... بۇ جاھاندا ئاچلىقتىن ئۆلگەن كىم بار>>دەپ زاڭلىق قىلىپ جۆيلۈپ يۈرۈيدىغانلارغا تاقابىل تۇرىدىغان كۈچلۈك دەلىلىمىزدۇر.



يۇقۇرىدا بىز سۆزلىگەن ئىككى خىل تىپتىكى كىشىلەردىن ئىككىنچى خىلدىكىلەر بولسا بىرقەدەر كۈچلۈك ئىقتىساد قارىشى بار كىشىلەر بۇلۇپ،خېلى كۆپ بايلىققا ئىرىشكەن بولسىمۇ،ئۇلاردا تەۋرەنمەس ئېتىقاد،كۈچلۈك ئىمان،ماددى بايلىق ۋە نامراتلىققا توغرا قارايدىغان ساغلام ئىدىيە،قاراش كەمچىل؛ناۋادا ئۇلار شۇ بايلىقلىرىدىن تاسادىبىي ئايرىلىپ قالسا تۈگۈشۈپ كېتىدۇ ياكى بايلىقلىرى بىلىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرىپ قىلىنىپ ،مەنىۋى گادايلىقنىڭ قۇربانى بۇلۇپ تۈگەيدۇ.



بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنداق خىتاپ قىلىمىزكى:سىز ھەقىقى مۇسۇلمان بولسىڭىز ئۇلۇغۋار غايە ،يۈكسەك ئېتىقاد تىكلەپ،ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەقلىي قۇۋۋەت بايلىقى ۋە جىسمانى كۈچ-قۇۋۋەتنى يۇقۇرى چەكتە جارى قىلدۇرۇپ،كۆپلەپ ماددى بايلىق يارتىپ،چىقىم قىلىشتا ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىپ ،ئىقتىسادنى توغرا يول ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بۇلۇڭ!خىيالىي دۇنيادا قايمۇقۇپ ياشايدىغان ،ھۇرۇن،نامرات،زەئىپ،چۈشكۈن،ئىزىلەڭگۈ مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس،بەلكى كۆز ئالدىدىكى رىئاللىققا دادىل يۈزلىنەلەيدىغان،ھۇرۇنلۇققا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان،باي،ساغلام،جۇشقۇن،روھلۇق مۇسۇلمانلاردىن بۇلۇشقا تىرىشىڭ!



بىزنىڭ ھالالدىن ئىقتىساد توپلاشنى تەرغىپ قىلغانلىقىمىز ھەرگىزمۇ دۇنياپەرەسلىكنى تەرغىپ قىلغانلىقىمىز ئەمەس،بەلكى ئۇلۇغۋار غايە(يەنى ئاللاھ رىزالىقى)ئاساس،ماددىي بايلىق ۋاستە دىگەننى تەرغىپ قىلغانلىق.



بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئېيتقاندەك:<<ھەقىقىي بايلىق روھىي بايلىقتۇر>>.ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقىي قورقۇنۇشلۇق بولغىنىمۇ ماددىي نامراتلىق ئەمەس،بەلكى روھىي نامراتلىقتۇر.روھىي نامراتلارنىڭ ھەرقانچە كۆپ ماددى بايلىقى بولسىمۇ كۆزى تويمايدۇ.قەلبىدە قانائەت بولمايدۇ.ئۇنىڭ چۇقۇنىدىغىنى ماددىي بايلىق بولغاچقا،ئۇنىڭ قەلبىنى پانىي دۇنيانىڭ ۋەسۋەسىلىرى،غەم-تەشۋىشلىرى ھەر تەرەپتىن چىرمىۋالىدۇ.شۇڭا ئۇلار كەسىپ تاللاشتا ۋە ئىستىمال جەھەتتە ھالال -ھارامغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ.شۇڭا،مۇسۇلماننىڭ قوتاندا مال-چارۋىسى،يانچۇقتا پۇلى كۆپ بولسا ياخشى،لېكىن قەلبىنى،روھىي دۇنياسىنى  ئۇ نەرسىلەر ئىگىلىۋالماسلىقى كېرەك.



روھىي بايلىققا ئىگە كىشىلەردە ئىماننىڭ ئاساسىي مېۋىسى بولغانروھىي قانائەت،ھالال تىرىكچىلىككە ئىنتىلىش،ھارام قىلمىش ۋە ھورۇنلۇقتىن نەپرەتلىنىش،پانىي دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى ياكى نامراتلىقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى قىلچە مەنسىتمەيدىغان روھىي كامالەت بولغاچقا،ماددىي بايلىق ۋە نامراتلىق تەشۋىشلىرى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ھىچقاچان ھۆكۈمران بۇلالمايدۇ.



قايناق بازارنى ئارلاپ كېتىۋاتىمەن،مەسچىت ئالدىدا ئاتا-ئانىسىغا ھەمراھ بۇلۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بالا تىلەمچىلەر،بېرلىيات ئويناۋاتقان بەستلىك ياش يىگىتلەر...يەنە بىر يەرلەردە بولسا مۇشۇ بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ سەرەڭگە،شام،ياغلىق،پايپاق سېتىۋاتقان،چىرايىدىن سەمەمىمىلىك،ئۈمۈدۋارلىق،زىرەكلىك چىقىپ تۇرغان ئوقۇغۇچى تىجارەتچىلەر...مانا بۇلار ھەرقايسى يۇرتلىرىمىزدا دىگۈدەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان  رىئال تۇرمۇش كارتىنىلىرىدۇر.ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىقتىساد قارىشى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا تىلەمچىلەر،بېكارچىلار توغرا ئىقتىسادىي

ئاڭدىن چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر بۇلۇپ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ.ئازراق بولسىمۇ ھالال تىجارەت قىلاي دىگەن كىشىلەر بولسا (گەرچە ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ساپ پايدىسى15-20 يۈئەندىن ئاشمىسىمۇ)ئادەمنى سۈيۈندۈرىدۇ.يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى،ئۇلار ئەجىر قىلماي بايلىق چۈشەردۇ.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:<<ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ>>(سۈرە<نەجىم> 53-سۈرە،39-ئايەت).



بۇ-دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىنساننىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرى ياخشى بولسىمۇ ،يامان  بولسىمۇ پەقەت شۇنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىدۇ دېگەنلىكتۇر.دۇنيادا ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپ قىلسىڭىز،ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپاتقا ئىرىشىسىز.بۇ دۇنيالىقتىمۇ ھالالدىن كۆپرەك ئەجىر قىلسىڭىز،كۆپرەك ماددىي بايلىققا ئېرىشىسىز.ئەجىر-مېھنەت قىلماي دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشى نەتىجە چۈشەپ ئولتۇرۇش ئاللاھ تائالا بېكىتكەن سەۋەب-تەقدىر قانۇنىيىتىگە تۈپتىن خىلاپ.



ئائىلە باشلىقى بولغان كىشى  يۈكسەك ئىقتىسادىي ئاڭغا،ئائىلە ئەزالىرىنى يىتەكلەش ئىقتىدارىغا،ئەمەلىيەتكە يۈزلىنەلەيدىغان يۈكسەك پائالىيەتچانلىق روھىغا ئىگە بولمىسا،بۇنداق ئائىلىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىستىقبالىدىن قىلچە سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.



شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئىقتىسادىي ئاڭ ۋە ئېتىقادتىن چەتنەپ،ھورۇنلۇق ۋە ھارام كەسىپ كوچىسىغا كىرىۋېلىشتەك ھالاكەت يولىدا كېتىۋاتقانلارنى پاك ئېتىقاد ۋە ھالال كەسىپ ئاساسىدا يىتەكلەش ھەربىر يۇرت ۋە ئائىلە باشلىقى،شۇنداقلا ھەرقايسى مەسچىتلەردىكى ئىمام-خاتىپلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.



ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار!يېڭى ئەسىردىكى دەۋىر يۈزلىنىشى بىزنى يەر شارى خارەكتىرلىك ئۇنۋېرسال رىقابەت قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.بۇ رىقابەت بىز مۇسۇلمانلاردىنمۇ يۈكسەك ھۇشيارلىق تۇيغۇسى ۋە يۇقۇرى ساپا تەلەپ قىلماقتا.بۇلۇپمۇ بىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتە جىددىي ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:<<خالايىققا بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى،بۇ چاغدا(كىشىلەرنىڭ ھارامدىن ساقلىنىشى،ئىمان-ئېتىقادىنى مۇھاپىزەت قىلىشى ئۈچۈن)پۇل-مال ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ.>>(<<مىشكاتۇل مەسابىھ>>ناملىق كىتابنىڭ <<كەسىپ ھەققىدە>>ناملىق بابىدىن) دەپ بىشارەت بەرگەن زامان بەلكى ھازىر كېلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.



بۇ زاماندا كىمكى ھورۇنلۇق ۋە نادانلىقنى تاشلاپ،توغرا ئېتىقاد ۋە ئىلمىي ئىقتىساد قارىشىنى تىكلەپ،كۆز ئالدىدىكى رىئاللىققا ئاڭلىق يۈزلىنەلىسە ھەقىقىي ئىنسانغا خاس مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ،دۇنيادا ئەل قاتارى ياشىيالايدۇ.ئەگەر توغرا ئېتىقادتىن تەۋرىنىپ،ھالال كەسىپكە ئىنتىلمەي،ھورۇنلۇق قىلىپ،رىئاللىق ئالدىدا قۇلاق يۇپۇرۇپ،قورساق تويغانغىلا قانائەت قىلىپ ئولتۇرسا،دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خار -زەبۇن بولىدۇ.



ئى ئاللاھ! بىز ھاياتلا بولىدىكەنمىز بىزنى ئۆزۈڭ ئاتا قىلغان جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىمىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن،بىزنى ئۆزىمىزنىلا ئويلاشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان بىچارە مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس،بەلكى ئومۇمىيلىقنى كۆزلەيدىغان،نەزەر دائىرىسى كەڭ مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن.بىزنى ھالال نىمىتىڭ ئارقىلىق ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن،بىزنى ئىقتىسادىمىزنى ئېتىقادىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن،پانىي دۇنيانى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلىپ قويمىغىن،ئامىن!


،مەنبە:<<ھىدايەت گۈلزارى>> 3-قىسىم

تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.COM



0

تېما

2

دوست

2868

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11940
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 274
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 23:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما .ئىقتىسادقا بولغان قىزىقىشقمىز .ئويغۇنىشىمىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

0

دوست

3388

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5969
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 637
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 524
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 23:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەرنى ئەستايىدىل ۋاراقلاپ كۆرسەك ئاللاھ تائالا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ داۋۇت ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەمەل ئبادەتلىرىگە ناھايىتى ياخشى باھالارنى بەرگەنلىگىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىزگە بېرىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئۇنىڭ تۆمۈرچىلىك ھۈنىرى بار بولۇپ، ئۇ ساۋۇت - دوبۇلغا ياساپ ئۆز تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن.

1

تېما

0

دوست

1252

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 02:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز. بولسا بۇ تېمىنى تور دۇنياسىدىكى دىن ھەققىدە بەكرەك كۈچەپ سۆزلەيدىغان ‹‹ساختا›› ئولىمالار كۆپرەك كۆرسە دەپ ئويلايمەن.
ئۆتكەندە ئازراق ئېشىنچا پۇلۇمنى بانكىغا قۇيۇۋېتەي دەپ بانكا ئالدىغا كەلسەم، چاڭگاك ساقاللىرىنى كىر بېسىپ كەتكەن بىرسى (ئۇكام بانكىغا پۇل قويغىلى كەلگەنما ؟)دەيدۇ. (ھەئە) دېسەم. (بانكىغا پۇل قۇيۇش ھارام) دەپ بىر مۇنچە ۋەز ئېيتىپ كەتتى. (ئۇنداق بولسا يانچۇقۇڭدىكى پۇلنى، ئۇچاڭدىكى كىيىمنى ماڭا بېرىۋەت.، بۇمۇ سەندەكلەر ئۈچۈن ھارام) دېسەم گەپ قىلالماي بەز يېگەن مۇشۈكتەك قاراپ قالدى.
  

0

تېما

0

دوست

3257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 944
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:24:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما .ئىقتىساتنىڭ مۇھىملىقىنى ھەرقايسى جەھەتتىن شەرھىيلەش ئۆز جايىنى تېپىپتۇ .

5

تېما

0

دوست

3056

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 693
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 12:14:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،ھەقىقي ئىتقادلىق ئادەم مەيلى پۇلى كۆپ بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن، ئاللاغا بولغان ئىتقادىدا چىڭ تۇرىدۇ،ئىتقادى بوش ئادەم پۇل كۆپ بولسا بۇزۇقچىلىق بولىدۇ دەيدۇ،گەپ پۇلدا ئەمەس بەلكى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدە،پۇل دىگەن جانسىز نەرسە تۇرسا،مىنىڭچىمۇ مۇسۇلمانلار توغرا ئىتقاد،توغرا يول بىلەن پۇل تېپىشى لازىم،شۇنداق بولغاندىلا باشىقىلارغا باش ئەگمەيمىز.

1

تېما

14

دوست

3409

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 986
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 12:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
obul21c يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 12:14
شۇنداق،ھەقىقي ئىتقادلىق ئادەم مەيلى پۇلى كۆپ بولسۇن ي ...

ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ.تېما ئگىسىگە رەھمەت

0

تېما

0

دوست

1721

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 496
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 14:24:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل ھاللال ئىشلەپ بايلىق يارىتىش  ياخشى ئىشقۇ پۇل بولسا باشقلار ياردەمگە مۇھتاج بولسا ياردەم قىلايمىز  بولمىسا قۇرۇق تەسەللى بېرىمىز شۇ
نامىراتلىق گۇناھقا يىقىن دەپ  بىكار ئېيتىلغان سوز ئەمەسقۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )