قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1376|ئىنكاس: 2

سىزنى پۇل خەجلىتىدىغان سەككىز «توزاق»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

0

دوست

4293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 16:22:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر تۈزۈك بىر نەرسە سېتىۋالماي تۇرۇپلا، مائاش كارتىسىدىكى پۇلى تېزلا تۈگەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ «سودا ژۇرنىلى» كىشىلەر بىلىپ-بىلمەي پۇل خەجلىۋېتىدىغان ئەھۋاللارنى يەكۈنلىىدى.

1-توزاق: تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى: 21-ئەسىردىكى تېز رىتىملىق تۇرمۇش سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىسىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا خەجلىنىدىغان پۇلنىڭمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا پۇل تېجەشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال نېمىنىڭ «تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتۇر.
2-توزاق: تۇيدۇرماي ئۆرلىتىۋېلىنغان باھا: ھازىر نۇرغۇن
 ئېلانلاردا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزاندەك بىلىنسىمۇ، لېكىن سىز بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارغىنىڭىزدا ئەمەلىيەتتىكى باھاسىنىڭ ئېلاندىكىدىن قىممەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، شۇنداقتىمۇ مەھسۇلاتنى كۆرۈپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچەلمەيسىز. شۇڭا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەمچۈكنى يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن قارماققا ئىلىنپ قېلىشقا بولمايدۇ.
3-توزاق: مۇشتەرى بولۇش: بەزىدە سىز توردىكى ھەرخىل قىزىقتۇرۇش، قايمۇقتۇرۇشلار تۈپەيلى ئېھتىياجىڭىز يوق ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇپ قالىسىز. ئەمەلىيەتتە ھېسابلاپ كۆرسىڭىز بۇمۇ بىر خىل سىزنى پۇل خەجلەشكە دەۋەت قىلىدىغان توزاق ھېسابلىنىدۇ.
4-توزاق:چېنىقىش مەركىزىگە ئەزا بولۇش: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندىكى تەكشۈرىشىدىن ئېنىقلىنىشىچە، چېنىقىش مەركىزىگە ئەزا بولۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چېنىقماسلىقىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر چېنىقىش مەركىزىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىم چىقسا چېنىقىش ئورنىغا بېرىپ چېنىقىمەن، دەپ ئويلاپ، باشقا يەرلەردىكى چېنىقىشنىمۇ، چېنىقىش ئورنىدىكى چېنىقىشنىمۇ تاشلاپ قويىدىكەن. ھېسابلاپ كۆرسىڭىز بۇمۇ پۇلنى ئورۇنسىز خەجلىگەنلىك.
5-توزاق: ئاي بويىچە ھەق ئېلىش تۈزۈمى: بىر قىسىم ئاي بويىچە ھەق ئالىدىغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك پۇل تېجەشكە پايدىلىق ئەمەس. شۇڭا مۇشۇنداق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەپسىلاتىنى چۈشىنىپ، ھېسابلاپ كۆرۈپ ئاندىن قارار چىقىرىڭ.
6-توزاق: مال سېتىۋېلىشتىكى خاتا تۇيغۇ: بەزى كىشىلەر باھادا ئېتىبار قىلىنغان كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرگىنىدە ئەرزان ھېس قىلىپ، دەرھاللا سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ. لېكىن شۇ كىيىمنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن كىيەلەمدۇ-يوق بۇنى ئويلاشمايدۇ؟ شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىستېمالدىن بۇرۇن، شۇ نەرسىگە ئېھتىياجىڭىز بارمۇ-يوق سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرگىنىڭىز ئەۋزەل.
7-توزاق: كۆپلەپ مال سېتىۋېلىشنىڭ ئاقىۋىتى: تاللا بازىرىغا بېرىپ كۆپلەپ مال سېتىۋېلىش ئەيىبكە بۇيرۇغىدەك ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا خېلى كۆپ پۇلنى ئىقتىساد قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن ئازغىنە پۇلنى تېجەيمەن دەپ ھېچقانداق ئېھتىياجىڭىز يوق ئەھۋالدىمۇ تاللا بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋالماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا مال سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.
8-توزاق: توردا مال سېتىۋېلىش: توردا مال سېتىۋالغاندا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، ناۋادا سېتىۋالغان مېلىڭىز سىزگە ماس كەلمىسە، بۇ مالنى پوچتىخانىغا ئاپىرىپ مالنى قايتۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇمۇ بىر ئوشۇقچە چىقىم.

 مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-18)
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

22

تېما

0

دوست

9928

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2135
تۆھپە : 1610
توردىكى ۋاقتى: 1003
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 21:16:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرزانكەن دەپ سېتىۋىلىنغان لازىمى يوق نەرسە ئەكسىچە قىممەت توختايدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

394

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1634
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 87
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 17:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىناؤه ت كارتىسىمو شو. سوركه پ نه رسه ئالغىچه خوددى خه قنىكٌكىنى سوركىگه نده ك سوركه يدو ئاده م    .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )