- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13670
- نادىر
- 2
- يازما
- 1357
ئۆسۈش
9.18%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-17 13:16
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار ...
مەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى نادىر ئەسەرلەردىن تەسرات يىزىش،شۇ كىتابتىن ئوقوغانلىرىمىزنى مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىش،شۇ ئارقىلىق كىتاب ئوقوشنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە،ياخىشى كىتابلارنى ۋە ئۇ كىتابلارنىڭ مەزمۇنى بىلەن دوسلارنى تونوشتۇرۇشنى نىيەت قىلغان ئىدىم.
بۇنداق ئويلىشىمدىكى مەخسەت شۇكى بىر ئادەم ئوقوسا بىلىدۇ،چۈشىنىدۇ.بىلگەن چۈشەنگەن ئادەم ئامال بار ئەمەل قىلىدۇ.شۇڭا قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى نازىل بولغان ئايىتى ۋە تۇنجى سۆزى بەلكىم ئوقو سۈرىسى ۋە سۆزىدىن باشلانغان بولىشى مومكىن.بۇ جەھتتىن ئىيتقاندا ئەمەلىيەتتە ئوقوش ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ تۇنجى ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەمىلى دەپ قارايمەن...
ئادەم نورمال ھالەتتە كۈنىگە ئۈچ ۋاقىت تاماق يىمەي ئۆرە تۇرالمىغانغا ئوخشاش،بىر نورمال ئادەمنىڭ تەپەككۇرىمۇ پات-پات كىتاب ئوقوش ياكى يىزىش قاتارلىق ئۇسۇللارسىز ئۆزىنىڭ جۇشقۇن،تىرەن ھالىتىنى ساقلىيالمايدۇ.
ئادەم تەن ۋە روھتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ بىرىكمىسى بولوش سۈپىتى بىلەن يىمەي-ئىچمەي،ئىستىمال قىلماي ئۇ ئادەمنىڭ تىنى مەۋجۇت بولالمايدۇ.قانچە ئاز ياكى قۇۋۋەتسىز يىسە ئۇ ئادەم شۈنچە كۈچسىز،كىسەلچان بولغانغا ئوخشاش بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاش ۋە ئۇنى تىخىمۇ بىيىتىش ئۈچۈن چوقومكى كىتاب ئوقوشى ياكى يىزىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەپەككۇرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلىشى زۆرۈر...
تەنننىڭ ئوزوقى يىمەك-ئىچمەك بولغانغا ئوخشاش تەپەككۇرنىڭ ئوزوقى ئوقوش ياكى يىزىشتۇر ...
بۇ گەپلەر كۆپىنچىمىزگە نىسبەتەن بىر ئىنقىلابى شۇئارغا ئوخشاپ قالدى،نىمىشقا دىگەندە ھەممەيلەن دىگۈدەك بۇ گەپلەرنى بىلىمىز ئەمما ئەمەل قىلىدىغانلىرىمىز تايىنلىق.
مىنىڭچە بولغاندا 17 ياشتىن كىيىنكى ۋاقتىدا يىلىغا كەم دىگەندە 24 پارچىدىن كىتاب ئوقويالمىغان ياكى ئوقومىغان ئادەمنىڭ ئۆزىنى كىتاب ئوقويمەن ياكى مەن بۇ كىتاب ئوقوشتىن ئىبارەت بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلالىدىم دەپ ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن...
بەزى دوسلار يەنە گەپتانلىق بىلەن ئۆزىگە باھانە،سەۋەب كۆرسىتىشى مومكىن. ئوقوغان كىتابنىڭ سانى ئەمەس قانچىلىك ئوقوغىنى،قانداق كىتابنى ئوقوغىنى،ئۇنىڭغا قانچىلىك ئەمەل قىلغىنى موھىم دەپ ئويلىشى مومكىن،توغرا بۇ گەپنىڭ ئاساسى بار ئەمما مەسىلە شۇكى سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيمىز ئەمەسمۇ.
بىر ئادەم چوقوم نەزەر دائىرىنى كىڭەيتىش ۋە ئۆزى ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان كىتابلارنى ئىلغا قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئاۋۋال كۆپرەك كىتاب كۆرۈپ،ئۆزى ياقتۇردىغان كىتابلارنى ئىلغا قىلىپ بولغاندىن ئاندىن شۇ كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقىسا تامامەن بولىدۇ.ئەمما بىر ئادەم ئەڭ ئالدى بىلەن كۆپلەپ ئوقوماي بۇ مەقسەتكە يىتەلىسۇنمۇ ؟
شۇ مەخسەت بىلەن،بىز بۇ جەھەتتىكى پىكىرلىرىمىز ئوخشاش بىر نەچچە بۇرادەر ۋە دوسلار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق كىتاب ئوقوش ۋە تەسرات،ئوقوغانلىرىدىن ھىس قىلغانلىرىنى يىزىش،ياخشى كىتابلارنى تەشۋىق قىلىشنى پىلان قىلدوق.
گۇرپىمىزغا قىتىلىشنى خالايدىغان دوسلار بولسا بىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئوتتورغا قويماقچى بولغان كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى بەرسەك شۇ بويىچە تەسرات ياكى ئويلىغانلىرىنى يازسىمۇ ياكى ئۆزى خالاپ ئۆز ئالدىغا قىلسىمۇ بولىدۇ.
يەنە بىر ئەڭ موھىم تەرەپ,مۇنازىرىگە قويولماقچى بولغان كىتابلارنىڭ تىزىملىكى مەزكۇر تىمىدا ئوتتورغا قويىلىدۇ.شۇڭا ئۇستازلار،دوسلارنىڭ ياخشى كىتابلارنى بىزگە تەۋسيە قىلىشىنى ،گۇرپىمىزغا قىتىلىشنى خالايدىغان دوستلىرىمىزنىڭ مەزكۇر تىمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە شۇ دوسلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.ئەمما گەپنى دەپ قويوپ ئىگە بولمايدىغان ياكى مەسئۇلىيەتسىز،ئىرادىسى ئاجىز،بوشاڭ دوسلارنىڭ بىزلەرنى ئاۋارە قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .
بىز بۇ پائالىيتەنى باغداش ۋە شاھتۇر مۇنبەرلىرىدىلا ئىلىپ بىرىشنى لايىق تاپتۇق .باشقا مۇنبەردىكى دوسلارنىڭمۇ ئۆز ئارا ئۇيۇشۇپ ئىجابىي پائالىيەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىغا ئىشىنىمىز .
پىشقەدەم ئۇستازلىرىمىز ۋە كىتابخۇمارلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ۋە ياخشى كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى بىرىشىگە ئىھتىياجلىقمىز...
|
|