- تىزىملاتقان
- 2013-3-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 856
- نادىر
- 0
- يازما
- 33
ئۆسۈش
71.2%
|
1943 - يىلى 11 - ئاينىڭ - 28 - كۇنىدىن 12 - ئاينىڭ 1 - كۇنىگىچە سوۋىت ئىتتىپاقى، ئامىرىكا، ئەنگىلىيەنىڭ باشلىقلىرىدىن سىتالىن، رۇزۋىلىت ۋە چىرچىللار ئىران پايتەختى تىھراندا يىغىن ئوتكۇزدى. ئۇ چاغدا گىتلىر : « مەيلى نىمە بولۇپ كىتىشتىن قەتئى نەزەر چىرچىلنى جايلىۋىتىش كىرەك » دىگەن بۇيرۇقنى چۇشۇرگەن. يىغىن ئىچىلىۋاتقان 11 - ئاينىڭ 30 - كۇنى دەل چىرچىلنىڭ 69 ياشقا كىرگەن كۇنى ئىدى، بۇ كۇنى چىرچىل سىتالىن بىلەن رۇزۋىلىتنى ۋە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ۋاكىللىرىدىن 34 كىشىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. زىياپەت ۋاختىدا تۇيۇقسىز چىراغ ئوچۇپ، مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئوقلار غۇيۇلداپ ئوتۇشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن چىنە قاچىلار سۇنىدۇ ۋە مىھمانلار پاتپاراق بولۇشۇپ كىتىشىدۇ. بىراق چىرچىل ھىچنىمە بولمايدۇ. بۇ ۋەقە يۇزبەرگندىن كىيىن كىشىلەر زادى مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيىتتە چىرچىلنى كىم خەتەردىن ساقلاپ قالدى ؟ دىگەن سۇئالنى قويۇشىدۇ. لىكىن بۇ تۇگۇننى ھىچكىم يىشەلمەيدۇ.
2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چىرچىلنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ باشلىغى بولغان تومپۇسۇن بۇ ئۇنتۇلماس كەچۇرمىشنى ، « مەن چىرچىلغا مۇھاپىزەتچى بولغان كۇنلەردە » دىگەن تىمىدا يازغان ئەسلىمىسىدە ئەينەن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : « تىھران يىغىنى » سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەلچىخانىسىدا ئىچىلدى، ئىتتىپاقداش تەرەپنىڭ داھىسى بولغان چىرچىلنىڭ سەخسىي كاتىپىنىڭ نىمە سەۋەپتىن ناتسىسىتلارنىڭ غالچىسى بولۇپ قالغانلىغى ماڭا نامەلۇم ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يىغىن زالىغا بەلگۇلەنگەن ۋاقىتتا پارىتلايدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
تاماق ۋاختى بولغاندا چىرچىل ئەپەندى مىھمانلارنى باشلاپ تاماقخانىغا قاراپ ماڭىدۇ. سەخسىي كاتىپ بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن، بۇرۇلۇپ يانچۇغىدىن كىچىك چىرايلىق بىر بولاقنى ئىلىپ ئۇستەلگە قويۇدۇ-دە، تاماقخانىغا كىرىپ كىتىدۇ. تومپۇسۇن ئارقىدىنلا كىچىك بولاقنى ئىلىپ باشقا بىر ئويگە ئەكىرىپ ئىچىپ قارايدۇ، ئىچىدىن بىر سائەت چىقىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۇرۇپ كورۇپ گۇمانلىق يەرنى تاپالمايدۇ.
شۇ چاغدا تاماقخانىدىكى ئۇستەلگە چوڭ بىر تورت قويۇلىدۇ. تورت كىسىش مۇراسىمى ئاياقلاشقاندىن كىيىن، مىھمانلار ئوز ئورۇنلىرىغا ئولتۇرۇشىدۇ. سورۇندا پات - پات چاۋاك ئاۋازلىرى، قەدەھ كوتۇرۇشكەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرۇدۇ، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولىدۇ.
توساتتىن تاماقخانىنىڭ جەنۇبى ئىشىگى ئىچىلىپ، مارۇژنا قاچىلانغان ئىستىكانلارنى كىچىك تەخسىگە سىلىپ كوتۇرۇۋالغان بىر كۇتكۇچى ئالاقزادە بولغان ھالدا كىرىپ كىلىدۇ - دە، بوروك ( سىتالىننىڭ تەرجىمانى ) نىڭ ئۇستىگە يىقىلىپ چۇشۇدۇ. شۇ زامات تاماق خانىدا چىراغلار ئوچۇپ، بىرسىنىڭ : « كۇتكۇچىنى تۇتۇڭلار » دىگەن ئاۋازى، مىلتىق ئاۋازى، ۋە قاچا - قۇچىلارنىڭ چىقىلغان، كىشىلەرنىڭ ۋاقىراشقان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. تۇيۇقسىز قول چىراغلىرى يورۇپ، كىشىلەر ھىلىقى شەخسىي كاتىپنىڭ بىشىغا ئوق تىگىپ ئولگەنلىكىنى، تاپانچىسى ئورۇندۇق ئاستىدا تۇرغانلىقىنى كورىدۇ. بۇ چاغدا كۇتكۇچىمۇ يەردە ياتقان بولۇپ، ئۇنىڭ گىلىغا يىرىم سۇڭ ئۇزۇنلۇقتىكى بىر ئىنچىكە يىڭنە سانجىلغان ئىدى. كۇتكۇچىنىڭ قولىدىكى ھىلىقى تەخسىنى تەكشۇرۇپ كورگەندە، تىگىدىن بىر كونۇپكا چىقىدۇ، ئىچىپ قارىغاندا،ئىچىگە بىر كىچىك تىپتىكى قەرەللىك بومبا ۋە بىر كىچىك سائەت ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى،سائەتنىڭ سىترىلكىسىنىڭ 12 گە ئۇچ مىنۇتلا قالغانلىغى مەلەم بولىدۇ. تومپۇسۇن بومبىنىڭ يىپىنى ئۇزۇپ تاشلاپ، چوڭ بىر پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تومپۇسۇن ئەسلىمىسىدە شەخسىي كاتىپ بىلەن كۇتكۇچى ئوتتۇرسىدا قانداق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىغىنى ئەسكەرىتمىگەن. زادى كىم كۇتكۇچىگە قەرەللىك بومبىنى تاماقخانىغا ئەكىرگۇزدى ؟ يەنە كىم ئاچقۇچلۇق پەيىتتە سەخسىي كاتىپنى ۋە كۇتكۇچىنى ئولتۇرۇپ، چىرچىلنى خەتەردىن ساقلاپ قالدى ؟
ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ سىرنى ئەھۋالنى بىلىدىغان باشقا كىشىلەر ئاچمىسا بولمايدىكەن.
( ( « ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن » ژۇرنىلىنىڭ 1992 - يىللىق - 3 - سانىدىن ئىلىندى )
|
|
|