پالۋانتۇردا كۆك قىزىنىڭ جىلۋىسى
-ئەركىم
2014-يىلى1-ئاينىڭ16-كۈنى قومۇل شەھىرى پالۋانتۇر بازارلىق ھۆكۈمەتىدىكى پولات ئاكامدىن يېزسىدىكى غولئېرىق كەنتىگە قۇرۇلغان مۇقام مەركىزىدە بىر مەيدان مەشرەپنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ئۇچقاندەك يېتىپ باردىم. كىشىلەر بىرلەپ ئىككىلەپ مەيدانغا يىغىلىۋاتتاتتى، پاراڭ ئارلىقىدا پولات ئاكامدىن بۇ مۇقام مەركىزىنىڭ قۇرۇلغىلى بىر قانە يىللار بولغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى پەسىللەردىكى مەدەنىيەت -سەنئەت ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەركەزنىڭ كۆلۈمى 200 كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ پائالىيەت زالى، كۈتۈپخانا ۋە كۇرس بولۇپ ئۈچكە بۆلۈنگەن ئىكەن. دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىللىرىدە مۇقام ۋارىسلىرى بۇ يەرگە كېلىپ مۇقام ئۆگەنسە، بەزىدە كۈتۈپخانىغا يىغىلىپ ھەر خىل مەزمونلاردىكى كىتابلارنى ئوقۇپ ئەمەلىي بىلىم ۋە نەپكە ئېرىشىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇ مەركەزنى قومۇل ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەر قايسى دەرىجىلىك ئورۇن، رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن قومۇل ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت قوغداش مەركىزى ۋە يېزا قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلار پۈتۈن كۈچى ياردەم قىلىشى ئاستىدا 50 تۈمەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇپ چىقىلىپتۇ. پالۋانتۇر مۇقام مەركىزى ھەقىقەتەنمۇ خەلىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىغان خەلققە ھەقىقى پايدىلىق قۇرۇلۇش ئىكەن. پولات ئاكامنىڭ بىر قوللۇق يېتەكچىلىكىدە بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ بۈگۈنگىچە جەمئىي 10 مەيدان كۆك مەشرىپى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ دېققىتىگە ۋە قوللىشىغا سازاۋەر بوپتۇ، قومۇل رادىي-تېلۋىزىيە، قومۇل گېزىتخانىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇلارنىڭ مەشرەپلىرى قىزغىن خەۋەر قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەشرەپنىڭ ھوزۇرى بىلەن بەھىرلەندۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە 3-ئاينىڭ21-كۈنىگىچە يەنە بىر قانچە مەيدان مەشرەپ ئورۇنلاشتۇرماقچىكەن.
تۆۋەندە ئەمدى ھوزۇرۇڭىزلاردا ئابدۇشۈكۈر كۆك، ئەمەت جىلىللار تەييارلىغان ماتېرىيالدىن ئېلىنغان كۆك مەشرىپى ھەققىدە بىلدۈرگۈ بولسۇن ...<< __ئۇيغۇر خەلقى <<كۆك مەشرىپى>>نىڭ نامىنى ئاجايىپ جايىدا قويغان بولۇپ، <<كۆك>>نى ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى دەپ بىلگەن. بۇ <<كۆك>> ھاياتنىڭ كۆكلىشىگە پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ۋە گۈللەپ-ياشنىشىغا سىمۋول قىلىنغان.
<<كۆك مەشرىپى>> يەنە مول ھوسۇل شاتلىقنى ئىزھار قىلىش، قىشنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش، يېڭى يىلنى مەنىلىك كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلدا تېخىمۇ كوپ ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز ئارا تىلەك تىلەش مەنىسىدە ئۆتكىزىلىدۇ.
قومۇل ئۇيغۇرلىرى مەشرەپنىڭ بەلگىسى، ھاياتلىقنىڭ دەلىلى بولغان <<كۆك>>نى تولىمۇ ئەتىۋارلايدۇ ھەم بۇ <<كۆك>>نى تەرپلەپ <<كۆك خېنىم>>، <<چېچەك>> دەپ، ئاتىشىدۇ. ئۇنى خۇددى بىر ساھىپجامال قىز ئورنىدا كۆرىدۇ.
كۆك مەشىرىپى-كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن، تۇنجى قار چۈشكەندە، قارلىق تاشلاش ئويىنىدا بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئويۇندا قارلىق تاشلىغۇچى قوبۇل قىلغۇچىدىن كۆك مەشرىپىنى باشلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، قوبۇل قىلغۇچى قارلىق تاشلىغۇچىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىغىنى سورۇن ئەھلى ئالدىدا ئېلان قىلىدۇ. قولۇم-قوشنىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان ئائىلىگە يىغىلىشىپ مەشرەپنىڭ تەييارلىقىغا قارىشىدۇ. <<كۆك خېنىم>>نى بولۇق، تېمەن ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ياخشى تويۇنغان ئوزۇقلۇق بۇغدايلارنى تاللىشىدۇ. ئوخشىغان قاپاقتىن بىرىنىڭ تېگىنى خۇددى لېگەندەك كېسىپ چۈشۈرۈپ، ئىچىگە پاختا يېيىتىلىدۇ ۋە ئازراق سۇ قۇيۇپ ھۆلدەيدۇ. <<كۆك خېنىم>>نىڭ ياخشى ئۆسىشى ۋە كېلەر يىللىق كۆكلەمنىڭ <<كۆك خېنىم>>دەك ياخشى كۆكلىشىنى ئارزۇ قىلىشىپ، دۇ`ئا—تەگبىر ئوقۇپ، پاختىنىڭ ئۇستىگە ئوخشىغان بۇغداينى تېرىيدۇ. بۇغداي مايسىسى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر ئۆسكەندە، سىمۋول خارەكتېرىنى ئالغان نەرسىلەر بىلەن بېزىلىدۇ، يەنى قوناقنى قوقاستا ئېتىلدۇرۇپ، ئاق تىكەننىڭ تىكىنىگەسانجىپ، مايسىنىڭ ئاستىنقى قىسمىغا تىزىدۇ. بۇ تىزىلغان ئاقبالداق ئاپپاق قارغا سىۋول قىلىنغان بولۇپ، بۇ قىش پەسلىنى كۆرسىتىدۇ.>>
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەز ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان قومۇل كۆك مەشرىپىنىڭ قوغدىلىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش ئىشلىرىدە ناھايتىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى. قومۇل شەھەرلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەتلەر مەركىزىنىڭ مەسئولى يۈنۈس ئىبراھىمدىن ئۇقۇشۇمچە بۇ يىل پۈتكۈل قومۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بارلىق شەھەر،ناھىيە، يېزا، بازار، كەنتلەردە جەمئىي 120 مەيدان كۆك مەشرىپى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بۇنىڭ ئاز مەبلەغ كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە.
پالۋانتۇر بازىرى كۆك مەشرىپىنى ئىزچىل ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان قەدىمى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جەھەتتە قومۇل بويىچە ئالدىنقى رەتتە تىزىلىدۇ. چۈنكى پالۋانتۇر بازىرىدىن نۇرغۇنلىغان مۇقام، ئەلنەغمىچىلەر يېتىشىپ چىققان، جۈملىدىن دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك مۇقام ۋارىسى ئەسەت مۇختەر دەل پالۋانتۇردىندۇر. بۇ بازار شۇنىڭ ئۈچۈن مەشرەپ بەيگىلىرىدىكى يېڭىلمەس تۇلپار بولۇشقا مۇناسىپ ھەم ئۇنىڭ مەشرەپ خۇمار خەلقىنىڭ قىزغىنلىقىدىن ئۇنىڭ ئۇل ئاساسنى چىڭىتقان. ئەلۋەتتە، خەلق چىن يۈرىكىدىن قوللىمىغان ھەرقانداق ئىش-پائالىيەت، قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلى مەزموت بولمايدۇ. پالۋانتۇر يېزىسى مەدەنىيەتلەرنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشتىكى ھەقىقى ئاۋانگارت ئورۇن . يۇرتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا خەلق ئاممىسىغا چىن قەلبىدىن يېقىن تۇرۇپ داغدام ئىلگىرلەۋاتقان ئۈلگىلىك بازار...
مەن بىر ئىشتىن سىرتقى فوتوسۈرەت ھەۋەسكارى بولغانلىقىم ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك مەشرەپ ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىغان ھامان ئاپپاراتىمنى بوينۇمغا ئېسىپ، كېرىچتىن ئۈزۈلگەن يادەك ئاشۇ مەيدانغا ئاتلىنىمەن. تۆنۈگۈنمۇ بىر قىسىم ئۇنتۇلغۇسىز ئەستىلەكلەرنى ئاپراتىمغا ھەم قەلىب كارتىنىلىرىمغا پۈتۈنلەي تارتىۋېلىپ كەلدىم. قەلىب كارتىنىلىرىمدىكىسى تۇرۇپ تۇرسۇن، ئالدى بىلەن ھوزۇرىڭىزلارغا ئاپراتىمدىكى گۈزەل دەقىقلەرنى سۇنۇپ تۇراي...مەرھەممەت!
كۆك خېنىمنى ئۆستۈرىدىغان قاپاقنى تەييارلاش
بۇغداي پارلاش
قاپاققا بۇغداي سېلىش
مۇز ئۈستىدە گۈل ئۈندۈردۇق! قارغا سىموۋۇل قىلىنغان پاختىنى سالىمىز...
مول-ھوسۇل ئۈچۈن تېلەك تېلەش
كۆك خېنىمنى(كۈنچېچەك ياساش) جابدۇش
كۆك خېنىم تەييارلاندى
كۆك خېنىمنى كۆچۈرۈش
مۇشۇنداق مۇرەككەپ ھەم كۆڭۈللۈك جەريانلاردىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ئۆيگە كۆك خېنىمنى كۆچۈرۈپ كىرگەندىن كېيىن مەشرەپ باشلىنىدۇ. كۆك خېنىمىڭ يۈزىنى ئېچىش، بىيىت ئېيتىشىش، ئوق ئېتىش( ئەمدىكى مەشرەپنى كىمنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشنىڭ تالىشىش جەريانى) ناخشا-ئۇسسۇللار قىزغىن داۋاملىشىپ كۆك قىزنى بۇ مەشرەپتە تاللانغان كىشىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈش مۇراسىمى بىلەن تاماملىنىدۇ. كۆك خېنىمنى ئالغان ئائىلە مەلۇم بىر تاق كۈننى تاللاپ مەشرەپنى داۋاملاشتۇرىدۇ، شۇنداق نۆۋەتلەر بىلەن كۆك مەشرىپى تاكى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە داۋاملىشىپ پۈتكۈل يۇرت ياكى يېزا، كەنت ئاھالىلىرى بىرەر بۇلاق ياكى ئېقىن بېشىغا جەم بولۇپ نۇرۇزنى تەنتەنە بىلەن كۈتىۋالىدۇ!...
2014-يىلى1-ئاينىڭ17- كۈنى قومۇل
|