مەن تونۇيدىغان ئەلى مۇئەللىم ۋە ئۇنىڭ ھېكمەتلىرى
ئەلى مۇئەللىم بىلەن 2003-يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرستىتىغا ئوقۇشقا چىقىپ ئىككى ئاي بولغاندا تونۇشۇپ قالدىم ، ئۇ چاغدا يېڭى چىققان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋرستىتىنىڭ كازىۋەن تەرەپكە جايلاشقان جەنۇبىي ئوقۇش رايونىدا ئوقۇيتتى ، بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن < ئەلى كېلىدىكەن ، ئەلى مۇئەللىم كېلىپ لېكسىيە سۆزلەيدىكەن > دىگەن پاراڭلار ئېغىزدىن -ئىغىزغا تارقىلىشقا باشلىدى . خىيالىمدا بۇ زادى قانداق مۇئەللىم ، نىمە سۆزلەپ نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دىگەن ئويلار بىلەن سۈرۈشتۈرۈپ ئەلى مۇئەللىمنىڭ كەچقۇرۇن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 3-قەۋەتتىكى چوڭ زالدا لېكسىيە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئۇقۇپ ئالدىن كىرىپ ئورۇن ئېلىپ ساقلاپ تۇردۇم ، خىيالىمدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئالقىشلىنۋاتقان بۇ مۇئەللىمنىڭ ئوبرازىنى ھەرخىل تەسەۋۋۇر قىلىپ چىقتىم ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوتتۇرا بوي ، ئورۇقراق كەلگەن ئەلى مۇئەللىم زالغا كىرىپ كەلدى ، شۈ كۈنكى لېكسىيە ،شۇ كۈنكى ئەلى مۇئەللىم مەندەك يېڭىلا ئالىي مەكتەپكە چىققان تەنتەك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن ئوي -خىياللارنى پەيدا قىلدى . نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم ، بۇ يەردە ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى 2000-يىللاردا ئەلى مۇئەللىم قاتارلىق تالانتلىق ياشلار ئۆزىنىڭ غايىسى يولىدا تىرىشىش بىلەن بىللە مەكتەپ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەپ يېڭى بىر ئېقىم پەيدا قىلدى ، ھەمدە بۇ يېڭى ئېقىم يېڭى ئىدىيە تۈركىسىدە نۇرغۇن ياشلار تىرىشتى ، شۇ كۈنى ئەلى مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستتىنىڭ يوقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنى ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى . شۇندىن بېرى مەن ئەلى مۇئەللىم بىلەن دوست ھەم ئاكا -ئۇكا بولدۇق ، ئەلى مۇئەللىمنىڭ كۇرسىدىكى كىتاپ تارقىتىشتەك ئىشلارغا ياردەملىشى ئارقىلىق ئەلى مۇئەللىم بىلەن يېققىن بولىدىغان پۇرسەتلەرنى ئىزدەيدىغان بولدۇم . تۇنجى قېتىم ئەلى مۇئەللىنىڭ شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرستىتى ئەتراپىدىكى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۋاتقان ئۆيىگە 2014-يىلى ئەتىياز چاغلاردا مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى بېرىپ قالدىم ، ئۆي ئىچى قالايمىقان بولۇپ ، ئۆينى قالايمىقان قىلىۋاتقان نەرسە ئاساسلىق كىتاپ ۋە ھەرخىل پىلاستىنكىلار ئىدى . قارىماققا ئەلى مۇئەللىممۇ بۇ خىل قالايمىقانچىلىققا ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا كىتاپ دۆۋىسى ئىچىدە تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە ئاساسەن كۆنۈپ قالغاندەك قىلاتتى . شۇ كىتاپ بىلەن توشۇپ كەتكەن قالايمىقان ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەلى مۇئەللىم ئانچە -مۇنچە ئۇچرىشىپ تۇرساقمۇ كۆپ كۆرۈشۈپ پىكىرلىشىپ تۇرالمىدۇق .
2008-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە قېلىپ قالدىم ، مەنمۇ كىتاپ ئۇقۇشقا قىزىققاچقا مېنىڭ ئۆيۈمدىمۇ بارغانسرى كىتاپ كۆپىيىپ ئۆيۈم قالايمىقان بولۇشقا باشلىدى ، ئۆي ئىچى قالايمىقان بولغانسېرى ئەلى مۇئەللىم يادىمغا كەپ قالاتتى . شۈ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەلى مۇئەللىمنىڭ مەن تۇرىۋاتقان قورانىڭ ئۇددۇلىدىكى قورادا تۇرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئەلى مۇئەللىمنى ئىزلەپ باردىم . شۇندىن كېيىن ئەلى مۇئەللىم بىلەن پات -پات كۆرۈشۈپ پىكىرلىىشىش پۇرسىتى تۇغۇلدى . كۆپ جەھەتلەردىن پىكرىمىز بىر يەردىن چىقاتتى ، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ماڭا ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرەتتى . ئەلى مۇئەللىم ھازىر تەۋپىق تەربىيلەش مەركىزىدە ئىنگىلىزتىلى دەرسى بېرىش ، رادىئو ئىستانسىدا پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ، ئىستىقبال سەھنىسى ۋە تۈرلۈك لېكسىيەلەر بىلەن ئالدىراش بولغاچقا پات - پات كۆرۈشەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق ، لېكىن ئەلى مۇئەللىمنىڭ يېڭى -يېڭى ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنۋاتقانلىقى ، ھازىرمۇ بىر مۇنچە كىتاپ دۆۋىسى ئىچىدە توختىماي ئۆگىنۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى .
ئەلى مۇئەللىم ۋە ئىككىمىزنىڭ دوستلۇقى توغۇرلۇق مۇشۇنچىلىك سۆزلەي ، ئەلى مۇئەللىم زادى نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ ، كېيىنكى بىزگە ۋە ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن قانداق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ ، پۇرسەت بولسا ئەلى مۇئەللىم بىلەن باغداش تورىدا ئەركىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئەلى تەپسىلى تونۇشىمىز ۋە سىردىشىمىز ، تۆۋەندە ئەلى مۇئەللىمنىڭ ھېكمەتلىرىنى تورداشلارغا سۇنىمەن :
ئەلى مۇئەللىم ھېكمەتلىرى
* بىر قىسىم كىشىلەر ئۇلاردا بەزى نەرسىلەر بار بولغانلىقى ئۈچۈن قەدىرلىك بولسا ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇلاردا بەزى نەرسىلەر يوق بولغانلىقى ئۈچۈن قەدىرلىكتۇر.
*ھايات ھېسىياتسىز ،ئۇ ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ ، ئادەم ھېسىياتچان ،ھاياتقا ئوخشىمىغان مۇئامىلە قىلىدۇ
*باشقىلارنى ھەقىقىي بويسۇندۇراي دىسەڭ ئۇلارغا مەڭگۈ بۇيرۇق چۈشۈرمە .
*ئىلغار مىللەت ئالىملىرىنى ھايات ۋاقتىدا بېشىغا كۆتۈرسە ، نادان مىللەت ئۇلارنىڭ جىنازىلىرىنى كۆتۈرۈشكە ئامراق .
*يول بويىدا تۇرۋېلىپ يولدىن كېسىپ ئۆتمىسەڭ سېنى بەلكىم مەڭگۈ ماشىنا سوقىۋەتمەسلىكى مۇمكىن .بىراق ئۇ چاغدا سەن ئاللىقاچان يول بويىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا ئايلىنىپ قالغان بولسىەن .
*قورسىقىڭ ئاچقاندا پەقەت ئاشخانىغا بارىدىغان يولنىلا كۆرەلەيسەن .
*ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن ئادەم ئەڭ ئېنىق كۆرىنىدۇ .
*بىر قىسىم ئادەملەر بىر ئۆمۈر ئۆزىنى ياخشى ئادەم قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ ، لېكىن ياخشى ئادەم بولۇشقا تىرىشمايدۇ ئ
*ئىشنى ھاياجان بىلەن باشلىما ،ئېتىقاد بىلەن باشلا ھاياجان بىلەن ئاخىرلاشتۇر .
*پۇچۇركاڭ سەت بولسىمۇ ھەقىقەتنى ياز .
*سەن تاللىمايسەن ، تاللىنىسەن
*ساختا نىقاپلار بىلەن ئالقىشقا ئېرىشكىنىڭدىن يالىڭاچ ھالدا مازاققا قالغىنىڭ ئەۋزەل .
*مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا ھېچكىم بىلەن رىقابەتلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق ، پەقەت تۆنۈگۈنكى ئۆزەڭ بىلەن رىقابەتلەشسەڭ شۇ يېتەرلىك .
*بەزىلەر بارنىڭمۇ يوق دەپ ياشايدۇ ، بەزىلەر يوقنىمۇ بار دەپ ياشايدۇ ئ
*سېنىڭ مەلۇم ئىشقا قارار چىقىرالماسلىقىڭ ئەمەلىيەتتە شۇ ئىشقا قارار چىقارماسلىقنى قارار قىلغانلىق شۇنداقلا ئىنتايىن پاسسىپ قارار چىقىرىش ئۇسۇلى ...
ياقتۇرغان بولسىڭىز ، داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .
تورداشلارنىڭ پىسخىكا ۋە ئەلى مۇئەللىم توغۇرلۇق سوئال ، تەكلىپ -پىكىرلىرى بولسا قالدۇرشىنى سورايمىز ؟ |