- تىزىملاتقان
- 2014-1-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 603
- نادىر
- 0
- يازما
- 42
ئۆسۈش
20.6%
|
سىز دۇچ كەلگەن مەسىلىگە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە سىزدەك ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ياشلىرىمىز دۇچ كەلگەن ۋە كېلىۋاتىدۇ.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش زۆرۈرمۇ؟ ئەلۋەتتە زۆرۈر! بىز ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگىنىچە ئالىي مەلۇماتلىق بولۇشىمىز كېرەك.
ئەمما كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغىنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى تاپالماي. «قاسساپلىقنى ئۆگەنگەن سەيپۇڭچىلىقنى قىلىپ» يۈرۈۋاتقانلار بەكلا كۆپىيىپ كەتتى. ئەسلى ھەركىم ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە يارىشا خىزمەتلەرنى قىلالىغان بولسا، جەمئىيەتمۇ بۇنداق ۋايساش، قاقشاشلارغا توشۇپ كەتمەس ئىدى دەپ قارايمەن.
سىز ھەقىقەتەن راست گەپنى ئېيتتىڭىز. ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلارمۇ بىزنىڭ ئۆزلىرىدەك تۆمۈر تاۋاقنى بىر ئۆمۈر خاتىرىجەم كۆتۈرۈپ يۈرەلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما، ئەمما، جاھان ئۆزگەردى-دە! شۇنداققۇ؟! ھازىر «ھېچكىم تۇرمۇشۇم پاراۋان، ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق» دەپ يېستۇقنى ئېگىز قىرلاپ ياتالمايدۇ. ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى دەككە-دۈككىدە، تىنچلىق يوق. شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ قارىشىمدا، ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلسىكەن، كەلگۈسى قارارلىرىمىزغا ئۆز تەجرىبىلىرى بىلەن يول كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى قارارنى يەنىلا بىزگە قالدۇرسىكەن، دەپ قارايمەن.
زامانىمىز ياشلىرى مۇقىم مائاشقا قارىغاندا، كىرىمى كۆپ، خېيىم-خەتىرىمۇ چوڭ بولغان ئىشلارغا، خىزمەتلەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالايدۇ. چۈنكى بىز ياش-دە؟! ھەممىمىزنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىمىز بار، تەۋەككۈل قىلماي بولمايدۇ.
مېنىڭچە، سىز ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ياخشى پىكىرلىشىپ ئۆز ئويلىغانلىرىڭىزنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ بېقىڭ. مۇمكىن بولسا ئاتا-ئانىڭىز تونۇيدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان ئىلىملىك كىشىلەرنى ئاتا -ئانىڭىز بىلەن سۆھبەتلەشتۈرۈڭ. بەلكىم ئۇلار سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىمىغان بىلەن بىلىمى كۆپلەرنىڭ سۆزىنى يىرالماسلىقى مۇمكىن.
ئەمما، « ئاتا-ئانام گېپىمنى ئاڭلىمىدى، مېنىڭ قارىشىمنى ھۆرمەت قىلمىدى» دەپلا قىيداپ تۇرۇۋالسىڭىز بولمايدۇ، جۇمۇ بۇرادەر. ئوغۇل بالا دېگەن نى نى مۈشكۇلاتلارنىمۇ ھەل قىلالايدۇ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ! |
|