خىرۇششىۋنىڭ دەم ئىلىشقا چىققاندىن كىيىنكى تۇرمۇشى
1964 - يىلى 10 - ئايدا سوۋىت كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىت ئومۇمى يىغىنى خرۇششىۋنى دەم ئىلىشقا چىقاردى . ئىككىنجى كۇنى ، خرۇششىۋ مولوتوۋ تەخىتتىن چۇشكەندىن كىيىن ئوزى ئىگىلەپ ئولتۇرغان ئۇسۇلۇ داچىسىغا كوچۇپ كەلدى . تەخىتتىن چۇشكەندىن كىيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە ھەپتىدە ، ئۇ خۇددى كالتەك يىگەندەك تولىمۇ پەرىشان يۇردى . بۇ 70 ياشلىق بوۋايدا كۇچ - قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى . تىنىمۇ ساغلام قۇۋۋەتلىك ئىدى . ئۇ ھەر كۇنى 14 - 16 سائەت جىددىي خىزمەت قىلىپ كونۇپ قالغانىدى . ئۇ ئوزىنىڭ روھى - چۇشكۇنلىكىنى يوشۇرۇپمۇ كەتمەيىتتى . دىۋاندا سائەتلەپ ھاڭۋىقىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغانىدى . كوزلىرىدىن تۇرۇپ - تۇرۇپ ياش توكۇلەتتى . ئۇنىڭ نەۋرىسى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ مۇدىرى : « خىرۇششىۋ نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟ » دەپ سورىغاندا ، خىرۇششىۋنىڭ نەۋرىسى : « بوۋام يىغلاۋاتىدۇ » دەپ جاۋاپ بەرگەن .
ئىككىنجى يىلنىڭ باشلىرىدا ، خىرۇششىۋ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە مۇسىكۋا ئەتراپىدىكى ناھايىتى چوڭ بىغى بار بىر كىچىك داچىغا كوچۇپ كەلدى .بىر تۇركۇم ئەسكەر خىرۇششىۋنىڭ تۇرالغۇ جايىنى كىچە - كۇندۇز قوغدايىتتى . سىرىتقا چىقىپ سەيلى قىلغان ياكى موگۇ تەرگەن چاغلىرىدىمۇ ئۇنى مەخسۇس ئاپىرىپ - ئەكىلىدىغان ئادەم بار ئىدى .
خىرۇششىۋنىڭ پىنسىيە پۇلى 400 رۇبلى بولۇپ ، تىخى كىرىمىل دوختۇرخانىسىغا بىرىپ داۋالىنىش ۋە ئالاھىدە يىمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىشتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىمۇ بار ئىدى . « زىل » ماركىلىق بىر كونا پىكاپ ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە تەئەللۇق ئىدى . ئۇنىڭ مۇسىكۋا شەھرىدىكى تۇرالغۇ جايى ھىلىمۇ ئوز ئىلكىدە ئىدى . ئۇ ھەمىشە شەھەرگە كىرىپ تۇرغىنى بىلەن شەھەردىكى تۇرالغۇ جايىدا قونۇپ قالمايىتتى .
ئوزىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشتىن ئۇنىڭ ناھايىتى تىزلا رايى يانغانىدى . ئۇ مەھرۇم بولغان ھوقۇقىغا ئانچە بەك ئىچىنىپمۇ كەتمەيىتتى . ئۇنىڭ ئوكۇنىدىغىنى ، 1936 - 1938 - يىللىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرغىچە قىلالمىغانلىقى ۋە 1962 - 1963 - يىللىرى ئابىستراكتىچىلىق ئىددىيە ھەرىكىتىگە قارشى تۇرماسلىقى كىرەك ئىكەنلىكى ئىدى . ئۇ ئىلئىچىۋ مەركىزى كومىتىت سىياسى بىيورۇسىغا كىرىشى كىرەك ئىدى دەيىتتى .
ئۇ پىنسىيە تۇرمۇشىغا كونۇپ قالغان بولۇپ ، مۇلايىم ، چىقىشقاق بولۇپ قالغانىدى . دايىم ئايالى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مۇسىكۋا كوچىلىرىغا چىقىپ ئايلىنىپ كىلەتتى .
ئۇ ھەتتا چەتئەل رادىيولىرىنىڭ رۇسچە ئاڭلىتىشىنىمۇ ئاڭلايىتتى . ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئانچە يىڭىلىق ھىس قىلىپمۇ كەتمەيىتتى . « ئامىرىكا ئاۋازى »، ئەنگىلىيە رادىيۇ شىركىتىنىڭ ئاڭلىتىشى ۋە « گىرمانىيە دولقۇنى » قاتارلىقلارنى ئۇ تەخىتتىكى چىغىدىلا چەكلەشكە بۇيرۇق چۇشۇرگەنىدى . 60 - يىللارنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىكى سىتالىننىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئىشى ئۇنىڭ سەپرايىنى ئورلىتەتتى . ۋەھالەنكى ، ئۇ ئەمدىلا باش كوتۇرۇپ چىققان ئوخشاش بولمىغان سىياسى كوز قاراشتىكىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ھىسداشلىق قىلاتتى . چۇنكى كىيىنكىلەرمۇ سىتالىننىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە قارشى ئىدى . ئۇ ئەينى چاغدىكى « ئوخشاش بولمىغان كوز قاراشتىكىلەر » دىن بولغان ئاكادىمىك ساخارۇۋقا قارىتا ياخشى تەسىراتتا ئىدى ھەمدە 1964 - يىلدىكى لىسىنكۇ مەسىلىسىدە قاتتىق توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى ئۇچۇن ئۇكۇنەتتى . ئۇ شائىر تىۋاردوۋىسكىينى ئىنتايىن ھورمەتلەيىتتى . تىۋاردوۋىسكىينىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە چىقىدىغان « يىڭى دۇنيا »نىڭ ھەربىر سانىنى قالدۇرماي كورەتتى .
« سىتالىننىڭ قىزى سىۋىتلانا غەرىپكە قىچىپ كىتىپتۇ » دىگەن خەۋەرگە ئۇ دەسلەپتە ئىشەنمىگەنىدى . چۇنكى خىرۇششىۋ دايىم دىگۇدەك ئۇنىڭ بىلەن كورۇشۇپ تۇراتتى . سىۋىتلانا سىتالىننىڭ كىچىك ئوغلى ۋاسىلىدەك سوۋىت كومپارتىيىسىنىڭ 20 - ۋە 22 - قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىغا قارشى چىقمىغان بولغاچقا ، بۇنىڭدىن خىرۇششىۋنىڭ كوڭلى ئەمىن تاپقان ئىدى . شۇڭلاشقا « سىۋىتلانا قىچىپ كىتىپتۇ » دىگەن خەۋەر ئۇنى ھەيرەتتە قالدۇردى ۋە خىرۇششىۋنىڭ باشقىلار بىلەن بۇ ئىش توغرۇلۇق پاراڭلىشىشقا رايى بارمىدى .
خىرۇششىۋنىڭ باشقا قىلىدىغان ئىشى بولمىغاچقا ، سۇرەت تارتىشقا ھەۋەس قىلىپ قالدى . ئۇ ئاساسەن ئىتىز - ئىرىق ، دەل - دەرەخ ، گۇل - گىياھ ، قۇرىت - قوڭغۇز ۋە ئۇچار- قۇشلارنى سۇرەتكە تارتاتتى . سۇرەتكە تارتىش تىخنىكىسى جەھەتتە گەرچە ئىلگىرلەش بولغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ يەنىلا كوكتات تىرىشقا قىزىقاتتى . 1967 يىلى ، ئۇ 200 تۇپ يۇقۇرى ھوسۇللۇق پەمىدۇر ئوستۇرگەن بولۇپ ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئىغىرلىقى بىر كىلوگىرامدىن ئاشاتتى . بىراق ھەر كۇنى سائەت توتلەردە ئورنىدىن تۇرۇپ سۇغۇرۇپ پەرۋىش قىلىپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئوستۇگەن كوكتاتلىرىنى باش قىرونىڭ ۋەيران قىلىۋىتىشى ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىغىر كەلدى . خىرۇششىۋ تەجرىبە قىلىشقا خۇشتار بولغاچقا ، سۇدا زىرائەت ئوستۇرۇشكە قىزىقىپ قالدى . تۇرۇبىلارنى ئىگىپ ، توشۇك تىشىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇ كەسىپ ئەھلى ئىدى .
خىرۇششىۋ بىكار يۇرگەن دەسلەپكى بىر نەچچە يىلدا ، غىرىپسىنىپمۇ قالغانىدى . ئۇنى پەقەت ئۇرۇغ تۇققانلىرىلا يوقلاپ كىلەتتى . ئۇزۇن ئوتمەي ، ئۇنىڭ ئجتىمائىي ئالاقە دائىرىسىمۇ كىڭەيدى . شائىر يىۋتۇشىنكۇ ئۇنى ئىككى قىتىم يوقلاپ كەلدى . دراماتۇرىگ شاتىروۋ خىرۇششىۋنىڭ ئەسلىمە يازماقچى بولغانلىقىنى ئوز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغانىدى . بىرىپ - كىلىش قۇيۇقلاشقانسىرى كىشىلەر ئۇنىڭ چىقىشقاق ، مۇلايىم ، بىر ئىشتا ئەتراپلىق پىكىر يۇرگۇزىدىغانلىقىنى بايقاشقان . بىراق سوۋىت ئىتتىپاقى تارىخى ۋە رىئاللىقتىكى نۇرغۇن ئەھۋاللارنى ئۇنىڭ بىلمەيدىغانلىقى كىشىنى ئەجەپلەندۇرەتتى. ئۇ ھەمىشە قوشنا كەنىتتىكى ساناتۇرىيىگە بىرىپ، كىشىلەر بىلەن بىر نەچچە سائەتكىچە پاراڭلىشاتتى .
ئۇ يەنە دايىم دىگۇدەك يىقىن ئەتراپتىكى كۇلغۇزلارغا بىرىپ ئايلىنىپ كىلەتتى . بىر قىتىم ، ئۇ بىر پارچە يەرنىڭ تىرىلماي ئاق قالغانلىقىنى كورۇپ ، ئەترەت باشلىقىنى چاقىرىپ كىلىدۇ . ئەترەت باشلىقى بىلەن كولخۇز رەئىسى كەلگەندىن كىيىن ، خىرۇششىۋ ئۇلارنى دىھقانچىلىق تىخنىكىسىنى چۇشەنمەيدىغانلار دەپ تىللاپ كىتىدۇ . رەئىس دەسلەپتە ئالاقزادە بولۇپ ، نىمە قىلارىنى بىلمەي قالىدۇ . ئارقىدىنلا « سىز ھازىر دولەت باشلىقى ئەمەس ، يوقىلاڭ ئىشلارغا كوپ ئارلىشىپ كەتمەڭ » دەپ تەنە قىلىدۇ .
خىرۇششىۋقا بۇ گەپ بەك ھار كىلىدۇ . بىراق نىمىلا دىگەنبىلەن ئۇنىڭ ئەتراپتىكى دىھقانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى . بىر دىھقان بۇ بىكار يۇرگەن ئىلگىرىكى باش شۇجىغا ھىسداشلىق قىلىپ ، خىرۇششىۋنىڭ داچىسى ئەتراپىغا قوپۇرۇلغان تامدىن ھويلىنىڭ ئىچىگە قارىغىنىدا خىرۇششىۋ كوكتات تىرىۋاتقانىكەن . دىھقان « ئاكا ، بىرەرسى سىزنى بوزەك قىلمىغاندۇ ؟ » دەپ سورايدۇ . « ياق ، ياقەي ، ناھايىتى ياخشى » دەپ جاۋاپ بىرىدۇ خىرۇششىۋ .
ھەر قىتىملىق ئالىي سوۋىت سايلىمى ياكى يەرلىك سوۋىت سايلاملىرىدا ، خىرۇششىۋ دايىم ئوز ۋاختىدا سايلام رايۇنىغا بىرىپ بىلەت تاشلايىتتى . چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇنىڭدىن سۇئال سورىماقچى بولغىنىدا خىرۇششىۋ ئىمكانقەدەر جىق گەپ قىلىشتىن ئوزىنى قاچۇراتتى .
يىللار ئوتكەنسىرى ، خىرۇششىۋ ئوزىگە ۋە ئوز خىزمىتىگە ئوز - ئوزىنى تەنقىت قىلىش پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى . بىراق بەزى ئەيىپلەشلەرگە قەتئى ھالدا « پارتىيە ئەزاسى مۇشۇنداق قىلىشى كىرەك . مەن بىر پارتىيە ئەزاسى سۇپىتىدە ئولىمەن » دەپ جاۋاپ بىرەتتى .
1967 - يىلى ئۇنىڭ بىلەن ھوكۇمەت دائىرلىرى ئوتتۇرسىدا تۇنجى قىتىم ئىختىلاپ تۇغۇلىدۇ . فىرانسىيە تىلىۋىزۇر سىتانسىيىسى ئۇنىڭ تەخىتتىن چۇشكەندىن كىيىنكى تۇرمۇشى ھەققىدىكى تىلىۋىزىيە فىلىمىنى قويىدۇ . بىر كىنو ئوپىراتۇرى كىنوغا ئىلىش ئاپىراتىنى ئىلىپ خىرۇششىۋنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى بار داچىغا كەلگەنىدى . ئىلگىرىكى مۇھاپىزەتچىلەر يوتكەپ كىتىلىدۇ . ئەينى چاغدىكى مەركىزىي كومىتىت سىياسى بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزى كومىتىتنىڭ شۇجىسى كىرىلىنكو خىرۇششىۋنى مۇسىكۋاغا تەكلىپ قىلىدۇ . كىرىلىنكونى خىرۇششىۋ ئوزى ئوستۇرگەنىدى . ئەمدىلىكتە ئۇ خىرۇششىۋقا ئاھانەت قىلىپ ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ : « سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز تولىمۇ كوڭۇللۇك ئوتىۋاتىدىغۇ دەيمەن ! »دەيدۇ .
خىرۇششىۋمۇ تەنە قىلىپ : « سىز مىنىڭ داچام بىلەن پىنسىيە پۇلۇمنى بىكار قىلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مەن مەملىكەتنىڭ ھەر قانداق يىرىگە بىرىپ تىلەمچىلىك قىلسام كىشىلەر ماڭا سەدىقە بىرىدۇ ، بىراق سىز بىرىپ تىلىسىڭىز ھىچكىم سەدىقە بەرمەيدۇ » دەيدۇ .
60 - يىللار ئەسلىمە يىزىش ئەۋىج ئالغان چاغلار ئىدى . خىرۇششىۋ ناھايىتى روھلانغان ھالدا سوۋىت ئىتتىپاقىدا ناشىر قىلىنغان ئەسلىمىلەرنى كورۇپ تۇراتتى ھەمدە پات - پات تەنقىدى تۇزىتىش بىرەتتى . 1969 -يىلى مەشىردىن چىققان ژۇكۇۋنىڭ ئەسلىمىسىدە خىرۇششىۋ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تىلغا ئىلىنمىغان بولۇپ ، بۇ خىرۇششىۋقا تولىمۇ ئىغىر كەلگەنىدى . ژۇكۇۋ كىيىۋ ھەربى رايۇنىنىڭ قۇماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئوتەۋاتقان چاغلاردا ، خىرۇششىۋ ئوكرايىنا پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ بىرىنجى شۇجىسى ئىدى . خىرۇششىۋ تەخىتتىن چۇشكەندىن كىيىن نەشىر قىلىنغان ئەسلىمىلەردە سىتالىن ھەققىدىكى گەپ - سوزلەر كوپ بولسىمۇ ، خىرۇششىۋ ھەققىدە بىرەر ئىغىزمۇ بىر نەرسە دىيىلمىگەنىدى . شۇڭلاشقا ، خىرۇششىۋ ئوزى ئەسلىمە يىزىپ چىقىش قارارىغا كىلىدۇ . بىراق ئۇ قەلەم تەۋرىتىشنى ئەمەس ، بەلكى ئىغىزچە سوزلەپ بىرىشنى ياخشى كورەتتى . شۇڭا ئۇ سوۋىت كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىتىدىن تىز خاتىرلەيدىغان بىر نەپەر ماشىنىسىت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . مەركىزىي كومىتىت بۇنىڭغا پىسەنىتمۇ قىلىپ قويمىغان بولسىمۇ ، خىرۇششىۋ نىيىتىدىن يانماي ، سوزلىگەنلىرىنى ئۇن ئالغۇ لىنتىسىگە ئالىدۇ . ئۇ نىمە ئىسىگە كەلسە ، شۇلارنى سوزلەيىتتى . ماقالىنىڭ تۇزۇلۇشى ۋە بەدىئى قۇرۇلمىسى تولىمۇ رەتسىز ئىدى . بىراق ، ئۇ سوزلىگەنسىرى جانلىنىپ ، بارا - بارا ئوزگىچە سىستىمىلىشاتتى . ئاندىن باشقىلار ئۇن ئالغۇ لىنتىسىنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە قايتىدىن رەتلەپ چىقاتتى .خىرۇششىۋنىڭ ئۇنئالغۇ لىنتىسىگە ئالغان سوزى 180 سائەتكە يەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئەسلىمە ئەندىلا باشلانغانىدى .
ئامىرىكا تۇيۇقسىز خىرۇششىۋنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ بىرىنجى تومىنى ئىلان قىلدى . بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ، يەنە ئىككىنجى تومى نەشىردىن چىقتى . بۇنىڭغا خىرۇششىۋمۇ ھەيران قالدى . چۇنكى ئۇنئالغۇ لىنتىسى خىرۇششىۋىڭ قولىدا ئىدى . ئەينى چاغدىكى مەركىزىي كومىتىتىنىڭ رەئىسى پىلشىي خىرۇششىۋنى چاقىرتىپ سوزلىشىدۇ . خىرۇششىۋ نەق مەيداندىلا بىر تۇرلۇك قىسقا باياناتقاقول قويىدۇ . ئىككىنجى كۇنى بۇ بايانات گىزىتكە بىسىلىدۇ . باياناتتا ئۇ ئەسلىمىلىرىنى ھىچقانداق كىشىگە بەرمىگەنلىكىدە چىڭ تۇردى .لىكىن ئەسلىمىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغانىدى . ئۇ پىلشىينىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپلا ، يۇرەك كىسىلى يەنە قوزغىلىپ قالىدۇ . ئۇنىڭ يۇرەك كىسىلى1970 - يىلى يازدا بىرىنجى قىتىم قوزغالغانىدى .
1971 - يىلى ئەتىيازدا ، خىرۇششىۋنىڭ باققا كىرىپ ئەمگەك قىلىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بارغانسىرى ئازىيىدۇ . ئۇ نەچچە سائەتلەپ دىۋاندا جىممىدە ئولتۇراتتى . 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا ، ئۇ قىزى رادا ۋە كۇيئوغلى ئاجۇبىينىڭ داچىسىغا يوقلاپ بارغاندا ، مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن ئورمانلىققا كىرىپ موگۇ تىرىيدۇ . بىراق ئۇزۇن ئوتمەيلا ھىرىپ بولالماي قالىدۇ . مۇھاپىزەتچىلىرى ئۇنىڭ قاتلىنىدىغان ئورۇندۇقىنى ئەكىلىپ بىرىدۇ . خىرۇششىۋ ئورمانلىقتا خىلى ئۇزۇن دەم ئىلىپ ئاندىن ئويگە قايتىدۇ . يۇرەك كىسىلى ئىغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلىدۇ . ئىككىنجى كۇنى ، يەنى ، 9 - ئاينىڭ 10 - كۇنى ، 78 يىشىدا ئالەمدىن ئوتىدۇ .
خىرۇششىۋ تەخىتتىكى چاغدا ، « خىرۇششىۋ ئولۇپ كەتتى » دىگەن پاراڭلار بولغانىدى . بىر قىتىم غەرىپنىڭ گىزىتلىرىدە ئۇنىڭ ئالەمدىن ئوتكەنلىك خەۋىرى ئوخشاش بىر كۇندىلا ئىلان قىلىنغانىدى . ئىككىنجى كۇنى خىرۇششىۋ مۇخبىرلارنى كۇتۇۋىلىش يىغىنىدا : « مەن ئولۇش ئالدىدا سىلەرگە خەۋەر قىلىمەن » دىگەنىدى . لىكىن بۇ قىتىم ئۇنىڭ ئايالىمۇ تۇققانلىرىغا خەۋەر قىلىشقا ئۇلگۇرەلمەي قالىدۇ . 13 - چىسلا سەھەردە « ھەقىقەت گىزىتى »خىرۇششىۋنىڭ ئولگەنلىكى ھەققىدە قىسقىلا خەۋەر بەردى . ئۇنىڭ ئولۇمى ھەققىدە قايغۇلۇق ئىلانمۇ بىرىلمىدى. دەپنە قىلىش ۋاختى بىلەن ئورنىمۇ ئىلان قىلىنمىدى .
( ئەدەبىي تەرجىمىلەر ) ژۇرنىلىنىڭ 1990 - يىل 2 - سانىدىن ئىلىندى .
2014 - يىل 19 - يانۋار . |