بۇنداق ھەق ئېلىش مۇۋاپىقمۇ؟ قەشقەردىن قاغىلىققا بارىدىغان تېز سۇئەتلىك تاشيول 2012-يىلى يىل ئاخىرىدا پۇتۇپ ئشقا كىرىشتۇرۇلگەندىن بېرى ،يول سۇپىتى ياخشى بولغاچقا ،خوتەن،قاغىلىق،پوسكام،يەكەن،يېڭىسار قاتارلىق جايلار بىلەن قەشقەرنىڭ ئارىسدا قاتنايدىغان ماشىنىلارغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يول ياقىسىدىكى بەزى ناھىيەلەرنىڭ قەشقەر يولىدا قاتنايدىغان ماشىنا كىراسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۇپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.مەسىلەن: قەشقەر بىلەن يېڭىسار ناھىيەسىنڭ ئارىلىغى 65كىلومىتىر بولۇپ ، بۇ تېز سۇرئەتلىك يول ياسىلىشتىن بۇرۇن يېڭىساردىن قەشقەرگە قاتنايدىغان تاكسى ماشىنىلاردا بىر ئادەمنىڭ كىراسى 15يۇئەن ئىدى. بۇ تېز سۇرئەتلىك يول ياسالغاندىن كېيىن بۇ يول مۇساپىسى 2-3كىلومتىر قىسقارغان بولسىمۇ ،بىراق يېڭىساردىن قەشقەرگە قاتنايدىغان تاكسى ماشىنىلار 25يۇئەن يول ھەققى تۆلەيدىغان بولغاچقا ،يېڭىساردىن قەشقەرگە قاتنايدىغان تاكسى ماشىنا كىراسى 30يۇئەنگە ئۆستۇرۇلدى. چۇنكى كىرا ھەققى بىر ھەسسە ئۆسكەن بولغاچقا تاكسى شوپۇرىمۇ بۇرۇنقىدىن ياخشىراق پايدا ئالغاچقا ، دائىم تېز سۇرئەتلىك يول بىلەن مېڭىشقا كۆنۇپ قالدى.لېكىن شۇ بىچارە يولۇچىلارنىڭ كىرا يۇكى بىر قاتلاندى. بۇ65كىلومىتىر ئارىلىققا ،كىچىك ماشىنالاردىن 25يۇئەن يول ھەققى ئېلىش مۋاپىقمۇ؟بۇ خىل ھەق ئېلىشنى باشقا يوللارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقساقلا مۇۋاپىق بولمىغانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز.مەسىلەن:قەشقەردىن ئاتۇشقىچە بولغان تېز سۇرئەتلىك يولنىڭ ئارىلىغى 40كىلومىتىر ئەتراپىدا بولۇپ ،كىچىك ماشىنىلاردىن5يۇئەن يول ھەققى ئېلىنىدۇ. قەشقەردىن يەكەن ناھىيە چارەك ھەق ئېلىش پونكىتىغىچە بولغان ئارىلىق تەخمىنەن 150كىلومىتىر ئەراپىدا بولۇپ ،كىچىك ماشىنىلاردىن ئوخشاشلا 25يۇئەن يول ھەققى ئېلىنىدۇ.65كىلومىتىر ئارىلىق بىلەن 150 كىلومىتىر ئارىلققا ئخشاشلا 25يۇئەن ھەق يىغىلسا مۇۋاپىق بولامدۇ؟ ئەسلى بۇ يۇقۇرى سۇرئەتلىك تاشيول ياسالغاندىن كېيىن يول ھەققى مۇۋاپىق بېكتىلگەن بولسا كەڭ يولۇچىلار بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالغان ھەم خوش بولغان بولاتتى.ئەمىليەتتە ھەق يىغىش ئۆلچىمى مۇۋاپىق بولمىغانلقغى سەۋەبىدىن ،يېڭىسار ناھىيەسىدىكى يولۇچىلارنىڭ يېڭساردىن قەشقەرگە بېرىش-كېلىش كىراسى بىر قاتلىنىپ كەتتى. يېڭىسار ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات بىر ناھىيە.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت يولۇچىلىرىنىڭ بۇ ئەمىلىي قىيىنچىلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ،يېڭىسار ناھىيەسىگە بىر ھەق يىغىش پونكىتى تەسىس قىلىپ ،مۇۋاپىق بولغان ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بېكىتپ ئجرا قىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز. مەنبە: ئۆزۇم 2014.1.20 |