قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3416|ئىنكاس: 42

سوۋىت ئىتتىپاقى-ئافغانىستان ئۇرۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

413

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   56.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 12:17:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
              سوۋىت ئىتتىپاقى-ئافغانىستان ئۇرۇشى بۇلسا ،سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان جۇمھۇريىتى ھۆكۈمىتىنى قوللاپ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ، ئامىرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن پاكىستاندىن كىرگەن ۋە مەشىقلەندۈرۈلگەن «غازاتچى»پارتىزانلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشىنى كۆرسەتكەن بولۇپ ، 1979-يىل 12-ئاينىڭ ئاخېرىدا باشلىنىپ 10يىل داۋاملاشقان 1989-يىلى2-ئايدائاياغلاشقان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ
           بۇ ئۇرۇش سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن ئاخىرلاشقان بۇلۇپ ، سوۋىت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى بىردىن – بىر مەغلۇپ بۇلۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشى .ئەمەليەتتە بۇ ئۇرۇشنىڭ ماھىيتى بولسا ئامىركىنىڭ ۋېيتنامدىكى جەنۇبى ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنى قوللاپ ، شىمالى ۋېيىتنام (جوڭگو ۋە سوۋىتئىتتىپاقى قوللىغان ،خوجىمىن رەھبەرلىكىدىكى ۋېيتنام كوممىنىسىتىك ھاكىميىتى)بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ قايتىلانمىسى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېركىنىڭ ئۆز-ئارازومگەرلىك تالاشقان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدىن ئىبارەت . ۋېيتنام ئۇرۇشىدا جوڭگو ۋەسوۋىت ئىتتىپاقى كوممىنىسىتىك شىمالى ۋېيىتنام ھۆكۈمىتىنى قوللىغان ۋە ئامىرىكاجەنۇبى ۋېيىتنامنى قوللىغان ، ئاخىردا بولسا شىمالى ۋېيتنام غەلبە قىلغان ، ئامېركا بولسا مەغلۇپ بولغان . ئافغانىستان ئۇرۇشىدا بولسا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قوللىغان خەلىق ئىتتىپاقى بىلەن ئامىرىكا قوللىغان پارتىزانلار ئۇرۇشقان بۇلۇپ ، سوۋىت ئىتتىپاقى مەغلۇپ بولغان . ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئافغانىستان خەلىقدىن بىر مىليۇن ئادەم ئۆلگەن ،ئالتە مىليۇن ئادەم مۇساپىرغا ئايلانغان . 8دېۋىزيە سوۋىت ئارمىيسىدىن بولسا 12210نەپەر ئەسكەر ئۆلگەن،35478ئەسكەر يارلانغان ،311نەپەر ئەسكەر يوقاپ كەتكەن .ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋىت ئىتتىپاقى ئاساسلىق قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ، تانكا ۋە ئاپتۇماتىك توغىرلىنىدىغان زەمبىرەك ، بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ، كۆرەشچى ئايروپلان ۋە موتۇرلاشقان قىسىم قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەن (بۇ ھەقتە بىرىنچى تامچە قان-2نى كۆرۈشكە تەكلىپ بىرىمەن) .
           1973  -يىلى ئافغانىستانپادىشاھى ئاغدۇرۇلۇپ ، پادىشاھنىڭ ئىنىسى ھوقوق تارتىۋېلىپ،ئافغانىستان جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن ، ھاكىميەت يۈرگۈزۋاتقان خەلىق دېمۇكىراتىك پارتىيسى سوۋىت ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈپ،جوڭگو ۋە ئۇنىڭ دوستى پاكىستانغاقارشى تۇرغان . ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ،يەنىلا قۇرۇق شوئار بولغان . 1978-يىلى خەلىق دېمۇكىراتىك پارتىيسى ئىچىدىكى ئىسلاھاتچىلارسىياسى ئۆزگىرىش قىلىپ ، باش سېكىرتارنى ئۆرۈپ تاشلاپ ، يېڭى رەھبەر سايلىغان ،بىراق بۇ يېڭى رەھبەرمۇ ئاغدۇرۇپ تاشلانغان .1979-يىلى 9-ئايدا ھاپزۇللا ئەمىن تەختكەچىققان . بىراق دۆلەت ئىچىدىكى زىديەت ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغاچقا ،بۇنى بېسىقتۇرالمىغان ،شۇنىڭ بىلەن  سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تىلىگەن . سوۋىت ئىتتىپاقى بۇ چاغدا  ئۆزنىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى ۋە خەلىقئارادىكى بارلىق مەنپەتنى ئويلاپ قوشۇلغان .
          1979-يىل 12-ئاينىڭ27-كۈنى سەرخىل قوراللانغان8تۈمەن(سەكسەن مىڭ) سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسى كابول ۋە باشقاشەھەرلەرنى ئىگەللەپ ،زۇڭتۇڭ ئامىننى ئۆلتۈرۋەتكەن . ئاندىن قورچاق ھۆكۈمەت باشلىقىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان .ئاندىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان، مەسلەن كولخوز..... بىراق بۇ خەلىقنىڭ قوللىشغا ئېرشەلىمىگەن .   بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان خەلىقى 10نەچچە تارماق پارتىزان ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ ، شەھەرئەتراپلىرى،تاغ-دالالاردا سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسى بىلەن قوراللىق تېركەشكەن . 1981-يىلىدىن باشلاپ بۇ تارماق ئەترەتلەر بىرلىشىپ ، ئامېركا، پاكىستان، مىسىر،سەئۇدى ئەرەبىستان،جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر ياردىمى ئاستىدا مەركەزلىك ئۇرۇشقا ئاتلانغان. بۇلۇپمۇ ئامىركىنىڭ ياردىمى«ئېسىل قورال-ياراقلىرى» ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سوۋىت ئىتتىپاقى ھاۋا ئۈستۈنلىكىگە تاينىپ ، پارتىزانلارنى قىرغان ،كىيىن ئامىرىكا يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بىرىلدىغان «زەھەرلىكتىكەن>>ناملىق باشقۇرۇلدىغان بومبا بىلەن پارتىزانلارنى تەمىنلىگەندىن كىيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان .سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسى ئىلگىرى –ئاخىرى 3 قېتىملىقتازلاش ئېلىپ بارغان .بىراق ئافغانىستاننىڭ يەر شەكىلى تاغلىق رايۇن بولغاچقا،سوۋىت ئارمىيسىنىڭ موتورلاشقان قىسىمى رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان .
          خەلىقئارادا بولسا 1980-يىللاب د ت يىغىنىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىپلىگەن ۋەسوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ دەرھال قوشۇن چېكىندۈرشىنى تەلەپ قىلغان ، سوۋىت ئىتتىپاقى بولسا ۋارشاۋا شەرتنامىسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ  بۇنى رەت قىلغان . كىيىن پارتىزانلارنىڭ«ئامېرىكا»دىن ئىبارەت ئاكىسىنىڭ يۆلىشى ئارقىسىدا كۈنسايىن كۈچىنىشى بىلەن، 1986-يىلى ئافغانىستان مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغان .
            1988-يىلى ئامېرىكا، سوۋىت ئىتتىپاقى ، پاكىستان، ئافغانىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت مەسلەھەتكە كىلىشكە قوشۇلغان .1989-يىلى2-ئاينىڭ15-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى قوشۇن چىكىندۈرگەن .ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىقىتىسادى ئەھۋالى ناچارلاشقان ،ئىچىكى سىياسى ئەھۋالى كۈنسايىن مۇرەككەپلەشكەن.ئون يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا سوۋىت ئارمىيسى بىلەن ئافغانىستان كابۇل ھۆكۈمىتى ئارمىيسى چوڭ شەھەرلەرنى ، مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرىنى كونتىرول قىلغان ، پارتىزانلار بولسا يېزىلارنى كونتىرولقىلغان .بىراق پارتىزانلارنىڭ سىياسى ۋە ئىدىيىسى بىر خىل بولمىغانلىقتىن ، زوردەرجىدىكى غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن . سوۋىت ئارمىيسى بىلەن ئافغانىستان كابۇل ھۆكۈمىتى ئارمىيسى بىراقلا غەلبە قىلىپمۇ كەتمىگەن ، مەغلۇپمۇ بولمىغان . پەقەتلا پارتىزانلار بىلەن يېڭىش-يېڭلىشىنى ئايرىيالمىغان .چۈنكى بۇ ئۇرۇشتا سوۋىت ئىتتىپاقى ئاساسلىق قوشۇن چىقارغان . ئېغىر دەرجىدىكى قوراللارنى ئىشلەتكەن(كابۇللۇق كىتاپپۇرۇش دىگەن كىتاپنى ئوقۇشقا تەكلىپ بىرىمەن ) . ئامىرىكا  ۋېيىتنام ئۇرۇشدىكى ساۋاقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، مېيىقىدا كۈلۈپ ، ئىچىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنى مازاق قىلىپ ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى پاكىستانغا يىغىپ ،ئۇلارنى تەربىيلىگەندىن كىيىن ، ئۇلارغا قورال تارقىتىپ  ئافغانىستانغا ئاتلاندۇرغان(ئۆزى بىۋاستە قاتناشمىغان، چۈنكى ئىككى دەرجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئۆز-ئاراتوقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلانغان، خۇددى ۋېيتنام ئۇرۇشدىكىدەك ئەھۋاللارقايتىلانغان).سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ چىكىنگەن چاغدا ئامىرىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ،سوۋىت ئىتتىپاقى چىگېرىسى يېنىدىكى مىللەتلەرنى قوراللاندۇرۇپ ،شىمال ئىتتىپاقىنى قۇرغان ،بۇلار كىيىن كابۇلغىمۇ بېسىپ كىرگەن (ئاتامانى –دوستۇم)كىيىن مەغلۇپ بۇلۇپ چېكىنگەن.                                                                                       
      سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەغلۇپ بۇلۇشى ھەرگىزمۇ سوۋىت ئارمىيسىنىڭ ناچارلىقى،قوراللىرىنىڭ ناچارلىقى ۋە ياكى پارتىزانلارنىڭ قوراللىرىنىڭ ئېسىللىكىدىن ئەمەس. ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشچە ،شۇ چاغدىكى ئافغانىستان قاتناش ئەھۋاللىرى ناھايتى ناچار ،تۈزۈك تاشيولمۇ يوق بۇلۇپ ،سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ ، سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ئافغانىستاننى تۇتاشتۇردىغان تەمنات لىنىيسى ياسىغان . بىراق ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئاكىسىغا تايىنىۋاتقان «غازاتچى»پارتىزانلاربۇ يولىنى پات-پات بۇزۇپ تۇرغان . ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئەسكەرگە تەمىنات كېرەك ،قورۇقلۇق يولى ئېتىۋىتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا ھاۋا يولى بىلەن تەمىنات يۆتكەش كېرەك، بىراق 100000نەپەر سوۋىت ئەسكىرىگە بىر كۈندە قانچىلىك تەمىنات كېرەك؟
       قانچەتىرانسىپورت ئايرۇپىلانى كېرەك ؟ ئۇنىڭ يۆتكەپ كىلىدىغان جاي ئوتتۇرا ئاسيادىكى رېسپوبىلىكىلىرى بولماستىن ، روسيە فېدراتسىيسى تەۋەسىدىن بولغاچقا ، چىقىم غايەت زور ئېشىپ كەتكەن ،دىمەك چىقىم كېرىمدىن ئېشىپ كەتكەن ،بۇنىڭلىق بىلەن «ئىشەك بەشتەڭگە ،تۇقۇم ئون تەڭگە»دەك ھالەت شەككىللەنگەن . ئونىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىچىدەيېلىتسىن ۋەكىللىكىدىكى ئۆكتىچىلەر بولشىۋىكلارنىڭ ھوقوقتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ، دۆلەت ئىچىنىڭ سىياسى ۋەزيىتى يامانلاشقان .ئۇنىڭ ئۈسىتىگە خەلىقئارادا  سوۋىت ئىتتىپاقى كونتىروللىقىدىكى «ۋارشاۋاشەرتنامىسى تەشكىلاتى»نىڭ تارقىلىپ كىتىشى ، ئىلگىرى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدىكى دۆلەتلەردە (شەرقى ياۋروپادىكى دۆلەتلەر) بولغان كومپارتىيەھاكىميىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئارمىينىڭ ئۇچىنى كەينىگە قارىتىشى ، بېرىلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشى قاتارلىقلار تېخمۇ سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى ھالسىراتقان . بۇنىڭدىن باشقا گەرچە «غازاتچىلار»گەرچە ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىپ ھۆكۈمىتىگە قارشى بولسىمۇ ، لىكىن قەتئى ھالدا ئامىركىنىڭ غايەت زور ئىقتىسادى ياردىمىنى ۋە ھەربى قورال-ياراق ياردىمىنى قەتئى رەت قىلمىغان .ئامىركا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ،ئافغانىستان پارتىزانلىرى تېزلا غەلبىگە يېقىنلاشقان . شۇڭا سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئاخىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ ، ماليەنى باشقا ئىشلارغائىشلىتىشنى قارار قىلىپ چېكىنگەن . چىكىنگەندىن كىيىن ئافغانىستاندىكى كابۇل ھۆكۈمىتى ناھايتى تېزلا گۇمران بولغان ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن ئۇرۇش ئاياغلاشمىغان. ھەممە قەبىللەر  ئۇرۇش ۋاقتىدا قورالغائىگە بولغانلىقتىن ، مەركىزى ھۆكۈمەت پەيدا بولمىغان ، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا يەرلىك ھۆكۈمەت قۇرغان .ئۆز-ئارا ئېتراپ قىلىشمىغان . ئۆز ۋاقتىدا ئامىركا يۆلەپ تۇرغۇزغان پارتىزانلار ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىقنى باشلىۋەتكەن . ناھايتى تېزلائافغانىستان خەلىقئارادىكى خىروئىن زاۋۇتىغا ئايلانغان . شۇنىڭلىق بىلەن  قانداقتۇر مائارىپ ، پەن-تېخنىكا دىگەنلەر مەۋجۇد ئەمەس بولۇپ قالغان .ۋارشاۋاشەرتنامىسى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربى ئامبارلاردا ئىشلەتمىگەن،بېسلىپ قالغان قورال-ياراغلىرى ئەتكەسچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئافغانىستاندا  بازار تېپىشقا باشلىدى ، ئامباردا بېسلىپ تۇرىۋەرگەن بىلەن پۇلغا ئايلانمىسا ئەسكى تۆمۈردىن ئىبارەت بۇلۇپ قالىدۇ-دە .بىراقبۇلارنىڭ ھەممسى 70-يىللارنىڭ قوراللىرى بۇلۇپ، ئەمەليەتتە ئىككىنچى قول نەرسىلەرنىڭچوڭ بازىرى بولۇپ قالدى.بۇندىن باشقا  روسيە ئارمىيسى چىكىنگەن بىلەن قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمىدى، تالبان ھاكىميىتى  شىمال ئىتتىپاقىنى مەغلۇپ قىلىپ ،روسيە چىگېرسىغا 60 كىلومىتىر قالغاندا روسيە يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپلان چىقىرىپ ، ئەدەپلەپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىمال ئىتتىپاقى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردى . ھەرقايسى گوروھلار يەنلا كونىراپ كەتكەن مىلتىق –ئاپتۇماتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئادەم ئۆلتۈرۈشنىلا بىلدى. ئەمەليەتتە بولسا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قورال سىنايدىغان مەشىق بازىسى بولۇپ قالدى خالاس. چۈنكى ئۆز دۆلىتى چىگرىسى ئىچىدە بۇلارنى ئىشلەتسە خەلىق قارشى چىقىدۇ-دە.
       ھازىرقى ئافغانىستان توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇمكى ،ئافغانىستاندا پەن-مائارىپ،ساقىلىق ساقلاش،قانۇن-ئەدىليە بىلەن شۇغۇلىنىدىغان ئورۇنلار مەۋجۇت ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ.لىكىن بىر نەرسىدە كىسىپ دىيىشكە بولدۇكى ، ھەممە ئۆيدە AK47 بار.مانا بۇنىسى قىل سىغماس ھەقىقەت. ھازىرقى ئافغانىستاندا ھەممەكىشىنىڭ ئويلايدىغىنى قانداق قىلغاندا ئەتە ھايات قېلىش.ھەر كۈنى بولۋاتقان پارتىلتىشلار ، ئادەم ئۆلتۈرۈشلەر، كىشلەرنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كېتىشلىرى قاتارلىقلار .مانا بۇ كىشىنى ھەققى ئويغا سالىدۇ. يەنلا تىنىچ-ئاسايىشلىق يۇرتىمىز ئەڭ ياخشى.

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

1

دوست

258

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25098
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 17:39:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 17:11
uzturuk نى پاش قىلىمەن بۇ ئابونتنى مۇنبەر زىندانىغا تاشلا ...

بۇ رەسىمنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى-ئافغانىستان ئۇرۇشى بىلەن بىرە مۇناسىۋىتى باردەك قىلمايدىغۇ؟
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

603

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24771
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 19:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تما پئلەن مۇناسۋتې يۇق نەرسە يۇلغان ئەزالارنې قەتئې چەكلەش كرەك
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 3469
توردىكى ۋاقتى: 1124
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 19:29:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوبدان تېمىنى پىتىغداپ قويۇپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )