<<شاڭخەي ساھىلى>>ناملىق 25قىسىملىق شاڭگاڭنىڭتېلۋىزيە تىياتىرى ۋە شۈۋېنچاڭنىڭ ھەم زىديەتلىك ھەم كەسكىن ، قەھرىمانە ئوبرازىھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ئۇنداقتا بۇ كىشىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئىسمى جوۋ رۈنفا،شىياڭگاڭلىق ،دۆلەتلىك 1-دەرجىلىك ئارتىس ، خەلىقارا سەھنىدىكى داڭلىق جوڭگولۇقچولپان . ھوللىۋودقا كىرگەن 4چوڭ جوڭگولۇق چولپاننىڭ بىرى (چېڭلوڭ، جاڭ مەنيۈ ،جېنزىدەن ). 2قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان.1955-يىلى 5-ئاينىڭ18-كۈنى شىياڭگاڭدا دېڭىزچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . تۇللۇقسىز3-يىللىقتا تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ، ئېلىكتىرون زاۋۇتىدا ئىشلىگەن ، بۇ دەل جوۋرۈنفانىڭ كۆرۈشقۇۋۋىتىنىڭ ناچار بۇلۇشنىڭ سەۋەبى .تۇللۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن دادىسىنىڭكېسىلى ئېغىر بولغاچقا ، ئۇ ئۆرلەپ ئوقيالمىغان . شۇڭا ئۇششاق-ئىشلاردىن پايدىلىنىپ، تۇرمۇشىنى قامدىغان .ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ، كۈتكۈچى ،پوچتىكەش ، مال ساتقۇچىبولغان . تۇرمۇشنىڭ ئەگرى- توقايلىقى ئونى تاۋلاپ چىققان .1973-يىلى تەساددىپىپۇرسەتتە 18ياشلىق جوۋرۈنفا سىمسىزتېلۋىزيە ئارتىس تەربىيلەش ئېلانىنى كۆرۈپ قىزقىپ ،تىزىملاتقان (كۈلكە چولپىنى جوۋشىڭ چى بىلەن كىنوغا چىقىدىغان ۋۇمىڭدا دەل ئۇنىڭ ساۋاقدىشى) .بىراق سەنئەتتىنقىلچىلىك خەۋىرى يوق جوۋرۈنفا قوبۇل قىلىنمىغان ،بىراق بىر ئىمتاھان ئالغۇچى ئۇنىڭيوشۇرۇن قابىليىتىنى بايقاپ ،ئۇنى قوبۇل قىلغان .1974-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ،1975-يىلدىنباشلاپ جوۋرۈنفا تېلىۋىزيە تىياتىرلىرىدا ۋە بىر قىسىم ئاددى فىلىملەردە رولئېلىشنى باشلىغان .بىراق ئۇنىڭ فىلىملىرى ئانچە بازار تاپالمىغان . 1980-يىلى ئۇباش رول ئالغان<<شاڭخەي ساھىلى>>كاتتا شۆھرەت قازانغان . بۇ تېلفىلىمدە جوۋرۈنفا جەلىپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك، زىديەتلىك ، ئارسالدى ،سوغوققان ، باتۇر بولغان شۈي ۋېنچاڭنىڭ رولىنى ناھايتىمۇۋەپپىقيەتلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپئورۇنلىغان . مانا شۇندىن باشلاپ جوۋرۈنفانىڭ داغدام يولى ئېچىلغان .بۇ فېلىمئارقلىق جوۋرۈنفا چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسيادا داڭ قازانغان .1976-يىلىجوۋرۈنفا تۇنجى كىنو فىلىمدە رول ئالغان . بىراق بۇ فىلىممۇ بازار تاپالمىغان.1981-يىلى <<ۋېيىتنامدىن ئايرىلىش>> دىگەن فىلىمدە كاتتا ئوبراز يارىتىپ ، ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغائېرىشكەن .1986-يىلدىكى ئۈچ بۆلۈملۈك <<قەھرىمانلىق جاسارىتى>> دىگەنفىلىم ئۇنىڭ شۆھرىتىنى پەلەككە يەتكۈزگەن .شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ كىنوچىلىقھاياتىنىڭ گۈلخانى يالقۇنلىغان.<<كۈزدىكى ئەپسانە>>،<<قىمارئىلاھى>>، <<تۈرمىدىكى قىسمەت>> ،<<ئالاڭنىڭھېكايسى>>قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئەڭيارقىن ئەسەرلىرى .بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئۇنىڭ نام –شۆھرىتىچېڭلوڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن . 1989-يىلدىكى<<قىمار ئىلاھى>>نىڭ بىلەتكىرىمىگە ھەر قانداق فىلىم ئېرشەلمىگەن . 1998-يىلىدىن باشلاپ جوۋرۈنفا ھوللىۋودبازىرغا كىرگەن . 1999-يىلىدكى <<تەقدىردىكى ئۇرۇش>>دىگەن فىلىمھېچقانداق ئالقىشقا ئېرشەلمىگەن . ئۇ كۆپ تەرەپلىمە ئۆگۈنۈش ئارقىلىق ،كىيىن رولغاچىققان <<پادىشاھ بىلەن ئاننا>> فىلىمىدە ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئايالچولپىنى بىلەن رولغا چىقىپ ، ئالقىشقا ئېرىشكەن . 2005-يىلى ،ھوللىۋودنىڭ داڭللىقفىلىم ئىشلىگۈچىسى جېررى بۇلىخمادنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن <<كارىپ دېڭىزقاراقچىسى3،دۇنيانىڭ چېتى>> فېلىمىدە سىنگاپور دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ كاتتىۋېشىنىڭ رولىنى ناھايتى ياخشى ئوينىغان. بىراق بۇ ئونىڭ دائىم ياخشى ئادەم بۇلىدىغان ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرگەن .جوۋرۈنفانىڭ قارشىچە ، ئۇ رولغا چىققان ھەر قانداق فىلىم<<قەھرىمانلىقجاسارىتى>>گە يەتمەيدىكەن . جوۋرۈنفا رول ئېلىشتىنباشقا رەسسساملىققىمۇ بەك قىزقىدىغان بولۇپ ، ئىككى قېتىم رەسىم كۆرگەزمىسىئۆتكۈزگەن . جوۋ رۈنفا شەرىقئەرلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى. غەرىپ ئوبزورچىلىرىنىڭ قارشىچە ئۇ جوگولۇقئارتىسلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نوچىسى ئىكەن . مەيلى قانداق بولسۇن ،ئۇنىڭ فىلىملىرىدە،ئۇنىڭ قاملاشقان چىرايى، ئېغىر-بېسىق مىجەزى ، ئەقىللىق – چىچەن كاللىسى ئۇنىڭفىلىملىرىنىڭ ياخشى تەرپى بولسا كېرەك دەپ قارايمەن .مەنچە ئۇنىڭ فىلىملىرىنىڭياخشى تەرپى شۇكى ، ئۇنىڭ فىلىملىرىدە ئەمەليەتكە يىقىن بولغان ئەھۋاللار ئەكىسئەتتۈرۈلدۈ .
|