قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2874|ئىنكاس: 34

شېڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمىرانلىقنىنىڭ تىكلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

2

دوست

4704

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1438
توردىكى ۋاقتى: 320
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 16:08:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمىرانلىقنىنىڭ تىكلىنىشى
  
  شېڭ شىسەي«شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگۈرىشى››دىن كىيىن، قۇرال كۈچىگە تاينىپ چىگرا مۇداپىەسىنىڭ ۋاقىتلىق دۇبەنلىك ۋەزىپىسىنى تارتىۋىلىپ،شىنجاڭنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى. ئۇ ئالدامچىلىق بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيسىنىڭ يارىدىمىگەئىرىشىۋىلىپ، كۆپ قىتىملىق كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ئىككىنچى قىتىم كىرگەن ماجۇڭيوڭنىڭ قىسىملىرىنى مەغلۇپ قىلدى،ئىلىنى ئىگەلەپ تۇرغان جاڭ پېييۈەنى يوقاتتى؛جىنايى پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىپ تاۋمېڭيۆ،چېن جوڭ،لى شياۋتىيەنلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ خۇاڭمۇسىڭنى كىتىشكە مەجبۇر قىلدى، نەنجىڭ ھۈكۈمىتىنى ئۈزۈنى چىگرا مۇداپىئە دۇبەنلىكىگەتەيىنلەشكە قىستىدى؛ شەرقىي شىمال ئارنىيسىنىڭ جېڭ رۇنچېڭ قاتارلىق گىنرالىرىنى تۇتقىن قىلىپ، شەرقىي شىمال ئارمىيسىنى تىزگنلىۋالدى؛ بىيئەت بولغان ئاق گۇۋارديچىلەر قوشۇنىنىڭ كاتاباشلىرىنى ئىتىۋەتتى؛ ليۇ ۋېنلوڭنى تەقىپ ئاستىغا ئالدى، جۇرۇشىنى ئۆلكىلىك قورچاق ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسى قىلىپ ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۈزىنىڭ، شىنجاڭدىكى مىلىتارىسىتلىق ھۈكۈمىرانلىقىنى تىكلىدى.
   «شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگۈرىشى››دىن كىيىن ،شېڭ شىسەي چىگرا مۇداپئەسى ۋاقىتلىق دۇبەنى بولدى. ئۇ بۇچاغدا جىددىي سىياسىي-ھەربىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى؛ (1)1933-يىلى ئەتىيازدا ماجوڭيوڭ ئىككىنىچى قىتىم شىنجاڭغا كىلىپ بارىكۆلدىن غەرىپكە ئىلگىرلەوپ ،مۇرى ،گۇچوڭ، جىمىسار قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالدى. بۇچاغدا ماجوڭيۇڭغا تەۋە قىسىمدىن ماچۈەنلۇ نەنسەننى ئشغال قىلىپ ،ئۈرۈمچىگە تەھدىت سالدى؛ ماخۇيۇڭ قىسمى ئالتاي،تارغا باغتاي ئەتىراپىدا ھەركەتلەندى. (2) نەنجىڭ ھۆكۈمىتى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا كىرىپ گومىنداڭنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىنى تىكلەش كۇيىدا بولدى.(3) شىنجاڭدا يەرلىك ئەمىلىي كۈچكە ئىگە گورھلار شېڭ شىسەيگە قايىل بولمىدى، چېن جوڭ، تاۋمېڭيۆ، لى شياۋتىيەن قاتارلىق «شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگۈرىشى›› دە خىزمەت كۆرسەتكەنلەر كۆڭىلدىكىدەك ئىشقا قويۇلماي قالدى؛ ليۇ ۋېنلۇڭ ئەمىلىيەتتە ئولكىلىك ھۈكۈمەتكە قورچاق رەئىس بولغانىدى؛ خۇسۇسەن جاڭ پېييۈەن ئۈزىنىڭ سالاھىيتى ۋە ئاتاق ئابرۇيى جەھەتتە شېڭ شىسەينى بىسىپ چۈشبتتى، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئىلى، تارغا باغتايدا خىلى ئەمىلى كۈچى بار ئىدى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى نەنجىڭ ھۈكۈمىتىگە تاينىپ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كىڭەيتىپ ، شېڭ شىسەينى جايلىۋىتىشنى خىيال قىلىشتى. شېڭ شىسەي ئۈزىنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىنى تىكلەش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن تۈرلۈك چارىلەر بىلەن نەنجىڭ ھۈكۈمىتىنىڭ ئۈزىنى بۇرۇنراق ۋەزىپىگە تەيىنلشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى ؛ يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي دۈشمەنلىرىنى پائال تۈردە يوقۇتىپ ، ھەربىي ئەمىلىي كۈچىنى تولۇقلىماقچى بولدى.
ماجۇڭيوڭ قۇمۇل، بارىكۆل ،مۇرى ، گۇچىڭنى ئالغاندىن كىيىن داۋاملىق غەرىپكە قاراپ ئىلگىرلەپ جىمىسار ناھيىسىنى بىسىۋالدى. شېڭ شىسەي خۇجانىياز بىلەن مەخپىي كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۇنى ماجۇڭيوڭدىن ئايرىۋىتىش ئۈچۈن ، خۇجىنىيازنى ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭ گارىنزىنىنىڭ قۇماندان›› لىقىغا تەيىنلىدى . شېڭ شىسەي 1933-يىلى 6-ئاينىڭ بىىشىدا ، فۇكاڭغا يۈرۈش قىلىپ ، ماجۇڭيوڭ بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلماقچى بولدى، دەل شۇ مەزگىلدە نەىجىڭ گومىنداڭ ھۈكىمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن شىتاپ باشلىقى خۇاڭ موسۇڭنى ‹‹ھال سوراش›› ۋە ‹‹ياراشتۇرۇش›› ئۈچۈن ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ياراشتۇرۇش مەغلۇپ بۇلۇپ ، شېڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ زېنىچۈەنزىدە (فۇكاڭ بىلەن جىمىسار ناھيىسى ئارلىقىدا )جەڭ قىلدى. ماجۇڭيوڭ مەغلۇپ بولۇپ 3000دىن كۆپرەك قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ گۇچوڭ، مۇرى تەرەپكە چىكىنىپ كەتتى، ئاندىن تىيانشان تىغىنى كىسىپ ئۈتۈپ تۇرپان پىچانغا چىكىندى. شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئۇنىڭ كەينىدىن گوچوڭ غىچە قوغلاپ باقتى، بىراق ئۈرۈمچىدە سىياسىي ۋەزىيەت مۇقۇمسىز بولغاچقا ، ئۈرۈمچىگە يىنىپ كەلدى.
شېڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيوڭ زېچۈەنزىدە ئىلىشىۋاتقاندا ، خۇاڭ موسۇڭ ئۈرۈمچىدە ليۇ ۋېنلۇڭ، تاۋمېڭيۆ، چېن جۇڭ ، لى شياۋتيەن قاتارلىقلارنى ئۈزىگە تارتىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىشنى پىلانلىدى. شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىش ئالدىدا خۇاڭ مۇسۇڭنى نازارەت قىلىشقا ئادەم قويغانىدى . خۇاڭ مۇسۇڭنىڭ نەنجىڭ ھۈكۈمىتىگە ئەۋەتكەن ۋە ئۇلاردىن كەلگەن مەخپىي تېلېگىراممىلىرنىمۇ شېڭ شىسەي تەرجىمە قىلدۇرۇپ بىلۋالغان ئىدى، قىسقىسى، خۇاڭ مۇسۇڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەركىتى شېڭ شىسەيگەبەش قولدەك ئايان ئىدى. شېڭ شىسەي 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچىگە يىتىپ كىلىپ ،26-كۈنى جىددى يىغىن چاقىردى. يىغىندا تاۋ مېڭيۆ، چېن جۇڭ ،لى شىياۋتيەنلەرنى تۇتقىن قىلدى ھەمدە تۇپۇلاڭ قىلىش شۇيۇقەستىدە بولدى دىگەن بەتنام بىلەن شۇجايدا ئىتىپ تاشلىدى. ئارقىدىنلا شېڭ شىسەي خۇاڭ مۇسۇڭنى نەنجىڭ ھۈكۈمىتىگە تېلېگىرامما يوللاپ ، نەنجىڭ ھۈكۈمىتىدىن ليۇ ۋېنلۇڭ بىلەن شېڭ شىسەينى تېزدىن ۋەزىپىگە قۇيۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا  قىستىدى. 8-ئاينىڭ 1-كۈنى نەنجىڭ ھۈكۈمىتى ليۇ ۋېنلۇڭنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە، شېڭ شىسەينى چىگرا مۇداپىئە دۇبەنلىكىگە ، جاڭ پىييۈەننى ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلدارى ۋە يىڭىدىن تەشكىل قىلىنغان قۇرۇقلۇق 8-شىنىڭ شىجاڭلىقىغا رەسمىي تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ھەربىي ھۇقۇقىنى چاڭگىلىغا ئىلىۋالدى.
1933-يىلى 9-ئايدا نەنجىڭ ھۈكۈمىتى ئەدىلىيە مەمۇريەت مىنىستىرى ، قۇشۇمچە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لوۋېنگەننى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى.
لوۋېنگەن ئاتاقتا  ليۇۋېنلۇڭ بىلەن شېڭ شىسەينىڭ قەسەم بىرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى نازارەت قىلىش ، ئەمىلىيەتتە جاڭ پېييۈەن بىلەن ماجۇڭيوڭنى بىرلەشتۈرۈپ شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرۇشنى تېزلىتىش مەقسىتى بىلەن كەلگەنتى.  شېڭ شىسەي لۇ ۋېنگەننىڭ شىنجاڭغا كىلىشتىكى مۇددىئاسىنى بىلگەنلىكتىن ، ئۇنى ئۆز يىغىدا ئۆز گۈشىنى قورىماقچى بولدى، بىرتەرەپتىن ، لۇۋېنگەندىن ماجۇڭيىڭنى ئۈرۈمچىگە سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىشنى ئۈتۈندى،  يەنە بىر تەرەپپتىن ، ئۇرۇشقا جىددى تەيارلىق قىلدى. ماجۇڭيىڭ ئۈرۈمچىگە سۆھبەتكە كىلىشنى رەت قىلدى. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى شېڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ يەنە تۇتۇشتى، ماجۇڭيىڭ قارا شەھەر، كورلا ،مۇرى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالدى، ماخېيىڭ ئالتايدىن غەرەپكە قاراپ ئىلگىرلەپ چۆچەكنى ئالدى.10-ئايدا شېڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ نىڭ قۇشۇنلىرى داۋانچىڭدا تۇتۇشتى، شېڭ شىسەينىڭ قۇشۇنى ئېغىر زەربە يەپ ، ئۈرۈمچىگە چىكىندى. ماجۇڭيىڭ قۇشۇنلىرى ئۈرۈمچىنى تەرەپ ـ تەرەپتىن قورشىۋالدى. ماخېيىڭ قىسىملىرى دۆربىلجىندىن يولغا چىقىپ ، ساۋەن ، ماناس قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلدى،  ئېلى بىلەن ئۈرۈمچى ئوتۇرسىدىكى قاتناش ئۈزۈلىپ قالدى. جاڭ پىييۈەنمۇ شىخۇنى ئىشغال قىلىپ ماناسقا قاراپ ئىلگىرلىدى، شىڭ شىسەي كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يارىدەم بىرىشنى تەلەپ قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن يات كۈچلەرنى تازىلاپ ، ئىچكى قىسىمنى رەتكە سالدى. شېڭ شىسەي شەرقىي شىمال ئارمىيسىنىڭ گېنېراللىرىدىن جېڭ رۇنچېڭ، سۇگو، ياڭ ياۋجۈن، يىڭ جەنبىڭ، قاتارلىق كىشىلەرنى، بۇيرۇققا بويسۇنماي قانۇنسىزلىق قىلىشقا ئۇرۇندى دىگەن بەتنام بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، شەرىق شىمال ئارمىيسىنى تېزگىنلىۋالدى؛ دۈشمەن بىلەن تېل بىرىكتۈردى دىگەن بەتنام بىلان بەيئەت قىلغان ئاق گىۋاديېرچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئوفىتسېرى گېمراكىن، ئانتونۇۋ، پانپىنگورت قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتقىن قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىتىپ تاشلىدى؛ ئارقىدىنلا دۇبەنگە زىيانكەشلىك قىلىپ، ھۈكۈمەتنى ئاغدۇرماقچى بولدى دىگەن بەتنام بىلەن ليۇ ۋېنلۇڭنى تەقىپ ئاستىغا ئالدى، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇدىسى مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى جۇرۇيشىنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن شېڭ شىسەي شىجاڭنىڭ ھەربىي ھۇقۇقىنى ئىگەلەپلا قالماي ، بەلكى ھاكىمىيىتىنىمۇ تېزگىنلىۋالدى.
1933-يىلى11-ئايدا ، ماخېيىڭ قۇشۇنى ماناس، قۇتۇبىي ئەتراپىدا شىڭ شىسەي قۇشۇنى تەرپىدىن پۈتۈنلەي يوقۇتىلدى. ماخېيىڭ ئوق تىگىپ ئۆلدى، 12-ئايدا تۇنجى تۈركۈم سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيسى قورغاستىن ئىلىغا كىرىپ ، جاڭ پىييۈەننىڭ لاگىرىنى ئالدى، ئۇزاق ئۆتمەي جاڭ پىييۈەن قۇشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ، ئۈزىنى ئۆلتۈرۋالدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ياڭ جېجۇڭمۇ  شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قۇتۇپىدا تارمار قىلىندى. 1934-يىلى 1-ئايدا يەنە بىر تۈركۈم سوۋېت ئىتتىپاققى قىزىل ئارمىيسى باقتۇ جازىسىدىن چۆچەككە كىردى. 2-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە يىتىپ كىلىپ شەھەرنى قامال قىلىۋالغان ماجۇڭيىڭ قۇشۇننى توپقا تۇتتى. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ماجۇڭيىڭ مەغلۇپ بولۇپ داۋانچىڭغا قاچتى. 3-ئاينىڭ6-كۈنى شېڭ شىسەي قوشۇنى داۋانچىڭنى ئالدى، ماجۇڭيىڭ مەغلۇپ بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا چىكىندى. بۇ چاغدا شېڭ شىسەي شىنجاڭدىكى ھەربىي ئىستىبدات ھۈكۈمىرانلىقىنى ئاساسەن تىكلىۋالدى.

ماتىريال مەنبەسى: شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى نەشىر قىلغان ‹‹شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى››دىگەن كىتابتىن ئىلىندى.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

341

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   20.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9627
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 89
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 17:08:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zubayr تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-23 16:22  

بۇ جاللات ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 300مىڭغا يىتىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم بۇنىڭ ئەپ چقىپ كەتكەن بايلىقىمۇ 30 ماشىنا كىلدىكەنتۇق ....

0

تېما

0

دوست

3276

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 952
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 17:41:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىيانشان ئەمەس تەڭرى تېغى دەيمىز . شىڭ سىسەي ھەقىقەتەن بىر قانخۇر جالللات .

0

تېما

0

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24624
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 17:45:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزنىڭ تەقدىرىنى ياتلار بەلگىلىگىلى ئۇزۇن زامانلار بوپ كېتىپتۇ . ئارماندا قالدىغۇ ئادەم.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

316

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25122
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 17:49:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرىدىن تۆرەلگەن چوشقا

1

تېما

1

دوست

1875

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11903
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 527
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 17:50:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە، شىڭ شىسەينىڭ كۇلىغا ئېلىپ كىرگەن مال-مۇلكىنىڭ ھەددى ھىسابى يوق بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ بوسۇغىللىرىمۇ ئالتۇندىن ئىكەن. توۋا، شۇ زامانلاردا ھېكىملەر تاياق يەپ، يىتىمەكلەر ھالۋىنى بۇنى قۇلقىغىچە يەپتىكەن! ئاقىۋەتتە سۇڭرىپ بولالماي، ئۇنىڭ جەتتى جەمەتىدىن 6 ئادەم قان قىساسى بار كىشىلەر تەرپىدىن ئاشۇ بۇلىغان ئالتۇن كۆمۇشلىرى ئىچىدە ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن.

184

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 6650
تۆھپە : 7647
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 17:53:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا شىڭشىسەينى قەبرىسىدىن كولاپ چىقىرىپ ئۈچ يۈز قامچا ساۋاپ بولۇپ، سۆڭىكىنى ئىتلارغا تالىتىپ، ئاشقان قىسمىنى ئوبۇرنىغا تۆكۈپ ئۇ يەرگە بىر تاش ئابىدە تىكلەپ قوياتتىم. تاشقا مەڭگۈلۈك ھەقسىز ئوبۇرنا دېگەن خەتلەر يېزىلاتتى...

----كىتابخۇمار----

9

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   17.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1531
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 4808
توردىكى ۋاقتى: 984
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 18:15:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zubayr يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 17:08
بۇ جاللات ئۆلتۈرگەن جاللاتلارنىڭ سانى 300مىڭغا يىتىدۇ د ...

جاللاتنى ئۆلتۈرگىنى جاللات بولمايدۇ...سىز شىڭ جاللات ئۆلتۈرگەنلەرنىمۇ جاللات دىمەكچىما ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )