- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5933
- نادىر
- 1
- يازما
- 268
ئۆسۈش
18.66%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghurzuwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-29 18:36
داۋامى
4- قىسمى: غايىۋى قىزنى تالىشىپ، قان تۆككەن ھاماقەت
سەمەت يۈسۈپ ئىلگىرى ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، 2006- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى. ئۇ تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرىمۇ تۇردى ئەخمەت بىلەن ياخشى ئۆتەتتى، سەمەت يۈسۈپ تۈرمىدىكى چاغدا تۇردى ئەخمەت ئۇنى بىر نەچچە قېتىم يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئاغىنىدارچىلىقىنى يەتكۈزگەنىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدە تۇردى ئەخمەت ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىدى، تۇردى ئەخمەتمۇ ئۇنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ قارايتتى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ بىرىنچى بولۇپ تۇردى ئەخمەتنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇلار شۇندىن باشلاپ ناھايىتى يېقىن ئۆتتى....
سەمەت يۈسۈپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۇردى ئەخمەت بىلەن كېچە- كۈندۇز دىگۈدەك ئايرىلماي يۈرەتتى. ئۇلار بىر- بىرىنى بىر دەم كۆرۈشمىسە چىداشمايتتى. تۇردى ئەخمەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سەمەت يۈسۈپنى تۈرمىگە كىرىپ چىققان دەپ قاراپ ئۇنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى، ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشماسلىققا تۇردى ئەخمەتنى توسۇپمۇ توسۇپ بولالماي، ئاخىرى ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى.
ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنچىلىك يېقىن بولۇپ كېتىشىگە تۆۋەندىكى ئورتاقلىقلار سەۋەپچى بولغان ئىدى __ ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى، پىكرى، قىزىقىدىغىنى، ئويلايدىغىنى بىر ئىدى، بىر- بىرىنىڭ گېپىنى يىرىشمايتتى، ناۋادا بىرى يەنە بىرىنى بىر يەرگە بېرىپ كېلىش تەكلىۋىنى بەرسە ئالدى- ئارقىسىنى سۈرۈشتۈرمەستىنلا ماقۇل بولۇپ، مەنزىلىگە بارغاندا ئۇنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشتىكى مەقسىدىنى ئاندىن بىلەتتى. ئۇلاردىكى يەنە بىر ئورتاقلىق ــــ ھەر ئىككىلىسى ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتى، مەيلى ھاراق ئىچكەندە بولسۇن، مەيلى ئىچمىگەندە بولسۇن ئۇلارنىڭ پارىڭى قىلسا- قىلسا تۈگىمەيتتى. يەنە كىلىپ ئۇلار كىچىك تۇرۇپ نەشە چېكىشنى ئۆگۈنىۋېلىشقان بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇلاردىكى بۇ خىل ئورتاقلىق ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بارغانچە چېڭىتىپ باراتتى. ئۇلارنىڭ يېشىمۇ 4 ياش پەرقلىنەتتى، سەمەت يۈسۈپ ئۇنىڭدىن چوڭ ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ياش پەرقى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيتتى. كۈنلەر لاغايلاپ يۈرۈش، ئىچىش، چېكىش بىلەن ئۆتىۋەردى. خەجلەيدىغىنىنى ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسى تەمىنلەپ تۇراتتى، چۈنكى بالا چوڭ بولۇپ قالغاندا يېنىدا پۇل بولماي قالسا يامان ئىش چىقىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرىشىپ، ئۆزىگە قالمىسىمۇ بالىلىرىغا بېرىشەتتى.
سەمەت يۈسۈپ تۈرمىدىن چىققىلى 37 كۈن بولغان كۈنى ئىدى. بۇ كۈن ئۇلار تۇرۇشلۇق يېزىنىڭ بازار كۈنى ئىدى، ئۇلار يېزا بازىرىغا بازار ئوينىغىلى بىللە كەلدى، بىر دەم بازارنىڭ ئۇ دوقمۇش- بۇ دوقمۇشىغا مېڭىپ بېقىپ، ئىچلىرى پۇشۇشۇپ، ئۇلار دائىم كىرىپ تۇرىدىغان مەڭلەشخاننىڭ يىمەك- ئىچمەك دۇكىنىغا بىرگە كىرىپ ھاراق ئىچىشتى. 250 گراملىقتىن بىرنى تۈگەتكەندىن كېيىن ناھىيە بازىرىغا بارماقچى بولۇشتى ۋە ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرۇپ، ناھىيە بازىرىغا باردى. چۈنكى ئۇلارنىڭ چېكىدىغىنى ئۆكسۈپ قالغانىدى، ئۇ نەرسىنى ناھىيە بازىرىغا كېلىپ ئېلىپ كەتمىسە يېزا تەۋەسىدىن تاپماق قىيىن ئىدى. ئۇلار نەشە ساتىدىغان خوجايىن (ئۇلار ئۇنى لوبەن دەپ ئاتايتتى) نىڭ ئۆيىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئىشىك تاقاق بولغاچقا ئالالماي يېنىپ بېرىپ، خوجايىننى ساقلىغاچ، مىرۋانخاننىڭ قاتناش بېكەت يېنىدىكى يىمەك- ئىچمەك دۇكىنىغا ھاراق ئىچمەكچى بولۇشۇپ كىردى. ئۇلار تاغدىن- باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بىر بوتۇلكىنى قۇرۇغداپ بولدى، بۇ چاغدا ئۇلار خېلىلا تەڭشىلىپ قېلىشقانىدى. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. يەنە ئىچمەكچى بولۇشقان بولسىمۇ، ئۇلارنى كۈزىتىپ ئولتۇرغان دۇكاندار «مەست بولۇپ كەتتىڭلار، ئەمدى ئىچمەڭلار» دەپ ئۇلارغا ھاراق سېتىپ بەرگىلى ئۇنمىدى، ئۇلار خېلى يالۋېرىپ يۈرۈپ، 4 بوتۇلكا پىۋە ئالدى، ئۇلار بۇ 4 بوتۇلكا پىۋىنى ئىچىپ بولغىچە كەچ سائەت ئون يېرىم بولۇپ قالغان بولۇپ، سىرتتا ئادەملەر شالاڭشىپ قېلىشقانىدى، ئۇلار دۇكاندىن چىقىپ ھېلىقى خوجايىننىڭ ئۆيىدىن نەشە سېتىۋېلىپ چىقىپ، چېكىدىغان خالى جاي ئىزدەپ، بازارنىڭ غەرپ تەرىپىدىكى خەلق مەيدانى (بۇ مەيداننى يەرلەك كىشىلەر يېشىللىق مەيدان دەپ ئاتىشاتتى) غا كېلىشتى-دە، راۋاقنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، موخۇركىنى پىنەك قىلىپ ئۇراپ، نەشە سېلىپ چەكتى. ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن نەشىنىڭ كۈچى بىرلىشىپ ئۇلارنىڭ ئىنچىكە تىللىرىنى ئۇزارتقىلى تۇردى. ئۇلار خىيالىغا كەلگەن گەپنى قىلىشاتتى، گەپ قىلىشىۋېتىپ كۈلىشەتتى، تۇرۇپ قاپاق تۈرىشەتتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە باياتىن ئىچكەن ھاراقنىڭ كەيپىگە نەشىنىڭ كەيپى قوشۇلۇپ، پاڭ بولۇشتى....
گەپ ئارلىقىدا سەمەت يۈسۈپ تۇيۇقسىزلا:
ــــ مەن ئايشەم بىلەن توي قىلىمەن،ـــــ دەپ سالدى.
بۇ گەپنى تۇردى ئەخمەت ئاڭلاپ:
ــــ ئايشەم بىلەن مەن توي قىلىمەن، ــــ دىدى.
سەمەت يۈسۈپ تىرىكىپ قالدى ۋە:
ــــ ئۇ سەن بىلەن توي قىلمايدۇ، مەن بىلەن قىلىدۇ، ــــ دىدى.
ــــ ئۇ قانداقسىگە سەن بىلەن توي قىلغۇدەك، مەن بىلەن قىلىدۇ، ــــ تۇردى ئەخمەتمۇ بوش كەلمىدى.
.............................
ئۇلار تاللىغان بۇ راۋاق كەڭ يېيىلىپ ياتقان خەلق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ھىچكىم ئاڭلىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىت ئېغىر ياتالغۇ مەزگىلى بولغاچقا ئەتراپتا بىرەر ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، پەقەت مەيداننىڭ نېرىقى ياقىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشىۋاتقان كىچىك ماشىنىلارلا ناھىيە بازىرىنىڭ جىم- جىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى....
نەتىجىدە بۇ گەپ بۇ قەدىناس ئاغىنىلەرنى ئۇرۇشقا سېلىپ قويدى، دەسلەپتە ئۇلار بىر پەس گەپ تالاشتى، كېيىن رەسمى مۇشتلاشتى، ئۇلار بىر ھازا مۇشتلۇشۇپ، سەمەت يۈسۈپنى تۇردى ئەخمەت ئۇرۇپ كەتتى. سەمەت يۈسۈپ ئۆزىدىن 4 ياش كىچىك تۇردى ئەخمەتتىن تاياق يىگەنلىكىگە چىدىماي يېنىدىكى غىلاپتىن پىچىقىنى سۇغۇرۇپ ئالدى- دە، بىر دەملىك ئاچچىقىنى بېسىۋالالماي تۇردى ئەخمەتنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تىقىۋەردى، سەمەت يۈسۈپ ھەركىتىنى تاكى ئۇ يەرگە يېقىلغىچە داۋاملاشتۇردى، نەتىجىدە تۇردى ئەخمەتنىڭ مۈرە، كۆكرەك، قورساق، قول قاتارلىق 11 يېرى زەخمىلەندى، تۇردى ئەخمەت يەرگە يېقىلغاندىن كېيىن ئۇ پىچاقنى چىملىققا چۆرىۋەتتى، ئاندىن تۇردى ئەخمەتنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ ۋە سۆرەپ يۈرۈپ پىيادىلەر يولىغا ئېلىپ چىقىپ، يولدا قۇرۇق ھالەتتە ئۆتۈۋاتقان تاكسى توستى. ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ بىرمۇ ماشىنا توختىمىدى، چۈنكى ئۇلاردىن بىرى دەلدەڭشىيتتى، بىرى يېتىۋالغان ئىدى، تاكسى شوپۇرلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقى غەرق مەستتەك ئۇقۇم بېرىپ قالغان بولۇپ، شوپۇرلار ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىشىدىن قورقۇپ توختىمىغان بولىشى مۈمكىن ئىدى.
ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلىغان سەمەت يۈسۈپنىڭ كاللىسىغا بىردىنلا بىر ئەقىل كەلدى، ئۇ شۇ ئەقىلنىڭ تۈرتكىسىدە تۇردى ئەخمەتنى پىيادىلەر يولىغىلا تاشلاپ قويۇپ، قاتناش بېكىتىگە بېرىپ، يېزىلىق ساقچىخانىغا كەلدى. ساقچىخانىدا ياش بىر ساقچى دىجۈرنىلىك قىلىۋاتاتتى.
سەمەت يۈسۈپ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن: «ناھىيە بازىرىنىڭ يېشىللىق مەيدانىدا ناتونۇش 5 باللار دوستۇم تۇردى ئەخمەت بىلەن ئىككىمىزنى بۇلاپ كەتتى، تۇردى ئەخمەتكە پىچاق تىقىۋەتتى» دەپ يالغان دىلو مەلۇم قىلدى. ساقچىخانا خادىملىرى دەرھال كۈچ تەشكىللەپ، تېزدىن نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدى- دە، تەكشۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتى. سەمەت يۈسۈپمۇ نەق مەيدانغا ساقچىلار بىلەن بىللە كەلدى. تۇردى ئەخمەت ئاللىقاچان جان ئۈزگەن بولۇپ، پۇت- قوللىرى مۇزلاپ، كۆز قارچۇقلىرى قېتىپ قالغانىدى. سەمەت يۈسۈپ چىملىققا تاشلىۋەتكەن پىچاق ساقچىلارنىڭ سەزگۈر كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، پىچاقتىن ئىبارەت بۇ ماددى پاكىت دىلونى پاش قىلىشتىكى بىرىنچى بۆسۈش نوقتىسى قىلىندى، سەمەت يۈسۈپنىڭ دىلو مەلۇماتى بىلەن نەق مەيدان ئەھۋالى تازا ماس كەلمەيۋاتاتتى، چۈنكى جەسەت ياتقان پىيادىلەر يولى بىلەن راۋاقنىڭ يېنىدىكى ئۆلگۈچىدىن ئاققان قان دېغى مۇئەييەن ئارىلىق ساقلاپ تۇراتتى. سەمەت يۈسۈپ دىلو مەلۇماتىدا جەسەت ياتقان يەردە بۇلاڭچىلار بۇلاپ، تۇردى ئەخمەتكە پىچاق تىققانلىقىنى بايان قىلغانىدى، ئانداقتا راۋاق بىلەن جەسەت ياتقان ئارلىقتىكى بۇ قان دېغى قانداق پەيدا بولدى؟ نەق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن سەمەت يۈسۈپنىڭ كەمىرىگە ئېسىقلىق تۇرغان پىچاقسىز غىلاپ ئۇنىڭ يېنىدا پىلدىرلاپ تۇراتتى، بۇ پىچاقسىز غىلاپ بايا ساقچىخانىدا دىجۈرنىلىك قىلىۋاتقان ياش ساقچىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەمەت يۈسۈپنىڭ يۈرۈش تۇرىشى ۋە گەپ- سۆزلىرى بىنورمال بولۇپ، بارغانچە رازۋىتچىكلارنىڭ دىھقىتىنى تارتىۋاتاتتى.....
رازۋىتچىكلار ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق سەمەت يۈسۈپنى مەزكۇر دىلودىكى زور گۇمانلىق ئوبىكىت دەپ بېكىتتى ۋە دەرھال سوراق قىلدى، ھودۇقۇپ كەتكەن بۇ نەشىخور قاتىل بىرىنچى قېتىملىق سوراقتىلا قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ تاپشۇردى.....
ئارىمىزدا روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا نېرۋا كېسەللەر بويىچە تەكشۈرتسە ھىچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بايقىغىلى بولمىغان بىلەن ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ساراڭدىن ھىچقانداق پەرقى يوق ئادەملىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. ساقچىلار سەمەت يۈسۈپنىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن ئۇلارنى جېدەلگە سېلىپ، قان تۆكۈلۈشكە غايىۋى سەۋەپچى بولغان ئايشەم ئىسىملىك قىز بىلەن تەرتىپ بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى، ئايشەمنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۇلارنى سىرتتىن تونۇغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىككىيلەنگە قىلچە قىزىقمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، توۋا دەپ ياقىسىنى چىشلىگىنىچە قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەن.....
داۋامى داۋاملىق يوللۇنۇپ، تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلىدۇ
|
|