قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3616|ئىنكاس: 47

ھاراقتىن كېلىپ چىققان قاباھەتلىك دىلولار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

5705

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1024
توردىكى ۋاقتى: 339
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 17:08:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ھاراق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاباھەتلىك دېلولار
دىلمۇراد ئىبراھىم

      (راست ئىشلار خاتىرىسى)



         مەن ئەمىلىي خىزمەت داۋامىدا بىۋاستە دۈچ كەلگەن ھەم ئۆزەمگە تەسىر قىلدى دەپ قارىغان بىر قىسىم دېلو مىساللىرىدىن ماتېرىيال توپلىغان ئىدىم.  بۇ دېلو مىساللىرى ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا بۇ راست ئىشلار خاتىسىنىڭ تېمىسىنى «ھاراق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاباھەتلىك دېلولار» دەپ قويدۇم. توپلىغان ماتېرىياللار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يېزىشقا ۋاقىت ئاجرىتالماي، ئاخىرى بۈگۈن ئىككى قىسىم يېزىپ، تورغا يوللۇدۇم. ئەسلىدە ھەممىسىنى يېزىپ بولۇپ، ئاندىن يوللاشنى ئويلاشقان بولساممۇ، ھەممىسىنى يېزىشقا ۋاقىت يار بەرمىگەچكە ئۇدۇللۇق يېزىپ، ئۇدۇللۇق يوللاشنى لايىق كۆردۈم، مۇشۇنداق بولغاندا ئۆز- ئۆزەمگە ھەيدەكچىلىك بولامدىكىن دەپ ئويلىغان بولسام كېرەك.
          يازمام ئون نەچچە قىسىمدىن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىسىمدىن تەركىپ تېپىشىمۇ مۈمكىن، بۇنىڭغا ھازىر بىرنىمە دىيەلمەيمەن، شۇڭا تورداشلارنىڭ سەۋرىچان بولۇپ، ئەستايىدىل ئوقۇشىنى، ئوقۇغاندا ھاراقتىن ئىبارەت بۇ ئىبلىس سۇيۇقلۇقنىڭ ئادەم ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن قانداق شەرمەندىچىككە سەۋەپچى بولىدىغانلىقىنى ئەقىل نەزىرى بىلەن چۈشىنىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ھاراقتىن يىراق تۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن زۈرۈر ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر تونۇشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن.
          يېزىقچىلىق سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا، ئىپادىلەش ئۇسۇلۇم تېيىز، مۇلاھىزىلىرىم دوگما بولۇپ قالغان بولىشى مۈمكىن. تورداشلارنىڭ تەنقىدىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى، مۇلاھىزە قىلغاندا ۋە ئىنكاس يازغاندا ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىپ، ئىلمىي ھالدا مۇلاھىزە قىلىپ ئىنكاس قايتۇرىشىنى سورايمەن.  ئاخىرىدا بۇ خاتىرىنى تورداشلارنىڭ باشقا تور بەتلىرىگە يوللاپ يۈرمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمەن.

      1-  قىسىم: «نوچى» لىقنىڭ بەدىلى

         يۇرت- يۇرتتا ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئادەملەر باركى، ئۇلار ھىچبىر ئىشنىڭ تايىنى يوقلا ھاراق ئىچىشكە ئامراق كېلىدۇ. بەزىدە يالغۇز، بەزىدە بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن سورۇن تۈزىشىدۇ. مەزىسىز پاراڭلار، تېتىقسىز چاقچاقلار، ئالا- تاغىل ناخشىلار بىلەن ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا سورۇن تۈزەپ ئولتۇرۇشۇپ، يېرىم كېچە بولغاندا كاللىسىنى خام قاپاقتەك قىلىشىپ، سەت ئالچاڭلاپ مېڭىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سورۇندىكى گەپ- سۆز ۋە ھاياسىز قىلىقلىرىغا زەن سالسا كىشىگە بىزارلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىكارچىلىقتىكى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇشۇنداق سورۇندىن باشقا ھىچقانداق ئامالى يوقمىدۇ؟ دەپ قالىدۇ، كىشى، بەزىدە.
           2005- يىلى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق سورۇندىن بىرسى بولۇپ، بۇ سورۇننىڭ ئاخىرى قان تۆكۈلۈش بىلەن نەتىنجىلەندى. توقسۇ ناھىيە بازىرى تەۋەسىنىڭ دوستلۇق يولىدا بىر جۈپ ئەر- ئايالنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېچىۋالغان يىمەك- ئىچمەك دۇكىنى بار ئىدى. بۇنى دۇكان دىگەندىن كۆرە قاۋاقخانا، يەنى تېخىمۇ قىسقارتىپ «قاۋاق» دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى. چۈنكى بۇ ئۇۋىدا كۈن بويى زابوي ھاراقكەشلەر ئىتتەك قاۋايتتى. بۇ قاۋاقنىڭ ئىچكىرى- تاشقىرى بىر نەچچە ئېغىزلىق ئايرىمخانىلىرى بار بولۇپ، دۇكان ئىشىكى سىرتقا قاراقلىق ئىدى. ھاراقكەشلەر دۇكاننىڭ مۇشۇ ئىشىكى ئارقىلىق ئىچكىرىگە كىرىپ، ئايرىمخانىلاردىن ئورۇن ئېلىشاتتى. يانداش ئورۇنلاشقان ئايرىمخانىلارنىڭ ئىشىك- دەرىزىلىرى يېقىن بولغاچقا قوشنا ئايرىمخانىلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان ھەر خىل ئاۋازلار ئۆزئارا بىر- بىرىگە ئاڭلىنىپ تۇرغاچقا ھاراق كەيپىدە پاڭ بولۇشقان زابويلار ئۈنلىرىنى تېخىمۇ قويۇۋېتىپ سۆزلەشكە توغرا كېلەتتى. شۇڭا بۇ قاۋاقنىڭ ئىچى توپ- توپ بولۇشۇپ تالىشىپ- چىشلىشىۋاتقان ئىتنىڭ ئۇۋىسىغالا ئوخشاپ قالاتتى. دۇكان ئالدىدىن ئۆتكەن ئادەمگە دۇكان ئىچىدىن بەتبۇي ھاراقنىڭ قاڭسىق پۇرىقى كېلەتتى. كەچ بولغىچە قاۋاق ئالدىدا سەت قۇسۇپ، ئېشەكتەك ئېغىناپ يېتىپ كەتكەن زابويلارنى ھەر ۋاقىت ئۇچرىتىش مۈمكىن ئىدى.....
ئەمدى ئۆز گەپكە كەلسەك، بىزنىڭ مامۇت كەنجى ئاتلىق باش پىرسۇناژىمىز بەش نەپەر دوستى بىلەن مۇشۇ قاۋاقتا «قاۋاۋاتاتتى»، ئۇلار دەسلەپتە خېلى ئەدەپ بىلەن بىر- بىرىنى «ئاداش، ئاغىينە» دىيىشىپ سۆزلەشكەن بولسا بارا- بارا بىر- بىرىنى سەت گەپلەر بىلەن چاقىرىشىپ، ۋارقىرىشىپ تۇرۇپ پاراڭ سېلىشىشقا باشلىدى. بارغانچە ھەممەيلەن مەست بوپ كەتتى، كىمنىڭ كىمگە نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىگە يەتتى. ئۇلار ئىچىپ خېلى كەيپ بولغان چاغ ئىدى، مامۇت كەنجى ئارقىغا بۇرۇلۇپ، پۇكەي ئالدىدا ئىڭەك تۇتۇپ، ئۈگدەپ ئولتۇرغان ئايال خوجايىننى چاقىردى ۋە:
ــــ قىز بالا بارمۇ؟ــــ دەپ سورىدى.
ئايال خوجايىن ئاچچىقتىن قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ، قوپاللىق بىلەن:
ــــ يوق ـــــ دىدى.
مامۇت كەنجى:
ــــ سەن چۇ؟ــــ دەپ يەنە يېنىشلاپ سورىدى.
ــــ مېنىڭ ئېرىم بارــــ دىدى ئايال خوجايىن يەنە قوپال تەلەپپۇزدا.
ــــ ئەمىسە ئېرىڭنى چاقىر!ــــ دىدى مامۇت كەنجى.
ئايال خوجايىن ئېرىنى چاقىردى، ئەر خوجايىن مامۇت كەنجىنىڭ يېنىغا كېلىشىگە باشقا خانىدىكى سورۇندا ئولتۇرغان ئەمەت بارات ئەر خوجايىنغا سۈركۈلۈپراق دۇكاندىن تەرەت قىلغىلى سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئەر خوجايىن مامۇت كەنجىنىڭ قېشىغا كېلىشىگە مامۇت كەنجى:
ــــ قىز بالا بارمۇ؟ــــ دەپ سورىدى.
ئەر خوجايىن:
ــــ قىز بالا يوق ــــ دەپ جاۋاپ بەردى قوپاللىق بىلەن.
شۇ ئانلا مامۇت كەنجى ئايال خوجايىننى قولى بىلەن كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:
ــــ ئاۋۇ چۇ؟ــــ دىدى چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.
بۇ چاغدا مامۇت كەنجىنىڭ ئۈلپەتلىرى بىر- بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ، پىخىلدىشىپ بۇ ئىككىيلەننىڭ دىئالوگلىرىغا زەن سېپ ئولتۇراتتى.
مامۇت كەنجىنىڭ يولسىزلىقىدىن خاپا بولغان ئەر خوجايىن قاتتىق تەلەپپۇزدا:
ـــ ئۇ دىگەن مېنىڭ خوتۇنۇم، قىز بالا يوق!ــــ دىدى –دە، ئارقىسىغا ياندى.
بۇ چاغدا مامۇت كەنجىنىڭ ئۈلپەتلىرى چۇقۇرۇشۇپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەر خوجايىننىڭ قوپال مۇئامىلىسى ۋە ئاغىنىلىرىنىڭ چوقۇراپ كۈلۈشلىرىدىن غۇرۇرى ئازار يىگەندەك ھىس قىلغان مامۇت كەنجى ئەمدىلا ئارقىغا مېڭىشقا تەمشەلگەن ئەر خوجايىننى:«نىمە دەيسەن، نىمە دەيسەن، گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ، سەن بەك نوچى ئوخشىمامسەن؟» دىگىنىچە تۈرتۈپ ئىتتىرىپ، دۇكان ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىغا ئەچىقتى ۋە يول ياقىسىدىكى رىشاتكىغا يۆلىدى، ئاندىن يېنىدىكى پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ سول يوتىسىغا بىرنى تىقىۋەتتى، ئەر خوجايىن رىشاتكىغا يۆلۈنۈپ قالدى.
دەل شۇ چاغدا باياتىن دۇكاندىن تەرەت قىلغىلى چىقىپ كەتكەن ئەمەت بارات قايتىپ كېلىپ قېلىپ، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە پىچاق تىققىنىنى كۆردى-دە:
ــــ نىمە بولدى؟ــــ دەپ سالدى.
      كۆزلىرى قانغا تولغان مامۇت كەنجى خۇددى مۇشۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ياكى مۇشۇ گەپ ئاتاكىغا ئۆتۈش چاقىرىقىدەك ئەر خوجايىننى تاشلاپ، ئەمەت باراتغا يىرتقۇچ بۆرىدەك ئېتىلدى:
ــــ سەنمۇ نوچىمۇ، پىچاقنى نوچىنىڭ ھەممىسىگە تىقىمەن!
       ئۇ ئەمەت باراتنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى، ئەمەت بارات ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەزلەپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى-يۇ، بىر نەچچە قەدەم ماڭمايلا مامۇت كەنجى ئۇنىڭغا قوغلاپ يېتىشىۋالدى-دە، ئۇنىڭ بەدەنىنىڭ 3 جايىغا ئارقا- ئارقىدىن گۇچۇلدۇتۇپ پىچاق تىقىۋەتتى. مامۇت كەنجى شۇ ئان پىچاقتىكى ۋە قولىدىكى قان دېغىنى كۆرۈپ، بىردىنلا سەگەكلىشىپ، بەدەر تىكىۋەتتى. ئەمەت بارات جايىغىلا يېقىلدى. ئەتراپتا تاماشا كۆرۈۋاتقان كىشىلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارلىقتا يۈز بەرگەن بۇ قاباھەتنى كۆرۈپ بىر پەس داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى. ئەمەت بارات باشقىلار تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا يول ئۈستىدە قازا قىلدى....
       ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەتچى مامۇت كەنجىگە قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بېكىتتى ۋە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى.....
جىنايەتچى مامۇت كەنجىگە ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەندە ئۇنىڭ بەدىنى لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى، ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئاڭلىغان ھامان دەقىقە ئارلىقىدا ئۇنىڭ تىنىقى توختاپ قالغاندەك بولدى، ئۇ نۇرسىز كۆزىنى سوتچىغا تىكىپ تۇرغان بولسىمۇ، سوتچىنىڭ ئۇنىڭدىن گەپ سوراۋاتقان ۋاقىتتىكى ئاغزىنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى ئاران دىگەندە ئىلىك قىلالىدى، لىكىن سوتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭقىرالمىدى. سوتچى ئۇنىڭدىن قايتا سورىدى:
ـــ نارازىلىق ئەرزىڭ بارمۇ؟
       ئۇ ئۈندىمىدى، ئۇ مۇزدەك تۆمۈر ئورۇندۇقتا بىر پەس بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. بەلكىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىرىنچى بولۇپ شۇ نىجىس ھاراق كەلگەندۇر، ئىككىنچى بولۇپ بىگۇناھ ئۆلگۈچى كېلىۋالغاندۇر، ئۆلگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە قان تېمىپ تۇرغان قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ: «مەن ساڭا نىمە قىلغان؟! سەن زادى نىمە ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرىسەن؟! ‹نىمە بولدى؟› دىگەن شۇ بىر ئېغىز سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرۈش شۇنچە زۈرۈرمىدى؟! سەندە قان قەرزىم بار، قەرز قايتۇر!» دەۋاتقاندۇر.....
ئۇنىڭ چېكىسىگە ۋە بۇرنىنىڭ ئۈستىگە تەر تامچىلىرى پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى.
ــــ نا...نا...نارازىلىق ئەرز بەرمەيمەن ــــ دىدى ئۇ ئاران دىگەندە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.
ئۇ ئەسلىدە شۇنچە راۋان سۆزلەيتتىغۇ؟ جىنايەت سادىر قىلغان ھېلىقى كۈنى «قىز بالا بارمۇ؟» دىگەن سۆز بىلەن خەقنىڭ خوتۇنىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ: «ئاۋۇ چۇ» دىگەن سۆزنى شۇنچە راۋان ھەم ئۇرغۇلۇق دىگەن ئىدىغۇ؟ ئەجەپ بۈگۈن كېكەچلەپ قالدىيا؟ ئۇنىڭ شۇنچە راۋان سۆزلەيدىغان تىلى تۇتۇلۇپ قالغانمىدۇر؟
        ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنۇچلۇق سايە ئۇنىڭ ئۆمۈر مەنزىلىگە قارا پەردىسىنى ۋاقىتسىز تاشلاپ كەلمەكتە ئىدى، ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇنىڭ نېرۋىسىنى بىر مەھەل تورمۇزلىدى، ئۇنىڭ شۇنچە راۋان تىلىنى گاللاشتۇردى. «نوچى» لىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆمۈر دەرىخىنى ۋاقىتسىز نابۇت قىلغان بۇ «نوچى» نىڭ تۆمۈر رىشاتكا ئىچىدىكى ھالىتى تولىمۇ بىچارە، تولىمۇ مىسكىن، تولىمۇ مەيۈس ئىدى.
..... ئاخىرى يۇقۇرىدىن ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقى يىتىپ كەلدى......
       قاقاس تاغ باغرىغا ئاپپاق ھاك ئۇگۇندىلىرى بىلەن بەلگە سېلىنغان جازا مەيدانىنى جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تولۇق قوراللانغان ساقچىلىرى چەمبەرسىمان مۇھاسىرىگە ئالغان ئىدى. تاغ قاپتىلىدىن ۋۇشقۇيتۇپ چىقىۋاتقان ئىزغىرىن شامال يۈزلەرگە ئاچچىق ئۇرۇلاتتى. يىراقتىن قارا قۇيۇندەك غۇجمەكلىشىپ كېلىۋاتقان قاغا- قۇزغۇنلار ئەنسىز غاقىلدايتتى. پۇت- قولى چەمبەرچاس باغلانغان، پۇتىغا ئېغىر كىشەن سېلىنغان جىنايەتچى مامۇت كەنجى قوراللىق قىسىمنىڭ ماشرەڭ كۇزۇپلۇق ماشىنىسىدىن قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمايىسىدە يەرگە چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان بولۇپ، تولىمۇ تاتىراڭغۇ كۆرۈنەتتى. ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى ئۆلۈكنىڭ كۆزىگە ئوخشاش نۇرسىز ھەم خۈنۈك ئىدى. گەۋدىسى يېرىم ئېگىلگەن بولۇپ، پۇتىدىكى كىشەننى ئاران- ئاران سۆرەپ، شاراقلىتىپ كېلەتتى. لېكىن ئۇنىڭ نېرۋىسى ئادەتتىن تاشقىرى نورمالنى سەزگۈرلىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈمۈدتىن ئەسەرمۇ قالمىغان نۇرسىز كۆزلىرىدە ئەتراپقا ئالاق- جالاق قارايتتى.  ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇنىڭ پۈتكۈل جىسمىنى پۈتۈنلەي خورىتىۋەتكەن ئىدى.....
        نىھايەت! ئۇ چەنبەرچاس باغلاقلىق ھالەتتە قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرىگە دۈمبىسىنى توغۇرلاپ تىزلاندۇرۇلدى، رەسىمچىك ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ سۈرەتكە تارتقاندا ئۇ كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمۇۋالغان ئىدى، ئۇ بۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكى قان قەرزىنى ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە قايتۇرماقچى بولىۋاتقاندەك قىلاتتى. مىلتىقنىڭ رەھىمسىز ستوۋۇلى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە توغۇرلاندى. دەل شۇ چاغدا ئۆلۈم ئالدىدىكى مەھبۇس نىمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ؟ ئۇ شۇ چاغدا نىمىلەرنى ئويلىغاندۇر؟ ئۇ بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىنىڭ تېخى ئالدىمىزدا تولىمۇ شىرىن، تولىمۇ رەڭگا- رەڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدىغانمىدۇ؟ *ئۆز قولىدا جان تەسلىم قىلغان قان قەرز ئىگىسىنىڭ قانغا مىلەنگەن جەسىدى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنەمدىغاندۇ؟ ھازا ئېچىپ داد- پەريات ئۇرۇپ يىغلاتقان ئاتا- ئانا، بالا- چاقا، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ پەلەكنى ئۆرتىگۈدەك ھەسرەتلىك نىدالىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرەمدىغاندۇ؟* كەيپخۇمارلىق ئۇنىڭ ئىنسانى ئەخلاقتىن چەتنەتكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرالىغانمىدۇ؟.... ئۇ ھاياتلىققا ئەبەدىي قانماسلىق ھىسسىياتى بىلەن ئاخىرقى بىر نەپىسىنى تولدۇرۇپ ئېلىۋېلىش مەقسىدىدە چۇڭقۇر بىر نەپەس ئالدى، ئەپسۇس، «گۇم!» قىلغان شەپقەتسىز ئاۋاز ئۇنىڭ مۇشۇنچىلىك ئاددى بىر تەلىۋىنىمۇ قاندۇرغىلى قويمىدى. نەپەس دىگەن سكونت ئىچىدە بولىدىغان ئاددى بىر تەلەپقۇ! مىلتىق ئوقى نىمە دىگەن رەھىمسىز!... ئۇ قۇم- شېخىل ئارلاشقان توپا ئۈستىگە دۈم يېقىلدى- دە، جانسىز، لېكىن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلگۈدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ئاۋاز چىقىرىپ ئىڭرىدى، ئۇ ئاغزىغا كىرىپ كەتكەن توپىنى چاينايتتى، تولغىناتتى.
«گۇم» قىلغان ئاۋاز چىقىپ، سائەت سىتىرىلكىسى بىر يۈز سەكسەن قېتىم چىكىلدىغاندا ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچنى تاماملىدى.

2-قىسىم: توينى ھازىغا ئايلاندۇرغان بىر رومكا ھاراق
       مەمەت ئابباس بىلەن جىنايەتچى ھېكىم داۋۇت بىر تام قوشنىلاردىن بولۇپ، مەمەت ئابباس 2006- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى قىزىنىڭ تويىنى قىلدى، قوشنا- خۇلۇم بولغاندىن كېيىن ياشلارنىڭ سورۇنىنى ھېكىم داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردى، بۇ يەردە «ياشلارنىڭ سورۇنىنى» دىگەندىن كۆرە «ئىچەرمەنلەرنىڭ سورۇنىنى» ھېكىم داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردى، دىسەك ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى، چۈنكى بۇ مەھەللىدىكى بىر قىسىم ياشلار ئارىسىدا توي داستىخېنىنىڭ مول- چۈپەيلىكى ساھىپخاننىڭ قانچىلىك ھاراق قۇيغان- قۇيمىغانلىقى بىلەن، توينىڭ قىزىغان- قىزىمىغانلىقى ئىچەرمەنلەرنىڭ قانچىلىك ھاراق ئىچكەن- ئىچمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىلەتتى، ھېكىم داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغان سورۇندا ھاراق ئىچىشىش باشلانغىلى خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى، ھاراق تۈگمەن چۆگىلىگەن پەدىدە ئوڭ تەرەپتىن ئايلىنىپ قويۇلۇۋاتاتتى، ئۈستىگە خاشو داستىخان سېلىنغان ياغاچ ساجى ئۈستىدىكى بەش- ئالتە تەخسە قۇرۇغدىلىپ قالغان بولۇپ، بىر تەخسىدە پارچە- پىرەت نان بار ئىدى. ئۆي ئىچى تاماكىنىڭ ئاچچىق ئىسى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھاراقنىڭ قاڭسىق پۇرىقى بىلەن قوشۇلۇپ كۆز ۋە دىماقلارنى ئېچىشتۇراتتى.
             سىرتتىن يىگىت تەرەپتىن قىز كۆچۈرۈشكە كېلىدىغانلارنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرى كەلدى، بۇ خەۋەردىن كېيىن سورۇن بىر ئاز ئۆرە- تۆپە بولۇپ، بەزىلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى، بەزىلىرى داۋاملىق ئورنىدا ئولتۇرىۋەردى. بۇ چاغدا ھاراقنى ئۆلگۈچى قادىر قۇربان قويىۋاتقان بولۇپ، بوتۇلكا قۇرۇغدىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر رومكا ھاراقنىڭ ئىچىش نۆۋىتى نىياز رۇزىغا كەلگەنىدى، ساقى قادىر قۇربان بۇ بىر رومكا ھاراقنى نىياز رۇزىغا قۇيۇپ تۇتتى، نىياز رۇزى: «ئىچمەيمەن، قىز كۈچۈرگىلى كەلگەنلەرنى ساقلىتىپ قويمايلى» دەپ سىرتقا ماڭدى، قادىر قۇربان ئاچچىقلىنىپ، نىياز رۇزىنىڭ كەينىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ياقىسىدىن قاماللىدى ۋە: «مەن قۇيغان ھاراقنى نىمىشقا ئىچمەيسەن، مەن ساڭا زەھەر قويۇپتىمەنمۇ- يە؟!» دەپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. سىرتتىن بالىسىنى ئىزدەپ كىرگەن ئەسقەر سىدىق ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتكەندىن كېيىن ئۆلگۈچى قادىر قۇربان نىياز رۇزى ئىچمىگەن يېلىقى ھاراقنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن يەنە ھاراق ئىچىمەن دەپ جېدەل قىلغىلى تۇردى ھەم قولىغا دەرىزە تەكچىسىدىكى قىڭراقنى ئېلىۋالدى، ئەسقەر سىدىق «جېدەل ئۇلغۇيۇپ كەتمىسۇن» دەپ ئويلاپ، نىياز رۇزىنى بىرگە ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۆي ئىگىسى ھېكىم داۋۇت قادىر قۇرباننىڭ قولىغا قىڭراق ئېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن قىڭراقنى تارتىۋالماقچى بولۇپ تالاشقان بولسىمۇ، قادىر قۇربان قىڭراقنى زادىلا قويۇپ بەرمىدى، تالىشىش جەريانىدا قىڭراق ھېكىم داۋۇتنىڭ ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن باشمالتىقىنىنىڭ ئارىلىقىنى كېسىۋەتتى، ھېكىم داۋۇت قولى كېسىلىپ كەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ نىمىشقا سىرتقا ماڭغىنىنى ھىچكىم بىلمەيتتى، ياكى بولمىسا ئۇ كېتىۋېتىپ چالۋاقاپمۇ يۈرمىدى. قادىر قۇربان باياتىن بېرى ھېكىم داۋۇت تالاشسا بەرمىگەن قىڭراقنى ئۆزلىكىدىن دەرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قۇيۇپ، ھېكىم داۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن چىقتى.
         ھېكىم داۋۇت سىرتتا كۆرۈنمەيتتى، ئۇ بىر بېسىپ- ئىككى بېسىپ توي كۈچۈرۈشكە كەلگەن ماشىنىنىڭ قېشىغا كەلدى، ئەتراپتىكىلەردىن ھېكىم داۋۇتنى كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكىنى سورىدى، ئۇلار بىر ئېغىزدىن كۆرمۈدۈم دەپ جاۋاپ بەردى.
         ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ئاپئاق توي كۆينىكى كىيىپ، يۈزىگە نىپىز شايىدىن چۈمبەل تارتقان قىز ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ توي كۈچۈرۈش ماشىنىسى تەرەپكە كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگە قادالغانىدى، قىز ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئارقىسىدا بىر توپ ياش يىگىتلەر گىتارنىڭ تاسمىسىنى بوينىغا ئارتىپ، شوخ ناخشا ئېيتىۋاتقان ئۇزۇن چاچ يىگىتنىڭ كەينىدىن كېلەتتى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تاماشا كۆرىۋاتقانلارنىڭ چېھرىمۇ قىز كۈچۈرۈش ماشىنىسى تەرەپكە كېتىۋاتقان ياش قىز- ئوغۇللارنىڭ چېھرىگە ئوخشاش ھاياجان ئىلكىدە قېتىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى توي خوشاللىقىغا جۆر بولۇشقان بولۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يۈز بېرىدىغان قانلىق پاجىئەدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر تۇرىشاتتى. ئۆلگۈچى قادىر قۇربانمۇ توي خوشاللىقىغا جۆر بولۇشقانلار قاتارىدا توي ماشىنىسى تەرەپكە سىلجىۋاتقان قىز- يىگىتلەرگە ھەۋەس ۋە ھاياجان بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى.....
ئۇ تۇيۇقسىز بېشىغا تەگكەن بىر نەرسىنىڭ دەھشەتلىك ھوجۇمىغا بارداشلىق بېرەلمەي جايىغىلا يېقىلدى. ئۆمۈردىن تەلىيى كەلمىگەن بۇ بىچارە ئۆزىنىڭ كىم تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرەلمەي ھەم بىلەلمەي جايىدىلا تىن تارتماي جان تەسلىم قىلدى. بىردىنلا قىيا- چىيا كۆتۈرۈلدى، باياتىن رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇشقان كىشىلەر توپى بۆرىدىن ئۈركىگەن قوي پادىسىدەك ئۆرە- تۆپە بولۇشۇپ كەتتى. كىشىلەر قىپ- قىزىل قانغا مىلىنىپ ياتقان قادىر قۇرباننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىشتى، ئۇلار قادىر قۇرباننىڭ يېنىدا ھېكىم داۋۇتنى كۆردى، ئۇنىڭ قولىدا جۇلدىسىغىچە قىپ- قىزىل قانغا بويالغان پالتا تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قان تېمىپ تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ دەقىقە ئارلىقىدا سادىر قىلغان بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈشنى خالىمايۋاتقاندەك تەتۈر قارىۋالغانىدى. (ئۇ سوراق سەھنىسىدە ئىقرار قىلىۋېتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە: «مەن ئەزەلدىن ئادەم زاتىنىڭ كۆز ئالدىمدا بۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ھالدا قانغا مىلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرمەپتىكەنمەن، قاراشقا قەتئى پېتىنالمىدىم» دەپ جاۋاپ بەرگەن.) ئەتراپتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن داڭ قېتىپ قېلىشقانىدى، بەزىلىرى تۇشمۇ- تۇشتىن ھېكىم داۋۇتنى يەرگە بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى قانلىق پالتىنى تارتىۋېلىشقا ئۈلگۈردى ۋە ساقچىغا تېلىفون قىلىشتى. ئەسلىدە جىنايەتچى ھېكىم داۋۇت ئۆلگۈچى تەرىپىدىن قول بارماقلىرىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ، بىر دەملىك ئاچچىقىغا ھاي بېرەلمەي قوشنىسىنىڭ ھويلىسىدىكى ئوتۇنلۇقىدىن ئوتۇن كەسلەيدىغان پالتىسىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۆلگۈچى قادىر قۇرباننىڭ تۇيۇقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ باش قىسمىغا چاپقانىدى......
تېخى باياتىنلا ھەممەيلەننىڭ چېھرى بىر خىل لىرىكىلىق ھىس تۇيغۇ ۋە ھاياجانلىق كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدىغۇ؟! تېخى باياتىنلا قەلب ئاقلىقى ۋە پاكلىقىغا سىمۋۇل قىلىنغان ئاپئاق توي كۆينىكى كىيگەن قىزنىڭ قەلبى ھاياتىدىكى ئەڭ خوشاللىنارلىق مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مەيىن شامالدا يەلپۈنىۋاتقان ئارچىنىڭ تىلىم- تىلىم ياپراقلىرىدەك يېقىملىق تىترىگەن ھەم بۇ خىل تىترەشتىن ئالەمچە ھوزۇر ھىس قىلغان ئىدىغۇ؟! ..... كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرى بولمىش بۈگۈنكى توي بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن كىشىلەر قەلبىگە ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. ۋەقە يۈز بېرىپ خېلى ئۇزۇنغىچە مەھەللىدىكىلەر ئۆيلىرىدە، كوچا- كويلاردا، ئېتىز بېشىدا، دوقمۇش- چاسىدا مۇشۇ ۋەقە توغرىسىدا بىر- بىرى بىلەن غۇلاغۇلا قىلىشاتتى، ئاڭلىغانلىرىنى، بىلگەنلىرىنى، كۆرگەنلىرىنى بىر- بىرىگە دىيىشەتتى، زادى نەگىلا بارسا گەپنىڭ تېمىسى مۇشۇ ۋەقە توغرىسىدىلا بولۇناتتى:
ــــ قاتىل بىلەن رەخمەتلىك قادىراخۇنلار ئادەتتە ياخشى ئۆتىشەتتىغۇ، كۆز تەگكەندەكلا...
ــــ ئادەتتىغۇ ياخشى ئۆتەتتى، ئۇ كۈنىسى ئۇ ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم.
ــــ ياق، ياق، ئۇ ئىككىسى گەپ تالىشىپ قالماپتۇ، رەخمەتلىك قادىراخۇن بىلەن نىياز رۇزى ئۇرۇشۇپ قاپتۇ.
__ نىمە بولۇپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ؟
__ مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا رەخمەتلىك ھاراق قويىۋېتىپتىكەن، ئاخىرقى بىر رومكىسى قالغاندا نىياز ئىچمەيمەن، دەپ تۇرىۋېلىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەخمەتلىك نىياز بىلەن تاكاللىشىپ، قولىغا قىڭراقنى ئېپتىكەن، قاتىل قىڭراقنى تالاشسا قىڭراق قاتىلنىڭ قولىنى كېسىۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قاتىل قاتىللىق قىپتۇ.
ــــ ھاراق؟!
ــــ ھەئە، ھاراق!
ــــ يەنە شۇ ھاراق!!!
ــــ مەن قۇيغان ھاراقنى ئىچمىدىڭ دەپمۇ ئۇرۇشقان بارمۇ- ئەمدى؟!
ــــ توۋا خۇدايىم، بۇ جاھان نىمە بولۇپ كەتتى؟ بىر رومكا ھاراقنى ئوڭشاپ ئىچىشەلمەيمۇ بىر- بىرىنى ئۆلتۈرىۋىتىدىغان ئىشمۇ يۈز بېرىدىكەن دىسە؟
         بۇ گەپنى قىلغان كىشى خىر- خىر قىلىپ كۈلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئويچان پىلدىرلايتتى، قەلبىدە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ خىيالىنى قىلىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە تەكشى قاراپ چىققاندىن كېيىن خۇددى نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندەك ياڭراق ئاۋازدا دىدى:
ــــ بىز بالىلىرىمىزغا تەربىيەنى قاتتىق قىلمىساق بولمىغۇدەك، بىزنىڭ بالىلىرىمىز تولىمۇ نادان ئىكەن، بىر رومكا ھاراقنى ئوڭشاپ ئىچىشەلمەي بىھۇدە قان تۆكۈۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈت كۈتۈش مۈمكىنمۇ؟! مەست دىمەك ھۇشى كاللىسى جايىدا ئەمەس دىگەن گەپ، ھۇشى كاللىسىنى جايىدا قويمايدىغان بالاخور ھاراقتىن بالىلىرىمىزنى يىراق تۇتۇشىمىز كېرەككەن، بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىمىزنىڭ روھى دۇنياسىنى ساپلاشتۇرۇش، پاكلاشتۇرۇش ۋە پاكىزلاش كېرەككەن! ئويلاپ بېقىڭلار كۆپچۈلۈك، مۇشۇ قانلىق ساۋاقتىن سىلەر نىمىنى چۈشەندىڭلار؟ ــــ ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە يەنە تەكشى قارىدى ۋە داۋام قىلدى ــــ ئۇلار ھاراقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتقان بولسا مۇشۇ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە يۈز بېرەر بولغىيمىدى......!؟

50

تېما

0

دوست

3835

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 163
تۆھپە : 1104
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 17:52:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار مەن  ئايفۇن4  تىلفۇننىڭ idمەخپىي نۇمىرىنى ئۇنتۇپ  قالدىم idمەخپىي نۇمىرىنى يوق قىلۋەتكىلى بۇلامدۇ   ياردەم قىلساڭلار
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

1212

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8806
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 109
تۆھپە : 303
توردىكى ۋاقتى: 250
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 17:57:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ساقچى ئوخشايسىز ،بىر مەسىلە سوراپ باقاي ،دۆلىتىمىزدە ئۆلۈم جازاسى نەچچە خىل ئۇسۇل بىلەن  ئىجرا قىلىنىدۇ ؟ ئەگەر بىرىنجى قىتىملىق ئىجرادا گۇناھكار ئۆلمەي قالسا ،قايتا شۇ ۋاختىنىڭ ئۆزىدە ئىجىرا قىلامدۇ يە مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىنمۇ ؟ شەخسى قىزىقىشىم .

57

تېما

2

دوست

7627

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 1342
توردىكى ۋاقتى: 1867
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 18:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئىشلار مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ ، بەزىلەر مۇسۇلمانلىق ھالتىدە -ئىمان كەلىمىسنى ئىيتىپ تۇرۇپ ئۈلىدۇ ، بەزىلەر -خىرىستىيانلىق ھالىتىدە ، بەزىلەر بۇددا ئىتقادىدا ، بەزىلەر يەھۇدى ھالىتىدە ،بەزىلەر ئاتىزىمچى ھالىتىدە ئۈلىدۇ . يەنە بەزىلەر تىمىدىكى ھاراقكەشلەرگە ئوخشاش ئۈزىنى ۋە باشىقىلارنى نابۇت قىلغان ھالدا ئۈلىدۇ .

قايسى يول -كىمنىڭ يۇلى توغرا ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ  يۇلى تۇغرىمۇ ؟ خىرىستىيانلارنىڭ يۇلى توغرىمۇ ؟ بۇددىسلارنىڭ يۇلى توغرىمۇ ؟ يەھۇدىلارنىڭ يۇلى توغرىمۇ ؟ يا ئاتىزىمچى كوممۇننىسلارنىڭ يولى توغرىمۇ ؟
بىز ئەلۋەتتە ئىسلام يولىنى توغرا دەپ قارايمىز . ئىسلام دىنى ھاراق ئىچكۈچلەر توغرىسىدا نىمە دەيدۇ.-

ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم ھاراق ئىچىپ مەست بولسا، ئۇنىڭ 40 كۈنلۈك نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەگەر مەست ھالەتتە ئۆلسە، دوۋزاخقا كىرىدۇ .
نەسەئى،دارىمى،ئىبنى ماجەلەر توپلىغان، سەھىھ

يەنە پەيغەمبىرمىزنىڭ مىيىت قەبرىگە قۇيۇلغاندىن كىيىن مۇنكىر نىكىر ئىسملىك ئككى پەرىشتە كىلىپ ئۇنىڭدىن ‹‹ رەببىڭ كىم ؟دىنىڭ نىمە ؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟ ›› دەپ سۇئال سورايدۇ ...................... مۇششۇ توغرىسىدا ئۇزۇن بىر ھەدىسى بار .


....................
قىسقىىسى ئۈلىدىغانلار ئۈلۈپ بولدى . ھاياتلار ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىشىمىز كىرەك .

0

تېما

13

دوست

2619

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 20:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wolf-man يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 18:20
دۇنيادىكى ئىشلار مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ ، بەزىلەر مۇس ...

بىرەرسى ھاراق ئچىپ پايدا ئالدىم دىيەلىسە قۇلىقىمنى ساپال قاچىدا كىسىپ بېرىمەن.

5

تېما

4

دوست

2770

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 826
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 20:29:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
barhanbay0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 17:52
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار مەن  ئايفۇن4  تىلفۇننىڭ idمەخپىي  ...

http://bbs.rohlan.com/

0

تېما

13

دوست

2619

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 20:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئبرەتلىك تېمىلارنى يوللاپ ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز،يەنىمۇ ياخشى تېمىلىرىڭىزغا تەشنامىز.

0

تېما

0

دوست

70

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25152
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 20:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئبرەتلىك تېمىلارنى يوللاپ ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )