قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1288|ئىنكاس: 18

يەر ناملىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلمايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

4

دوست

2283

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8744
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 89
تۆھپە : 640
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 23:00:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
             ئەجدادلىرىمىز بۈگۈنىمىزگىچە قوللۇنۇپ داۋاملىشىۋاتقان يەرناملىرىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەۋەررۈك، يېزىقسىز تارىخى خاتېرە سۈپىتىدە مىراس،  ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدەم ئىزى سۈپىتىدە مۇھىم تارىخى ھۆججەت ئىدى. ئەپسۇس بىز يېڭىدىن بىنا بولىۋاتقان ماكانلىرىمىزغا ئەجدادلىرىمىز كەبى ئىسىم قويالمايلا قالماستىن، ئەجدادلىرىمىز بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن تەييار يەرناملىرىمىزغىمۇ ئىگە بولماي، خۇددى رەقەم ناملىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىۋاتقىنىمىزدەك، قەدىم يەرناملىرىمىزغىمۇ ئاڭقاۋلارچە ئاسىيلىق قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئالدىدا جىنايەتكارلىق، ئۇياتلىق قەدەملەرنى بېسىۋاتماقتىمىز. مۇشۇ مۇناسىبەت بىلەن مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم ھەم خىمىيە ئوقۇتقۇچۇم سۇلتان مامۇت ئىبراھىم ئۇستاز(ھازىر پىنسىۇنۇر بولۇپ، تارىخ ۋە يەرناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاماقتا)نىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2013- يىللىق 31- ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلدۇرغان ماقالىسىنى ھوزۇرىڭىزلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم، ھەممىمىزنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىمىزغا ئەرزىيىدىغانلىقى ئۈچۈن، كومپيۇتېردا قايتىدىن ئۇرۇپ چىقىتىم، ئىملادا خاتالىق كۆرۈلگەن جايلار بولسا، ئۇستازلار ئەپۇ نەزىرى بىلەن كۆرسەتمە بەرگەي.


يەرناملىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەمسىز؟
سۇلتان مامۇت ئىبراھىم


            تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ قەدىمكى دەۋىلەردىن تارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇپ ئىتەكلىرىدە ياشاپ كەلگەن، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆزلىرى ماكانلاشقان جايلارغا ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بويىچە نام بەرگەن بولۇپ، بۇ يەر ناملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن، بۇنى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن تارتىپ تۈزۈلۈشكە باشلىغان يەرناملىرى تەزكىرىلىرى ئوبدان ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
            شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان ئاشۇ يەرناملىرى ئانا تىلىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەۋەررۈك، يېزىقسىز تارىخى خاتېرە سۈپىتىدە مىراس،  ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدەم ئىزى سۈپىتىدە تارىخى ھۆججەت بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاشۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئانا ماكانى توغرىسىدىكى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان نەخ پاكىت ھېساپلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى 1962- يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇپ چىگراسىدىكى «ئاق سايچىن» دېگەن جاينى ئۆكتەملىك بىلەن تالاشقاندا، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاق سايچىن» دېگەن يەرنامىنىڭ ئۇيغۇرچە يەر نامى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگۇ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا «ئاق سايچىن»نىڭ جۇڭگۇغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھىندىستان تەرەپنى مات قىلغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئەمىلى مىسال ئارقىلىق ئوبدان ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. شۇڭا، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كاتىپى بولغان ئابدۇقادىر ئىممەت ئەپەندى مېنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2001- يىل 12- ئۆتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان «‹زەرەپشان دەرياسى› دېگەن نام توغرىسىدا» دېگەن ماقالامنى قوللاش يۈزىسىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2002- يىلى 19- ئۆتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان «‹زەرەپشان› ئاتالغۇسى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسدا: «ئەگەر ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ئېچىپ، گۈللەندۈرۈپ ياشاپ كەلگەن بۇ زىمىندىكى ‹يەكەن دەرياسى›، ‹يەكەن ناھىيىسى› دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزلەر ‹زەرەپشان دەرياسى›، ‹زەرەپشان ناھىيىسى› دېگەن پارسچە سۆزگە ئۆزگىرىپ كەتسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پارسچە سۆزلىشىدىغانلاردىن بىرەرسى چىقىپ، بۇ زىمىن بىزنىڭ، چۈنكى بۇ يەرنىڭ ‹زەرەپشان› دېگەن نامىنى بىز قويغان، دەپ داۋا قىلسا، ھازىرقى ‹زەرەپشان›خۇمارلىرىنىڭ ئەۋلادىنى ئۆزۋاقتىدىكى ھىندىستان دىپلۇماتلىرى ئوسال بولغاندەك، ئاقىۋەتكە قالمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا، ‹زەرەپشان› دېگەن سۆزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇنى ‹يەكەن› بىلەن بىر مەنىدە ئىشلىتىۋاتقانلارغا ‹ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە› دېگەن ئەقلىيەنى تەقدىم قىلىمەن.» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
                تولىمۇ ئەپسۇسكى، يەرناملىرىمىزنىڭ يۇقۇرىقىدەك، ئالاھىدە ئەھمىيىتى ھەققىدە توغرا تونۇشنىڭ بولمىغانلىقىدىنمۇ ياكى ئىنسانغا خاس بىرخىل مەسئۇلىيەتچان تۇيغۇنىڭ يوقالغانلىقىدىنمۇ ۋەياكى  باشقا سەۋەپتىنمۇ قانداق، بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ يەرناملىرىمىزنى خالىغانچە تاشلىۋىتىشتەك قىلمىشلىرى سادىر بولۇپ كەلمەكتە، بۇنىڭغا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بىرى، مۇناسىبەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن ھەربىر ئائىلىنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە يېزىلغان ئەسلىدىكى كەنت، مەھەللە ناملىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا(مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى كونىنى يوقۇتۇش شۇئارى ئاستىدا خوتەن تەرەپتىكى كەنتلەرنىڭ نامىنى شىئەنفىڭ گۇڭشى، چىئەنجىن دادۈي دېگەندەك پۈتۈنلەي خەنزۇچە «قىزىل» ناملارغا ئۆزگەرتكەن بولسا، قەشقەر تەرەپلەردە كەنت-مەھەللىلەرنىڭ نامىنى رەقەملەرگە ئۆزگەرتىۋىتىلگەن بولۇپ، ئاشۇ چاغدىكى رەقەم ناملىرىنى ئىشلىتىپ- قۇتلان ئىزاھاتى) 1- كەنت، 2- مەھەللە دەپ ئاتاشتەك ئەھۋال(سادىر بولماقتا)، بۇنداق بولىشىدا بەزى ناھىيىلەردە كەنت، مەھەللە ناملىرىنى رەقەم بىلەن ئاتاشنى بىرخىل مەمۇرى بۇيرۇق سۈپىتىدە يولغا قويۇپ، ھەرخىل ئاممىۋى يىغىلىشلاردا مۇناسىبەتلىك رەھبەرلەرنىڭ مۇشۇ بويىچە ئاتاپ كىلىۋاتقانلىقى ئاساسى سەۋەپ بولماقتا. بۇنداق بولغاندا يەرناملىرىدا ئىپادىلەنگەن خاسلىق پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە كۆرسۈتۈپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ھەرقانداق كەنت، مەھەللە ناملىرى بۇرۇنقى ناملىرى بويىچە ئەينەن ساقلىنىغلىق بولۇپ بىزنىڭكىدەك رەقەم بىلەن ئاتالمايدۇ. يەنە بىرى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ بەزى قەدىمكى ئۇيغۇرچە يەرناملىرىنى تاشلىۋىتىپ، ئۇلارنى باشقىچە نام بىلەن ئاتىشىدەك ئەھۋال. مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە ئۇچراۋاتقان ھەمدە كۆپچىللىك كىشىلەر بىلىدىغان يەر ناملىرىمىزدىن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر ناھىيىنىڭ قەدىمكى نامى بولغان «توقسۇ»، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى «دۆڭ كۆۋرۈك»، «قىزىلتاغ»؛ قەشقەر شەھىرىدىكى «قىزىلنىڭ كۆۋرىكى»، يەكەن(ئەسلى تەلەپپۇزى ياركەند) بازىرىدىكى «غادى گەرلىك» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
           بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، يەرناملىرىمىزنى تاشلىۋىتىشتەك، بۇنداق خاتا قىلىقلار، بىر تەرەپتىن ئەجدادلىرىمىزغا قىلىنغان ئاسىيلىق ھېساپلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن گوۋۇيۇەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىبەتلىك پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئالايلۇق، گوۋۇيۇەن تەرەپىدىن 1986- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېلان قىلىنغان «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 3- ماددىسىدا: «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا چوقۇم مەملىكىتىمىز يەر ناملىرىنىڭ تارىختىكىسى بىلەن ھازىرقىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىڭ نىسپى تۇراقلىقىنى ساقلاش كېرەك، يەرناملىرىنى قويۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە نىزامدا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چەكلىمىسى بويىچە يۇقۇرىغا يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك. تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارار قىلماسلىقى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1989- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى 7- نۇمۇرلۇق پەرمانى بولغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ يەرناملىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 4- ماددىسىدا: «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا يەر ناملىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىغا ھۆرمەت قىلىش، يەر ناملىرىنىڭ نىسپى تۇراقلىقىنى ساقلاش، ھەقىقەتەن نام بېرىشكە ۋە نامنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە تەستىقلىتىش لازىم. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جايلارغا ئۆز ئالدىغا تەستىقسىز نام بېرىشكە ۋە يەرناملىرىنى ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ» دەپ بەلگۈلەنگەن. 6- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا: «نامى ئازسانلىق مىللەت تىلىدا قويۇلغان يەر ناملىرىنى خالىغانچە قىسقارتىشقا، شۇ جايدىكى ئامما قوللۇنۇپ ئادەتلەنگەن يەرناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا» بولمايدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن. 10- ماددىسىدا: «ھۆججەت- ئالاقە،  خەرىتە، ئوقۇتۇش ماتىرىيالى، گېزىت – ژورنال، رادىۇ، كىنو- تىياتىرلاردا ئىشلىتىلگەن يەرناملىرى توغرا ھەم قىلىپلاشقان بولىشى لازىم» دەپ بەلگۈلەنگەن. شۇڭا كىشىلەرنىڭ يەرناملىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېنىق تونۇغان ئاساستا يەرناملىرىمىزغا بىرخىل مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، گوۋۇيۇەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر ناملىرىنى قوغداش ھەققىدىكى پەرمانلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.


بۇ ماقالا ئاپتۇر ئۇستازىمىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2013- يىللىق 31- ئۆكتەبىردىكى سانىدىن ئېلىندى.

1

تېما

0

دوست

4032

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 928
توردىكى ۋاقتى: 559
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 22:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر ناملىرىنى ئەسلى نام بىلەن ئاتاش ھەر بىر يۈرت ئىگىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخى بۇرچى.تا ھازىرغىچە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا مەجبۇرى قويۇلغان ئىنقىلابى قىزىل ناملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش،ئەسلى نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغۇرسىدا ،قانۇن-نىزاملار تۈزۈلگەن بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ئەقلى كەجگىسىگە چىقىپ قالغان ‹‹ماڭقۇرۇت››لار يەنىلا شۇ داشقال ناملار بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە.باشقا ئىشلار قولدىن كەلمىسىمۇ،بۇ ئىشقۇ كىلەر قولىمىزدىن.باشقا مىللەتلەر قانداق ئاتىسۇن بىز ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن يۇرت نامى بىلەن ئاتاشقا ئادەتلىنەيلى!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

43

دوست

2927

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 846
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 22:21:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر ناملىرنى ئۆزگەرتىش قەشقەردىمۇ ئىغىر بىر مەسلىگە ئايلاندى،كوچا ئاپتۇۋۇزلىردا بەك ئىغىر.

0

تېما

3

دوست

2156

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6201
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 23:55:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما، بىراق رايۇنىمىزدا كۆپ ئىشلار ئىغىزدا دىيىلگىنى بىلەن ھۆكۈمەت ھەركىتىگە ئايلانماي ئىزچىللاشمايدىغان ئەھۋاللار ئېغىر.
ھۆكۈمەت ھەركىتىگە ئايلانسا ئەھۋال باشقىچە ياخشى بولاتتى.

0

تېما

3

دوست

2156

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6201
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 23:56:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما، بىراق رايۇنىمىزدا كۆپ ئىشلار ئىغىزدا دىيىلگىنى بىلەن ھۆكۈمەت ھەركىتىگە ئايلانماي ئىزچىللاشمايدىغان ئەھۋاللار ئېغىر.
ھۆكۈمەت ھەركىتىگە ئايلانسا ئەھۋال باشقىچە ياخشى بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

518

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   3.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17336
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 09:58:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇشۇ ئاتالمىش ‹‹قىزىل››ناملارنى ئاڭلىسام بوغۇلۇپلا قالىمەندە ...
   ھەممە گەپ ئۆزىمىزدە ، كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئادەم بولساق بۇنچىلىك ئىشلار بىز ئۈچۈن ‹‹باش ئاغرىق››ـى ھېسابلانمىغان بولاتتى . خەقتىن يامانلاشنىڭ ئورنى يوق .

-2

تېما

22

دوست

1700

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 533
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:05:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.
بۇ ھەقىقىتەن قىلچىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مەسىلە. چۈنكى، نام ئۆزگەردى،دېگەنلىك تارىخ ئۆزگەردى، دېگەنلىك. تارىخ ئۆزگەردى دېگەنلىك ئەجدات ئۇنتۇلدى، دېگەنلىك، ئەجدات ئۇنتۇلدى دېگەنلىك _____ئاتىسى يوق «بالا» تۇغۇلدى، دېگەنلىك!!!!
ئەمدى ئاخىرىنى چۈشىنەرسىلەر.
يەنە ئېيتسام ، «ئاتىسىز بالا» ھەر قەيەردە مەسخىرىگە ، تىل -ھاقارەتكە ھەتتا ئۇر - يىقىتقا ئۇچرىغاندەك ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىغى ئېنىققۇ؟
بۇ يەردە ۋىجدان، ئىمان بىلەن قاتتىق چۇڭقۇر ئويلانمىسا بولمايدىغان بىر ھەقىقەت مەۋجۇت!
ھۇشيار بولايلى قېرىنداشلار!
./thread-22365-1-1.html
تەشەككۈرلەر بىدار - قۇتلان ئەپەندىم!

1

تېما

1

دوست

1322

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21562
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:30:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلار  ھەقىقەتەنمۇ  سەل قاراشقا بۇلمايدىغان ئەھۋال  
مەسىلەن ھازىر   ئۆي  زىمىنلىرىمىزنى شەھەر قۇرلىشىغا ئىلىپ بولدى ھەممىمىز  بىنالىشىپ كەتتۇق ئۇلتۇراق رايۇنلىرىمىزنىڭ   ئىسمى  ساپلا   سان رەقىمى بىلەن ئاتايمىز ؟ مەسىلەن ئالايلۇق 27  .  ئولتۇراق رايۇنى 32- ئولتۇراق رايۇنى 33-  83- 84- 94- 36-37-40 - رايۇن  دىگەندەك  بۇرۇن  بىر  چيرايلىق  ئىسمى  بار ئىدى ئەپسۇس  بىزدىن كىيىنكىلەر  بىلمەيدۇدە  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )