قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1425|ئىنكاس: 14

زېمبابۈۋىي يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

37

دوست

4931

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1551
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 00:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                      زېمبابۈۋى يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالى
  



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كۆپتىن –كۆپ ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم!
مەن،« ئىسىم – ناملارتەرجىمىسى ۋە فونېتىكا » ناملىق ماقالەمدە  (http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=5995) چەتئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرئەدەبىي تىلى بىلەن تەرجىمە قىلىپ يېزىشنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپى ئۈستىدە توختىلىپ،تەرجىمىنىڭ بۇخىل تۈرىگىمۇ قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتەئېلان قىلغان ماقالىنىڭ بىر ئەلىي مىسال ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتكەن ئىدىم.
       نۆۋەتتە بولسا ھۆرمەتلىك بىدار قۇتلان ئەپەندىمنىڭ «يەر ناملىرىمىزغا ئاسىلىق قىلمايلى»    (
./thread-22343-1-1.html)  
  ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇجەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى يانىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش مەخسىتىدە  بۇ «زېمبابۈۋى يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالى » ماۋزۇلۇق تەرجىمە ماقالەمنى يوللۇغۇم كەلدى.
        مۇئەييەنلەشتۈرۈشكەبولىدىكى ، ئىسىم – ناملار مەسىلىسى ھەقىقىتەن ھەرگىزمۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس.
       شۇنىڭ ئۈچۈن ، ھەر قايسى تىل – يېزىق ، تەرجىمە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ مەسىلىدە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىي ئىش كۆرىشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.
      
قېنى ئەمىسە بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بېقىڭلار:
* زىمبابۈۋى يەرناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالى
      
            1982-  يىلى 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئافرىقا قىتئەسىدىكى زىمبابۈۋې دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىغىغا 2 يىل تولغانلىغىنى خاتىرلەش كۈنى بولۇپ ، بۇ كۈنى مەمىلىكەتنىڭ ھەممە يىرىدە ئەنگىلىيىنىڭ 90 نەچچەيىللىق مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىغىدىن قۇتۇلغانلىغى قىزغىن تەبرىكلەندى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ، يەر ناملىرىدا مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىغى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ مېنىستىرى بىۋاستە تەستىقلىغان « ھۆكۈمەت ئاخباراتى » دا 30 نەچچە مەھەللىنىڭ تۈزۈتۈلگەن ئاتىلىشى ئېلان قىلىندى .
       مۇشۇ كەمگىچە ئېلان قىلىنغان 30 نەچچە يەر نامىنىڭ تۈزۈتۈلۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، بەزىلىرى ئىنگىلىز تىلىدىن كىرگەن ناملارنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بولۇپ ، بۇلار شۇ جايدىكى مىللەت تىلى بۇيىچە ئاتىلىشىغا ئالماشتۇرۇلدى . يەنە بەزىلىرى شۇ جايدىكى مىللەت تىلى بۇيىچە يېزىلىشىنىڭ ئىنگىلىزچىدا بۇزىۋېتىلگەنلىرىنىڭ تۈزۈتۈلگىنى بولۇپ ، مەزكۇر دۆلەت يەر ناملىرىنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئۆلچەملىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
       1.ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى زىمبابۈۋې( كونىچە ئاتىلىشى جەنۇبى رودىزىيە ) نى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن ،دۆلەت نامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پايتەخت ، مۇھىم شەھەر ۋە بازارلار ، كۆل ۋە كۆلچەك قاتارلىقلارنىڭ بەزىلىرىگە ئىنگىلىز تىلىدا نام قويۇلغان . بۇ قېتىم «ھۆكۈمەت ئاخباراتى » دا پايتەختنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىنگىلىز تىلى بۇيىچەئۆزگەرتىۋېتىلگەن تۆت نام تۈزۈتۈلگەن ھالدا ئېلان قىلىندى .  ئۇلار:
ئۆزگەرتىلگىنى                                                     ئەسلىدىكىسى
سولزبېرى                                                                  ھارارې
ھاتلى                                                                     
چېگۇتۇ
ئىسىكسۋەيل                                                            ئېسىگودىنى
مىلسەيتې                                                                ماندىدزۇدزۇرې
       پايتەخت نامىنىڭ سولزبېرى دىيىلىشى 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئەنگىلىيىلىك مۇستەملىكىچى رودزنىڭ ئەشۇ چاغلاردائەنگىلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىگىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ فامىلىسى بۇيىچە ئاتىلىشىنى نشانلاش ئاساسىدا بىرىلگەن نام . مۇستەقىللىغىنى قولغائالغىلى 2 يىل بولغان زىمبابۈۋى خەلقى غەرپ مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ پايتەختىگە يانىلا يۇقۇندى بولۇپ تۇرىۋېرىشىگە قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 19 – ئەسىرنىڭ كيىنكى يېرىمىدا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن قەھرىمانلارچە كۆرەش قىلغان قەبىلە باشلىغىنىڭ ئىسمىنى ئۆزلىرىنىڭ پاتەختىنىڭ نامى قىلىپ تاللىۋالىدۇ ۋە ھارارې دەپ ئاتايدۇ . « ھارارې » شۇ جاينىڭ تىلىدا « ئۇخلىمايدىغان ئادەم » دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ . ئۇرۇشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن بۇ قەبىلە باشلىغى غەرپلىك مۇستەملىكىچىلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەت باتۇرانە كۆرەش قىلىش جەريانىدا زادىلا كىرپىك قاقماي باشتىن – ئاياق ھۇشيارلىق بىلەن تۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇ ياخشى نامغا ئېرىشكەن . پايتەخت نامىنىڭ ھارارې دەپ ئاتىلىشىنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چۇڭقۇر بولۇپ ، ئۇ زىمبابۈۋې خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىغىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ، ئىنقىلاۋىي ھۇشيارلىقىنى كېچە– كۈندۈزلەپ ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
     ئەنگىلىيىنىڭ ئايال پادىشاسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ۋېكتۇرىيەبۇرگ دىگەن نامنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدە بۇشەھەردىكى شەھەرلىك كومىتېت بىلەن ھۆكۈمەت قانداق يېڭى نامنى قوللۇنۇش جەھەتتەپىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلالمىغانلىغى ئۈچۈن كېيىنكى قېتىم ئۆزگەرتىلىدىغان ناملارنى تەستىقلاپ قايتا ئېلان قىلىدىغان چاغدا يېڭى ناملار بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىشقا قالدۇرۇلدى .
      نانفىبل تىلىدا بېرىلگەن باشقا بىر يەرنامى (ئىنكىلدۇرن ) بولسا چىۋۇ دەپ ئۆزگەرتىلدى .
2. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى زىمبابۈۋېگە تەجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن ، شۇ جايدىكى يەر ناملىرىنىڭ يېزىلىش شەكلىگە سەل قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقتىن نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلغان ئىدى . زىمبابۈۋې ھۆكۈمىتى بۇ خىل يەرناملىرىنىمۇ تۈزىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى .چۈشىنىلگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ، بۇ خىزمەت مۇندىن كېيىن داۋاملىق چىڭ تۇتۇلۇپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن . مۇشۇ قارارلىق « ھۆكۈمەت ئاخباراتى » دا تۈۋەندىكى يەرناملىرىنىڭ تۈزۈتۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى:
گۋېلو                                                  گۋېرۇ
گاتۇما                                                 كادوما
ماراندېلاس                                         ماروندېرا
سنويا                                                 چىنويى
ئۇمتالى                                              مۇتارې
شابانى                                              زۋشاۋانى
سېلۇكۋې                                           شۇرۇگۋې
ئۇمۋۇما                                            مۋۇما
بېلىنگۋې                                         
مبېرىنگۋې
سومابۇلا                                         
سومابخۇلا
ماشابا                                            ماشاۋا
مانگۇلا                                           مانگۇر
ئىنيازۇرا                                         نيازۇرا
دېت                                                دېتې
بالابالا                                           مبالابالا
نۇئانېتسې                                       
مۋېنېزى
چىپېنگا                                           چىپېنگى
متوكو                                              مۇتوكو
نىكاي                                              نكايى
ئىنگېزى                                           نگېزى
مازوئې                                            مازوۋې
مىئامى                                            مۋامى
متېپاتېما                                         مۇتېپاتېما
ئۇمۋوكۋېس                                     مۋۇرۋى
ئۇرۇنگۋې                                         خۇرۇنگۋې
زاۋى                                                 زاۋې
       يۇقارقىلاردىن باشقا ، زىمبابۈۋې ھۆكۈمىتى مەمىلىكەت بۇيىچە 1 – دەرىجىلىك مەمۇرى رايۇنلىرىنىڭ پىلانلىنىشىنى تەرتىپكە سېلىپ ، ئەسلىدىكى 7 ئۆلكىسىنى 8 قىلدى . ئۇلار : غەربى ماشاۋناران ئۆلكىسى ، ئوتتۇرا ماشاۋناران ئۆلكىسى ، مانىكاران ئۆلكىسى ، مەركىزى ئۆلكە ،ۋېكتۇرىيە ئۆلكىسى ، شىمالى ماتابېلېران ئۆلكىسى ، جەنۇبى ماتابېلېران ئۆلكىسىدىن ئىبارەت .

ئىزاھ :
       ئوڭ تەرەپتىكى ناملار ئۆزگەرتىلىپ خاتا قىلىنغان يەر ناملىرى . داۋامىدىكىلىرى تۈزۈتۈلگەنلىرى .
       بۇ ماقالە « يەر ناملىرى بىلىمى » ژورنىلى( خەنزۇچە ) نىڭ 1983 – يىل 1 – سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 14:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

14

دوست

4457

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1324
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 14:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشتىكى ئسمىدىن ئازراقلا پەرقلىنىدىكەن.بەزى جايلارنىڭكى باشتىكى ئسمىدەك بەك چوڭ ئۆزگىرىش يوقكەن

2

تېما

37

دوست

4931

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1551
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 16:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-23 18:17  
m4a1-a يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 14:27
باشتىكى ئسمىدىن ئازراقلا پەرقلىنىدىكەن.بەزى جايلارنى ...

شۇنداق. بەزىدە بىر ھەرپ ياكى بىرەر چېكىت - پەشنىڭ ئورنى ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ  مۇناسىۋەتلىك سۆز-جۈملىنىڭ مەنىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن ، «ياخشى ئادەم بول ئاتاڭغا ئوخشاش ئىشەك بولما» دېگەن جۈملىنى پەشنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىككى خىل مەنا ئاڭلىتىدىغان ھالغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4819
توردىكى ۋاقتى: 1403
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 16:56:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىلللەت مىللىي كىملىگىنى  قانچە تونۇغانسىرى، يەر جاي ناملىرى ۋە باشقا مىللىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشكەن.

2

تېما

37

دوست

4931

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1551
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 18:14:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 16:56
بىر مىلللەت مىللىي كىملىگىنى  قانچە تونۇغانسىرى، يەر ج ...

ئەلبەتتە!

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1759
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6585
توردىكى ۋاقتى: 1550
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 19:57:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلىزلار نىمىلا دېگەن بىلەن مەدەنىيەتلىككەن ، ئۆز ئاتىلىشىغا يېقىن بولسىمۇ ئاتاپتىكەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )