- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35316
- نادىر
- 19
- يازما
- 1762
ئۆسۈش
63.29%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-23 10:41
چەتئەل تورىنىڭ 1-ئاينىڭ22-كۈنى خەۋىرى: مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرەش رېۋىزيە مىنىستىرلىقى تورىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5- دېۋىزىيە پارتكوم ھەيئىتى، مۇئاۋىن دېزىيە باشلىقى 宋国安 سوڭ گوئەن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تەكشۈرلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 13- دېۋىزىيە (قومۇلدا تۇرۇشلۇق) پارتكوم ھەيئىتى، مۇئاۋىن دېۋىزىيە باشلىقى 冯焰 فېڭ يەن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.
سوڭ گوئەننىڭ تەرجىمىھالى:
سوڭ گوئەن، ئەر، خەنزۇ، 1964-يىلى6-ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇيلۇق، 1984-يىلى9-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1987-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە چۈشكەن، تارىم يېزىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتى ئاگرانوملۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئالىي مەكتەپ مەلوماتلىق.
ئىلگىركى خىزمەت ئورۇنلىرى:
1987- يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 2-ئايغىچە 2- دېۋىزىيە 223- مەيدان ئىشلەپچىقىرىش بۆلىمىدە ئىشلىگەن.
1992-يىلى 2- ئايدىن 1992-يىلى 8- ئايغىچە 2- دېۋىزىيە 223- مەيدان ئىشلەپچىقىرىش بۆلىمىدە مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان (راكىتاغا مىنىۋالغاندەك ئۆسۈپتۇ ھە؟).
1992-يىلى 8-ئايدىن 1993-يىلى1-ئايغىچە 2- دېۋىزىيە 223- مەيدان ئىشلەپچىقىرىش بۆلىمىدە بۆلۈم باشلىقى بولغان.
1993-يىلى1-ئايدىن1996-يىلى 5-ئايغىچە 2- دېۋىزىيە 223-مەيدان مۇئاۋىن مەيدان باشلىقى بولغان.
1996-يىلى5-ئايدىن 1999-يىلى1-ئايغىچە 2- دېۋىزىيە 223- مەيدان پارتكوم ھەيئىتى، مۇئاۋىن مەيدان باشلىقى بولغان.
1999-يىلى1-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە 2- دېۋىزىيە 223- مەيدان مۇئاۋىن پاتكوم سېكىرتارى، مەيدان باشلىقى بولغان.
2003-يىلى 3-ئايدىن 2007-يىلى 1-ئايغىچە 2-دېۋىزىيە 29- مەيدان مۇئاۋىن پاتكوم سېكىرتارى، مەيدان باشلىقى بولغان.
2007-يىلى 1-ئايدىن 2008-يىلى8-ئايغىچە 5-دېۋىزيىدە باش ئاگرانوم بولغان.
2008-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە 5-دېۋىزىيە پارتكوم ھەيئىتى، مۇئاۋىن دېۋىزىيە باشلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
فېڭ يەننىڭ تەرجىمىھالى:
فېڭ يەن، ئەر، خەنزۇ، 1957-يىلى 11-ئايدا خېنەندە تۇغۇلغان، 1987-يىلى 3-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1975-يىلى 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئالىي مەكتەپ مەلوماتلىق.
خىزمەت قىلغان ئورۇنلىرى:
1981-يىلى 1- ئايدىن 1985- يىلى 9-ئايغىچە 5- دېۋىزىيە 9-مەيدان 8-ئەتىرەتنىڭ خوجىلىق باشلىقى، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولغان.
1985-يىلى9- ئايدىن 1987- يىلى 7ئايغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتەپنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان.
1987-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 1- ئايغىچە 5-دېۋىزيە 9-مەيدان 9-ئەتىرەتنىڭ ئەترەت باشلىقى، سېكىرتارى بولغان.
1992-يىلى1-ئايدىن 1993-يىلى2-ئايغىچە 5-دېۋىزيە 9-مەيدان پۈركۈرتۈپ سۇغۇرۇش مۇدىرى ۋە ئەترەت باشلىقلىق ۋەزىپىسىدە بولغان.
1993-يىلى2-ئايدىن 1994-يىلى 8-ئايغىچە 5-دېۋىزيە 9-مەيدان پارتكوم ھەيئىتى، مۇئاۋىن مەيدان باشلىقى بولغان.،
1994-يىلى8-ئايدىن2003-يىلى 10 ئايغىچە 5-دېۋىزىيە 81- مەيدان پارتكوم مۇئاۋىن سېكىرتارى، مەيدان باشلىقى بولغان.
2003-يىلى10-ئايدىن2006-يىلى2- ئايغىچە 5-دېۋىزىيە باش ئاگرانومى بولغان.
2006-يىلى2-ئايدىن ھازىرغىچە 13-دېۋىزىيە پارتكوم ھەيئىتى، مۇئاۋىن مەيدان باشلىقلىق ۋەزپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.
---
دېمەك، بۇ خەۋەردىن بىز شۇنداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيمىز، بىڭتۈەن دېگەن بۇ شىنجاڭدىكى خورىكى يوغۇناپ كەتكەن يەرلىك پادىشاھلىقنىڭ، ئەشەددىي رەزىل پارىخورلار ئۇۋىلىرىمۇ ئاستا-ئاستا ئاشكارلانغۇدەك. ئۇلارنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلغۇدەك... ئەمدى نۆۋەت كىمگە كەلگەندۇ؟! لى فامىلىكمۇ؟ ۋاڭ فامىلىلىكمۇ؟ ۋەياكى جاڭمىدۇ؟....
---
تور مەنبەسى:http://china.haiwainet.cn/n/2014/0122/c345646-20201578.html
|
|