قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 619|ئىنكاس: 2

يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ خىزمەت خۇلاسىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

45

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21576
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 17:26:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
يېزا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بېغىشلانغان رېشتە، بەش يىللىق نەتىجە — يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان خىزمەت خۇلاسىسى

پەسىللەر پەسىللەرگە ئۇلىشىپ، ھەش-پەش دېگۈچە بەش يىل ئۆتتى، بۇ بەش يىلدا يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئىش-ئىزلار خاتىرلىنىپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئارزۇيىمىزمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. ئېقىنلاردىن دەريا ھاسىل بولۇپ، بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئارزۇ-ئۈمىد ئۇرۇقلىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئەترىتىمىز قۇملۇقتىكى توغراقتەك ئىگىلمەس-سۇنماس جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ، يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرۈتكە بولماقتا.
بۇ بەش يىل، مېھرىبانلىق ئۇرۇقى چېچىلغان بەش يىل، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئارزۇسى ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن بەش يىل بولدى. 2012-يىلى ۋە ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىمىزدە، خىزمەتلەرنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەيمىز:
بىرىنچىدىن، ئەنئەنىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن يېڭىچە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى سەھىپىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق
1. تور بېكىتىمىزنىڭ «يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى» بېتىنى ئۆزگەرتىپ ياسىدۇق، تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچى ئۆستى. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان 100 گە يېقىن ماقالىنى يېڭىدىن ئېلان قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى يېزىقتىكى تور بېكىتىمىز كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى.
2. تەشكىلىي ئوبرازىمىز ئۆستى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسىدا پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ روھى ۋە ئۇقۇمى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تەشۋىقاتلار ئۈزلۈكسىز بېرىلدى.
3. شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى، سەھەر گېزىتى، شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئەترەتنىڭ تەسىر كۈچى نامايەن قىلىنغان تەشۋىقاتلار ئۈزۈلمىدى.
4. مىكروبلوگ ئاساسلىق تەشۋىقات بازىسىغا ئايلاندى، سىنا تورى، تېڭشۈن تورىدىكى شىنجاڭ VSV مىكروبلوگى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانى 21 مىڭ 343 ئادەمگە يەتتى. يېڭىچە ئالاقە سۇپىسى ئارقىلىق، ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىپ، ئۇچۇر ئالاقىلىشىپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدۇق.

1-    سۈرەت: يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ مىكروبلوگى


2-  سۈرەت: يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ تور بېكىتى

ئىككىنچىدىن، يېڭىچە ئەندىزە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ ھەرقايسى ساھەنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈردى
1. يېزا مەكتەپلىرىنىڭ مىكروبلوگىنىڭ ئېچىلىشى، كىشىلەرنىڭ قەلب كۆزىنى ئاچتى
2012-يىلى، بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشكەن يېزا مەكتەپلىرى ئارقا-ئارقىدىن سىنا مىكروبلوگىنى ئېچىپ، سىرت بىلەن ئالاقە باغلاش سۈپىسىنى قۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىمىزغا دائىر ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى يۇقىرى، مىقدارى كۆپ بولدى
بىر يىلدىن بۇيان، ئەترىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشپ، ئەترىتىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى خەۋەر قىلىنغان ماقالىلەردىن نەچچە ئون پارچە ئېلان قىلىندى، «ۋۇ يۈ: 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان قىزنىڭ مېكروبىلوگ ئارقىلىق <بالىلىقىنى ئەسلىشى>»، «ئۈرۈمچى تاموژنىسى قانات يايدۇرغان <يېزا مەكتىپى بىزدىن يىراق ئەمەس> تېمىدىكى لېي فىڭدىن ئۈگىنىش پائالىيتى»، «شىنجاڭدىكى تۇنجى <چۈشلۈك تامىقى ھەقسىز مەكتەپ> كە ۋىۋىسكا ئېسىش»، «شىنجاڭدىكى تۇنجى <چۈشلۈك تامىقى ھەقسىز مەكتەپ> كە زىيارەت»، «<ھەقسىز چۈشلۈك تاماق> نىڭ شىنجاڭغا كىرىش جەريانى»، «ساۋەنلىك گۇ خەييىڭنىڭ خەير-ساخاۋەتلىك ئىش-ئىزلىرى» قاتارلىق ئەترەت ئەزالىرى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىنغان، سۈرەتكە تارتىلغان ياكى نەق مەيداندا خەۋەر قىلىنغان ماقالىلەر ئارقا-ئارقىدىن بېرىلىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سېپىدىكىلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈردى.
3. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سالونىنى تەشكىللەپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بويىچە ئالاقە سۇپىسى قۇردۇق
ئەترىتىمىز ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئالاقىسى سالونىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭ يىلتىز ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتى سۆھبىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۈگىنىپ، بايلىقتىن تەڭ بەھرلىنىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ دائىرسىنى كېڭەيتتى.
ئۈچىنچىدىن، بىزنىڭ مول ھوسۇللۇق پەسىللەردىكى نەتىجىلىرىمىز
2011-يىلى 8-ئايدا، رۈيلى قۇياش نۇرى فوندىنىڭ «2011-يىللىق <مەن كەلگۈسىنى سۆيىمەن> تېمىسىدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى توپلاش» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۆت نەپەر پىدائىينىڭ فوتو سۈرەت ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2012-يىلى 11-ئايدا، بېيجىڭ 21-ئەسىر مائارىپ ئاكادېمىيەسى، بېيجىڭ غەربى دىيار قۇياش نۇرى فوندى جەمئىيىتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن، يېزا مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈش باش تېما قىلىنغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىكروبلوگىنى ئىختىيارەن سۈرئەتكە ئېلىش پائاليتىدە، ئەترىتىمىز ئىختىيارەن تارتقان بىر پارچە مىكروبلوگ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئەترىتىمىزنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بويىچە مۇھاكىمە مۇنبىرىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتى ئۆزىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا مەكتەپ بالىلىرىغا قارىتىلغان تەنەپپۇستا ھەقسىز تاماق بېرىش مېھرىبانلىق پائالىيىتى، نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قارىتىلغان «مېنىڭ كىچىك تاماق ئۈستىلىم» پائالىيتىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇردى، يەنە بىر قىسىم شەھەرلەدىكى مەكتەپلەردە ئويۇنچۇق، كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر ۋە يېزا بالىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتتى. يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتى يەنە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيتىنى ئورتاق قانات يايدۇردى.
2012-يىلى 8-ئايدا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بويىچە ياردەم بېرىش-قۇتقۇزۇش ئىتتىپاقىنى ئورتاق قۇرۇپ، بىر يۈەن فوندى جەمئىيتىنىڭ شىنجاڭدىكى تارقىتىش خىزمىتىگە ھەمكارلاشتى؛ بېيجىڭدىكى «مېھىر-شەپقەت كىيىم ئىشكاپى» فوندى جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭدىكى 16 يېزا مەكتىپىگە 500 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىيىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىپ، 2279 ئوقۇغۇچىغا تارقىتىپ بەردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، «ھەقسىز چۈشلۈك تاماق» فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، تۈرپاندا «شىنجاڭدىكى تۇنجى چۈشلۈك تامىقى ھەقسىز مەكتەپ»نى قۇردى. ئەترەت ئەزالىرى يەنە شىنجاڭدىن ھالقىپ گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيتىنى قانات يايدۇردى، گەنسۇ مىچىن ناھىيەسىنىڭ سەيچى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپى، سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى مىڭخۇا يېزىسى شۈسەنۋەن كەنتى مەكتىپى، گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خېزو شەھىرى لېشيۇ يېزىلىق مەكتىپى، چىڭخەي شۈنخۇا سالا ئاپتونوم ناھىيەسى چىڭشۈي يېزىسى مىڭدا كەنتى مەكتىپى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى قالدۇردى.
6-ئاينىڭ 18-كۈنى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يالقۇن ئوسمان ۋە ۋاڭ جۈنفۇ، لەنجۇ «چەكسىز مېھىر» پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دا شىدۇڭ، يۇغۇر ناھىيەسىدىكى ئەن جىخۈي بىلەن گەنسۇنىڭ جاڭ يې شەھرىدە ئۇچرىشىپ، بىرلىكتە سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى مىڭخۇا يېزىسى شۈسەنۋەن كەنتى مەكتىپىگە قاراپ يول ئالدى.
پويىز سۇنەن ئىگىزلىكىگە كەلگەندە، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ قەلبىگە نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىدلەر پۈتۈلگەن ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ بۇلتۇر گەنسۇنىڭ شيا شاڭ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاتلىنىشى ئىدى.
12 ياشلىق مەۋلانجاننىڭ ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازىنى بېيجىڭدىكى سەھنىلەردە ياڭرىتىش ئارزۇسى بار ئىدى. ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان مەۋلانجان مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئۇ تۇرمۇشنىڭ مۈشكۈللىكىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىن بېيجىڭغا بېرىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. بىز ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۇنىڭغا بېيجىڭغا بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كېرەكلىك خىراجەتنى يىغىپ بەردۇق، مەۋلانجان ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
بىر يىلدىن بۇيان، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىمىز كۆپ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى ئىلغار ئەترەت بولۇپ باھالاندى، 12 نەپەر ئەترەت ئەزاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پىدائىي بولۇپ باھالاندى.
يېقىندا، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىمىز بېيجىڭ شەھىرى غەربىي دىيار قۇياش نۇرى يېزا تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ۋە جېڭ رۇڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى تەشكىلاتى بىرلىشىپ قۇرغان «كۆۋرۈك پىلانى» نىڭ تۈر مەدىتى دائىرسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئېلىمىز ئىچىدىكى سانى چەكلىك بولغان تولۇق سوممىلىق ياردەم بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەترىتىگە ئايلاندى. «كۆۋرۈك  پىلانى» نى بېيجىڭ شەھىرى غەربىي دىيار قۇياش نۇرى يېزا تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ۋە جېڭ رۇڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى تەشكىلاتى بىرلىشىپ قۇرغان بولۇپ، قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى مائارىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتىنى ئاساسىي مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق ئۈگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

3-سۈرەت: 3 -ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى «چۈشلۈك تامىقى ھەقسىز مەكتەپ» — تۇرپان شەھىرى چاتقال يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چىگىبۇلاق كەنتى ئوقۇتۇش نۇقتىسىغا «چۈشلۈك تامىقى ھەقسىز مەكتەپ» ۋېۋىسكىسى رەسمىي ئېسىلدى



4-سۈرەت: «مېھىر-شەپقەت كىيىم ئىشكاپى» پائالىيتى نەق مەيدانى، پىدائىيلار بالىلارغا كىيىم تارقىتىپ بەرمەكتە



5-سۈرەت: مېھىر-شەپقەت ھەجۋى رەسىملىرى بالىلارنىڭ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتتى


6-سۈرەت: مېھىر-شەپقەت كولىباساسى بالىلار تامىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇردى

بىز مېھرى-شەپقەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ، چەت يېزا مەكتەپلەرنىڭ ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئىشخانىسى، كەنت مەدەنىيەت ئۆيىگە مۇناسىپ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، بالىلار قەلبىگە «مېھرى-شەپقەت ئۇرۇقى» چاچتۇق. ئۆتكەنكى بەش يىلدا بولسا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، قەدەم باسقان ھەر بىر جايدا يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى نامايەن قىلدۇق. بىزنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىمىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ

0

تېما

0

دوست

3257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 944
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 13:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزۈتۈپ كېلىۋاتىمەن . سىلەر ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلىۋاتىسىلەر ھەم باشقىلارغا ئۈلگە بولۇۋاتىسىلەر . سىلەرنىڭ تۈرىتكەڭلەردە نۇرغۇن ياشلىرىمىز پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىۋاتىدۇ ھەم ھاياتىدا ياخشى ئىزلارنى قالدۇرۋاتىدۇ . رەھمەت سىلەرگە .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

1

دوست

5417

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 1214
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 01:28:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
س س ت ۋ دىلا ياشىسام دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )