- تىزىملاتقان
- 2014-1-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 611
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
22.2%
|
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ، لېنىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆتكۈر ۋەزىيەتتىمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى ، چار پادىشاھلىق ۋاقتىدا مىللەتلەر زىددىيەتلىرى بىر مەزگىل بوشىغان ئىدى.
بىرىنچى جۈملىنى تازا دېگەندەك توغرا تەرجىمە قىلالماپسىز. بۇنىڭ ئەسلى خەنزۇچىسى مۇنداقكەن:
十月革命后的一段时间里,列宁政府在严酷的国内外环境里提倡各民族平等,沙皇俄国时期的民族迫害一度有所缓和。
بۇنى مۇنداق تەرجىمە قىلساق توغرا بولىدۇ: ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋە مۇشەققەتلىك شارائىتنىڭ تەسىرىدە لېنىن ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغانىدى، شۇڭا چار پادىشاھ دەۋرىدە يامانلاشقان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بۇ ۋاقىتتا بىر پەس ياخشىلانغاندەك بولغانىدى.
مۇنداق تەرجىمە قىلىشىمدىكى سەۋەب، ئەينى ۋاقىتتا چار پادىشاھ دەۋرىدىن لېنىننىڭ قولىغا قېلىپ قالغان روسىيە ئىچكى ۋە تاشقى تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەنىدى. شۇڭا لېنىننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىشىدىكى سەۋەب، يېڭىدىن تىكلەنگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۇر.
«ئىسلام سوتى» دېگەننى مېنىڭچە «ئىسلام شەرىئىتى» دەپ ئالغان تۈزۈك. چۈنكى، ئىسلام دۆلەتلىرىدە شەرىئەت سوتنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بۇ ماقالىدە سۆزلەۋاتقىنى ئۆتمۈشتىكى مۇسۇلمان ئورتا ئاسىياسىنى سۆزلەۋاتقان بولغاچقا، زامانغا لايىق سۆزنى ئىشلەتسەك، ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ، دەپ قارايمەن.
مېنىڭچە مۇنۇ جۈملىدىمۇ ئەسلى تېكىستتىكى ئوي-پىكىر تەرجىمە تىلىدا(ئۇيغۇر تىلىمىزدا) توغرا ئىپادىلىنەلمەي قاپتۇ: «يۇقىرىدا ئيتىلغاندىن بۆلەك ،كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئەزەلدىن پىشىپ يىتىلگەن ۋە بىر تۇتاش بولغان ئىسلام مەدەنيىتىنى ئەمەليەت بىلەن قارشى بولغان كەمتۈك ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى ،يەنى ئىسلام دىنىدىكى زور يوقىتىش ۋە ئۆچمەنلىك ئىسلام دىنى سىستىمىسىغا قۇيۇۋىتىلدى.»
خەنزۇچىسى مۇنداقكەن:
除了前述各项之外,突出的还在于将本身成熟和连贯的伊斯兰文化搞成了事实而非的残疾,那就是教义本身的大量流失与仇恨和报复心被大量植入宗教体系。
مېنىڭچە مۇنداق تەرجىمە قىلساق بولىدۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەردىن تاشقىرى، ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە مۇكەممەل سېستىمىغا ئىگە بولغان ئىسلام مەدەنىيىتى بەئەينى سۇندۇرۇلۇپ پارچە-پارچە قىلىۋىتىلگەن ئەينەكتەك بولۇپ قالغانىدى. يەنى ئىسلامنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئەقىدە-ئېتىقاد زور دەرىجىدە سۇسلىشىشى ۋە ئىسلامدا بولمىغان ئۆچمەنلىك ۋە قىساسكارلىقنىڭ كۆپلەپ سىڭدۈرىۋىتىلىشى بىلەن خاراكتېرلەندى.
يۇقىرىدىكى بايانلىرىم پەقەت ئۆزۈم بىلگەن دائىرىدە توغرىلاپ قۇيۇشتۇر. «ئاقىل كىشىلەر باشقىلارنى ئۆزىگە ئەينەك قىلىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىمەن.
بىزگە پايدىسى تېگىدىغان ياخشى بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.
ئەگەر يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمگە باشقىچە پىكرىڭىز بولسا، بىز يەنە داۋاملىق سۆھبەتلەشسەك بولىدۇ. |
|